tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 22:20:24

قومۇللۇقلار باللىرى ئۇچۇن ساراڭ بوپتۇ

       يامان بوپتۇ ،يامان بوپتۇ ،كوچا كويدا پاراڭ بوپتۇ ، قومۇللۇقلار باللىرى ئۇچۇن ساراڭ بوپتۇ ، باللىرىنىڭ ئاجايىپ ئىقتىدارلىرىنى ماختاپ ھارماپتۇ ، كۇنلەر ئۆتۇپتۇ ئايلاپ ئۆتۇپتۇ .
خۇددى مەدىنيەت ئىنقىلابى شىنجاڭ بويىچە قومۇلدا ئەڭ بالدۇر باشلانغاندەك قوش تىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىمۇ قومۇلدا باشلىنىپتۇ .
               قومۇلدىكى مۇدىر ئەپەندىم قومۇلدا قوش تىلنى يولغا قويۇپتۇ . ھەممە سىنىپتىن ئەڭ نوچىسىنى بىر سىنىپقا يىغىپ تەجرىبە قىپتۇ . قومۇلدىكى ئاتا ئانىلار قوش تىل سىنىپىغا ئۇلۇشۇپتۇ ، ھەر ئامال بىلەن باللىرىنى قوش تىل سىنىپىغا بىرىشكە ئىنتىلىپتۇ . قومۇللۇقلارنىڭ ھەممىسنىڭ خىيالى بالىسدا ئىكەن . بالام نېنىنى تېىپ يىسە دەركەن . بالام يۇزۇمنى يورۇق قىلسا دەركەن . بالام ئەل يۇرت ئۇچۇن خىزمەت قىلسا دەركەن . ئىشقىلىپ قومۇللۇقلارنىڭ باللىرى ھەقىدىكى خىياللىرىىبەك بەك گۇزەل ئىكەن .
               ئەپسۇس يىللار ئۆتۇپ قوش تىل يالاڭ تىلغا ئايلىنىپ قاپتۇ . ئانىمىزدەك تىلىمىز ئانا مەكتىۋىمىزدە يەكلىنىپتۇ . باللىرىمىز ئانا تىل مەدىنيەت بۇلۇقىدىن يىراقلىشىپتۇ . ھېچكىم ھاي دىمەپتۇ . تېخىمۇ يامىنى مەيلى قوش تىل بول ،مەيلى خەنزۇۋان بول مەكتەپ پۇتتۇرگەندە ھەممىگە قۇچاق ئاچقان خىزمەت بىزنىڭ باللىرىمىزغا ئارقىنى قىپتۇ .
               قومۇلدا شەھەرلىشىش بەك تىز بوپتۇ . قومۇللۇقلارنىڭ مەھەللە ئۇيۇمچانلىقنى توپا بېسىپتۇ ، توپا باسقۇدەكلا نەرسىنىڭ ھەممىسنى توپا بېسىپتۇ .
   قومۇلدىكى تۇيغۇن زىيالىلار مۇدىر ئەپەندىمگە گەپ ئېيتقۇزۇپ بىرىپتۇ . ئاشۇ تۇيغۇنلار شۇنداق دەپتۇ .تەجرىبە بولغاندىن كىيىن ھەممە سىنىپنىڭ نوچىسىنى يىغماي خالىغان بىر سىنىپنى تەجرىبە قىلسىڭىزچۇ مۇدىر دەپتۇ . مۇدىر ئەپەندىم گەپ چىشلمەپتۇ . ئانا تىلمائارىپىنىڭ ئۇلى مانا شۇنداق كولنىپتۇ ، ئانا تىلغا ئۇرۇلغان دەتتىكام مانا موشۇنداق باشلىنىپتۇ .
ئاشۇ يىللاردا گۇدەك توخوتۇر ، قوش تىل تەجرىبىسىنى باشمالتىقىنى چىقىرىپ ماختاپتۇ . چۇنكى بۇ گۇۋالنىڭ ئۇ چاغلاردا بالىسى يوقكەن . توي قىلىپ باللىق بولغاندىن كىيىن توخوتۇرنىڭ قوشتىلغا رەغدى قالماپتۇ . ئولتۇرسا قوپسا ئويلايدىغىنى بالىسىنىڭ مىللىيىتى ئىكەن ،بالىسنىڭ ئانا تىلنى مۇكەممەل ئۆگۇنىۋېلىشىنى ئۇمۇت قىلدىكەن ،ئانا تىل مەدىنيىتى قوينىدا ئۆسۇپ چوڭ بولۇشىنى تىلەيدىكەن .

    ئەمما قومۇلدا 2013 -ئاران ئىككى سىنىپ ئانا تىل سىنىپى ئېچىلىپتۇ بۇ سىنىپلارنىڭ ئاتا ئانىلار يىغىنىدا مەكتەپ رەھبەرلىرى ئانا تىلدا ئوقۇتۇشنىڭ ئۇنۇمىنىڭقاتتىق تۆۋەنلىگى قوش تىلنىڭ ئەۋزەللىگنى سۆزلەپ ۋەزخانلىق قىلىپتۇ .
    ۋەزخانلىق تۇيغۇن ئاتا ئانىلار تەرپىدىن پاكىتلار بىلەن رەت قىلنىپتۇ . ئىلمى مۇدىرنىڭ ئىلمى بولمىغانلىقى ، ئانا تىل سىنىپىنى غەرەزلىك چۆكۇرگەنلىكى ھەممىگە ئايان بوپتۇ .

قومۇلدا پسىخىكا شۇناسلار كىلىپ ئىقبالدا لېكىسيە سۆزلەپتۇ ،ئوغۇل بالىنى خەنزۇۋان قىلسا چاتاق يوق دەپتۇ ،مانا شۇنداق لولاڭ سۆزلەپتۇ . ئۇ خەنزۇۋان پىسخىكا شۇناسنىڭ دىيىشىچە مەكتەپتە مەھرۇم قالغان مىللىيەتنى ئائىلىدە تولۇقلىغىلى بولارمىش .

شۇنداق بوپتۇ قومۇلدىكى ئاتا ئانىلار تەس كۇنگە قاپتۇ ، باللىرى ئۇچۇن ساراڭ بولايلا دەپتۇ . قانداقلا ئويلسا خىياللىرى يىشىلمەپتۇ ، ئەللىك كىتاپقا قاراپ تىكىگە قارىغاندەك قاراپ باللىرى ئۇچۇن غەمگە چۆكۇپتۇ .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 07:39:03

ھەممە يەردە شۇنداققۇ، ئەي بالام تورىمۇ ئىچىلمايۋاتىدۇ ھازىر...

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 09:06:32

خەنزۇ تىلىنى پۇختا بىلسە خىزمەت تېپىش ئاسانلىشىدۇ دېگەنگە قەتئىي ئىشەنمەيمەن، بەلكى ئانا تىلنى قانچە بىلمىسە شۇنچە ئىشسىز قالىدۇ دېگەنگە مۇتلەق ئىشىنىمەن!
مەمۇرى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانلىرىنى كۆرىۋاتىمىز. ئاناتىلى بار ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ، شىبە ۋە موڭغۇللارغا مەخسۇس ئورۇن بار. قىرغىز ۋە موڭغۇلنىڭ نوپۇسى 170 مىڭ، شىبەنىڭ نوپۇسى 40 مىڭ، لېكىن ئاناتىلى يوق تۇڭگاننىڭ رايونىمىزدىكى نوپۇسى ئازكەم بىر مىليون تۇرۇپ، مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا تۇنگانغا ئورۇن يوق. مەن ھەتتا مانجۇ ياكى جۇاڭزۇ ئالىمىز دېگەنلەرنىمۇ كۆرمىدىم.
ئىش ئەسلى مۇنداق. مەمۇر بولغان ئىكەن، چوقۇم مەلۇم بىر توپتىكى كىشىلەرگە خىزمەت قىلىدىغان گەپ. ئەگەر ئۇيغۇر، قازاق ياكى موڭغۇللارغا خىزمەت قىلىش توغرا كەلسە، خەنزۇلارنىڭ ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىشى قىيىنغا توختايدۇ، شۇڭا شۇ تىلنى بىلىدىغانلارنى ئالماي ئامالى يوق.
ئەگەر ھەممە ئۇيغۇر، قازاق ۋە موڭغۇللار خەنزۇ تىلىنى پوننىي بىلىپ كەتسە، ئاناتىلنى خۇددى مانجۇ، تۇڭگاندەك ھەتتا ئۆزلىرىمۇ بىلمەيدىغان ھالەتتە بولسا، ئۇ چاغدا ئىشنىڭ تۈگىگىنى شۇ!
ھېچقانداق بىر ئورۇندا ئۇيغۇر، قازاق ياكى موڭغۇلنى ئالمايدۇ. چۈنكى خەنزۇ خىزمەتچىلا ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇلازىمەت قىلىشى قىيىنغا چۈشمەيدۇ.
مىسال: ئۈرۈمچىدىكى شوشىمىن توپ تارقىتىش مەركىزى بولسا رايونىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كېيىم- كېچەك توپ تارقىتىش مەركىزى بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر قايسى چوڭ كىچىك سودىگەرلەر مۇشۇ يەرگە كېلىپ مال سېتىۋالىدۇ، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە چەتئەللەردىنمۇ مالغا كېلىدۇ. قارايدىغان بولسىڭىز، ئىشىڭىنىڭ ئالدىغان «ئۇيغۇر قىزلارنى قوبۇل قىلىمىز» دەپ يېزىپ قويىدۇ. سەۋەبى نېمە؟ ئۇيغۇرلار قىزلىرى چىرايلىق بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، خەنزۇ ۋە باشقا مىللەتلەردىنمۇ چىرايلىق قىزلار جىققۇ!
ئەڭ مۇھىمى تىل مەسىلىسى.

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 09:35:04

ئەمدى قاراپ تۇرۇۋەرمەيمىز توخوتۇر .كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە ئامال قىلىمىز.ئۆلۈپ كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ ئانا تىلىمىزدىن ۋاز كەچمەيمىز.بۇ يالغۇز قۇمۇللۇقنىڭ دەردى ئەمەس.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 11:04:08

بالاڭنى خەنزۇۋان قىلغىنىڭ بىرمىلياردئۈچ يۈزمىليون نوپوسنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ بەرگىنىڭ.
قازاقلاردا بەك ئېغىر بۇ ئەھۋال.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 11:15:45

توخۇتۇر ئەپەندى نىنچىلەرنى چىقىرۋېتىپ تېما يوللاپتۇ.
مەنمۇ لەۋزىمدە تۇرۇپ تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم.

ھازىرقى مائارىپ ئەھۋالى تورىسىدا بىر قانچە سۇئالىم بار ئىدى.سەل ئېغىر بېسىقلىق بىلەن بېرىلگەن جاۋاپلار لازىم.
ھازىرقى مائارىپ ئوقۇتۇش ئەھۋالى قانداق بولىۋاتىدۇ؟بىر ۋاقىتلاردا بارلىق پەنلەر خەنچە ئۈتۈلۈپ ئۈچىنچى يىللىققا بارغاندا ئانا تىلى ئۈتۈلىدۇ دىگەندەك پاراڭلارنى ئاڭلىغان.ھازىرمۇ شۇنداقمۇ؟بۇ خىل ئوقۇتۇش پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىگە ئۇمۇملىشىپ بولدىمۇ ياكى بىر قىسىم شەھەرلەردىلا ئۇمۇملاشتىمۇ؟بۇ خىل مائارىپنىڭ تۇنجى قارار ئوقۇغۇچىلىرى ھازىر قانچىنچى يىللىققا چىقتى؟شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈنىمى قانداقراق بولىۋاتىدۇ؟

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 12:49:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-1 13:22

ziyali يوللىغان ۋاقتى2014-4-1 11:15 static/image/common/back.gif
توخۇتۇر ئەپەندى نىنچىلەرنى چىقىرۋېتىپ تېما يوللاپتۇ.
...

مەن قىسقىراق جاۋاب بېرەي ، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا قوش تىل سىتراتىگىيىلىك پىلان سۈپىتىدەتەدرىجى يولغا قۇيۇلغىلى 10 يىلدىن ئاشتى . بىلىشىمچە يەسلى ۋە باشلانغۇچ قوش تىل مائارىپىئاساسەن ھەممە جايدا ئومۇملىشىپ بولدى .ئۆزەمنىڭ جەنۇپتىكى تەرەققىياتى تىز ،چوڭ ناھىيە ھىسابلىنىدىغان يۇرتۇمنى مىسالغا ئالسام ناھىيمىز ھەممىدە بىرنچى بولۇشقا ئامراق بولغاچقا بۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى، مەكتىۋىمىزدە   قوش تىلدا ئوقۇغان بالىلارنىڭ ئالدى تولۇق ئۈچكە چىقتىھازىرچەبىر سىنىپلىقبالا ، بۇ يىل ئىمتىھان بېرىدۇ . ھازىر ھەممە يىللىقتا قوش تىللىق سىنىپلار بار ، بۇ دىگىنىم ھەرگىزمۇ ئانا تىللىق ۋە قوش تىللىق سىنىپلارنى تەڭ تەسىس قىلىپ مېڭىۋاتىدۇ دىگىنىم ئەمەس ،ھەر قايسى باشلانغۇچمەكتەپلەردە ئىلگىرى كېيىن ئېچىلغانقوش تىللىق سىنىپلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇشى بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭھەر قايسى يىللىقلىرىدا بۇ ئىككى خىل ئوقۇتۇش شەكلىئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت . بەزى قالتىس تەدبىرلىك مۇدىرلار ھەتتا ئانا تىللىق سىنىپتا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستە ياخشىلىرىنى تاللاپبىراقلا ئىككىنچى خىل ئەندىزىدىكى قوش تىلسىنىپى قىلىپ تەشكىللەپمۇ ئۈلگۈردى .   ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى قوش تىلنىڭ ئىككىنچى خىل ئەندىزىسى (باشلانغۇچنىڭ 3- سىنىپدا ئېلىپبە ئۆتۈلىدۇ، ئېلىپبە ئاساسى پەن ھىسابلانمىغاچقا بالىلار ئېلىپبەنى غۇنچەمتۈگەتكەندەك تۈگىتىشكە ئۈلگۈرمەيدۇ ، يۇقىرى يىللىقتا ئۇيغۇرئەدەبىياتىدىن باشقىنىڭ ھەممىسى خەنچە ، خەنزۇ ئەدەبىياتىنى ئايرىم ئۆگىنىدۇ تېخى ) بۇيىچە قوغلاپ سۈرۈپ مېڭىۋاتىدۇ .ئەسلى تەبىئى پەنلەرنى خەنچە ، ئىجتىمائى پەنلەرنى ئانا تىلدا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى(3-ئەندىزە )قوللانغان ،لېكىن بۇلار دەرسلىكلەردىكى بىلىمنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈنۈمى قانچىلىك بولدى دىمەي   خەنچە سەۋىيىسىنىڭ ئېشىشى ئاستا بوپقالىدىكەن دىدىمۇ ناھايىتى تىزلا قارا قۇيۇق 2- ئەندىزىگە كۆچۈپ ھازىرغىچە تەۋرەنمەي مېڭىۋاتىدۇ .
ئۈنۈمنىڭ گېپى قىلسام :@ :L :funk:.... بىزنىڭ ناھىيىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى باشقىچەرەك ، مۇشۇ تاپتا چەتئەل پىداگوكلىرىدىن بىرەرسى ناھىيەمىزگە كېلىپ تەتقىق قىلىپ تەكشۈرۈپ قالسابىرىنچى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىلائوۋ ماي گاد دەپلامېڭىسىگە قان چۈشۈپ قېلىشى مۇقەررەر .ئەسلىدىنلاشەكىلۋازلىق ، ئارخپچىلىق ، مۇقىملىق خىزمىتىبېسىپ كەتكەن مائارىپ ساھەسى قوش تىل كەلكۈنىدە ئېلىشىپ كەتتى . گەرچە بۇ كەلكۈندە دۆلەت مائارىپ سېلىنمىسىنى ئايىماي سېلىپ مەكتەپلەرنىڭ قاتتىق دىتال قۇرۇلۇشىنى خېلىلا زامانىۋى سەۋىيەگە يەتكۈزگەن بولسىمۇ سۈپەت تىك سىزىق بۇيىچە تۆۋەنلەپ كەتتى .90-2000- يىللارغىچە سۈپەت يۇقىرىئوتتۇرا مەكتەپ دەپ قارىلىدىغان،تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇتۇشى بىر ۋىلايەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانمەكتەپنىڭ ھازىرقى تولۇقسىز قوش تىل سىنىپلىرىدا مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندا ھەممە پەندىن 60نى ئېلىپ تولۇق لاياقەتلىكئوقۇيالايدىغانئوقۇغۇچى پارالىل بۇيىچە چىقسا ئىككى ئۈچ ،بولمىسا يوق . ئوقۇتقۇچىلاردىن قوش تىللىق ئوقۇتۇشنىڭ ھازىرقى تەلىپىدىن چىقالايدۇ دىگەنلىرىمۇ 50 پىرسەنتكە ئاران چىشلىشىدۇ . مائارىپ ئىدارىلىرى بىزدىن ساختا ئىلمى نەتىجىنى ‹‹ نىمانداق تۆۋەن بۇ نۇمۇرلار ، يۇقۇرىراق قىلىپ يوللاشمامسەن !›› دەپ تىللاپ تۇرۇپ يوللىتىپ ئاندىن ئۇنى ۋىلايەتكە يوللايدۇ .....:dizzy:نەتىجىگە نىسبەتەن مۇكاپات جازا يوقنىڭ ئورنىدا ،تولۇقسىز ئوتتۇرا ئىلمى نەتىجىسىگە تۇتۇلغان بۇ خىل مۇئامىلە   ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئىلمى سۈپەتكە كۈچىمەسلىك خاھىشىنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى . ئەمما مەكتەپلەر تولۇق ئوتتۇرىىنىڭ نەتىجىسىنى ئايرىم چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيدۇ ( تولۇق 3-يىللىققا چىققاندا ياكى ئىجتىمائى تەبىئى پەن سىنىپىغا ئايرىلغاندا ). سىنىپ مەسئۇللىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئىلھاممۇ ئاز ئەمەس . ئۆتكەن يىلى بىزنىڭ مەكتىۋىمىزنىڭ تولۇق 3- يىللىق سىنىپ مۇدىرلىرىدىنئۆز ئەجرىگە لايىق يۇقىرى بولغاندا 30 مىڭدىن يۇقىرى مۇكاپات پۇلى ئالغانلارمۇ بار . ئەلۋەتتە تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىنىدىغان ئارخىۋى كۆپ ئەمەس ، مەكتەپمۇ ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلىپ باشقا پائالىيەتلەرگە ئۇلارنى ئاۋارە قىلمايدۇ . دەرس سائىتى قۇربانلىق قىلىنمايدۇ .ئۇلارغا كۆپرەكئۆگنىش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىلىدۇ .
لېكىن تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىمۇ چۈشكۈن ،ئىلمىپىكرى تېيىز، ئۆگنىشتە ھۇرۇن   ئوقۇغۇچىلار كۆپىيىشكە باشلىدى . بۇ يىل ئەھۋال قانداق بولىدۇ 6- ئايدا بىلىمىز .
شەخسەن قارىشىمدا قوش تىللىق ئوقۇتۇش خاتا ۋاقىتتا خاتا ئۇرۇندا خاتا ئۇسۇلدائۈنۈمسىز ئېلىپ بېرىلىپبىر ئەۋلادنىڭزامانىۋى بىلىمىدىن مەھرۇم قېلىشلا ئەمەس ھەممىدىن بەكرەك مەكتەپتىن بىزار بولۇش ، ئۆگىنىشتىن قېچىش ، ھۇرۇن خاراكتىرنى يىتىلدۈرۈشكە بولغان تەسىرى ئەڭ چوڭ بولدى . چۈنكى بالىلار ئۆزى بىلمىگەن دەرسكە بارغانسىرى ئۆچ بوپ كىتىدۇ . بۇجەنۇپتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان كەسىبداشلىرىمغىمۇ ئورتاق تەسىرات بولسا كېرەك .
ئەسلىدە قوش تىل ئەندىزىسىنى مەن دەسلەپتە يولغا قۇيۇلغاندا چىن كۆڭلۈمدىن قوللىغان ئىدىم . چۈنكى باشتا گەپمۇ بەك چىرايلىق ئىدى ، ئەمەلى ئەھۋالغا قاراپ سىنىپ تەسىس قىلسا ، ئەندىزىنى تاللىسا بولىدۇ ....ۋەھاكازا دىگەندەك...بىراق ئاخىرى مۇشۇنداق بولدى . بۇنىڭدا يەرلىك سىيا سى ۋەزىيەت ۋە سىيا سەت بەلگىلەش ھوقۇقى بولغانلارنىڭ ئىدىيىسىبەكرەك تەسىر كۆرسىتىپ كەتتى . ئىلمى تەكلىپلەر سىيا سى توقماق تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئايلاندۇرۋېتىلدى . بىچارە ئوقۇتقۇچىلار كېچە كۈندۈر مەكتەپ بېقىپ ، ئۆي چارلاپ ، كالتەك تۇتۇپ كوچا چارلاپ ، ئارخىپ ئىشلەپ ، تۈگىمەس جەدۋەللەرنىڭ كاساپىتىدىن يېڭى دەرسكە ئوبدانراق تەييارلىق قىلىدىغان ئىلھاملىرىدىن بارا بارا مەھرۇم قېلىپ ئالدىرا تىنەش كومپىيۇتېر ئالدىدىن تۇرۇپ ئىككى ئۈچ يىل بۇرۇن كاللىدا پۇختا تەييارلىنىپ كەتكەن دەرسلەرنى بالىلارنىڭ كاللىسىغا قۇيۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ .
ئاڭلىسام نەچچە كۈن ئىلگىرى مائارىپ نازارىتىنىڭبىر نازىرى ( جىڭمۇ ياكى مۇئاۋىنمۇ ئۇنى بىلمىدىم)مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى كۆرۈپ خېلىلا بەك قايناپ كېتىپتىمىش ، مۇدىرلارغا‹‹ دۆڭنىڭ چوققىسىغا چىقىپ بولاي دىگەندە ئارقىغا يانالمايمىز ،قوش تىل سىنىپلىرىنى داۋاملىق تولۇق ئاچىمىزمۇ ،بەزىقوشتىل سىنىپلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىزمۇياكى ئەندىزىنى ئۆزگەرتىمىزمۇتۈزۈك ئويلىنىپ كېيىنكى يىغىندا تەكلىپىڭ بولسا بېرىش ! ›› دەپ يىغىننى يېپىپتىمىش مىش مىش .....بۇ مۇدىرلارنىڭ نىمە تەكلىپ بېرىدىغىنى خۇدايىمغا ئامانەت ...بەرىبىر ئانىسى ئەمەسپارتىيە تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈپ ئۆستۈرگەن خەق بولغاندىكىن . ئىنساب بېرە .....
سۇئالغا قاراپ جاۋاپمۇ مۇشۇنچىلىك ...يەنە بىلگىنىم بولسا ئالدىرماي دەي .

بويتاق باللىغا قىسقا جاۋاپ بېرىمەن دەپ چۈشلۈك تاماق يىمىدىم مانا ، كەمپىرىم قاقشايدىغان بولدىدە   ;P

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 13:05:19

رەھمەت

chongbazar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 14:41:29

ھەممە ئادەم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان تىل شۇناس، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىلىرى «پەرزەنتىڭلارنى بولسا خەنزۇ مەكتەپتىلا ئوقۇتۇڭلا» دەۋاتسا، باشقا ئىشلارغا ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ.
ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىز. تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزۈم، مەن ئۆزۈمدىن باشلاپ، ئانا تىلنى قوغدىسام، ھەر بىر قەدىمىمدە ئانا تىل ئۈچۈن سۆزلىسەم، چوقۇم ئوڭشىلىدۇ.
قاخشاپ ھەل قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە خەن تىلىنى بىلمەيدىغان قېرىنداشلىرىمىزغا كۆپ رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى خەجلەۋاتقانلار، ئۇلارنى بېشىدا ئېلىپ كۆتۈرسە بولىدۇ. ئەگەر ھەممە ئادەم خەن تىلىنى راۋان بىلىپ كەتسۇنچۇ؟ پۇقرالارنىڭ قېنىنى شوراپ، قېرىنداشلىرىنى ئازابتا قويۇۋاتقان ئاشۇ ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرگە خىزمەت نەدىكىن؟

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 14:50:54

خەنزۇ تىلىنى بىلمەيدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ھەقىقىي بايلىقىمىزدۇر!
بۇلارنى چوقۇم قەدىرلىشىمىز كېرەك ئىدى!

xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 15:08:51

قوش تىل مەسىلىسىدە كۆپ ئادەم قەستەنلىك بارمۇ يوق دەپ ئويلىغاندا تۈزىلىدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 15:49:32

مىنى قەدىرلىسەڭلار بولغۇدەك.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 15:57:04

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hoopeelover تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-1 15:59

ئەھۋاللارنى دىدۇق ، ئىنكاس قىلغانمۇ بولدۇق، ھەرقايسى رايون يېزا-بازار ھەممىسىدىلا قوشتىلئەمدىكى مەسىلە زادى قانداق قىلىپ مۇشۇ قوشتىل ئوقۇتۇشنىڭ سۈپىتىنى ئاناتىلنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يۇقىرى كۆتۈرۈشياكى
    تولۇق ھالەتتە ئۇيغۇرتىلى ئوقۇتۇشىغابۇرۇلۇش ياساش،بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ھەرقايسى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم ئاناتىلنى پىششىق بىلىشى كېرەك.
شۇنداق ئاناتىلنى يوقىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن يەنە نىمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ ھاياجانلانماي كۆزقاراشلېرىمىزنى يىقىپ باقساق قانداق
مىنىڭچە :
1. ھەرقانداق مۇلازىمەت خاراكتىرلىك ئورۇنلاردا (بانكا، پوچتا، تېلگراف، نوپوس،ساقچىخانا) ئانا تىلنى ئىشلىتىش كېرەك.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 16:32:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MSM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-1 16:40

مۇشۇ قوش تىللىق ئوقۇتۇشقا (شىرئەلىنىڭ ھېلىقى قول ئىپادىسى){:92:}
كىچىك ۋاقتىدا ئەقىدە ئوغرىلاپ ئۆگەتمىسىمۇ خېلى چوڭ ئادەملەرمۇ سۆزلەپ يۈرمەمدۇ خەنزۇ تىلىنى.
كۆپ سۆزلىمەي.

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 16:36:26

باللارنى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ئانا تىلدا ساۋادىنى چوقۇم چىقىرىپ بولۇشى كىرەك بوپقالدى

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 17:33:17

{:87:}خەنزۇچىسى ياخشى بولسا باشلىق ياكى ياخشى خىزمەت بولىدىغان ئىش بولسا خۇيزۇلارنىڭ تولىسى سېرىق ئاش، ئاچچىق چۈچۈك كۆكتات كاۋىپى سېتىپ يۈرمەستى دەپ ئاڭلىغانتىم بىر بۇرادىرىمدىن.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 17:37:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-1 18:59

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى2014-4-1 15:57 static/image/common/back.gif
ئەھۋاللارنى دىدۇق ، ئىنكاس قىلغانمۇ بولدۇق، ھەرقايسى...

سىز تىلغا ئالغان ئورۇندا خەنزۇ ئانا تىلدا مۇلازىمەت قىلىش ئەمىللەشتى. چۈنكى ئىش بىجىردىغان يەرلەردىكى ئاساسلىق ھوقوقنىڭ ھەممىسى شۇلاردا. 99% ئۇيغۇر بار يەردىكى نوپۇس ساقچىسمۇ خەنزۇ.

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 17:48:33

ئىلمى تەكلىپلەر سىيا سى توقماق تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئايلاندۇرۋېتىلدى


دىيارىمىز مۇ مەركەزنىڭ چاقىرقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئىلمى بولشى كېرەكتى ، ئىلمى بولۇش مەركەزنىڭلا ئەمەس دۇنيانىڭ ساداسى

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 18:10:26

ئەمدى بۇندىن كىيىن تىرورچىلارغىمۇ بىسىم باركەندە، خەن تىلى بىلمىگەن تىرورلۇق ،تىرورلۇققا ھىساپ ئەمەس،دەپ قوپسا، تۇتىۋالغان تىرورچىلارنى قوشتىلدا سەۋىيە سىناش ئىمتاھانىدىن ئوتكەندە سوراق باشلىسا، تىرورلىقنى تاشلامىكى ....

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 19:16:40

ئاپتونۇم رايون ھەر يىلى ئالىدىغان قوشتىل سىنىپ باللىرىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئېنىقلاش ئېمتىھانى ۋە شۇ قاراردا ئېلىنىۋاتقان ئادەتتىكى سىنىپ باللىرىنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنى سېلىشتۇرۇپ قوشتىل ئوقۇتۇشىنىڭ ئەۋزەللىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردىغۇ؟شۇ يىغىندا سانجىدىن كەلگەن بىر غالچا گورۇپپا مۇزاكىرىسىدە بىز بەرمىگەن پىكىرنى بەردى دەپ قوشتىلنى ئاقلاپ يېنىپ چۈشتى....:@:@:@:@:@:@:@:@:@:@:@
بەت: [1] 2
: قومۇللۇقلار باللىرى ئۇچۇن ساراڭ بوپتۇ