orhun1977 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 14:42:36

win8 تۇغۇرسىدا

تۇلا سۇئال سۇراپ زىرىكتۈرۋەتتىمغۇ دەيمەن، ئەپۇ قىلىڭلا تىمىنى يانفۇن ئارقىلىق يىزىۋاتىمەن ئىملا خاتالىقلىرى ئۈچۈن ئۈزۈر تىلەيمەن، كومپىيۇتىر تەخنىكام ياخشى ئەمەس كومپىيۇتىرنى ماتىريال كۇرۇپ ئۈگەنگەن، سىستىما جەھەتتە ئاساسەن ساۋاتسىزمەن، ئانا تىلنى قۇللاش يۇزىسىدىن win8 دىن سىتىۋالغان ئىدىم ھەقىقەتەنمۇ بەك رازى بۇلدۇم ، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بالام ھەپىلىشىپ كۇمپىيۇتىرنى ئىچىلمايدىغان قىلىپ قۇيۇپتۇ سىستىمىنى قايتا قاچىلىغان پارۇلنى يۇقۇتۇپ قۇيدۇم ،كومپىيۇتىرنىڭ ئىلگىركى كىملىك نۇمۇرىمۇ ئۈزگىرىپ كىتىپتۇ ئەمدىكى مەسىلە پارۇلنى بىردۇستۇم ماڭا ئىلىپ بىرىپ قاچىلاپ بەرگەن ئىدى،  مەندە پەقەت كۇمپىيۇتىرنىڭ ئىلگىركى كىملىك نۇمۇرى بار  پارۇلغا قايتا ئىرىشىش ئىمكانىيتى بارمۇ ئەگەر ئىمانىيەت بۇلمىسا قايتا سىتىۋالىمەن

Dollarchi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 16:39:08

ئەگەر ئىلگىرى ئېلىپ بەرگەن دوستىڭىز بىلەن ئالاقىلىشالمىغان بولسىڭىز، بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسى يوق.
بۇندىن كېيىن دىققەت قىلىڭ. يۇمشاق دېتال تىپىدىكى مەۋھۇم نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش ئەمەلىيەتتە ئاكتىپلاش نومۇرىنى سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت. Windows 8  دېگەننى ساتمايدۇ، ئۇنى خالىغان توربەتتىن بىكارلىق چۈشۈرۈۋالالايسىز. سېتىۋالىدىغىنىڭىز ئاشۇ ئاكتىپلاش نومۇرى. كومپيۇتېرغا قايتا سىستېما قاچىلاش دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئىش. ئادەتتە، ئاكتىپلاش نومۇرىنى مىكروسوفت ھېساباتى ئارقىلىق سېتىۋالىدىغان گەپ.... بۇ جەريانلارنى ھەقىچان شۇ دوستىڭىز قىلىپ بەرگەن... شۇڭا ئەگەر دوستىڭىز بىلەن ئالاقە ئۈزۈلگەن بولسا، قايتا بىرنى ئۆز نامىڭىزدا سېتىۋېلىپ، ئوبدان ساقلاڭ.

sayqi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 16:40:57

مەنمۇ نوكىيانىڭ lumia920t تىپلىق يانفونىدىن بىرنى ئالغان ۋىندوۋس8 سېستىمىلىق بۇ سېستىمىدىن رازى بولدۇم .بىراق مەنمۇmicrosoft ھېساپ نومۇرى دېگەن يەرگە تىزىملاتقان ئىدىم. بىرنەرسە چۈشۈرۈش،يېڭىلاش بولسا شۇ ئېلخەت ئادرىسىنى سورايدۇ تولدۇرسام مەخپىي نومۇر خاتا دەپ بەك ئاۋارە بولدۇم.بىلىدىغانلار مۇشۇ تېما ئىچىدە تەڭ دېۋەتسە ،بىزمۇ بىلىپ قالساق .

itarim يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 19:27:43

سىزنىڭ سېتۋالغىنىڭىز كۆزنەك سەككىزنىڭ ئاچقۇچى  ، ئەگەر ئاچقۇنى يۇتتۇرۋەتكەن بولسىڭىز ، سېستىما بۇزۇلغان بولسا ئامال يوق ، ئەگەر سېستىما بۇزۇلماي نورمال قوزغالغان بولسا يۇمشاق دېتال بىلەن ئاچقۇنى تىپىپ چىققىلى بولىدۇ ...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 20:21:17

win8 نى قاچىلاش جەريانىنى تۇنجى قېتىم ئەستايىدىل ئورۇنلىغان بولسا، يان تېلېفۇن نومۇرىنى سورايدۇ، ۋە قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق دەلىللەيدۇ. يانفۇن نومۇرى ئارقىلىق يۈتكەن شىفىرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولۇشى كېرەك.

orhun1977 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 08:53:53

كۇڭۇل بۇلگىنڭلارغا رەھمەت ئاچقىلى بۇلمىسا سىتىۋالارمەن
بەت: [1]
: win8 تۇغۇرسىدا