Muyunchur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 10:47:22

غېنى سەمەت: كەتتىم

            كەتتىم
( خەلق قۇشاقلىرى ئىزىدىن )   

       غېنى سەمەت

قىز لېۋىدەك يۇمران خىياللار،
دوستلىرىمدەك تۇزىدى، كەتتى.
ئاچ قوينۇڭنى شاراب، جانانلار،
ماڭا ئەجەپ غېرىبلىق يەتتى.

ئېغىر-ئېغىر تىنغان جانانلار،
دەردىمگە دال بولالماس بەلكىم.
ئاچچىق-ئاچچىق يۇتقان شارابلار،
پىغانىمنى ئالالماس بەلكىم.

شاماللارغا سوزدۇم قولۇمنى،
پاناھىغا ئالارمىكىن دەپ .
قەبرىستانغا ئالدىم يولۇمنى،
مۇردا بىلەن ياتايمىكىن دەپ.

پىلەك تارتىپ ياتقىلى نە ۋاق،
سويماممۇ ھېچ قوغۇن بولمىدى.
‹‹ ئادارگۈل ›› گە توۋلىدىم ئۇزاق،
بىر مۇساپىر سوراپ قويمىدى.

دەرۋىشلەردىن خەۋەر ئالالماي،
ساراڭلارغا ئەگىشىپ باقتىم.
ساراڭلاردىن ساراڭ تاپالماي،
يەنە ساقلىق دەردىنى تارتتىم.

چېكىپ باقتىم ھەسرەتمىكىن دەپ،
ھەسرىتىممۇ ھەسرەتتەك ئەمەس.
ياقا تۇتتۇم ھەيرەتمىكىن دەپ،
لېكىن، ھېچكىم توۋىمۇ دېمەس.

بېرىپ باقتىم باياۋانلارغا ،
ئۇچرىمىدى گۈل تۈگۈل يانتاق.
چىداش ئاسان  ھەر بالالارغا،
ئۈمىد ئۈزدۈم ئۈمىدتىن بىراق.

2012-يىلى15-نويابىر، ئۈرۈمچى

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 14:18:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zapar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-1 14:19  

پىغانغا ھەسىرەتلەرگە توشقان مىسرالاركەن

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 15:09:13

ھېسىياتتىن ئەقىدە مۇھىم. ئالتە يىل بۇرۇن يۈرىكىمدىن ئوخچۇپ چىققان ساپ ھېسىياتتا« ئەي تاماكا»دەپ يىگىرمە نەچچە كۇبلېتلىق بىر مۇخەممەس يازغان.يارەنلەرگە ئوقۇپ بېرىپ ،پەخر كۆكىدە پەرۋاز قىلغان. ھازىر ئويلىسام كۈلىمەن. ھەق ئىخلاسى بىلەن يېزىلسا،مەيلى ئىككى ئۈچ مىسرا بولسىمۇ،كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ.
بەت: [1]
: غېنى سەمەت: كەتتىم