MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 18:05:27

شاڭخەيدىكى سېغىنىش

http://a0.att.hudong.com/84/04/01300000242726124263040896440.jpg
شاڭخەي
كەلگىنىمدە يىغلاپ تۇراتتى،
تويى بولغان يېڭى كېلىندەك.
تۆت پەسىل ھەم يىغلاپ تۇرىدۇ،
بۇلۇتنىڭ يېشى
يۇپۇرماقنىڭ لېۋىگە سۆيۈپ،
قارا يەرگە سىڭىپ كېتىدۇ.
سۆيۈلۈشكە قانمايدۇ بىراق،
قانمىغاندەك
ئانىسىنىڭ ئوغۇز سۈتىگە،
كۈندە نەچچە ئەمسىمۇ بوۋاق.
تەلمۈرىدۇ ئۇياق – بۇياققا،
ئانىسىنى سېغىنغاندەك.

كېچە
پۇدۇڭدىكى مۇنار ئاستىدا،
ئاڭلىنىدۇ تونۇش بىر سادا،
سېرىق سۇلار كېلەر ئاغزىڭغا.
كاۋاپچى
ئانا تىلدا چىللايدۇ بازار،
ئانا يۇرتۇڭ كېلەر يادىڭغا.
خىيالىڭدىن ئەسكە كېلىسەن،
ئويغانغاندەك
ئۆز ئۆيۈڭدە شېرىن چۈش كۆرۈپ،
ياقا يۇرتتا بۇنى بىلىسەن.
كىملەردىندۇر ئىزدەپ تەسەللىي،
ئۆز – ئۆزۈڭنى ئالدىغاندەك.

جۈمە
مەسچىد ئالدى ئوخشاپ قالىدۇ،
يېزاڭدىكى قايناق بازارغا.
پولو، مانتا، سامسا، ئۇيۇتماش(لەڭپۇڭ)،
ئادەملەر
غىزالىنار بىللە ئولتۇرۇپ،
بىر – بىرىدىن يوقتۇر ھېتىرقاش.
سالام بەردى نېگىر مۇسۇلمان،
تونۇغاندەك
ئاپئاق ساقال ئۇيغۇر بوۋايغا.
مەيلى ئەرەب مەيلى كورىيان،
كۈلۈمسىرەپ ئەھۋاللىشىدۇ،
ئۇزۇن يىللىق قەدىناستەك.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 19:58:46

ھەممىمىز مۇساپىردۇرمىز.

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 20:39:27

ھەي   شاڭخەي ئۆزى چوڭ قوينى  تار  شەھەر

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 20:43:55

توردىكى رەسىم ئىكەن ئاۋۇ ، ئەمىليەتتە ئۇنچە  پاكىز ئەمەس شاڭخەي ھازىر ...

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 20:55:00

turken يوللىغان ۋاقتى  2014-3-30 20:39 static/image/common/back.gif
ھەي   شاڭخەي ئۆزى چوڭ قوينى  تار  شەھەر

شۇڭا مەنمۇ تار يەرلىرىنى يازدىم:lol

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 22:02:15

MSM يوللىغان ۋاقتى  2014-3-30 20:55 static/image/common/back.gif
شۇڭا مەنمۇ تار يەرلىرىنى يازدىم
{:112:}
شەھەر قانچە  چوڭ  بولىشىدىن قەتئىينەزەر كىشىنى  ئۆز قوينىغا ئالمىسا بىكاكەن{:96:}

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 07:54:36

مەن ئىلگىرى نەنجىڭدا بىر يىل بىلىم ئاشۇرغان. ھازىر ‹ئىچكىرى ›دېسە ياندۇرغۇم كېلىدۇ.

5tash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 12:41:55

تارىمنىڭ لەڭمىنى ئوخشاپ قوياتتى، بىر تەخسە يەۋىتىپ چىقىپ بىرە سائەتنى ئەتراپنى چۆگىلەپ قايتىپ كىلىپ يەنە بىر تەخسە يەپ كىرپ گۈپپىدە چۈشۈپ ئۇخلاپ.
{:190:}

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 12:50:48

walley يوللىغان ۋاقتى  2014-3-31 12:41 static/image/common/back.gif
تارىمنىڭ لەڭمىنى ئوخشاپ قوياتتى، بىر تەخسە يەۋىتىپ چى ...

لېكىن ھازىر تاماقلار قىممەت دە{:117:}
دائىم بارغىلى بولمايدىكەن {:92:}

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 13:47:53

walley يوللىغان ۋاقتى  2014-3-31 12:41 static/image/common/back.gif
تارىمنىڭ لەڭمىنى ئوخشاپ قوياتتى، بىر تەخسە يەۋىتىپ چى ...

تارىمنىڭ لەغمىننى سېغىنىپ قاپسىزدە :lol .
بەت: [1]
: شاڭخەيدىكى سېغىنىش