muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 21:29:29

قەشقەرنى ساياھەت قىلامسىلەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muztag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-31 21:56  

قەشقەرنى ساياھەت قىلامسىلەر
يىقىندىن بۇيان ئىزدىنىش تورىغا ئىشتىراك بولغان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ يۇرىت مۇھەببىتى ئۇچۇن ئازىراق بولسىمۇ كۆڭۇل سوغىسى قىلاي . قىزغىن بەس مۇنازىردىن كىيىن نىرۋاڭلار بۇ تىمىدىن بىرئاز ئارام ئالسا خۇرسەن بولۇرمەن  .
مىنىڭ ئالدى بىلەن سىللەرگە تونۇشتۇردىغىنىم سىرلىق شىنجاڭ - شىزاڭ تاشيولىدىن باشلىنىدۇ .
شىنجاڭ - شىزاڭ تاشيولى قەشقەرگە ساياھەتكە كەلگەن چەتئەللىك تەۋەككۇلچى ساياھەتچىلەرنىڭ ناھايىتى قىزقىدىغان يوللىرىنىڭ بىرى، ھازىر دولەت ئىچى شەخسى ماشىنىلىق ساياھەت قىلىدىغان  ساياھەتچىلەرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئېسىل ماشىنىلىرىنى سىنايدىغان داڭلىق ساياھەت لىنىيەسى بولۇپ قالدى .
بۇ يول يەنە «دولەت 219 نۇمۇرلۇق تاشيولى » (گ 219 ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، 1956 - يىلى 3- ئايدىن باشلاپ ياساشقا كىرىشكەن ،  قاغىلىق ناھيەسىدىن باشلىنپ، شىزاڭنىڭ  لازې ناھيەسىگە يىتپ بارىدۇ، ئومومى ئۇزۇنلىغى  2143 كىلومىتىر .  ئومومى مۇساپىدە  سىز دىڭىز يۇزىدىن 5000 مىتىر ئىگىز بولغان يولدا قۇرۇم تىغى، قاراقۇرۇم تىغى، گاندىس تىغى، ھىمالايا تىغى قاتارلىق بەش قارلىق تاغنى، 16 مۇز داۋاننى، 40 نەچچە دەريا ئېقىننى ، نەچچە يۇز كىلومىتىر تاغ ئۇستى ئادەمسىز يوللارنى بىسىپ ئۆتىسىز.  مانا بۇ يول دۇنيادىكى  دىڭىز يۇزىدىن ئەڭ ئېگىز ،ھاۋا شارائىتى ئەڭ ناچار، يەنە ئەڭ خەتەرلىك يول دىگەن  دىگەن ناملار بىلەن تەرىپلەنمەكتە .
ئەمدى مەن دوسلارغا مۇشۇ يولنىڭ قاغىلىق ناھيەسىدىكى باشلىنىش نوختىسىدىن تارتىپ ، شىزاڭنىڭ ئالى ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى بولغان شېچۇەنخى شەھرىگىچە بولغان مۇساپىسى 1060 كىلومىتىرلىق بولىكىنى تونۇشتۇرماقچىمەن .
بۇ بولەكنى 2010 يىلى 8- ئايدا شىنجاڭ تاشيول ئاسىراش ئىشچىلىرى  رىمنۇت  قىلىپ ياساشنى باشلىغان، بۇ  50 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور دەرجىدە ياخشىلاپ ئۆزگەرتىش يول قۇرلىشى ھىساپلىنىدۇ.2012- يىلى 8- ئايدا رەسمى پۇتۇپ ئىچىۋىتىلدى . بۇ جەرياندا ئومومى مۇساپە ئىككىنچى ،ئۇچىنچى دەرجىلىك تاشيول ئۆلچىمدە ئىلىپ بىرىلغان بولغان يول ناھايىتى راۋان.
مەن ئوتكەن يىلى 2013-يىلى 10- ئايدا بۇ يولنى بىسىپ ئۆتكەن ئىدىم ، شۇڭا دىيارىمىزدىكى ماشىنا ھەۋەسكارلىرىنىڭ بۇ يولغا قىزقىشى بولسا پايدىلنىپ قالسا دىگەن ئۇمۇتتەمەن .
قاغىلىق ناھيەسىدىكى يولنىڭ بىشى بولغان  نول كىلومېتىر نوختىسى ناھيەدىكى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان تەرەققىيات رايۇنى  ، يىقىنقى ئۇچ يىل مابەينىدە  كۆپلىگەن بىنالار، قۇرلۇشلار چۇشۇپ  كۆچمەنلەرگە تەقەززالىقىنى نامايەن قىلماقتا، ئالدى بىلەن يىتىپ كەلگەن كۆچمەنلەر ئۇيەرنى ئالىقاچان ئاۋاتلاشتۇرۇپ ، ناھيەدىكى نۇرغۇن ياش بالىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ بولدى .
ئەمدى بىز مۇشۇ يەردىن  70 ك م  ماڭغاندا قاغىلىق ناھيەسىنىڭ كۆكيار يىزىسىغا يىتىپ بارىمىز، كۆكيار يىزىسى چەت نامىرات يىزىلارنىڭ بىرى  ، ئانچە مۇنچە پارتىيەمىزنىڭ خەۋەرلىرىدىن  يىقىننىڭياغى يەتكۇزلىۋاتقان توكلىرىنىڭ ، تېلىۋۇزۇرلىرىنىڭ ، تەشۋىقات كىتاپلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى كۆرۇپ تۇرشىڭلار مومكىن .
يول بويى ئەمگەكچان دىھقانلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرىدىن ،ماللىرىدىن ،ئېتىزلىرىدىن ھوزۇرلۇنۇپ مىڭىپ، تاملىرىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى ئوقىغاچ،  93 ك م  لىق بولىكىگە كەلگەندە  كۆكيار داۋىنى باشلىنىدۇ، دىڭىز يۇزى 1000م ئىگىزلىكتىن باشلانغان داۋاندا  دىڭىز يۇزىدىن 4000 م  ئىگىزلىككە چىقىپ چۇشكىچە 18 ك م مۇساپىنى باسىپ 111 ك م غا كەلگەندە  داۋاندىن ئاشىمىز .  يول مەنزىرلىرىنى تاماششا قىلىپ 50 ك م ماڭساق( يەنى 160 ك م  لىك بولىكىدە ) كۇدە يىزىسىغا يىتىپ بارىمىز.
بۇ يەردە بىر ئىشنى باشتا ئەسكەرتىمەپتىمەن.  شىنجاڭ - شىزاڭ تاشيولىدا مىڭىش ئۇچۇن يول خېتى كېتىدىكەن، بۇ يول خېتنى ئۆزۇڭلار تۇرۇشلۇق ناھيە، شەھەرلەردىكى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىدىن  ئىلىۋىلىشنى ئۇنۇتمىغايسىلەر، يول خېتى ھەقسىز .  كۇدە يىزىسىدا چىگىرا مۇداپىيە قاراۋۇل خانىسى بار ، ئىنتىزامى قاتتىق ، يول خېتى بولمىسا چىۋننىمۇ ئۆتكۇزمەيدۇ .
قاراۋۇلخانىدىن ھەممە ئادەم بىرمۇ بىر مىڭىپ ئۆتكەندىن كىيىن  قايتا ماشىنىغا چىقىپ يولىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز .  مىڭىپ 194 ك م بولىكىگە كەلگەندە  مازار داۋىنىغا يىتىپ كىلىمىز، دىڭىز يۇزىدىن 5000 م ئىگىز ،  بۇ داۋان بولسا سىللەر كۆرگەن داۋاننىڭ ئەڭ ئىگىزى دىسەم پو ئاتقان بولمايمەن .  21 ك م مۇساپىدە داۋاندىن ئاشىمىز، داۋاندىن چۇشكەن ۋاختىمىزدا  217 ك م لىق بولكىگە كەلگەن بولىمىز، بۇيەردىن  241 ك م لىق بولىكىدە  مازار يىزىسىغا يىتىپ كىلىمىز .  مازار كىچىككىنە بىر تۇرالغۇ بولۇپ ، كۆپۇنچە چەتئەل تاققا چىقىش تەنھەركەتچىلىرىنىڭ  قونالغۇسى، ئۇلار بۇيەردىن  داڭلىق چۇگۇر چوققىسىغا يول ئالىدۇ .
چۈگۇر چوققىسى دىڭىز يۇزىدىن 8611  م  ئىگىز ، دۇنيادىكى ئىككىنچى ئېگىز چوققا  دىگەن نام بىلەن داڭلىق ،  بۇ چوققاغا نىپال تەرەپتىن يامىشىدىغانلار كۆپ  ، بىز تەرەپتىن تاققا يامىشىشش ئۇچۇن يىلدا بىر ئىككى چەتئەلنىڭ تاققا چىقىش  ئەتىرەتى كىلىپ قالىدۇ .  بۇ چوققا  ك2  دىگەن نام بىلەنمۇ دۇنيادا بەك داڭقى بار .
ئەمدى بىز مازاردىن يولغا چىقىپ 123 ك م مۇساپىنى باسساق 364 ك م لىق بولىكىدە « 13 چاقىرم بازىسى »دىگەن ھەربى بازىغا يىتىپ كىلىمىز ، بۇ يەر مۇشۇ يولدىكى ئەڭ ئاۋات يەر،  دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر بۇ يەردە  ئاشخانا ۋە ياتاق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .  كىچىك بىر ناھيەگە ئوخشايدۇ .
يەنە 73 ك م لىق تاغ يولىدا ماڭساق 437 ك م بولىكىدە كەڭ شىۋەگە يىتىپ بارىمىز، بۇمۇ بىر ئادەمسىز رايۇن ، يولدا ئانچە مۇنچە كىچىك ئىقىنلار ئۇچىراپ تۇرىدۇ . ئاندىن 50 ك م مىڭىپ 487 ك م لىق بولكىدە يۇلغۇنلۇققا يىتىپ كىلىمىز ، بۇ يەر كىچىك ئاۋاتلاشقان يەر بولۇپ ، ھەربى قونالغۇلار بىلەن كوچمەن، يەرلىكلەر ئاچقان ياتاق ۋە ئاشخانىلار بار، مەن مۇشۇ يەردە بىر كىچە قونۇپ ماڭغان .
بۇ يەردىن  579 ك م لىق بولكىدىكى يەنە بىر ھەربى قونالغۇغا يىتىپ بارغۇچە يەنە بىر ئىگىز داۋان چىتەي داۋنىدىن ئاشىمىز، بۇ داۋانمۇ دىڭىز يۇزىدىن 5200 م ئىگىز، دىمەك ھازىر بىز ھىمالايا تىغىنىڭ ئۇستىگە  چىقتۇق، تاغ ئۇستىدە مىڭىپ  676 ك م لىق بولكىدە  ئولۇك جىلغىسى دىگەن يەرگە كىلىمىز .  بۇ يەرنىڭ ئىسمى قورقۇنچلۇق بولغان بىلەن مەنزىرسى ماڭا بەك ياقتى ، قارلىق چوققىلار، گۇزەل كۆللەرنى تاماششا قىلىمىز ، ئامما گىيا ئۇنمەيدىكەن .  شىنجاڭ -شىزاڭ چىگىرىسى مۇشۇ يەردە ئايرىلىدىكەن . دىمەك مۇشۇ يەردىن باشلاپ شىزاڭغا كىرگەن بولىدىكەنمىز .  يولىمىز 706 ك م لىق بولىكىدە  جېشەن داۋىنىغا يىتىپ بارىدۇ، بۇ داۋانمۇ دىڭىز يۇزىدىن 5200 م ئىگىز .  داۋان ئىشىپ 732 ك م بولكىدە  شىزاڭنىڭ سۇڭشى يىزىسىغا يىتىپ كىلىمىز، بۇ بىر ئاۋارە (يوقلاڭ ) بىر يىزا ئىكەن .
سوڭشىدىن  مىڭىپ گۇزەل قارلىق تاغلارنى ، كۆللەرنى ، مالچىلارنى ، ياۋا بۇغا، ماراللارنى تاماششا قىلغاچ خوڭتۇ داۋنىدىن ئىشىپ، تەخمىنەن 100 ك م مىڭىپ 829 ك م لىق بولىكىدە  دوما ناھيەسىگە يىتىپ كىلىپ ئالى ۋىلايىتىنىڭ دەرۋازىسىنى قاقىمىز.  دەرۋازىسى دىگىنىمدە  بۇ يەردە  يەنە بىر چىگىرا مۇداپىيە قاراۋۇلخانىسى بار ، يولختى يوق چىۋننىمۇ ئۆتكۈزمەيدىغان  .  
دومادىن يولغا چىقىپ 895 ك م لىق بولكىدە داڭلىق مەنزىلگاھ بەنگۇڭ كۆلىگە يىتىپ كىلىمىز، بۇ كۆل ئىگىزلىكتىكى چوڭ، گوزەل كۆللەرنىڭ بىرى بولۇپ كۆلنىڭ ئۇ تەرپى ھىندىستانغا تەۋە ئىكەن  .  كۆل تاماششاسىدىن كىيىنكى 35 ك م لىق مۇساپىدىن كىيىنكى  930 ك م  بولكىدە رېتۇ ناھيەسىگە يىتىپ بارىمىز .  
بۇمۇ بىر مىھرى ئىللىق ماكان ، چۇنكى مەن مۇشۇ ناھيەدىن ئۆتكىچە  يىنىمدا ئىلىپ يۇرىدىغان سومكام چۇشۇپ قاپتۇ بىلمەپتىمەن ، ناھيەدىن 10 ك م ئۇزىغاندا بىر تېلفۇن كەلدى ، ئىسمىمنى سورايدۇ مەن شۇ دىسەم، ما پەيچۇسوغا بىر كىلىپ كەتسەڭ ، دەيدۇ، ئاللا كارامەت نىمە ئىش بوپكەتتى ئەمدى ، بۇ تىبەتتىن تونۇشۇم بولمىسا دەپ قايتىپ سوراپ يۇرۇپ پەيچۇسوغا كەلسەم ، بىر تىبەت ساقچى « بىرەر نەرسىڭىزنى يوقۇتۇپ قويدىڭىزمۇ» دەپ سورايدۇ ، ئەنە شۇ چاغدا سومكام ئىسىمگە كەلدى .  قىيىپ كەتتىم ، كىملىك، يول خېتى، پۇل، بانكا كارتىسى ھەممە نەرسە شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. ئەگەر يوق بولسا جۇڭگۇچىلىقتا ئۆزەمنى چۇشەندۇرۇپ بولالمايمەن .
شۇنىڭ بىلەن سومكا ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭ  ئېسىمدە بارلىرنى ئىيتىپ بەردىم ، ئوخشاش چىققاچقا سومكىنى ماڭا قايتۇرۇپ بەردى .
ئەسلى سومكا يولدا چۇشۇپ قاپتىكەن ئىشقا ماڭغان بىر تىبەت ساقچىغا ئۇچىراپ قاپتۇ ، ئىدارىغا كەلگەندە باشقا خىزمەتداشلىرى بىلەن سومكىنى ئېچىپ ئىچىدىن مىنىڭ تېلفۇن نۇمىرىمنى تېپىپ ماڭا تېلفۇن  قىلغان ئىكەن .  تىبەت ساقچىنىڭ بۇ ئىشى مەن ئۇچۇن رېتۇدىكى بىر ئۇنتۇلماس خاتىرە بولۇپ قالدى . ( رەخمىتىم ئۇچۇن پۇل تەڭلىسەم ئالمىغان يىرىمۇ بار) تىبەتلەر بەك سەمىمى ئىكەن .
ئەمدى سەپەرنى داۋاملاشتۇرساق، 930 ك م بولەكتىن 1059 ك م بولكىگە يەتكەندە  ئالى ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى شەھرى شېچۇەنخى غا يىتىپ كىلىمىز .  بۇشەھەرنىڭ ئاساسلىق نوپوسى ئەلۋەتتە تىبەتلەر ھەم خەنلەر، ئۇندىن باشقا قاغىلىقتىن چىقىپ تىجارەت قىلىدىغان ئۇيغۇرلارمۇ خىلى كۆپكەن .  ئىككى يەردە ئۇيغۇر ئاشخانىسى بار ئىكەن .  بىر ئاشخانا خوجايىنىنىڭ دىيىشىچە قاغىلىقلىق ئۇيغۇرلار  بۇيەرگە خىلى بۇرۇنلا چىققان بولۇپ ھەرخىل تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدكەن، ئاساسلىغى قۇرلۇش ماتىرياللىرى تېجارىتى قىلىدىكەن، ئاشخانا ئاچىدىكەن ، بۇرۇن بىر مەسچىتمۇ بولغان ئىكەن ئەمما ھازىر يول قۇرلىشىدا چىقلىپ كېتىپتۇ .مەمۇرلار بىكار بولسا ئانچە مۇنچە قاغىلىققا چۇشۇپ ئويناپ كىلىدىكەن ، بولۇپمۇ يول ياخشىلانغاندىن كىيىن  .  بۇ شەھەرگە ماددى ئەشىيالار ئاساسەن قەشقەردىن توشىلىدىكەن . چۇنكى بۇ شەھەردىن لاساغا يەنە 1500 ك م مۇساپە بارئىكەن ، يول يەنىلا شۇنداق تاغ يولى، ئەمما ئۇ ياققا ئوتۇش ماڭا بۇ قىتىم نىسىپ بولمىغان ئىدى .
  بۇ يەردە ياتاققا ئورۇنلاشقاندىن كىيىن ، ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىشىڭىز يول خېتى ئىلىش ئىكەن  شىزاڭنىڭكىنى.  ئەمما تىز بىجىرىدىكەن ، سىز ياتقان ياتاقدىكى مۇلازىمغا دىسىڭىز ياتاقتا ياتقانلىق ئىسپاتى چىقىرىپ بىرىدىكەن ، ئاندىن شۇ ئەتىراپقا مەسئۇل ساقچىنى ئىزدىسىڭىز (مۇلازىمدىن سورۋالسىڭىز بولىدۇ ) قول قويۇپ بىرىدىكەن،  ئىككى سۇڭلۇق رەسىمڭىزدىن بىرنى ئىلىپ پەيچۇسوغا باردىكەن سىز، ئۇ شەھەردە بىرلا پەيچۇسو بار ، ئۇلار سىزگە ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى چىقىرىپ بىرىدىكەن، بۇ قائىدە شۇ يۇرتقا مۇساپىر بولغان ھەممە ئادەمگە ( يەرلىك ھەم باشقا مۇساپىرلارغا ) ئوخشاشكەن ، ئاندىن بۇ كىنىشكىنى ئىلىپ چىگىرا مۇداپىيە ئەتىرىتىگە بارسىڭىز سىزگە بىر يول خېتى بىرىدىكەن  ، مۇلازىمەت تىز ، ھەقسىز ئىكەن .
شىنجاڭ شىزاڭ تاشيولىنى چۇشەندۇرشۇم مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. ئەگەر يەنە ۋاختىم يىتىشسە چۇشكەن ئىنكاسقا قاراپ يەنە  قەشقەرنىڭ باشقا ساياھەت لىنىيەلىرىنىمۇ تونۇشتۇرىمەن .
قەشقەر ھىتگاھ جامەسىنىڭ 2000- يىلدىن بۇرۇنقى رەسىمى

  

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 08:30:42

رەسىملەر يوقما؟

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 08:30:47

رەسىملەر يوقما؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 08:52:07

ھېيتگاھنىڭ ئاۋۇ رەسىمدىكى مەيدانى ئېسىمدىن كەتمەيدۇ، شۇ مەيدان ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتى بويىچە يېشىللىققا قوشۇپ ياسالغانىكەن، ھازىر خەنسولارنىڭ ئادىتى بويىچە، قاقراملىق قىلىق لاھىيىلەگلىك.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 11:02:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muztag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-1 11:04  

رەسىملەرنىڭ چۇشەندۇرلىشىنى يازاي دىسەم ئىختىدارلىرىنى ياخشى ئىشلىتەلمىدىم .

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 11:23:49

بولسا باشقا ساياھەت يولىرىنىمۇ يېزىپ قويسىڭىز.
مۇشۇ قاغىلىق ناھىيەسىىنڭ ۋە پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق بىلىدىغانلار يېزىپ قويساڭلار
دىنمۇ چىڭكەن ھەم خەلىقىنڭ ھال كۈنىمۇ تەس ئوخشايدۇ زوراۋان باشلىقلارنىڭ جىقلىقىدا.
قاغىلىقتىن ئالى (بولسا بۇيەر توغرۇلۇق كۆرگەنلىرىڭىزنى ،زاڭزۇلارىنڭ ئەھۋالى...دەپ باقسىڭىز)دىن بۇتەرەپلەرگە
چىقىدىغان زاڭزۇلار بارمىدۇ؟
چاقىلىق تەرەپتىن چىڭخەينىڭ گارمۇن تەرەپكە ئۆتەپ باققانلار بۇ يولنى چۈشەندۈرۈپ باقساڭلار
مۇشۇ چىڭخەي قۇيى زادى قانداق قوي؟گۆش تەمى ،باھاسى قانداقراق كىتىپ بارتىدۇ

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 11:27:32

بۇ قەشقەر ساياھىتى ئەمەس بەلكى _ تاشيول ساياھىتىكەنغۇ.:)

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 11:37:12

چاقىلىقتقن چىڭخەيگە باردىغان يول ياخشى يول.

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 11:42:46

2005 -2007-2009 يللىرى مەن شىزاڭ ساياھىتى دىگەن تىمامدا يازغان ئىدىم بۇ كۆلنى.
بەنگوڭ كۆلى دىگەن ھېلىقى ھىندىستاننىڭ ئۈچ ئەخمەقتىكى ئاخرىدا چىقىدغان كۆل شۇكەن.مەن شۇ كىنودا كۆرۇپ ھەجەپ تونۇشقۇ دەپ گۇگۇلدىن ئىزدىسەم بەنگوڭ كۆلى دەپ چىققان ئىدى.

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 12:45:45

ماۋۇ دۆۋلىتىمزنىڭ مەشھۇر ماركىللرى بولغان جېلى ، چىرۇي ، بىيادى ، لىفەن دىگەندەكلرىنىڭ سەل ئەبگالىرى بولسا شىزاڭ تەرەپلەرگە بارالارمۇ ؟ ياكى چاقلىرى ، ماتۇرلىرى شالاقشىپ ، ئىشىك - دېرىزىلەرنى مەھكەم ئىتىۋەتسەكمۇ ماشىنىنىڭ ئىچىگە بۇلۇت كىرىۋېلىپ دىگەندەك ئىشلار بىلەن ئادەمنى موتۇرۇللا قىلارمۇ ؟

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 13:08:37

ماشىنىنىڭ ئىگىزلىكتە ئوكسىگىن يېتشمەي ئوتى ئوچەپ قالامىكى جەسەت داۋاندا.
ماشىنىنڭ ماتور چۇشەندۇرشدە بار مانچە مىڭ مىتىر دا ماتور مۇنداق بولدۇدەپ

sada425 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 14:35:09

buyukturn يوللىغان ۋاقتى  2014-4-1 12:45 static/image/common/back.gif
ماۋۇ دۆۋلىتىمزنىڭ مەشھۇر ماركىللرى بولغان جېلى ، چىرۇ ...

toyota نىڭ 4500 ياكى 4700 بولمىسا بولمايدۇ ، يەنەكىلىپ ھاۋا شورىغۇچتا پوخىقى بارى.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 17:20:22

orkexjan يوللىغان ۋاقتى  2014-4-1 11:27 static/image/common/back.gif
بۇ قەشقەر ساياھىتى ئەمەس بەلكى _ تاشيول ساياھىتىكەنغۇ.: ...

بۇ قەشقەر ساياھەتچىلكىنىڭ موھىم بىر لىنىيەسى . . . .

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 18:58:46

شىزاڭنىڭ قوتازلىرى بىزتەرەپنىڭكىدىن جۇغى كىچىك بولىدىكەن.

dolan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 20:03:14

بۇ تېمىنى كۆرۈپ مىنىڭمۇ بارغۇم كەلدى، مەندە 1.4 لىك كىيا ماشىنا بار، سىلەرچە مەن بۇ ماشىنىدا بارالارمەنمۇ ؟

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 16:23:50

بۇ يولدا مىڭىش ئۇچۇن ھاياتىڭلارنى قەدىرلەپ دولىتىمىز ماشىنىلىرىدىن نىرى بولۇڭلار، ياخشىسى دالاماشىنىسى ئىشلىتىڭلار .

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 10:59:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-19 00:37  

attach://3734.jpgattach://3734attach://3735.jpgقەشقەردە ساياھەت قىلامسىلەر  ( ئىككىنچىسى )

قەشقەردە ساياھەت قىلىش  نوقۇل شەھەر ئىچىدىلا بىر كۇن پائالىيەت قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن ، ھەممە ساھەلارگە چىتىلىدىغان ئالاھىدىلىگە ئىگە، ئەتىراپىدىكى يوللار بىلەن تونۇشۇش قەشقەر ساياھىتىنىڭ موھىم تەركىۋى. بۇ يوللاردىن  يۇقىردا  بىزگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان شىنجاڭ -شىزاڭ تاشيولىنى قىزىققۇچىلار ئۇچۇن ھەرقايسى مۇساپىسىنى تەپسىلى يازغان ئىدىم .
توۋەندە  دۆلەت  314- نومۇرلۇق تاشيولنىڭ قەشقەردىن پاكىستاننىڭ چىگىرسىغىچە بولغان بولىكىنى   تونۇشتۇرۇپ ئوتەي .
بۇ يول بولىكى رايۇنىمىزدا « جۇڭگۇ پاكىستان دوستلۇق يولى  » دەپ ئاتىلىدۇ ، ئەمما چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە  بولسا «ك ك تاشيولى» دىگەن نام بلەن مەشھۇر .  بۇ يەردىكى  « ك ك » دىگەن سوز قارا قۇرۇم  تىغى نامىدىن كەلگەن بولۇپ ، ئىنگىلىزچە يىزىلىشىدىكى ئىككى ك نىڭ قىسقارتىلمىسى .
ك ك تاشيولى شەرىقتە قەشقەر شەھرىدىن باشلىنىپ، قاراقۇرۇم ، ھىندىقۇش، ھىمايالا قاتارلىق ئۇچ چوڭ تاغدىن شەكىللەنگەن پامىر ئىگىزلىگىنى كىسىپ ئوتۇپ، قونجىراپ چىگىرا ئىغىزى ئارقىلىق، پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى تاقىت شەھرىگە بارىدۇ . ئومومى مۇساپىسى 1224 ك م ، 1968-يىلىدىن 1973-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە ياسىغان يول قۇرلىشىنى پۇتۇنلەي دولىتىمىز ئېنجىنىرلىرى ۋە يول قۇرلۇش ئىشچىللىرى ئۆزى لاھىيەلەپ ئۆزى پۇتتۇرگەن، دولىتىمىزنى ياۋرۇ ئاسىيا قۇرۇقلقىغىغا تۇتاشتۇرغان مەشھۇر يوللىرنىڭ بىرى (1961-يىلدىكى جۇڭگۇ - ھىندىستان ئۇرشىدىن كىيىن دۇشمىنىڭنىڭ دۇشمىنى بىزنىڭ دوستىمىز دىگەن ماقالغا ئاساسەن ياسالغان) .  پۇتۇن مۇساپە دىڭىز يۇزىدىن 600م ئىگىزلىكتىن  باشلىنىپ دىڭىز يۇزىدىن  4700 م ئىگىزلىكتىن ئۆتىدۇ .  ئەلۋەتتە بۇ يول قۇرلىشى  قەدىمقى يىپەك يولى ئاساسىدا ئىلىپ بىرىلغان، پۇتۇن مۇساپە  بوستانلىقلانى، يايلاقلارنى ،بەھەيۋەت تاغلارنى، ئاپپاق قارغا چۇمكەلگەن مۇزلۇق چوققىلارنى بىسىپ ئوتۇپ ،مەنزىرسىنىڭ گۈزەللىگى،يولىنىڭ خەتەرلىكلىگى بىلەن  دۇنياغا داڭلىق .
ھەريىلى قەشقەرگە كەلگەن  دولەت ئىچى سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ  چوقۇم بىر مىڭىپ كۆرىدىغان ساياھەت لىنىيەسى بولۇپ قالدى .
قەشقەرگە كەلگەن ساياھەتچى خەنلەر بولسا جۇڭگۇنىڭ غەربىنىڭ ئەڭ چىكىگە يىتىش مەخسىدىدە  قونجىراپ چىگىرا ئېغزىدىكى تىكلەنگەن چىگىرا تىشىدا ئىككى بارمىغىنى غەلبە شەكلىگە كەلتۇرۇپ رەسىمگە چۇشۇپ خاتىرە قالدۇرۇپلا قايتىدۇ .  ئەمما  ياۋرۇپا ئامىركىلىقلار بولسا بۇلغانمىغان تاغ موھىتىدىن ھوزۇرلۇنۇش ئۇچۇن بۇ يولدا تاققا يامىشىش، ئىگىزلىكتە تۇنەش،تاغ يولىدا پىيادە ، ۋەلسىپىتلىك، موتۇسىكىلىتلىق مىڭىش قاتارلىق تۇرلەر بويىچە ساياھەت قىلىدۇ .
قىنى ئەمدى بىزمۇ ساياھىتىمىزنى باشلايلى .
ئىسكەرتىش : بۇ يولدا مىڭىش ئۇچۇنمۇ يول خېتى ئىلىۋىلىش كىرەك، بۇ خەتنى يەنىلا ئۆزى تۇرۇشلۇق ناھيە شەھەرلەردىكى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورنىدىن ئالىدۇ، ھەقسىز بىجىرىپ بىرىدۇ .
قەشقەردىن يولغا چىقىپ، قەشقەر ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغانلىغى ئۇچۇن  كۆپ تەرىپلىمەي ،ئەگەر تىمىنى داۋاملاشتۇرۇپ قالالىسام ئەڭ ئاخىرىدا قەشقەر شەھرىنىڭ ساياھەت ئورۇنلىرىنى بىلىشىمچە تۇنۇشتۇرۇپ چىقماقچىمەن .
قەشقەردىن يولغا چىقىپ 17 ك م ماڭغاندا توققۇزاق ناھيەسىگە يىتىپ بارىدۇ، توققۇزاق ناھيەسى قەشقەرنىڭ يىقىن ناھيەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئادەتتە توققۇزاقلقلار بۇ ناھيەنى كوناشەھەر دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن، نوپوسى ئۇچيۇزمىڭدىن ئارتۇق، توققۇزاققا بارغۇچە قەشقەرنىڭ سۇ مەنبەسى بولغان قىزىل دەريا، تۇمەن دەريا ۋە گەز دەريالاردىن بىسىپ ئوتىدۇ، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى  گۇاڭجۇ تەرەققىيات رايۇنى ھەممىدىن بەك كۆزگە چىلىقىدۇ،مۇشۇ ئۇچ يىل ئىچىدە مۇنبەت ئېتىزنىڭ  ئۇستىگە سىلىنغان قۇرلۇشلاردىن ھەيران بولمايدىغان ئادەم يوق، قىسقا مۇدەت ئىچىدە نىمە كۆپ قۇرلۇش بۇ دەپ قالىسىز . چالغۇ ئەسۋاپ ياسايدىغان ھۇنەرۋەنلەرنىڭ ئۇستىسى مۇشۇ ناھيەدىن چىقىدۇ، يول بويىدا ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋاپلىرى مەھەللىسى بار .
توققۇزاقتىن 37 ك م ماڭغاندا ئىتىزلىقلار ۋە چول باياۋاننى بىسىپ ئوتۇپ ئوپال يىزىسىغا يىتىپ كىلىدۇ، ئوپال يىزىسىدا ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مەقبەرىسى بار،شۇڭا بۇ يەردە بىر توختىماي ماڭالمايسىز، ئوپالدىن كىيىن چوڭراق بازار بولمىغانلىغى ئۇچۇن بۇ يەردىن قوغۇن تاۋۇز يەل-يىمىش سىتىۋالسىڭىز بولىدۇ .
ئوپالدىن 15 ك م ماڭغاندىن كىيىن قەشقەر تەۋەلىگىدىن چىقىپ ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستى تەۋەلىگىگە كىرىدۇ، يولبويى ئۇيغۇر دىھقانلىرى بىلەن قىرغىر چارۋىچىلار ئۇچىراپ تۇرىدۇ . ئوپالدىن  30 ك م ماڭغاندا ئاقتۇ ناھيەسىنىڭ ئويتاغ يىزىسىغا بارىدۇ، ئويتاغ يىزىسى مەن ئۇچۇن بىر ئالاھىدە يىزا بولۇپ تاغنىڭ ئىچكىرسىگە جايلاشقان ، مەنزىرسى گۇزەل تەبئى قارغايزارلىقى بار، ئۇ يىزىدا توت مىڭچە نوپۇس بار ، ئۇلار ئۆزلىرىنى تۈركمەنلەر دەپ ئاتايدۇ،  ھۆكىمەت ئالغان نوپوسىدا مىللىتى قىرغىز دەپ يىزىغلىق ، ئەمما ئۇلار قىرغىزچە سوزلىيەلمەيدۇ، ئۇيغۇرچە سوزلەيدۇ، قىزغىزچە قالپاق كەيمەيدۇ، ئۇيغۇرچە دوپپا كىيىپ يۇرىدۇ .ئاساسەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .
بۇ يىزىدا بىر ساياھەت ئورنى بولۇپ ئۇنىڭغا مۇز دەريا باغچىسى دەپ ئىسىم قويىۋالدى، بۇ ساياھەت ئورنىغا  ئويتاغ ئىغىزىغا كەلگەندە   دۆلەت يولدىن چىقىپ تاغ ئىچىكىرسىگە 30 ك م ماڭغاندا يىتىپ بارىمىز . ، جۇڭكۇن ساياھەت شىركىتىنىڭ باشقۇرشىدا، قەشقەردىكى ياش قىز يىگىتلەرنىڭ شەمبە يەكشەمبىلىك ئارامگاھى ، كەڭرى كەتكەن قارغايزارلىقتا ، قارلىق تاغدىن ئىقىپ چۇشكەن مۇزدەريا ئىقىنىنى تاماششا قىلىدۇ . ( مۇز دەريا قارلىق تاغلاردا پەيدا بولىدىغان تەبئى مەنزىرە ).  
مۇساپە قەشقەردىن  ئويتاغ يىزىسىغا كەلگىچە بولغان  80 ك  م يول تۇزلەڭلىكتە  ، ئويتاغ ئىغىزى قاراقۇرۇم تىغىنىڭ كىرىش ئىغىزى ھىساپلىنىدۇ، ئۇندىن كىيىنىكى يول تاققا يامىشىشش بىلەن باشلىنىدۇ .  يولنىڭ دەسلەپكى باشلىنىشى قىزىل ۋە كۇل رەڭلىك تاغلار  مەنزىرسى ئىنتايىن يىقىشلىق ، قايسى مۇنبەرلىكى ئىسىمدە يوق ، بىر تورداش مۇشۇ يولدىكى ساياھىتىنىڭ سۇرەتلىرىنى يوللاپ  بولغانغۇ دەيمەن  .  ئويتاغ ئىغىزىدىن  تاغ يولىدا 45 ك م ماڭغاندىن كىيىن گەز دەريا چىگىرا مۇداپىيە ئەتىرەتىنىڭ تەكشۇرۇش پونكىتىغا يىتىپ بارىدۇ.  بۇيەردىمۇ ئوخشاشلا يول خىتى يوق چىۋىننىمۇ ئۆتكەزمەيدىغانغا ۋەدىسى بار ئەسكەرلەر بار، ھەممە ئادەم ماشىنىدىن چۇشۇپ تەكشۇرۇش پونكىتىدىن بىرمۇ بىر مىڭىپ ئوتىدۇ . تەكشۇرۇش پونكىتى قەشقەردىن 125 ك م يىراقلىقتا . يول خىتى دەل مۇشۇ يەردە تەكشۇرلىدۇ .
يول-  تەكشۇرۇش پونكىتىدىن ئوتكەندىن كىيىن تىخمۇ تىك ،تىخمۇ ئىگىز بولغان داۋانلارغا يامىشىدۇ، بىر تەرپى ئاسمان پەلەك قورام تاشلار، يەنە بىر تەرىپى چۇڭقۇر جىلغىدا ئىقىۋاتقان گەز دەرياسى ، تاغنىڭ قاپ بىلىدىكى شوينىدەك ئەگىرى بۇگىرى يوللاردا داۋاملىشىدۇ .بۇيەردە قار مۇزلار بىلەن قاپلانغان قوڭۇر چوققىسىنى كۆرەلەيمىز، قوڭۇر چوققىسى قۇرۇم تاغ سىستىمىسىنىڭ ئىككىنچى ئىگىز چوققىسى بولۇپ دىڭىز يۇزىدىن 7911 م ئىگىز .   مۇشۇ ئامىركىنىڭ  روككى تاغ تىزمىسىنىڭ تەرجىمىسى قارا قۇرام تاغ تىزمىسى بولىدىغۇ دەيمەن .  قورام تاش دىگەن ناھايىتى چوڭ تاشنى كۆرسىتىدۇ، ئالدىغا قارا دىگەن سۇپەت قىتىلسا ئۇتاشنىڭ قانچىلىك چوڭلىقىنى پەرەز قىلىپ بولدۇڭلار ھەقاچان !!!!، قارا قۇرۇم تىغى ھەقىقەتەنمۇ ئەجداتلار ئېيتقاندەك  غايەت زور تاشلاردىن شەكىللەنگەن .  
ئەمدى تەكشۇرۇش پونكىتىدىن 45 ك م ماڭغاندا  يول تاغ ئۇستىگە چىقىپ  بىردىنلا راۋانلىشىدۇ ، دەل مۇشۇ پەيتتە  كۆز ئالدىمىزدا ئاق قۇم تىغى زاھىر بولىدۇ، ئاق قۇم تىغى ئۇستىدىكى كۆپكوك ئاسماندىكى ئاق بۇلۇتلار ۋە  ئەتىراپىدىكى ئىگىز قارلىق چوقىلارنىڭ ئاستىدىكى تىپ تىنىچ دەريا ئىقىنىغا چۇشكەن ئەكسى قېتىلىپ تەبىئەتنىڭ ئالاھىدە بىر مەنزىرسىنى شەكىللەندۇردۇ .
يول -  ئاق قۇم تىغىدىن 35 ك م ماڭغاندا  قەشقەرنىڭ داڭلىق سەيلىگاھى قارا كۆلگە يىتىپ كىلىمىز . (قارا كۆل ئەمىلىيەتتە قىزىلسۇغا تەۋە بولسىمۇ دولەت ئىچى سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر قەشقەردىن بارىدىغانلىغى ئۇچۇن بۇ قەشقەر ساياھەتچىلىگىگە تەۋە. پىقىردىن ).
قارا كۆلنىڭ بويى قارلىق تاغلارنى سۇرەتكە ئىلىشنىڭ كۆڭۇلدىكىدەك ئورنى  ، دەل مۇشۇ سەۋەپتىن كۆپلىگەن چەتئەللىكلەر بۇ يەردە ئاز بولغاندا بىر كۇن قونۇپ مىڭىشنى پىلانلايدۇ . چۇنكى ئەتىراپى قوڭۇر چوققسى، قوڭۇر توققۇزتىغى ۋە مۇزتاغ ئاتا چوققىسى قاتارلىق ھەربىرسى دىڭىز يۇزىدىن 7500 م ئىگىز چوققىلار بىلەن قورشالغان، قاراكۆل دىڭز يۇزىدىن 3600 م ئىگىز ئورۇنغا جايلاشقان ، ھاۋا تىنچ كۇنلەردە قارا كۆل بىر ئەينەككە ئوخشاش سۇپ سۇزۇك ، قارلىق چوققىلار كۆل يۇزىدە ئەكىس ئەتسە ئىنتايىن گۇزەل بىر مەنزىرە شەكىللىنىدۇ.  ئۇندىن باشقا كۆل ئەتىراپىدا ئەسىرلەر بويى ياشاپ كەلگەن يەرلىك قىرغىرلار بولۇپ ، ئۇلار ھەر ۋاقىت ئۆز ئويلىرىنى چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ قونۇشى ئۇچۇن ئىجارىگە بىرىپ تۇرىدۇ . ساياھەتچىلەر بۇيەردە  زامانىۋى ئەسلىھەلەردىن يىراق بولغان تىپ-تىنىچ سەھرا موھيتىدىن  ھوزۇرلىنىشنى ئىستەيدۇ .
كۆل بويىدىكى مۇزتاغ ئاتا چوققىسى دىڭىز يۇزىدىن 7546 م ئىگىز  ، خەلىقئارادىكى تاققا چىقىش تەنھەركەتچىلىرىنىڭ كۆڭۇلدىكىدەك مەشىق ئورنى بوپقالغان. خەلىقئارادىكى تاققا چىقىش ھەۋەسكارلىرى ئارسىدا خىلى داڭقى بار، ھەر يىلى 300دىن ئارتۇق ھەۋەسكارلار(چەتئەللىكلەر )  تاغ ئېتىكىدىكى دىڭىز يۇزىدىن 4200م ئىگىز ئورۇنغا چىدىرلىرىنى تىكىپ، 10 -20 كۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تاغ چوقىسىغا چىقىدۇ .
يول -  قارا كۆلدىن 30 ك م ماڭغاندا سۇباش داۋىنىغا يىتىپ بارىدۇ، سۇباش داۋىنى مۇساپەدىكى ئەڭ ئىگىز داۋان بولۇپ دىڭىز يۇزىدىن 4200 م ئىگىز .
داۋاندىن چۇشكەندە بولسا يەنە قەشقەر تەۋەلىكىگە كىلىمىز . داۋاندىن چۇشۇپ قىرىق كىلومىتىر ماڭساق جۇڭگۇ - تاجىكىستان تامۇژنىسىغا يىتىپ كىلىمىز .  بۇ چىگىرادىن يۇك تىرانسىپورت ماشىنىللىرى ئۆتىدۇ، ساياھەتچىلەرگە تىخى ئىچىۋەتمىدى .
يول تامۇژنىدىن ئۆتكەندىن كىيىن 15ك م مىڭىپ تاشقورغان ناھيەسىنىڭ دەسلەپكى يىزىلىرغا بارىدۇ، كۆكيار، تاغارما، شاھبەلدىر قاتارلىق يىزىلاردىن ئۆتكىچە تاجىك چارۋىچىلار يول بويى ئۇچىراپ تۇرىدۇ .  شاھبەلدىردە بىر ئاچا يول بار ئۇ يول يەكەنگە تۇتىشىدۇ220 ك م كىلىدۇ، شاھبەلدىردە ھازىر ناھايىتى چوك بىر سۇ ئىلكتىر ئىستانسىسى قۇرلىۋاتىدۇ .يول مۇشۇ يىزىلاردىن 15 ك م مىڭىپ تاشقورغان تاجىك ئاپتۇنۇم ناھيەسىگە يىتىپ كىلىدۇ .
تاشقورغان ناھيەسىدە 55مىڭدىن ئارتۇق تاجىك مىللىتى ئولتۇراقلاشقان ، ئۇلار ئاساسەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللنىدۇ . تاجىكلار ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەھزەبىگە تەۋە ئىكەن ، مەن ئۇمەھزەبنىڭ قانداقلىغىنى بىلمىگەچكە چۇشەندۇرمەي. تىلى ئىران تىل سىسستىمىسىغا تەۋە ، ئۇلار ئوزئارا پاراڭلاشسا بىر ئىغىز گىپىنىمۇ چۇشەنگىلى بولمايدۇ ، بىز بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا پاراڭلىشىدۇ، تاجىكلار ھەقىقەتەن پامىر ئىگىزلىكىنىڭ بۇركۇتى ، ئاساسلىق چالغۇسى بۇركۇتنىڭ سۆڭىگىدىن ئىشلەنگەن نەي . ئۇسۇل ئويناش شەكلى ھەممەيلەنگە تونۇش .
تاشقورغان ناھيەسىدە تاش قەلئە دەپ بىر قەلئە خارابىسى بار، تارىخى 1200 يىل، ناھيەنىڭ غەربىدىكى بىر دوڭگە  جايلاشقان، بۇقەلئە دۇنيادىكى توت قەدىمى تاشتىن قوپۇرۇلغان قەلئەلەرنىڭ بىرى. بۇ قەلئەنىڭ بىر تەرپى ئولتۇراق رايۇن بولسا يەنە بىر تەرپى كەڭرى كەتكەن يايلاق . يىقىنقى ئۇچ يىل مابەينىدە بۇ تاشقورغان ناھيەسىگە نۇرغۇن قۇرلۇشلار چۇشۇپ ناھيە ئەسلىدىكى كۆلەمدىن خىلى زورايدى .
چەتئەللىكلەر تاجىكلارنى ياۋرۇپالىقلارغا ئوخشىتىدىكەن ، بىر رىۋايەتلەردە پادىشاھ ئىسكەندەر زۇلقەينىن يۇرۇش قىلىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بىر گورۇپ ئەسكەرلىرىنى يوقۇتۇپ قويغان ، ئاشۇ ئەسكەرلەر مۇشۇ تاجىكلار بولىشى مومكىن دەپ قويشىدىكەن  .
يول تاشقورغان ناھيەسىدىن ئۆتۇپ 70 ك م ماڭغاندا ئافغانىستان چىگىرا ئېغىزىغا بارىدۇ، بۇ ئىغىز تىخى ئىچىۋىتىلمىگەن ، چېگىرغا بارىدىغان يول يوق ،بۇيەردىن يەنە 55 ك م ماڭغاندىن كىيىن جۇڭگۇ - پاكىستان چىگىرا پاسىلىغا بارىدۇ .
تاشقورغاندىن چىگىرا تىشىغىچە بولغان 125 ك م يول چىگىراچىلار تەرپىدىن باشقۇرلىدۇ، مەنزىرسى گۇزەل بولغان يايلاقلىرى بار . بۇ يولغا يەنە باشقا يول خىتى بىجىرىلىدۇ، يولختىنى ناھيەدىكى چىگىرا مۇداپىيە ئەتىرتىدىن ئالىمىز بىر ماشىنىغا بىر يول خىتى بىرىدۇ، ھەقسىز، چىگىردىن قايتىپ كەلسەك قايتۇرۋالىدۇ .
قەشقەردە ماشىنىلىق ساياھەت قىلماقچى بولساڭلار پايدىسى تىگىپ قالسا دۇئادا ئەسلەپ قويارسىلەر .
         


Turker يوللانغان ۋاقتى 2014-4-6 15:52:20

سانتانا ۋىستا دېگەن ماشىنامنىڭ ئالدىنى شىزاڭ تەرەپكە قارىتىشنى ئويلىمىساممۇ بولغىدەك {:136:}

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 16:18:39

ئاۋو ئويتاغ دىگىنىڭىز ئۆز ۋاقتىدا ئەنجانباي جەڭ قىلغان يەر شۇغۇ ،
شۇ تەۋەدە ئەنجەنباينىڭ قەبرىسىمۇ بارمۇ ؟
بەت: [1]
: قەشقەرنى ساياھەت قىلامسىلەر