xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 22:50:18

تېلىفۇنىڭىزدا بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلىڭ

تېلىفۇنىڭىزدا بارلىق ئۇيغۇرچە  يانفون بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلىڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار.
پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ، يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ   تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىش بىلەن بىز توردىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنيا ئارقىلىق يېڭى ئۇچۇرلارغا ، يېڭى بىلىملەرگە ئېرىشىپ كېلىۋاتىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنتىرنېت دەۋرىگە قەدەم قويىشى تەكشىسىز بولسىمۇ تېز تەرەققىي قىلدى، كومپيۇتېر ئارقىلىق تورغا چىقىپ يېڭى ئۇچۇرلارنى كۆرۈش تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندى، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بويان ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلىفۇنلارنىڭ ئۇمۇملىشىشى بىلەن تورغا چىقىشىمىز تېخمۇ قۇلايلاشتى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ نۇرغۇن بېكەتلەر يانفون زىيارەتچىلىرى ئۈچۈن بېكەتنىڭ يانفون بېتىنى پۈتتۈرۈپ تورداشلارغا سۇنۇپ، تور زىيارىتىمىزگە تېخىمۇ قولايلىق ئېلىپ كەلدى. مەن ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ يانفون بېتى ئېچىلغان ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى يىغىپ كەلدىم، ھەم ئارىلىقتا شۇ بەتلەردىن تۈزۈلگەن ئۇلىنىش بېتىنى قۇرۇپ چىقتىم، بۇ ۋاقىتتا بەزى بېكەتلەر خاراكتېرى مۇشىنىڭغا ئوخشاش بېكەتلەرنى قۇرغاچقا ياسىغان بېكەتنى توردا  ئېلان قىلمىدىم، بىراق يانفون بېكەتلىرىنىڭ  بىر قىسىمى ئانچە ئۇزاققا بارماي ئىتىلىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ بېكەتنى تېخمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ مەخسۇس يانفوندا تورغا چىقىدىغانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان مۇكەممەل تور بېكەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئويى بىلەن 10-ئايدىن باشلاپ بېكەتنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، ئۆزۈم يانفوندا تورغا چىقققۇچىلار ئېھتىياجلىق دەپ قارىغان بارلىق ئىقتىدارلارنى قوشۇپ چىقتىم، بېكەتنى بىر قەدەر مۇكەممەل قىلىپ ئاندىن تورغا ئېلان قىلىش ئويى بولغاچقا ئېككى قېتىم بېكەت باشلىقلىرى يىغىلغان تور بېكەت نۇرقۇتقا يازما يوللاپ باشقا بېكەت باشلىقلىرىنىڭ پىكىرىنى ئالدىم، بېكەت باشلىقلىرىنىڭ پىكىرى بويىچە ئۆزگەرتىپ ، بېكەتنى  بىر مەزگىل ئىچكى سىناقتا تەكشۈرۈپ باشقا مەسىلە بايقىمىغاندىن كېيىن بۈگۈن تورغا ئېلان قىلدۇق.
بېكىتىمىزنىڭ خاراكتېرى شۇكى كەسپى يانفون زىيارەتچىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان بولۇپ قوشۇلغان بېكەتلەرنىڭ ھەممىسى يانفوندا نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان ، ئېقىم تىجەيدىغان بېكەتلەردۇر.
دەسلەپتىكى پىلان بويىچە، ئالاھىدە تەۋسىيە بېكەتلەر، ئونۈېرسال بېكەتلەر، مۇنازىرە مۇنبىرى، تېخنىكا بىلىملىرى بېكەتلىرى، مائارىپ  بېكەتلىرى، ناخشا بېكەتلىرى ، سۈرەتلىك ناخشا بېكەتلىرى ( بۇ تۈرگە ئىتوت بېكەتلىرىمۇ قوشۇلدى)، كىنو بېكەتلىرى ، يانفۇنغا  ئەپ چۈشۈرۈش ۋە يانفون بىلىملىرى بېكەتلىرى، تور سودىسى ۋە بانكا بېكەتلىرى، ساغلاملىق ۋە تەنتەربىيە بېكەتلىرى ، شەخسى بىلوگلار، ئۈندىدار سالونلىرى ، قولاي تەكشۈرۈشلەر، تەۋسىيەلىك ئاندىروئىد ئەپلىرى، تەۋسىيەلىك ئالما ئەپلىرى    مىكروسوفىتنىڭ يانفون ئەپلىرى  قاتارلىق تۈرلەردىن تۈزۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا  يانفۇندا  بىر قانچە بېكەتلەردىگە كىرىپ يازما كۆرۈش قولايسىز بولغاچقابىز  بېكىتىمىزگە يېڭىلىق رايونى تەھسىس قىلىپ ، بىر قانچە بېكەتتىكى ئەڭ يېڭى يازمىلارنى كۆرسىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. سىز يېڭىلىق بېكىتىمىزگە كىرىپلا مىسرانىم مۇنبىرى ، باغداش مۇنبىرى ، ئىزدىنىش مۇنبىرى ، بوزقىر مۇنبىرى ، ئۇيغۇر خەۋەر تورى، شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى ، ئەلكۈيى مۇنبىرى ، ئەجداد تارىخ مۇنبىرى  قاتارلىق بېكەتلەردىكى ئەڭ يېڭى يازمىلارنى كۆرسىتىپ بېرىش ئەمەلگە  ئاشۇرۇلدى .
يانفۇندىلا ماتېرىيال ئىزدەشكە قولاي بولسۇن ئۈچۈن باش بەتكە دۇنيادىكى ئىلغار ئىزدەش ماتۇرى گوگۇلدىن ئۇيغۇرچە ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
تورداشلارنىڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئەپلەرنى تېپىشىغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم ئەپلەرنى تەمىنلىدۇق.
بىر قىسىم ئۈندىدار ئاممىۋى سالونلىرىنى توپلاپ تورداشلارغا سۇندۇق.
بېكەتكە ھەر ئايدا ھەقسىز پاراۋانلىق ئېلانى قوبۇل قىلىمىز، پاراۋانلىق ئىلانلىرى پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ ، بەت ياساش قاتارلىق تېخنىكىلىق ئىشلارنى ھەقسىز قىلىپ بېرىمىز، پاراۋانلىق ئىلانىنىڭ مەزمۇنى ھازىرچە ئادەم
ئىزدەش ۋە مۇراجىئەتنامە مەزمۇنىدىكى ئېلانلار بولىدۇ.
ئەجدادلىرىمىز«مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا»دەپتىكەن، سىلەر ئۈچۈن تەييارلىغان سوۋغىتىمىزنى كۆرۈپ باققايسىلەر.
يانفونۇم يانفون بېكەتلىرى ئۇلىنىش دۇنياسى
قولىڭىزغا تېلېفونىڭىزنى ئېلىڭدە تور كۆرگۈگە تۆۋەندىكى ئىككى ئادىرستىن خالىغىنىڭىزنى كىرگۈزۈپ زىيارەت قىلىڭ ئىشىنىمىزكى زىيارىتىڭىز چوقۇم كۆڭۈللۈك بولىدۇ.
http://www.yanfunum.com
http://www.yanfonum.com
يېڭىلىق بېتى
http://yanfnum.com/news.asp

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 14:25:30

تىما ماۋزۇسىدىكى تىلفۇن دىگەننى يانفۇن دىگەنگە ئالماشتۇرساق قانداق بولا ؟
ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 16:04:23

بىزنىڭ ئىزدىنىشنىڭ يانفۇن نۇسخسى باشقا  بېكەتلەرگە قارىغاندا ئېقىمنى بەك سەرپ قىلامدۇ قانداق ، ئېچىلىپ بولغىچە سىكۇنتىغا 15-30  kbs  ئېقىم مىقتارى مېڭىپ خېلى ئۇزۇنغىچە تولۇق ئېچىلمايۋاتىدۇ . ئادرىس توغرا ئىدى بولمىسا ، بىرەر ئاي بولدى  تىلىفۇندا يانفۇن تورىنى  زىيارەت قىلىشتىن قورقۇپ ئېچىپ باقمىدىم .

xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 15:17:37

uqkun1 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-30 16:04 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ ئىزدىنىشنىڭ يانفۇن نۇسخسى باشقا  بېكەتلەرگە قا ...

ئىزدىنىشنىڭ يانفۇن نۇسقسى باشقا مۇنبەرلەرگە قارىغاندا سەل ئۇزاقتىراق ئېچىلىدۇ،چۈنكى ھەر بىز يازمىغا ئىنكاس قايتۇرغانلارنىڭ باش سۈرىتىنى چۈشۈرۈش، ۋە باشقا بەتنىڭ كۆركەملىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈشكە ئازراق ۋاقىت كېتىدۇ،مېنىڭچە دىسكاز مۇنبىرىنىڭ 3.1 دىكى تەگمە نۇسقىسى تېخمۇ چىرايلىق ئېچىلاتتى،ياكى ئالىپ تورىنىڭ يانفۇن ئۇسلۇبى ياكى بوزقىرنىڭ يانفۇن ئۇسلۇبىمۇ ھەم كۆركەم ھەم تېز ئېچىلاتتى.،بېكەت باشقۇرغۇچىلىرى خالىسا شۇ  ئىككى بەتنىڭ يانفۇن نۇسقىسىنى ئېچىىپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.

kolteken يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 19:40:35

ما بىزنىڭ ماشىنا تورى مۇنبىرىنىڭ يانفۇن بېتى  http://bbs.uycar.com   كومپۇيوتېر ۋە يانفۇن دىگەندەك كۆچمە ئۈسكىنىلەردە ئاپتوماتىك ئالمىشىدۇ

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 19:57:55

تادۇ بلوگىمۇ بېيدى {:101:}

xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 20:27:19

يۇقارقى ئىككى بېكەت ئۇلىنىشىمىزغا قوشۇلدى.
بەت: [1]
: تېلىفۇنىڭىزدا بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلىڭ