ilqutjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 22:49:38

ماۋۇ تېمىغا كىرىڭە، پۇشايمان قىلمايسىز...

پەرىشتە ئانا-بالا ئۈندىدار سۇپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
پەرىشتە ئانا-بالا تورىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان ناھايىتى زور كۈچ چىقىرىش ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە ھەممە ئىشلار پىلان بويىچە ناھايىتى ياخشى يۈرۈشۈپ كېلىۋاتىدۇ.
پەرىشتە ئانا-بالا تورىمىز دەسلەپكى پىلانغا ئاساسەن ئەڭ دەسلەپتە باشبەتنى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش، ئاندىن باشبەت ئاساسىدا تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، تەدرىجىي ھالدا ئۈندىدار سۇپىسى ۋە باشقا نۇسخىلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلانغان ئىدى.
مانا ھازىر ھەممە ئىشلار پىلان بويىچە يۈرۈشۈپ، باشبەت قۇرۇلۇپ، ئۇزاققا قالماي ئاندىرويىد ئەپ نەشرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. ھازىر باشبەت سىرتقا ئېچىۋېتىلىپ 6 ئايلىق جەرياننى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن پەرىشتە ئانا-بالا مۇنبىرىمۇ ئۆز قەرەلىدە ناھايىتى سۈپەتلىك، پاكىزە ياسىلىپ كەڭ تورداشلارغا ئېچىۋېتىلدى.
پەرىشتە ئانا-بالا مۇنبىرى كەڭ تورداشلارغا ئېچىۋېتىلىپ، تورداشلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، پەرىشتە ئانا-بالا تورىنىڭ ھەممە ئىشلىرى ماركىلاشتۇرۇلۇپ، ئۈندىدار سۇپىسىمۇ ماركا ئاساسىدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۈگۈندىن باشلاپ ana-bala نامىدىكى ئۈندىدار سۇپىسى ئوماق پەرزەنتى بار ئاتا-ئانىلار، ئېغىر-ئاياق ئاياللار، ئەرلەر كېسەللىكى، ئاياللار كېسەللىكى، بالىلار كېسەللىكى، تۇغۇت بىلىملىرى، ھامىلىدارلىق ساۋاتلىرى دېگەندەك ئەڭ جانغا ئەسقاتىدىغان، ئەڭ پايدىلىق مەزمۇنلار بىلەن ھەر ۋاقىت سىزگە ئەڭ ئەلا مۇلازىمەت قىلىدۇ.
ماۋۇ يازمىمىزدا بىر قانچە «ئەڭ» سۆزى ئىشلىتىلىپ قالدى، ئەسلىدە بۇ سۆزنى يېنىكلىك بىلەن ئىشلىتىش تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس ئىدى، ئەمما بىز بۇ يەردە بۇ سۆزنى ھەقىقەتەن ئىشلىتىش مۇۋاپىق دەپ قارىغاچقا دادىللىق بىلەن ئىشلەتتۇق. سۆزىمىزنىڭ پاكىتى سۈپتىدە تۆۋەندىكى ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1 دىن باشلاپ 15 كىچە (دىققەت بۇ سان داۋاملىق كۆپەيىتىلىپ كېيىنچە ھەتتا 999 غىچە قايتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما ھازىرچە ئاۋۋال 15 كىچە بولغان رەقەمنى قايتۇرغاچ تۇرۇڭ) بولغان رەقەمنى قايتۇرۇپ بېقىڭ، ئەگەر 1 دىن باشلاپ 15 كىچە قايتۇرۇپ، قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىسىڭىز، مۇشۇ تور يۈزىدە قانچىلىك تىللىسىڭىزمۇ بىز تىل-ئاھانىتىڭىزنى ياۋاشلىق بىلەن ئاڭلاشقا ھەر ۋاقىت تەييار...

ئۈندىدارغا ئەگىشىش ئۇسۇلى:
بىرىنچى، ئىزدەپ ئەگىشىش
ئۈندىدارىڭىزدىن 查找公众号<<< 添加好友 تەرتىپى بويىچە ana-bala (دىققەت سىزىقچە ئاستىدا ئەمەس، ئوتتۇرىدا) دەپ ئىزدەپ قوشىۋالسىڭىز بولىدۇ.
ئىككىنچى، ئىككى ئىلىك كودىنى سىكانېرلاپ ئەگىشىش ئۇسۇلى:
تۆۋەندىكى ئىككى ئىلىك كودنى سىكانېرلاپلا ئەگىشىۋالسىڭىز بولىدۇ.

ilqutjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 13:31:40

ئاخىرى تەستىقلىنىپتۇ ماۋۇ تېما، ئانا-بالىلار ساقلىقىغا كۆڭۈل بۆلگۈچىلەر، ئانا-بالا ساقلىقىغا ئائىت ماتېرىياللارغا ئېھتىياجلىقلار ماۋۇ ئانا-بالا ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىپ، ھازىرچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1 دىن باشلاپ 25 كىچە (بۇ سان داۋاملىق ئۆرلەيدۇ، بەلكىم كەچكىچە 1 دىن باشلاپ 50 كىچە قايتۇرۇش ئەمەلگە ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن.) بولغان سانلارنى يوللاپ كۆرۈپ بېقىڭە، ئالتۇن چىقىدۇ دەيدۇ، ئەگەر ئاشۇ سانلارنى يوللاپ رازى بولماي، كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ قالسا ھەرەمباغدا مېھمان قىلىپ كۆڭلىڭىزنى ئېلىشقا مانا مەن تەييار جۇما:lol... چاقچاق قىلمىدىم لېكىن :P...

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 15:59:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-30 16:00  

يارايسىلەر ، سىلەرنىڭ بېكەتتىن ئالغان  مەنپەئەتىم ئاز ئەمەس ...:loveliness:خەت نۇسخسى تازا نورمال ئەمەسقۇ ، ئۇندىدار سۇپىسىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەر بىر جۈملىدە مەلۇم ھەرپلەرنىڭ ئورنىدا  كاتەك چىقىۋالىدىكەن، مىنىڭ تىلىفۇنۇمغۇ ئادەتتە ئۈندىدار سۇپىلىرىدىكى يېزىقچە  مەزمۇنلارنى  نورمال كۆرسىتەتتى  ...مۇشۇنىڭغا بىر قاراپ باقامسىلەر ، باشقىلارمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار .

justone يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 16:18:33

مىنىڭ تېلىفۇنۇمدا نورمال چىقىۋاتىدۇ

ilqutjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 19:15:29

uqkun1 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-30 15:59 static/image/common/back.gif
يارايسىلەر ، سىلەرنىڭ بېكەتتىن ئالغان  مەنپەئەتىم ئاز  ...

نەپكە ئېرىشكەن بولسىڭىزلا بولدىغۇ، ھە ئۇ مەسىلىنى ھازىر باشقىلار ئىنكاس قىلغان، قارىغاندا بىز بىر كىچىك ھالقىغا دىققەت قىلمىغان ئوخشايمىز، ھازىر شۇ گۇمانلانغان مەسىلىنى سىناپ باقايلى! ئىنكاس قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

ilqutjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 22:21:53

justone يوللىغان ۋاقتى  2014-3-30 16:18 static/image/common/back.gif
مىنىڭ تېلىفۇنۇمدا نورمال چىقىۋاتىدۇ

بەزى تېلېفونلاردا نورمال چىقمىغان ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىسا پات ئارىدا ھەل بولۇپ كەتكۈسى...

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-4-1 13:04:57

بەزى يانفونلاردا نورمال چىقمىسا مەيلىكى، ئۇيغۇرچە يېزىقنى رەسىم ھالەتتە قىلماي، تېكىست ھالەتتە قىلىڭلار ئىمكانبار.

ilqutjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 22:20:02

esir يوللىغان ۋاقتى  2014-4-1 13:04 static/image/common/back.gif
بەزى يانفونلاردا نورمال چىقمىسا مەيلىكى، ئۇيغۇرچە يېز ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىز دەل سىز دېگەندەك خەتلىك ھالەتتە، يەنە كېلىپ يۇقىرى تېخنىكا بىلەن ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئېقىم تىجەش پىرىنسىپى ئىشقا ئاشۇرۇلغان...
بەت: [1]
: ماۋۇ تېمىغا كىرىڭە، پۇشايمان قىلمايسىز...