Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 09:56:11

ھەرخىل كومپيۇتېرلارنىڭ قوزغىتىش كۇنۇپكىلىرىنى بىلىۋېلىڭ

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
ھازىر كومپيۇتېرنىڭ كۈندىن كۈنگە يېڭىلىنىشى بىلەن بىر قىسىم كونا ۋە يېڭى كومپيۇتېرلارنىڭ قوزغىتىش كۇنۇپكىسىنى (بۇ يەردىكى قوزغىتىش كۇنۇپكىسى دېگىنىمىز Bios قا كىرىش ئەمەس بەلكى DVD, USB, SATA قاتارلىق ئېغىزلاردىكى ئۈسكۈنىلەرنى تاللاپ قوزغىتىشنى كۆرسىتىدۇ) تېپىش تەسكە توختايدۇ، ئادەتتىغۇ كومپيۇتېر تۇنجى قوزغالغاندا ئېكراندا ئانا تاختىنىڭ ئۇچۇرلىرى چىقىپ شۇ قوزغىتىش كۇنۇپكىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرەلەيمىز. ئەمما بىر قىسىم كونا ياكى بىر قىسىم ئانا تاختىلاردا بۇ ھەقتە ئۇچۇرلار يوق چىقىدۇ. تۆۋەندە مەن قالدۇرغان بۇ جەدۋەل سىزنىڭ دەل مۇشۇ ئىشلىرىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. بۇ جەدۋەلدە قوراشتۇرغان كومپيۇتېرلار، ماركىلىق لەپتوپلار، ماركىلىق ئۈستەل كومپيۇتېرلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى بېرىلدى. پايدىلانماقچى بولسىڭىز ساقلىۋالسىڭىز بولىدۇ.


سۈزۈك جەدۋەلنى چۈشۈرۈش
قوشۇمچە يوللاشقا مۇمكىن بولمىغاچقا سۈزۈكى لازىم بولسا قۇتياردىن چۈشۈرۋېلىڭ.
ئەسكەرتىش: باشقا يەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىپ يوللاڭ. بۇ تېما قۇتيار، بىلىك، ئىزدىنىش ۋە ئىنتىل تورىغا يوللاندى.

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 11:09:38

ۋاقتى كەلگەندە ئەسقاتقۇدەك بەلەن تىمىكەن. ئىنكاسىم ئارقىلىق ساقلاپ قۇياي

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 17:12:07

رەھمەت سىزگە!

oylan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 17:25:05

ساقلاپ قوياي كېيىن لازىم بولغۇدەك.

datman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 19:30:04

ھى ھي  يەنىلام مەن ئەقىللىقكەنمەن جۇما f9دىن f12 گىچە ھەممىنى بىسىپ تۇردىكەنمەن تاپالمىسام
بەت: [1]
: ھەرخىل كومپيۇتېرلارنىڭ قوزغىتىش كۇنۇپكىلىرىنى بىلىۋېلىڭ