bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 03:41:17

NASA: ئىككى يۇمىلاق ھالقىسى بار كائىنات ئۇچار تېشى بايقالدى

ئىككى يۇمىلاق ھالقىسى بار كائىنات ئۇچار تېشى بايقالدى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 31-مارت

دۇنياغا داڭلىق «تەبىئەت» ژورنىلىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدا دېيىلىشىچە، بىر گۇرۇپپا ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا 1997-يىلى بايقالغان بىر كائىنات ئۇچار تېشى ياكى ئاستېرويد (asteroid) نىڭ 2 دانە چەمبىرەكسمان ھالقىسى بارلىقىنى بايقىغان.  بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئىچىدە جپل دىكى ئالىملارمۇ بار ئىكەن.

بۇ ئاستېرويد «Chariklo» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ قۇياش سىستېمىسىدىكى ساتۇرن بىلەن ئۇراننىڭ ئارىلىقىدا قۇياشنى ئوربىتلايدىكەن.  بۇ ئاستېرويدنىڭ كەڭلىكى ئاران 248 كىلومېتىر كەلىدىكەن.  بۇ ئاستېرويدنىڭ ئىككى مۇز ھالقىسى بار بولۇپ، بىر ھالقىسىنىڭ كەڭلىكى 7 كىلومېتىر، يەنە بىرى بولسا 3 كىلومېتىر كېلىدىكەن.  بۇ ھالقىلارنىڭ «Chariklo» نىڭ مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 391 ۋە 405 كىلومېتىر ئىكەن.

بۇ خىلدىكى ئاستېرويدلار ئىنگلىزچىدە «centaur»  دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرچە ئاھاڭدا «سېنتور» دەپ ئوقۇلىدۇ.  قۇياش سىستېمىسىدا بۇنداق سېنتوردىن 100 دىن ئارتۇغى بار بولۇپ، ھالقىسى بار سېنتورنىڭ بايقىلىشى بۇ تۇنجى قېتىم ئىكەن.

تۆۋەندىكىسى «Chariklo» نىڭ سىزىلغان رەسىمى.

پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
First Asteroid With Rings Discovered
http://www.latimes.com/science/la-sci-asteroid-with-rings-20140327,0,4086332.story#axzz2xU506ug5

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 08:15:52

قايسى كۇنى ياخو توربېتىدە يەنە قۇياش سېستمىسدىن بەكلا يىراقتا قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدىغان بىر پلانىتنى بايقىدۇق دەپ چىقىرىپتىكەن.

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 08:21:09

ئۇ مۇز ھالقىسى نىمىشقا سىنتورغا centaur ئەگىشىپ ھەركەت قىلدىغاندۇ؟

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 09:32:35

uchkur1 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-31 08:21 static/image/common/back.gif
ئۇ مۇز ھالقىسى نىمىشقا سىنتورغا centaur ئەگىشىپ ھەركەت قى ...

ئۇ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە شۇنداق بولىدۇ.  بۇ يەردىكى ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى فىزىكا ئىلمى بىلەن چۈشەندۇرگىلى بولىدۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 09:43:45

uchkur1 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-31 08:21 static/image/common/back.gif
ئۇ مۇز ھالقىسى نىمىشقا سىنتورغا centaur ئەگىشىپ ھەركەت قى ...

ئەركىن ئاكامنىڭ جاۋابىنى كىڭەيتىپ دىسەم، شۇ يەر شارىدىكى ئاتمۇسفىرا قەۋىتى يەرشارىدىن ئاجراپ قىچىپ كەتمىگىنىگە ئۇخشاش، يەر شارىنىڭ بىر يۈزى قۇياشتىن قۇبۇل قىلغان ئىسسىقلىق ۋە يەنە بىر تەرپىدە پەيدا بولغان سۇۋۇش تەسىرىدىن بوران چىقىدۇ، شامال چىقىدۇ، ئەمما يەرشارىنىڭ مەلوم ئىگىزلىككىچە بولغان ئاتمۇسفىرا قەۋىتى ئىچىدىلا... ئۇ يەردىن ھالقىپ كىتىي دىسە يەر شارى تارتىش كۈچى تۇسۇپ قۇيىدۇ. ماگىنىتقا چاپلىشىۋالغان تۈمۈر پارچىسىنى تۈۋەنگە قاراتسىمۇ چۈشۈپ كەتمىگىنىدەك...

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 09:46:41

دىمەك ئۇ جىسىمنىڭ تارتىش كۈچى تەكشى ھەم مەلۇم قانۇنغا
ئىگە شۇنداقمۇ ؟ مانا مۇشۇنداق قانۇنننى ئىلاھى قانۇن دەپ قارايمەن.
ۋە ئىلىم پەننى ئاشۇ ئىلاھى قانۇننى شەرھىلەپ بىردىغان
ۋە چۈشەندۈردىغان ھەم شۇ قانۇننىڭ كۈچىنى ئىسپاتلاپ بىردىغان بىر بىلىم دەپ قارايمەن
ۋە تېخىمۇ تەرەققى قىلىشىنى تىلەيمەن . ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن تىرشىۋاتقانلارغا ئاللاھتىن ئەجىر تىلەيمەن

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 10:15:57

uchkur1 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-31 09:46 static/image/common/back.gif
دىمەك ئۇ جىسىمنىڭ تارتىش كۈچى تەكشى ھەم مەلۇم قانۇنغا
...

ئۇ پىلانىتنىڭ تارتىش كۈچىمۇ سىرتقى كۈچ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بەلكىم بۇرۇن بايقىماسلىقتا ئۇ مۇز ھالقىسى باشقا پىلانىتلارغا يىقىنلاشقاندا بۇزۇلۇپ كىتىپ سۇ پارىغا ياكى سۇغا ئايلىنىپ، يەنە سىرىتقى كۈچ تەسىرىدىن قۇتۇلغاندا قايتا پەيدا بۇپ تۇرىدىغاندۇ...

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 10:17:34

بىلىمخۇمار ئاكا چارچاپ قالماڭ

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 10:18:56

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-3-31 10:15 static/image/common/back.gif
ئۇ پىلانىتنىڭ تارتىش كۈچىمۇ سىرتقى كۈچ تەسىرىگە ئۇچر ...

شۇنداق سىرىتقى كۈچ بولمىسا ئۇ قانداق كۈچ بىلەن ئالەمدە(سەيىر قىلىدۇ؟) ھەركەتلىنىدۇ ؟
سىرىتقى كۈچ نەدىن كەلگەن ؟

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 10:36:55

دېئامىتىرى ئارانلا 248كىلومېتىر كېلىدىغان ئاستروئىتنىڭ ئىككى مۇز ھالقىسىنى تۇتۇپ تۇرغۇدەك تارتىش كۈچى بولىدىكەندە ئەسلى،ئاي شارى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا چوڭ لېكىن نېمىشقا بىرمۇ ھەمراھى ياكى ھالقىسى يوق؟ئەگەر ئالەم بوشلۇقىدىكى دېئامىتىرى بىر قانچە كېلومىتىر بولغان مېتورىتنى تارتىپ ئاينىڭ يېقىن ئوربىتىسىغا ئەكىلىپ قويسا ئاينى ئايلىنىپ ھەركەت قىلامدۇ ياكى يەر شارى،قۇياش تەرىپىدىن تارتىلىپ كېتەمدۇ؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 11:25:42

uchkur1 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-31 10:18 static/image/common/back.gif
شۇنداق سىرىتقى كۈچ بولمىسا ئۇ قانداق كۈچ بىلەن ئالەمد ...

چالمىنى كۈچەپ ئاتسىڭىز قۇلىڭىزدا بىرە مىتىر ئارلىقتا يۈتكىلىدۇ، قولدىن ئاجرىغاندىن كىيىن بولسا ئىنىرتسىيە كۈچىگە تاينىپ يەنە 50 مىتىرغا باارالايدۇ. بۇ مۇھىتتا كۈچلۈك بولغان تارتىش كۈچىدىن باشقا ئاتمۇسفىرانىڭ قارشىلىقى بار بولغاچ شۇنداق چەكلىمىگە ئۇچراپ قالدى، ئەمدىكى بوشلۇققا كەلسەك قارشىلىقى يوق دىيەرلىك، ھەم چوڭ پارتىلاشتىن غايەت زور كۈچ بىلەن ئىتىلىپ چىققان بىر قىسىم پارچىلار بىرلىشىپ، يەنە بىر قىسىم پارچىلار يىراققا بارمايلا يەنە ئەسلى ئورنىغا قايتىپ دىگەندەك بىرلىشىپ كەتسە يەنە بىر قىسىملېرى ئىنىرتسىيە كۈچى يۇقالماي ئايلىنىپ پىلانىتلار شەكىللىنىدۇ، ئېرىتمىلەر سوزۇنچاق سۇنى تاشلىسا يەرگە چۈشكىچە بولغان ئارلىقتا سۇ مالىكۇلىلېرىنىڭ تارتىش كۈچى سەۋەپلىك يۇمىلاق تامچىگە ئايلانغىنىدەك كاللەكلىشىپ سىرىتقى قەۋىتىدىكى ئىسسىقلىق ئىنىرگىيسىنى شۇ ئورۇن يۈتكەش جەريانىدا رادىئاتسىيلىك ۋە ئۆز تەركىبىدىن چىققان گازلار بىلەن كونۋىكسىيلىك ئىسسىقلىق تارقىتىتىدۇ....
يەنە ئۇلاردىكى غايەت زور ئىنىرگىيە مەلوم دائىرلىك ماگىنىت مەيدانى ھەم تارتىش كۈچى ھاسىل قىلغان بۇلىدۇ.
مىنرال سۇ ئېغىزىنى سۇغا لەيلىتىپ سېپ قۇيۇپ، تىڭشىغۇچنىڭ ماگىنتىنى 4-5نى تىپىپ ئايرىم ئېغىزلارغا بىردىن سېپ قويسىڭىز تارتىش ۋە تىپىشىش كۈچىنىڭ تەسىرىنى ياخشى بايقايسىز. بەلكىم سىزمۇ يەرشارىنىڭ بۇرۇن ئايلىنىش تىزلىكى يۇقىرى بۇلۇپ، ھازىر كۆپ ئاستىلاپ كەتكىنىنى مۇنبەرلەردىن كۆرگەنسىز.بوشلۇقتا قارشىلىق كىچىك بولغاچ ھەم پىلانىت ئاتالغان بۇ پارچىلەر قۇلىمىزدا ئاتقان چالمىدىن مىليارت، تېرلىيات ھەسسىلەپ چوڭ بولغاچ ئۇلارنىڭ ئېپ يۈرىدىغان ئىنىرتسىيسىمۇ غايەت زور بۇلىدۇ، شۇڭا سىز ياكى مىنىڭ ھازىرقى شارائىتىمىزدا باشقىلار ئېلان قىلغان نەتىجىلەردىنلا پايدىلىنىپ تۇرغاندا مۇشۇنداراق چۈشىنىپ تۇرىمىز، سەل ئىششىم چىقىپ قالدى، سىز ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ باشقا تىمىلېرىنى ۋە ئىنكاسلارنى ياخشى ئۇقۇسىڭىز باشقا جاۋاپلارغا ئېرىشەلەيسىز...

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 11:36:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uchkur1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-31 11:40  

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-3-31 11:25 static/image/common/back.gif
چالمىنى كۈچەپ ئاتسىڭىز قۇلىڭىزدا بىرە مىتىر ئارلىقتا ...

ئۇ دىگىنىڭىزغۇ شۇ
لىكىن يەرشارى چوڭ پارتلاشتن كەلگەن ئىنرىتسىيە ئارقىلىق ھەركەت قىلدۇ دىسەك
مەن تاشنى ئاتسام o شەكىلدە ئايلىنىپ قولۇمغا قايتىپ كىلشى كىرەك
o شەكىلدە ئايلىنىپ كەلسە توغرا بولمىغۇدەك يەنە قوياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىشتىن باشقا ئوز ئوقىدىمۇ ئايلىنىدۇ

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 11:37:24

yigana523 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-31 10:36 static/image/common/back.gif
دېئامىتىرى ئارانلا 248كىلومېتىر كېلىدىغان ئاستروئىتنى ...

5كىلو سۇغا 20 گىرام تۇز سالسىڭىز قانداق بۇلىدۇ 20 گىراپ قۇم شور سالسىڭىز قانداق بۇلىدۇ، بۇ پىلانىتلارنىڭ تەرۆىبى ئۇخشىغان ھالەتتىمۇ تۇرىۋاتقان ئورنى بىلەن ئىنىرگىيە قۇيۇپ بېرىۋاتقان ۋاختى ئۇخشىمايدۇ...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 11:41:54

uchkur1 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-31 11:36 static/image/common/back.gif
ئۇ دىگىنىڭىزغۇ شۇ
لىكىن يەرشارى چوڭ پارتلاشتن كەلگەن  ...

سىز يەرشارىدىمۇ ياكى باشقا پىلانىتتىمۇ؟ بەك گىگانىت ئادەم بولسىڭىز پوڭراق لىنزا بىلەن قارىسىڭىز يەرشارى يۈزىدىن 4-5يۈز كىلومىتىر ئىگىز ئورۇندا يەرشارىنى ئايلىنىپ ئۇچىۋاتقان ناھايتى ئۇششاق دانچىلارنى بايقايسىز، سىز شۇ تىزلىككە يەتكۈزۈپ ئاتسىڭىز چالمىڭىز يەر شارىنى بىر ئايلىنىپ قۇلىڭىزغا قايتىپ كىلىدۇ...

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 11:54:38

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-3-31 11:41 static/image/common/back.gif
سىز يەرشارىدىمۇ ياكى باشقا پىلانىتتىمۇ؟ بەك گىگانىت  ...

ئۇغۇ شۇ  سۈنني ھەمرالار دىگەندەك
ئۇنداقتا قۇياشنىڭ ئىنىرتسىيەسىچۇ ؟
ئاز قالدىمۇ ياكى ئۇ مۇ بىزنىڭ ما سەككىز پىلانىتنى ئايلىنىپ o شەكىلدە ئاينىلامدۇ؟
بۇ سەككىز پىلانىت قانداقسىگە ئوخشىمىغان ئورۇندا قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ؟
ئۇلارنىڭ چوڭلىقىمۇ ئوخشاش ئەمەس ،ئۇلارنىڭ ئىنرىتسىيەسىمۇ ئوخشاش ئەمەس
نىمىشقا قوياشنى تەرتىپلىك ئايلىنىدىغاندۇ ؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 12:01:19

uchkur1 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-31 11:54 static/image/common/back.gif
ئۇغۇ شۇ  سۈنني ھەمرالار دىگەندەك
ئۇنداقتا قۇياشنىڭ ئى ...

شۇنداق دەۋرى ھالەتتە ئايلىنىش جەريانىدا بىر قىسىملېرى چۈشۈپ كىتىپ تۇرىدىكەن، ئىنىرگىيەگە ئىگە پىلانىتلار قېپ قىلىپ قالغانلېرى ناھايتى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى باشقا پىلانىتلارغا قۇشۇلۇپ كىتىپتىكەن، ئۈتكەن يىلىمۇ روسيەگە بىرنىمە چۈشتى دەۋاتاتتى، ئۇلار كۈچىيىپ قىرىمنى ئىگەللىۋالدى، قارىغاندا پوتىننىڭ يۈرىكىنى قاپتەك قىلىدىغان بىرنىمە چۈشكەن چىراي...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 12:04:04

yigana523 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-31 10:36 static/image/common/back.gif
دېئامىتىرى ئارانلا 248كىلومېتىر كېلىدىغان ئاستروئىتنى ...

ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىغا ئاساسەن، ھالقىدىكى جىسىملار ئاستىراق ئايلانسىلا بولىدۇ.

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 12:05:35

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-3-31 12:01 static/image/common/back.gif
شۇنداق دەۋرى ھالەتتە ئايلىنىش جەريانىدا بىر قىسىملېر ...

خۇدايىم ساقلاپ بىيجىڭغا چۈشمەپتىكەن :lol

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 12:19:30

uchkur1 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-31 12:05 static/image/common/back.gif
خۇدايىم ساقلاپ بىيجىڭغا چۈشمەپتىكەن

مىنڭچە بۇنچە چوڭ سۇ بايلىقى بار پىلانىت كەلگۈسىدە ئىنسانلار ياشاشقا ماس كىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشكە قۇلايراق، شۇ مۇزلارنى ئېرىتسىلا ئۇ بىر ئوكيان پىلانتىغا ئايلىنىدۇ،
ئەمدى چۈشەنگەنسىلەر باللا، بۇ پىلانىتنى دۆلىتىمىز بىر ئاماللار بىلەن قولغ چۈشۈرىشى كېرەك، كىيىن ئۇ يەردىكى سۇدا ....... بىقىپ يەپ جىنىنى جان ئەتسە بۇلىدۇ...

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 12:29:47

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-3-31 12:19 static/image/common/back.gif
مىنڭچە بۇنچە چوڭ سۇ بايلىقى بار پىلانىت كەلگۈسىدە ئىن ...

توغرا سەل سوغۇق بولسىمۇ چاتاق يوق
بىزنىڭ داڭلىق كىمىچىمىز جېڭخې ئالەم كىمىسىنى ھەيدەپ
تۇنجى بولۇپ بايقىغان. ئۇنىڭ ئىسپاتى، ئۇ يۇملاق ھەم ئىككى مۇز ھالقىسى بار.
ئۇ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى
بىز باشقىلارنىڭ قالايمىقان ئويدا بولماسلىقىنى ئۈمۈت قىلمىز
دىپلوماتىيە مىنىستىرى لىخوڭلى
بەت: [1] 2
: NASA: ئىككى يۇمىلاق ھالقىسى بار كائىنات ئۇچار تېشى بايقالدى