waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 21:26:03

شىنجاڭ گۇاڭخۇي2-4 بىيجىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ ئىككىنچى بولدى

   ئۈرۈمچى ۋاقتى 3- ئاينىڭ 30- كۈنى كەچ  ، 2013- 2014-پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ ئالتىچى مەيدان ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا بېيجىڭ جىنيۈ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە  ئىلىپ باردى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ تۈنجى چارەكلىك مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى مىنۇت بۇلغاندا  شىرئەلىجاننىڭ بەل قىسمىدىكى كونا يارىسى  قۇزغۇلۇپ قالغانلىقتىن  نائىلاج مەيداندىن چۈشۇپ كىتىشنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭدىن كىيىن قايتا مەيدانغا چىقىرىلمىدى، كوماندا ئەڭ ئىھتىياجلىق ۋاقىتتا ئوغلانىمز يارلانغانلىقتىن مەيدانغا چىقىشقا ئامالسىز قىلىپ، ئاخىرى  شىنجاڭ گۈاڭخۈي كوماندىسى 88-98 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ جىنيۈ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قۇيدى. ئاقىۋەت شىنجاڭ گۈاڭخۈي كوماندىسى 2-4 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ جىنيۈ كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، بۇ پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى بىيجىڭ كوماندىسىغا تارتقۇزۇپ قۇيۇپ ئىككىنچى بولدى، بۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تارىختىكى تۆتىنچى قىتىم ئىككىنچى بۇلۇشى ھىساپلىنىدۇ.
  بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە شىنجاڭ گۈاڭخۈي كوماندىسىنىڭ جان تىكىپ ئېلىشىش روھى پۈتۈن مەملىكەتتىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشىپ كۆپچىلىكنى قايىل قىلدى.  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ كىلەر پەسىللىك مۇسابىقىدە تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  خۇدىسون 16 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  ئوكوسا 18 نۇمۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛قىرانبېك 14 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  ياڭ جىڭمىڭ 14 نۇمۇر، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  تاڭ جىڭدۇڭ 9 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  سۇۋىي 5 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  لىيۇشۇنەن 6 نۇمۇر، 6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
  بېيجىڭ جىنيۈ كوماندىسىدىن ئۈچ ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى مابۇلى 28 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ مورسى 30 نومۇر، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۈن يۈ 19 نۇمۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 23:57:23

شىر تاج كەيمىگەن شاھ!{:112:}

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 01:42:12

بۇ قىز چىرايلىقكەن ، ئاپىسى بىلەمدۇ ؟

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 07:42:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-31 07:43  

ئاخشامقى تاكتىكا مۇۋاپىق بولمىدى، ھەر قېتىم نۇمۇر ئاشىدىغان پەيتكە كەلگەندە خادىسىن ئۆز ئالدىغا تىز بېسىپ كىرىمەن دەپ نۇمۇر ئېلىش پۇرسىتىنى كەتكۈزىۋەتتى، باشقىلار ئىشىپ كەتكەندە ئاندىن يەنە تەمكىن ھۇجۇم تەشكىللەپ يۈردى . ھالقىلىق پەيتلەردە  ھۇجۇم سۈرئىتىنى مۇۋاپىق كونتىرول قىلالمىدى، شىرنىڭ يوقلۇقى رەسمىي چاندى ، ھۇجۇم تەشكىللەش خادىسىنغىلا يۈكلىنىپ قالدى ، ئەمما خادىسىننى مۇداپىئە قىلغان گۇيمۇ يامان نىمىكەن،  ئۈچ نۇمۇرلۇق توپقا ئاساسەن پۇرسەت بەرمىدى. شىنجاڭنىڭ ئۆتكەن يىلقى تاكتىكا جەھەتتىكى نۇقسان تەلتۈكۈس تۈزىتىلمەپتۇ ، مۇداپىئە سۇس ، قارشى تەرەپكە ئۈچ نۇمۇرلۇق توپ پۇرسىتىنى بەك كۆپ بېرىۋەتتى. بۇ مەيداندا رىپىرلار ئازراق ئىنسابقا كەپتىكەن بولمىسا . جىياڭ شىڭچۈەن زامانىسىدا ئادەم .ىشلىتىش بۇنداق قېلىپلىشىپ قالمىغانىدى . سۇۋېي بىلەن تاڭ جېڭدۇڭنىڭ رولى بۇ مەيداندا جارى بولمىغانكىن يۈرەكلىك ھالدا يىنىك قوراللارنى سىناپ باقمىدى تىرىنىر .
قىرانبېككە پۇرسەت بېرىلسە ياڭ جىنمىڭدىن ياخشىكەن دەپ ئويلىدىم ، ئېچىلىپكەتسە ھۇدۇقۇش دىگەن نىمە يوقكەن بۇ بالىدا .
يىغىپ ئېيتقاندا مۇداپىئە ۋە ھۇجۇمدىكى ئاكتىپ ئەزا شىرئەلى يوق ، شۇڭا يېڭىلدى .

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 07:44:32

تۆت قېتىم قاتنىشىپ تۆت قېتىم 2- بولۇش شىرغا ئېغىر كەلدى. ئەمما ئويۇننىڭ قائىدىسىنى بىكىتىش سېنىڭ قولۇڭدىن كەلمەيدۇ ئۇكام، سەن ھەقىقى قەھرىمان، شىنجاڭلىقلار قىرانبىك ئىككىڭلاردىن پەخىرلىنىدۇ.

ئۇنى يارلاندى دىيىشتى. ئۈن-تىنسىز چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىدىن بىر ئويۇن باردەك ھىس قىلغان ئىدىم، مەيداندا ئۇ بولمىسا شىنجاڭنىڭ ھۇجۇم، مۇداپىئە ھەممىسى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، مابۇلى دىگەن كاساپەت 1-مەيداندىلا 16 نومۇر ئالدى، مورىس دىگىنى ئوخشاش بىر نوقتىدىن توپ تاشلاپ 20 نەچچە نومۇر ئالدى، ھەرقانچە دۆت تېرىنىر بولسىمۇ شۇنى بايقىۋالالايتتى، توختىتىپ تەڭشەش دىگەنمۇ يوق.
شىرنىڭ يارلانمىغان بولىشىنى بۇلارنىڭ ھەممىسىنڭ ئويۇن بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 08:37:14

يولۋاس ئىزىدىن يانماس، شىر ئۆزىدىن تانماس دەپتىكەن. كېلەر يىلى قايتا بىر كېلەيلى!
تۆنۈگۈن قارىسام، ئىككى كوماندىدىن چۈشكەن جەمئىي تۆت نېگىر بار ئىكەن، توپنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ تۆت قارىۋاي ئوينىدىغۇ دەيمەن. باشقىلار جاپا تارتىپ ئەكىلىپ شۇلارنىڭ قولىغا بېرىدۇ، ئۇلار موك- موكلا سالىدۇ.
تۆنۈگۈن شىر بولغان بولسا، ئەھۋال يەنە ئوخشىمايتتى.
مېنىڭچە، تۆنۈگۈن بىر بولسا شىر يارىلاندى، بىر بولسا يولۋاس تېرىنىرى پارە يەپ قويدى.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 09:25:15

ئوكوسا دېگىنى نەدىن پەيدا بوپ قالدى؟:o

function يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 09:30:35

ئوكاسا، ئوساكا

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 09:46:15

بېيجىڭلىق پىستە كۈچۈكلەرنىڭ ئوينىغان ئۇيۇنى بۇ

kinglion يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 09:57:30

«ئاستانە ئەخلەت»لىرىگە مۇبارەك بولسۇن!
قان قۇسۇپ كېتەتتىڭلاردە «تەدبىر»ىڭلار بولمىسا...
ئىزدىنىشلىقلارنى جوڭگو پۇتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە تەكلىب ئېتىمەن.
تايلاند 5 : 1 چايىنا دېگەندەك{:92:}{:92:}{:92:}

Kamdidar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 10:08:06

ئاقسا گويكەن ئۇ:lol

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 10:46:15

kinglion يوللىغان ۋاقتى  2014-3-31 09:57 static/image/common/back.gif
«ئاستانە ئەخلەت»لىرىگە مۇبارەك بولسۇن!
قان قۇسۇپ كېتە ...

ئەمدى ئۆتەپ تېشىپ تايلاند قا......{:92:}

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 11:20:14

     كىم ئۇتسا ئوخشاش ھەممىسى جۇڭگۇا مىللەتلىرىنىڭ كوماندىلىرى ...

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 14:51:16

ھەقىقى يەڭگۈچى شىرئەلى بۇ پەسىلدە!      We Can Do It !  :lol



OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 14:59:23

تۈنۈگۈن شىر چۈشۈپكەتكەندىلا كۆڭلۈم بىر ئىشنى سەزگەندەك بولغان .
ئاۋۇ ھەركەت بۇ يىلىقى ئەڭ مودا ھەركەت بۇلىدىغان بولدى

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 17:21:03

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-3-31 14:51 static/image/common/back.gif
ھەقىقى يەڭگۈچى شىرئەلى بۇ پەسىلدە!      We Can Do It !



ھا ھا ھا ... ماۋۇ بالىلارنىڭ ئوماقلىغىنى.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 17:47:16

http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MzA5NjE4OTgwMg==&mid=200301898&idx=2&sn=6148f8f24bf9994beb016852659722e5&scene=2&from=timeline&isappinstalled=0#rd

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-3-31 21:00):
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MzA5NjE4OTgwMg==&mid=200301898&idx=2&sn=6148f8f24bf9994beb016852659722e5&scene=2&from=timeline&isappinstalled=0#rd
بەت: [1]
: شىنجاڭ گۇاڭخۇي2-4 بىيجىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ ئىككىنچى بولدى