mahammat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 23:13:45

بەش خىل مىتاك دۇكان ئاچاي دىگەن ....

مېنىڭ  بىر دوستۇم بولىدىغان ، ئۇزۇن مەزگىل بولدى . مۇشۇ پار، سۇ ، توك ئىشلىرىنى قىلىپ يۇرگەن ، يېقىندا مۇشۇنىڭغا ئائىت بەش خىل مىتال دۇكان ئاچاي دەپ ئويلاپ ماڭا مەسلىھەت سالغان ، ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك ، مۇشۇ بىزنىڭ ئارىمىزدىن مۇشۇنىڭغا ئائىت سەل چوڭراق مەخسۇس توپ تارقىتىش دۇكانلىرىنى ئاچقانلار ، ياكى مەخسۇس ماركىنى تۇتقان كىشلىرىمىز بارمۇ ؟ ياكى شۇنداق كىشىلەرنى تونۇيدىغانلار بولسا تونۇشتۇرساڭلارمۇ بولاتتى ، گەپنى ئوچۇق ئىيتسام ، مەبلەغ كۆپ ئەمەس ، بولسا ئالدىن مال سېلىپ بېرەلەيدىغان، پۇلنىڭ يېرىمىنى ئالىدىغان تىپتىكى كىشىلەر بولسا ناھايىتى ياخشى بولاتتى .

nur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 13:12:18

مەن بەش خىل مىتال كەسپى بىلەن ئۇزۇن يىل شۇغۇللىنىپ كەسىپ ئۆزگەرتكەن.مىنىڭچە بۇ كەسىپكە قارىتا پىكىرىم ، ھازىر بۇ كەسىپنى قىلىدىغانلار بەك كۆپ بوپ كەتتى ھەم پايدا نىسپىتى،ئوبۇرۇت سۈرئىتى ئىنتايىن تۆۋەن.نىسىغا مال كىرگۈزۈش تەرەپتىن ئاۋال سىزگە قارىتا باشقىلارنىڭ ئىشەنچ بولۇشى كىرەك.ھىچ ئىش باشلىماي تۇرۇپ ئاۋال مال كىرگۈزۈش توغۇرلۇق ئويلانسىڭىز بەلكىم قىيىنغا توختىشى مۇمكىن.

ئاۋال تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزنى قالدۇرسىڭىز مەن مەلۇم تەرەپلەردىن سىزگە ياردىمىم تىگىشى مۇمكىن.
ئۈندىدار نۇمۇرۇم:18609980000

kaxtixim يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 19:03:33

جېجىياڭ ئۆلكىسى يوڭكاڭ شەھىرى-جۇڭگۇدىكى بەش خىل مېتال ئىشلەپچىقىرىدىغان ھەم تارقىتىدىغان ئەڭ چوڭ بازاردۇر.بەش خىل مېتال مۇشۇ شەھەردىن جۇڭگۇنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىدۇ.باھاسى ئەرزان،تۈرى تۇلۇق.
دىيارىمىزدىن يوڭكاڭغا كەلمەكچى بولسىڭىز ئالدى بىلەن جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىگە كېلىپ ئاندىن يوڭكاڭ شەھىرىگە بارىسىز.ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمىز!
(浙江省永康市)

mahammat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 22:11:45

تۇرۇشلۇق ئورۇن غۇلجا ، ئۇ ئۆزى ھەم قوراشتۇرۇش ئىشىنى بىللە قىلىدۇ . مەبلەغ 50 مىڭ ئەتراپىدا ، ئۇنداق بولسا قايسى ساھەگە مەبلەغ سالسا بولا ؟ (مۇشۇ بەش خىل مىتالنىڭ ) بىلىدىغان دوسلارنىڭ پىكرىنى ئايىماي ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن ، چۈنكى ئۇيغۇرنىڭ پۇلى سۆڭەكنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ . زىيان تارتىپ كېتىشنى ھىچكىمنىڭ كۆرگۈسى يۇق . مېنىڭ تېخىمۇ ( چۈنكى مەن شۇ دوستىمىزغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم قىلماقچى بولغانلارنىڭ بىرى:o )

paul912 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 22:57:33

448461487 نۇمۇرلۇق كوت كوتنى قىتىۋىلىڭ.مەن توپ تارقىتىش بىلەن شۇغۇللىنىمەن.
بەت: [1]
: بەش خىل مىتاك دۇكان ئاچاي دىگەن ....