heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 15:30:40

قايسى پروگرامما تىلى «نوچى» ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، پروگرامما لايىھىلەش ھەۋەسكارلىرى دوستلار:
پروگرامما لايىھىلەشنى ئۆگەنمەكچى بولغان ياكى ئەمدى ئۆگنىشنى باشلىغانلارنىڭ كاللىسىدا مۇشۇنداق سۇئال پەيدا بولىدىكەن، (تاللاش جىق بولسىمۇ بىر ئاۋارىچىلىق ئىشلار ئىكەن…) . مەن بۇ يەردە ئۆزەمنىڭ نەچچە يىللىق پروگرامما لايىھىلەش تىلى ئۆگۈنۈش ۋە پروگرامما لايىھىلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدىكى تەرجرىبىلەرگە ئاساسەن مۇشۇ سۇئالغا بىر چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي.
ئاپتورى: كۆكلەن يۇمشاق دېتال تېخنىكىسى بلوگى، مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ خالىغانچە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
http://www.koklen.net

http://www.koklen.net/wp-content/uploads/2014/04/kunhuo.jpg
ئالدى بىلەن دەيدىغىنىم يەنىلا شۇ…( بۇرۇنقى يازمىلاردا تىلغا ئېلىنغان) ، مەلۇم بىر خىل تىل مۇتلەق «نوچى» دەيدىغان ئۇقۇم بولمايدۇ، پروگرامما لايىھىلەش تىلى بىر خىل ئىشلەپ چىقىرىش قورالى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭمۇ تۈرلۈك ئىشلەش مۇھىتى ۋە ئەڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىغان شەكىل تۈرلىرى بولىدۇ. بۇ ھەممەيلەنگە تالاش تارتىش تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت.
بەزىلەر دەيدۇ « ھەممىدىن ++C/C تىلى نوچى، ئۇ بەك ئىسىل تىل….» دېگەندەك، بۇ سۆز مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئەلۋەتتە خاتا ئەمەس، چۈنكى بەك نۇرغۇن ئاساسىي نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ تىللاردىن پايدىلىنىپ يېزىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ، مەسىلەن: مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك قاتتىق دېتاللار بىلەن ئالاقە قىلىشقا دائىر پروگراممىلارنى مۇشۇ تىللاردىن ۋە ياكى تېخىمۇ تۈپىدىكى ئاسامبېل تىلى قاتارلىقلاردا يېزىقا توغرا كېلىدۇ. يۇقارقى جۈملىلەردىكى «ئاساسىي» دېگەن سۆزگە دىققەت قىلىڭلار، يەنى كومپيۇتېرنىڭ يۇمشاق دېتال قىسىمىنىڭ ئەڭ ئاساسي قىسىملىرى (مەسىلەن: مەشغۇلات سىستېمىسى، مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ نىگىزلىك ئىقتىدار قىسىملىرى قاتارلىق جايلار….)  يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان تىللاردا يېزىشتىن باشقا ئوبدانراق ماس كېلىدىغان تىللارمۇ تازا يوق بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئاساسىي قىسىمنى يېزىشتىن باشقا ئىشنى قىلغىلى بولماسمۇ دەپمۇ ئويلاپ قالماڭلا، ئاساسىي قىسىمنى قىلغىلى بولغان قورالدا يەنە نېمنى قىلغىلى بولماس؟!
http://www.koklen.net/wp-content/uploads/2014/04/kunhuo1.jpg
ئەمىسە نىمىشقا ھەممەيلان شۇ تىللارنىلا ئۆگەنمەي بىر مۇنچە ,Java, C#, VB, PHP, Python, Delphi ۋە ھاكازالار قاتارلىق تىللارنى ئۆگۈنۈپ ئىشلىتىپ يۈرىدۇ، مەن زادى قايسىنى ئۆگەنسەم بولىدۇ دېگەن مەسىلە مەيدانغا چىقىدۇ.
ئەمدى كونكرېت نېمە قىلىمەن؟ پروگرامما لايىھىلەش تىلىنى ئۆگىنىپ قانداق مەسىلىنى ھەل قىلماقچى، قانداق مۇھىتتا ئىشلەتمەكچى؟ دېگەندەك سۇئاللار يۇقۇرىدىكى سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرەلەيدۇ.
مەسىلەن:
http://www.koklen.net/wp-content/uploads/2014/04/android.jpg
سىز ئەگەر ئاندرويد (Android) مەشغۇلات سۇپىسىغا پروگرامما لايىھىلمەكچى بولسىڭىز يەنى سىز تۈزۈپ چىققان پروگرامما ئاندرويد (Android) مەشغۇلات سۇپىسدا ئىجرا بولسىكەن دېسىڭىز سىز ئۈچۈن ئۆگىنىش ئەڭ باب كېلىدىغان تىل Java تىلى بولىدۇ، نىمىشقا دېسىڭىز بۇنىڭ جاۋابى بەكلا قىسقا، چۈنكى ئاندرويد مۇھىتىنى ياساپ چىققانلار شۇنداق قىلىپ قويغان ( ھى ھى ). نېمە دېدىڭىز؟! Java تىلىدىن باشقا تىلدىمۇ يازىمەن مەن دېدىڭىزما؟ بۇ گېپىڭىزگە قوشۇلىمەن، مەن بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈپ كېتەي راست، بۇ يەردە تونۇشتۇرۇلماكچى بولغىنى ئەڭ بىۋاستە ئەڭ ئاممىباب قورال ئىشلىتىش يەنى پروگرامما لايىھىلەش تىلىنى ئەڭ ئاممىباب يوللار ئارقىلىق ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى تونۇشتۇرىلىدۇ، ئەگىپ ئۆتۈپ بىر قانچە قاتلام قورالدىن پايدىلىنىپ مۇرەككەپ مۇھىت ئارقىلىق پروگرامما لايىھىلەش مۇھىتى ھازىرلار توغرىسىدا كېينكى يازمىلاردا توختىلىرىمىز.
http://www.koklen.net/wp-content/uploads/2014/04/iOS.jpg
سىز ئەگەر ئالما يۆتكىلىشچان (iOS) مەشغۇلات سۇپىسىغا پروگرامما لايىھىلىمەكچى بولسىڭىز سىز ئۈچۈن ئۆگىنىش كېرەك بولغان ئەڭ ماس تىل Objective C تىلى بولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبىمۇ ئوخشاش، ستىۋ جوبز ئوبدان بىلىدۇ.
http://www.koklen.net/wp-content/uploads/2014/04/wp.jpg
سىز ئەگەر Windows Phone مەشغۇلات سۇپىسىغا پروگرامما لايىلىمەكچى بولسىڭىز سىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئەڭ ماس كېلىدىغان تاللاش #C تىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە NET. سۇپىسىدا خىزمەت قىلىدىغان باشقا تىللاردا قىلىشقىمۇ بولىدۇ، يەنى VB.NET قاتارلىق تىللاردا قىلىشقىمۇ بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ماس كېلىدىغىنى يەنىلا #C تىلى بولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبىمۇ شۇنداقلا بۇ سۇپىلارنىڭ ياسىغۇچىلىرىنىڭ ئارزۇسى بويىچە بولغان.
يۇقۇرىدا ئۈچ چوڭ يۆتكىلىشچان مەشغۇلات سۇپىسىغا پروگرامما لايىھىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تىللارنى تونۇشتۇردۇق، يۇقۇرىدا كۆرسىتىلگەن تىللار شۇ نىشان سۇپىنىڭ قۇرغۇچىلىرى پروگرامما لايىھىلىگۈچىلەر ئۈچۈن ھازىرلاپ بەرگەن مۇھىتلىرى، ئەمدى شۇ قۇرغۇچىلاردىن سىرتقى كىشىلەر شۇ قۇرغۇچىلار ھازىرلاپ بەرگەن مۇھتنى بىر قانچە قاتلام قاتلاش بولاقلاش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ بىر خىللا تىلدىن ياكى بىر خىللا تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ بارلىق يۆتكىلىشچان سۇپىغا ئورتاق ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان پروگرامما لايىھىلەش مۇھىتى ھازىرلىغان قوراللارمۇ بار، مەسىلەن بىر قەدەر داڭلىقلاردىن PhoneGap, Xamarin, ۋە جۇڭگونىڭ AppCan قاتارلىق ئېچىش مۇھىتلىرى، بۇندىن باشقا ئىككى ۋە ئۈچ ئۆلچەملىك ئويۇن لايىھىلەش مۇھىتى Unity 3D دىن پايدىلىنىپمۇ بارلىق سۇپىلارغا ئويۇن پروگراممىسى لايىھىلەشكە بولىدۇ.
http://www.koklen.net/wp-content/uploads/2014/04/web.jpg
يۇقۇرىدا يۆتكىلىشچان سۇپا مۇھىتىغا پروگرمما لايىھىلەش توغرىسدا توختالدۇق، ئەمدى تور پروگراممىسى (تور بەت) لايىھىلەشكە مۇناسىۋەتلەك مەزمۇن توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەيلى.
تور پروگراممىسى بىزگە ئەڭ يېقىن ئەڭ تونۇشلۇق پروگرامما شەكلى، كۈندە توردىن ئايرىلالماس ھالەتكە كەلدۇق بۈگۈنكى كۈندە، تور پروگراممىسىنىڭ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىتىش شەكلى توربېكەت بولۇپ، ئۆز ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا ناھايىتى ھالىقىلىق رول ئويناپ كېلىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە بۇندىن كېينكى تەرەققىياتى تېخىمۇ تېز تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇپ يەنە نۇرغۇن ۋەزىپلەرنى تاماملايدۇ.
توربېكەت شەكلىدىن باشقا نۇرغۇن دۆلەتلىك ئورگانلار  ۋە  چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىلىرىمۇ كۆپىنچە تور پروگراممىسى شەكلىدە لايىھىلىنىپ ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
تور پروگراممىسى لايھىلەش ئۈچۈن قانداق تىل ۋە تېخنىكلارنى ئۆگىنىش كېرەك دېگەن مەزمۇنداق توختىلىپ ئۆتەيلى. ياخشى بولغان تور پروگراممىسى لايھىلىگۈچىسى بولۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاساسىي مۇھىم بولغان تېخىنىكا HTML, CSS , JavaScript, لاردۇر، بۇندىن باشقا ئەڭ ئاز بولغاندا بىر خىل مۇلازىمىتېر تەرەپ ئىجرا پروگرامما تىلى بىلىش كېرەك. HTML ۋە CSS بولسا تور پروگراممىسى لايىھىلەشتە ناھايىتى مۇھىم بولغان بۆلەكنىڭ بىرسى، بۇ ئىككىسىنىمۇ ئادەتتە پروگرامما تىلى دەپ ئاتايمىز، ئەمما بۇ ئىككىسىنىڭ باشقا پروگرامما لايھىلەش تىللىرىدىن پەرقلىنىغان يەرلىرى بار، بۇ ئىككىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى تور پروگراممىسىنىڭ چىرايىنى لايىھىلەشتە، HTML تىلىدىن پايدىلىنىپ تور پروگراممىسىنىڭ چىراينىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسىنى چىقىرىمىز، CSS تىلىدىن پايدىلىنىپ شۇ گەۋدە قۇرۇلمىلارنى بىزدەيمىز، يەنى رەك شەكىل ئورۇن قاتارلىق جەھەتلەردىن ئىنچىكە بىزەش ئېلىپ بارىمىز. بۇ ئىككى خىل تىلنىڭ يۇقۇرىدا ئېيتىلغاندىكىدەك ۋەزىپىسىدىنلا بىر خىل «نورمالسىزلىق» نى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،يەنى بۇ ئىككى خىل تىلنىڭ ھىسابلاش ئېلىپ بېرىش يەنى سانلىق مەلۇماتلارغا نىسبەتەن پىشىقلاپ ئىشلەش بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يوق، پەقەتلا سانلىق مەلۇماتنى تەسۋىرلەش ئىپادىلەشلا رولى بار، يەنى تور پروگممىسىنىڭ چىرايىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ، ئەمدى ئەگەردە مۇشۇ چىراينى ۋە چىرايغا مۇناسىۋەتلىك خاسلىق ۋە سانلىق مەلۇماتنى بىر تەرەپ قىلماقچى بولسام قانداق قىلىمەن دېگەن سۇئال چىقتى، بۇ سۇئالغا بىز مۇشۇ بۆلەكنىڭ بېشىدا تىلغان ئالغان JavaScript تىلى جاۋاب بېرىدۇ، يەنى HTML ۋە CSS تىلىدىن پايدىلىنىپ ياسىغان چىراينى JavaScript تىلى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، JavaScript تىلى ئارقىلىق چىراينى بىر تەرەپ قىلىپلا قالماستىن مۇلازىمىتېر بولغان ئۇچۇر ئالاقىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم بولغان سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.
يۇقۇرىدا تور پروگراممىسىنىڭ چىرايىنى بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر پروگرامما تىلى توغرىسىدا توختالدۇق، ئەمدى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرەيلى، يەنى يۇمشاق دېتال دېگەننىڭ چىراي بولغانغىلا ئىشلەتكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس، بىز ئۈچۈن مەلۇم سانلىق مەلۇماتنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىش كېرەك، بۇ چاغدا بىز مۇلازىمىتېر تەرەپ پروگرامما تىلىغا ئېھتىياجىلىق بولىمىز، ئالدى بىلەن مۇلازىمىتېر تەرەپ پروگرامما تىلى دېگەن ئۇقۇمغا دىققەت قىلايلى، نىمىشقا بۇنداق دەيمىز دېگەندە، ئۈستۈنكى بۆلەكتە سۆزلەنگەن چىرايغا مۇناسىۋەتلىك تىللار يەنى HTML, CSS, JavaScript قاتارلىق تىللار ئابونت تەرەپتە ئىجرا بولىدۇ، يەنى بىز تور پروگراممىسىنى كۆرۈش ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتدىغان تور كۆرگۈچلەردە ئىجرا بولىدۇ، مەسىلەن: Internet Explorer, Chrome, FireFox, Safari قاتارلىق تور كۆرگۈچ يۇمشاق دېتاللىرىدا ئىجرا بولىدۇ. پروگرامما بىر تەرەپ قىلىدىغان ئاساسلىق ئۇچۇرلارنى يەنىلا مۇلازىمىتېر تەرەپتە ئىجرا قىلدۇررىمىز،تور پروگراممىسىنىڭ مۇلازىمىتېر تەرەپتە ئىجرا بولىدىغان پروگرامما تىلىلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدىغانلىرى Java, .NET(C#,VB.NET) , PHP, Python, Ruby, قاتارلىق تىللاردۇر. بۇنىڭ ئىچىدە كارخانا ۋە ئورگانلارنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى لايھىلەش ساھەسىدە Java تىلى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، بۇ ساھەگە گەرچە NET. مۇھىتى تىللىرىمۇ سىڭىپ كىرىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما Java تىلىنىڭ بۇ ساھەدىكى ئورنىغا تېخىچە ھەل قىلغۇچ تەۋرىنىش ئېلىپ كېلەلمىدى، ئەمدى بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەپ نەتىجىلىىرنى سۆزلەيلى دېسەك تېما باشقا ياققا بۇرىلىپ كېتىدۇ، بۇنى ئايرىپ يازمىدا توختىلىپ ئۆتەيلى. PHP تىلى بولسا كەڭ توربېكەت قۇرغۇچىلىرى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان مۇلازىمىتېر تەرەپ پروگرامما لايىھىلەش تىلىدۇر، داڭلىق تور بېكەت Facebook مۇ PHP تىلىنى ئىشلىتىدۇ ( توردىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، گەرچە ئارقا تەرەپ ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلمىلىرىدىن تەشكىل قىلغان بولسىمۇ ئاسالىق يەنىلا PHP  تىلىنى ئىشلىتەرمىش، ھى ھى) ، يەنە مەسىلەن تور بېكەت قۇرۇشتا بىز ئىشلىتىدىغان DedeCMS, Discuz, WordPress, EmpireCMS ۋە باشقا يەنە نۇرغۇن بېكەت سىستېمىلىرىمۇ مۇلازىمىتېر تەرەپ پروگرامما تىلى ئۈچۈن PHP تىلىنى ئىشلەتكەن.  نۆۋەتتە PHP تىلى ئاممىباب تور بېكەت پرەگراممىسى لايىھىلەشتە كىشىلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان پروگرامما تىلى بولۇپ قالماقتا.
http://www.koklen.net/wp-content/uploads/2014/04/desktop.jpg
ئەمدى ئۈستەك يۈزى پروگراممىسى لايىھىلەش تىللىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەيلى، ئۈستەك يۈزى پروگراممىسى دېگىنىمىز بىز ئادەتتە كومپيۇتېرنى ئېچىپلا قوزغىتىپ ئىشلىتىدىغان ئەڭ ئاددىسى Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ خاتىرە دەپتەر يۇمشاق دېتال، ھىسابلىغۇچ دېتالى، قاتارلىق دېتاللار ۋە ياكى بىر ئۆزىمىز كومپيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتللار كۆزدە تۇتىلىدۇ. مەسىلەن: Word, Excel, PowerPoint, Photoshop, QQ, قاتارلىق يۇمشاق دېتللار. Windows مەشغۇلات سىستېمىسىغا سۇپىسىغا ئۈستەل يۈزى پروگراممىسى لايىھىلەشتە تاللاش بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، C++, C# , VB, Delphi, Java Python, C قاتارلىق تىللارنىڭ ھەممىسىدە قىلىشقا بولىدۇ، ئەگەر Linux مەشغۇلات سۇپىسىغا پروگرامما يازماقچى بولسىڭىزمۇ يۇقۇرىدىكى VB دىن باشقىلىرىدىن پايدىلىنىپ يېزىشقا بولىدۇ. ئەمما ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغىنى يەنىلا ++C/C تىلىدۇر.  ئالما سۇپىسى ئۈچۈن يەنىلا شۇ Objective C تىلى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن باشقا تاللاشلارمۇ بار، ئەمما يەنىلا شۇ ئەمما.  بۇ ئەممالارنىڭ سەۋەبى يەنىلا شۇ ياسىغۇچىلىرى.
يۇقۇرىدا بىر قانچە خىل ئىجرا مۇھىتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك پروگرامما تىللىرى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتۇق، ئەمدى مەن ئۆزەمنىڭ بىر قانچە يىللىق پروگرامما تىلى ئۆگىنىش ۋە پروگرامما لايىھىلەش خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىم ۋە ھىس قىلغانلىرىمغا ئاساسەن پروگرامما لايىھىلەشنى ئۆگەنمەكچى بولغان دوستلارغا مۇنداق تەۋسىيە بىرەي:
ئەگەر سىز تور پروگراممىسى مۇنداقچە ئېيتقاندا تور بەت ياساشنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز سىزگە PHP تىلىنى ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەلۋەتتە HTML, CSS,JavaScript دېگەنلەرنى ھەرقانداق تور پروگرامما تىلى ئۆگىنىدىغانلار ئالدىن ئۆگىنىش كېرەك، سەۋەبى يۇقۇرىدا ناھايىتى ئېنىق يېزىلدى.
ئەگەر سىز يۆتكىلىشچان سۇپىغا پروگرامما لايىھىلەشنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان تۈرلەر بويىچە تاللاپ ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ، بۇمۇ يۇقۇرىدا ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىلدى.
ئەگەر Windows مەشغۇلات سۇپىسىغا ئۈستەك يۈزى پروگراممىسى لايىھىلەشنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز مېنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنىم #C تىلى. چۈنكى بۇ مەن ئەڭ كۆپ مەشغۇل بولغان خىزمەت، سىزگە خاتا يولنى كۆرسىتىپ قويمايمەن، ھى ھى.
ئەگەر Mac OS, ياكى Linux مۇھىتلىرىدا خىزمەت قىلماقچى بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ++C/C تىللىرىنى ياخشى ئۆگىنىڭ.
http://www.koklen.net/wp-content/uploads/2014/04/csharp.jpg
ۋاي ئاتتىمەي، نىمانداق جىق تىللار بۇ، ھەممىسىنى قانداق ئۆگىنىپ بولىمەن، ھەممىسىگە چىشى پاتىغان تىل يوقمىدۇ دەپ قالدىڭىز ھەقاچان، ئەمىسە شۇنداق تىلدىن بىرنى تەۋسىيە قىلاي ئۇ بولسىمۇ #C تىلى، ھى ھى، چاقچاق قىلىۋاتمايمەن جۇمۇ، راستلا، نىمىشقا بۇنداق دەيدىغانلىقىمنىغا قىزىقساڭلا كۆكلەن توردىكى «#C تىلى ئارقىلىق نېمە ئىشلارنى قىلىغىلى بولىدۇ؟» دېگەن تېمىنى كۆرۈپ باقساڭلا چۈشىنىسىلە.

babur729 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 16:00:36

بەك تەپسىلىي چۈشىنىشلىك بوپتۇ...ھەممە تىلنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدلىكلىرى باركەن...

babur729 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 16:00:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   babur729 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-2 16:09  

c# تىلنى نۆلدىن باشلاپ ئۈگىنىش ئۈچۈن تەخمىنەن نەچچىلىك ۋاقىت كىتىدۇ..؟
قايسى كىتاپ ياكى قايسى دەرىسلىكتىن ئۈگەنسەك ئۈنىمى ياخشىراق بولىدۇ؟

heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 16:22:39

babur729 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-2 16:00 static/image/common/back.gif
c# تىلنى نۆلدىن باشلاپ ئۈگىنىش ئۈچۈن تەخمىنەن نەچچىلىك  ...

C# 入门经典(第五[?]版) مۇشۇ كىتابنى تەۋسىيە قىلىمەن، خەنزۇچىسى ھەم ئىنگلىزچىسى بار، قايسىنى ياخشى كۆرەلىسىڭىز شۇنى كۆرسىڭىز بولىدۇ.

babur729 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 20:18:56

heqteyur يوللىغان ۋاقتى  2014-4-2 16:22 static/image/common/back.gif
C# 入门经典(第五[?]版) مۇشۇ كىتابنى تەۋسىيە قىلىمەن، خەنزۇچىس ...

رەھمەت، مەن بىر ئىزدەپ كۆرەپ باقاي...

Edikut يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 08:28:21

كىتاب ئوقۇش خۇشياقمايدىغان ئەمما ئانچە مۇنچە ئىنگلىزچە ئويناپ قويىدىغان ھۇرۇنلار ۋىدىئو ئارقىلىق ئۆگەنسىمۇ بولىدۇ. ئالدى بىلەن http://www.lynda.com/ دىن ئۆزىمىزگە لازىملىق بولغان ۋىدىئونى ئىزدەپ تاپىمىز، ئەلۋەتتە شارائىتىڭىز يار بەرگەندە شۇ بېكەتكە پۇل تاپشۇرۇپ ھەقلىق كۆرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئىمكانىيىتىڭىز يار بەرمىگەندە لازىملىق ۋىدىئونىڭ ئىسمىنى تاپقاندىن كېيىن http://www.torrentproject.com/  ياكى http://kickass.to/ قاتارلىق بېكەتلەردىن شۇ ۋىدىئونىڭ torrent ئۇرۇقىنى تېپىپ BitTorrent قاتارلىق مەخسۇس چۈشۈرگۈچلەردىن پايدىلىنىپ چۈشۈرۈۋالسا بولىدۇ. مەسىلەن، تۆۋەندىكىسى C# (سىي شەرىپ) قا مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما:
http://www.lynda.com/Visual-Studio-2010-tutorials/C-Essential-Training/83789-2.html
http://www.torrentproject.com/?t=C+sharp+Essential+Training
http://kickass.to/usearch/C%20sharp%20Essential%20Training/
باشقا پروگرامما تىللىرىمۇ ئوخشاش.

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 09:11:39

++C/C  نىڭ چېشى پاتىدىغان جايلىرى ئەڭ كۆپمىكىن دەيمەن يەككە پىلاستىنكىلىق توك يولى تاختىلىرىدىن تارتىپ ... خېلى بىر يەرلەرنى چىشلىيەلەيدۇ
بەت: [1]
: قايسى پروگرامما تىلى «نوچى» ؟