win8ئاستىدا fireworks,photoshopلارغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بارمۇ
win8ئاستىدا ئىشلەيدىغان fireworks,photoshopلارغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بارمۇ..خۇشقەلەمگە ئوخشايدىغان،مەن جىق كىرگۈزگۈچنى ئىشلەتتىم بولمايۋاتىدۇ .سېستىما ئالماشتۇرغۇم يوق ..رەسىم لاھىلەي دەپ بىر دوستۇمنىڭ قول كومپيوتورىنى ئارىيەتكە ئالغانتىم ..ياردەم قىلىڭلار Photoshop Cs6 نى ئىشلىتىڭ. word دەكلا بىۋاستە خەت يېزىپ ئىشلىتسىز. بەك قولاي. ئۇ ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچلەرنى ئەمدى ئىشلەتمەڭ. Hiyal 1.2 نى چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ. مەن ھازىر خاتىرە كومپيۇتېردىكى Win7 64bit تا فوتوشوپقا سىناپ بولۇپ يازدىم، ئوڭۇشلۇق يازغىلى بولدى. Win8 نى قوزغاتمىغان، سىنىمىدىم. قاچىلاشتىن، بۇرۇن، خىيالنىڭ قاچىلاش تەرتىپىنىڭ خاسلىقىدىن، ماسلىشىشنى XP گە تەڭشەپ قاچىلىغانتىم، قاچىلاش ئوڭۇشلۇق بولمىسا مۇشۇنداق قىلساڭلار بولىدۇ.ئالدىراش ۋاقىتلىرىمدا، تاپالماي قالسام، ئاز خەت بولسا يېزىق تاختىسىدا چوڭايتىپ رەسىم چاپلاپ تۈگىتىمەن. Hiyal 1.2 نى چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ. مەن ھازىر خاتىرە كومپيۇتېردىكى Win7 64bit تا فوتوشوپقا سىناپ بولۇپ يازدىم، ئوڭۇشلۇق يازغىلى بولدى. Win8 نى قوزغاتمىغان، سىنىمىدىم. قاچىلاشتىن، بۇرۇن، خىيالنىڭ قاچىلاش تەرتىپىنىڭ خاسلىقىدىن، ماسلىشىشنى XP گە تەڭشەپ قاچىلىغانتىم، قاچىلاش ئوڭۇشلۇق بولمىسا مۇشۇنداق قىلساڭلار بولىدۇ.
ئالدىراش ۋاقىتلىرىمدا، تاپالماي قالسام، ئاز خەت بولسا يېزىق تاختىسىدا چوڭايتىپ رەسىم چاپلاپ تۈگىتىمەن. 1-خىل ئۇسۇل
Alkatip 5.7 نىڭ ماۋۇ ھەقسىز نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ كىرگۈزۈڭ.
http://uighursoft.com/ug-CN/products/alkatip.html
2-خىل ئۇسۇل
ئەگەر Photoshop نىڭ CS 6 ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەشرى بولسا، Photoshop نى قوزغاتقاندىن كېيىن Ctrl+k نى باسسىڭىز تەڭشەك كۆزنىكى ئېچىلىدۇ، Type نىڭ ئىچىدىكى Choose Text Engine Option دىن Middle Eastern and South Asian دېگەن تۈرنى تاللاپ، Photoshop نى قايتا قوزغىتىڭ. ئاندىن Windows 8 نىڭ ئۆزىدىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچتە بىۋاستە خەت يازسىڭىز بولىدۇ. ئۈستىدە كۈلكە ئەپەندىم دەپ ئۆتتتى، ئۇنداق كىرگۈزگۈچلەرنى ئەمدى ئىشلەتمەڭ، كۆزنەك سەككىز بولغاندىكىن phtoshop cs6 ياكى ئەڭ يېڭى نەشىردىكى photoshop cc نى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ، كىرگۈزگۈچ كەتمەيدۇ، يۇنىكودىدا تۈزۈلگەن خەت نۇسخىلىرىنى قاچىلىۋالسىڭىزلا بولىدۇ، مەن شۇنداق ئىشلىتىمەن، ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيتى تۈزگەن خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىڭ، ۋورد دا خەت يازغاندەكلا ئاسان بىر ئىش بۇ... بۇ مەسىلىگە مەنمۇ دۇچ كەلگەن ئىدىم.ھە راسىت كۈلكە ئەپەندىمگە رەھمەت،چۈنكى كۈلكە ئەپەندىمنىڭ چۈشەندۈرىشى بىلەن ۋىن 8 نىڭ نەشىرىنى يۇقۇرى كۆتىرىۋالدىم.
بەت:
[1]