sayaq1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 16:19:00

كېسەللىكتىن مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار قېرىنداشلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، ئاراڭلاردا تىببىي بىلىمى بارلار بولسا ماڭا ياردەم قىلغان بولساڭلار.
مەن ئوغۇل، 20ياش.
ئۈچ-تۆت يىل بولغانىدى تاماق يېسەملا ياكى قورسىقىم سەل ئېچىپ كەتسىلا بەك سەت كېكىرىدىغان بولۇپ قالغىلى، ھەم قورسىقىممۇ تولا غولدۇرلاپ بىئارام بولاتتىم.( باشتا تازا دېققەت قىلماپتىمەن ) تۆت ئايدىن بۇيان ئىچىم سۈرۈپ، ئاخىر ئامال بولماي دوختۇرخانىغا بېرىپ تاساددىپىي قورساق قىسمىمنى ct دا تەكشۈرتسەم 马蹄肾(تاقىسىمان بۆرەك دەپ ئالساق بولامۇ) دەپ بىر خىل كېسەللىكمۇ بايقىلىپتۇ.
ئاستا خاراكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى، ۋە 肠道易激惹综合征(ئۇيغۇرچىسىنى بىلمىدىم) دېگەن كېسىلىمگە قارىتا داۋالاش قىلدى، ئەمما «تاقىسىمان بۆرەك» كە قارىتا ھېچنىمە دېمىدى.
مەسلىھەت بەرسەڭلار:
بۇ ئۈچ خىل كېسەل ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ «تاقىسىمان بۆرەك» نىڭ خەتىرى قانداق؟ مەن قانداق ئىشلاردىن پەرھىز تۇتسام بولىدۇ؟
مۇشۇ توغرىسىدا مەسلىھەت بەرسەڭلار. رەھمەت قېرىداشلار، ئاللاھ ھەممىڭلارغا سالامەتلىك ئاتا قىلغاي

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 18:51:42

مۇشۇ باھانىدە مانمۇ سوېۋالاي ، يېقىندىن بېرى ئاپامنىڭ قوسقى يوغىناپ يىگەن نەرسىسىنى ياندۇرۇپ بولمىسا ، يېزىدىلى دوختۇرغانىغا ئاپارساق ، يو پىر بۇ ئادەمنىڭ جېقلىقى  كەچ بولغىچە ئۇچرەت تەگمەيدىغانلىقىغا كۆزىمىز يېتىپ شەخسى دوختۇرغانىغا ئاپپارساق ئاشقازان يالىغى دېدى ، نەچچە كۇن ئاسما ئۇكۇل ، دورا يەپ قوساق ئاخرى بېسىقتى ھېچ بۇرۇنقىدەك جېنى يوق ، مىجەزى بوش شۇنىڭ بىلەن باشقا دوختۇرغانىغا باپپارساق شەخسىنىڭ ، بۆراك ياللىغۇ دەيدۇ ، ھەم بۇنىڭغا دورا بەردى بۇگۇن ئەتتىگەن چوڭراق دوختۇرغانىڭغا ئاپىرايلى دەك تەييارىلىق قىلىپ ئىشمىز چىقىپ قالدى نەچچە ھەپتىدىن بېرى قىلغان داۋالارنىڭ ھېچ قايسىسى شىپا قىلمىدى ، قورسىقى يوغونلام تۇردۇ ...

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 18:57:10

kangasman يوللىغان ۋاقتى  2014-3-31 18:51 static/image/common/back.gif
مۇشۇ باھانىدە مانمۇ سوېۋالاي ، يېقىندىن بېرى ئاپامنىڭ  ...

قارىغاندا قورساققا سۇ چۈشكەندەك تۇرىدۇ. چوڭراق مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭلار.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 20:45:19

بۈگۈنكى تېمالار ئىچىدە ئىملاسى ئەڭ توغرىسى مۇشۇمۇ نېمە؟ 20 ياشتىلا ئىملاغا مۇشۇنچىلا دىققەت قىلغىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 21:49:34

         دوختۇر نىمىشقا دىمىگەندۇ ؟ ؟  ؟؟ ؟؟ ؟ ؟ ؟ ؟

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 07:19:46

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 07:24:24

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 09:41:17

ھە سەكسەن خالتىچىلار دورىلىرىڭلارنى كۆتۈرۈپ چىمەمسىلەر ماتىمىغا.

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 18:55:43

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار.
مىنىڭ چوڭ ئاتامنىڭ قېرلىقتىن بولغاچ، بىر قۇلقى تازا ياخشى ئاڭلىمايدۇ .
چىڭراق گەپ قىلساق ئەدەپسىزلىك بولىدىكەن. شۇڭا
بىرەر ئاڭلاشقا ياردەم بېرىدىغان ئۈسكىنە بارمۇ بار بولسا نەدىن سېتىۋالىمىز ؟

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 20:25:44

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 20:40:35

baydowlat يوللىغان ۋاقتى  2014-4-1 20:25 static/image/common/back.gif
助听机دەپ مەخسۇس ساتىدىغان دۇكانلار بارغۇ؟ ئون نەچچە يى ...

رەھمەت سىزگە

sayaq1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-2 17:46:20

نەچچە كۈندىن بىرى تورغا چىقالمىدىم، بۈگۈن چىقىپ ئىنكاسلارنى كۆرۈپ ھەممىڭلاردىن مىننەتدار بولدۇم، رەھمەت سىلەرگە
بەت: [1]
: كېسەللىكتىن مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار قېرىنداشلار