Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 16:15:33

سۇدىن يېقىلغۇ ھاسىل قىلىش ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilig تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-29 16:19  



ماشىنا ئاپتۇمبىللارغا سۇ قۇيۇپ ھەيدەش بەلكى خىيالى فانتازىيە  بولسىمۇ «سۇدىن يېقىلغۇ ھاسىل قىلىش»نىڭ ئەمەلگە ئېشىش مۇمكىنچىلىكى  يېقىندا « تەبىئەت خىمىيە ژورنېلى» دا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسى تەرىپىدىن  ئاشكارلاندى.   ئامىرىكا ئېنىرگىيە مېنىستىرلىكى ئارگون دۆلەتلىك تەجىرىخانىسى ( U.S. Department of Energy's Argonne National Laboratory)  دىكى  تەتىقىقاتچىلار  يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ «فوتوسىنتىز» جەرىيانىغا تەقلىد قىلىپ تۇرۇپ  سۇدىن ئوكسىگىن ۋە ھېدروگىن ئايرىۋېلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.


فوتوسىنتىز  بولسا  ئۆسۈملۈكلەر ياكى باشقا ئورگانىزىملارنىڭ قوياش نۇرىدىن ئالغان ئېنىرگىيەنى  ئۆزىدە لازىم بولىدىغان ئورگانىزىم پائالىيەتلىرى (مەسىلەن، مىتابولىزىم) ئۈچۈن كېرەك بولىدىغان  خىمىيەلىك ئېنىرگىيەگە ئايلاندۇرۇش جەرىيانىنى كۆرسىتىدۇ.  بىز يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. بۇ يېشىل ئۆسۈملۈكلەردىكى خلىروپىلاس (يەنى، «يېشىللىق پىگمىنتى»)  مولىكولىسى ئىككى خىل ئاساسى رولنى،  كۆپلىگەن خلروپىلاس مولىكوللىرىنىڭ  يورۇقلۇق ئېنىرگىيەسىنى سۈمۈرۈش ۋە ئۇنى رىئاكسىيە مەركىزىدىكى ئالاھىدە بولغان خلروپىلاس جۈپىگە يەتكۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ.   مۇشۇنداق فوتوسىنتىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان  مۇرەككەپ ئاقسىلنى بىز «فوتو-سېستىما» دەپ  ئاتايمىز. فوتو-سېستىما   فوتو-سېستىما I  ۋە  فوتو-سېستىما II  دەپ ئىككىگە ئايرىلىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە بىزنىڭ تىلغا ئالىدىغېنىمىز فوتو-سېستىما II دىن ئىبارەت.  


فوتو-سېستىما II دىكى جەرىياننى قىسقىچە ئېيتقاندا ئېنىرگىيەگە ئېرىشكەن ئېلىكترونلار ئارقىلىق ...
تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ.

sawr55 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 20:07:11

نېمە دېگەن قالتىس _ھە! بولسا شۇنداق بولسۇن . يەر ئاستى بايلىقلاردا كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار .

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 20:11:34

كەلگۈسىدە چوقۇم بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشىدۇ .لېكىن سۇدىن ئىنىرگىيە چىقىرىش ئارقىلىق ماشىنا ھەيدەش سۇنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىشى ئېنىق .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 21:00:01

ھۇ قۇيمىچى:lol
ئەمدى ئوقۇپ قىزىق يېرىگە كەلگەندە توختاپ ئېلان باشلاپ كەتتا:lol
كىرىپ ئوقۇي ئەمدى:lol

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 21:40:16

ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئالىدا مۇشۇنداق يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسېنتىز رولىغا تەقلىت قىلىنغان باتارىيەگە مۇناسىۋەتلىك سوئال چىقىپتىكەن.
بىلىگ سىز تونۇشتۇرغان بۇ تەتقىقات ئەڭ يېڭى تەتقىقاتمۇ ياكى بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا چىققان گەپمۇ. بىلىشىمچە زىيالىيمۇ مۇشۇنداق بىر تېمىدا ئىزدەندىغۇ دەيمەن.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 21:48:12

قالدۇرغان ئۇلىنىش بىزدە ئېچىلمايدىكەندە.

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 22:26:37

ئەمەلىيەتتە تەجىرىبىخانىدا سۇنى ئىلىكتىرولېزلاش ئارقىلىق ئوكسىگىن ۋە ھېدروگېنغا ئېرىشكىلى بولىدىغۇ،نېمە زۆرۈرىيەت بىلەن ئۈسۈملۈكتىن ھىدروگېنن ۋە ئوكسىگىنغا ئېرىشىشنى ئۆگىنىش زۆرۈردۇ؟كىم ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ.
بىر قانچە يىللار بولدى كاللامغا دەل مۇشۇ سۇئال كىرىۋالغان.ئېلىكتىرولېزلاش ئارقىلىق ئېرىشكەن ھېدروگىننى نېمىشقا ئىشلەتكىلى بولمايدىغاندۇ يېقىلغۇ قىلىپ دەپ.

kirindax يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 22:46:09

atella0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-29 22:26 static/image/common/back.gif
ئەمەلىيەتتە تەجىرىبىخانىدا سۇنى ئىلىكتىرولېزلاش ئارق ...

تەجىرىبىخانىدا سۇنى ئىلىكتىرولېزلاش ئارقىلىق ئوكسىگىن ۋە ھېدروگېن ئىلىشتا ،  رېئاكسىيە سۈرئىتى بەك ئاستا ، مەھسۇلاتقا ئايلىنىش ئۈنۈمى تۆۋەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە توكنى ئوبدانلا خورىتىپ قويىدۇ .شۇڭا ئادەتتە بۇ تەجرىبىنى ئوقۇغۇچىلارغا  ئىلىكتىرولېزلاش ئارقىلىق ئوكسىگىن ۋە ھېدروگېن ئالغىلى بولىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ قويۇشقىلا ئىشلەشكە بولىدۇ  ، ھازىر بۇ تەجرىبىدىن ئىلىنغان ئوكسىگىن ۋە ھېدروگېندىن پايدىلىنىش ،ھېدروگېننى يىقىلغۇ ئورنىدا ئىشلىتىشتە جەھەتتە قىيىنچىلىق زور .

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 22:46:52

atella0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-29 22:26 static/image/common/back.gif
ئەمەلىيەتتە تەجىرىبىخانىدا سۇنى ئىلىكتىرولېزلاش ئارق ...

تەننەرق بەك ئۆرە بولۇپ كېتىش ئەڭ مۇھىم سەۋەب. سۇنى ئېلېكتىرولىزلاپ ھىدروگېن ئېلىپ ئۇنى ئىشلەتكەندىن بىۋاسىتە توكنىڭ ئۆزىنىلا ئىشلەتكەن ياخشىراق.
شۇڭلاشقا قۇياش نۇرى ئارقىلىق مەلۇم كاتالىزاتورنىڭ ياردىمىدە سۇنى پارچىلاپ ھىدروگېن ئېلىش ياكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسېنتىز رولى ئارقىلىق ھېدروگېن ئېلىش ياكى باتارىيە قىلىپ ئىشلىتىش دېگەندەك تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغىلى ئۇزۇن بولدى.
ھەر ئىككىسىدىكى مەقسەت قۇياش نۇرىنى ئۆزىمىز كونتىرول قىلىپ ئىشلىتەلەيدىغان ھالەتكە ئەكىلىش.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 23:53:32

ھاۋانى يېقىلغۇ قىلمايدىغان بولدۇقما؟:lol

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 00:10:57

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-3-29 23:53 static/image/common/back.gif
ھاۋانى يېقىلغۇ قىلمايدىغان بولدۇقما؟

ئاشۇمۇ بىراقلا زاڭلىق قىلىپ يوققىلا چىقىرىۋەتمەيدىغان گەپلەرتى.
ئالىمجان ئاشۇ پاتېنتىنى ساتقانمىدۇ يا، تېخىچىلا ساقلاپ تۇرغانمىدۇ.

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 00:25:29

سۇدىن يېقىلغۇ ئايرىيدىغان بوپكەتسە دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەر باي بوپكەتكىدەك.:lol

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 01:02:33

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-29 21:48 static/image/common/back.gif
قالدۇرغان ئۇلىنىش بىزدە ئېچىلمايدىكەندە.

قالدۇرغان ئۇلىنىش ئېچىلمىدىمۇ؟

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 05:00:26

يەنە  شۇ مۇڭغۇليەگە ئىچىم ئاغىرىپ قالدى ....

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 08:06:50

بارغانسىرى تەرەققى قىلىپ «ھاۋا يەپ بوران كىكىردىغان» بوپ كىتامدۇق نىمە;P

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 08:16:58

زىيالىينىڭ ئىنكاسى كۈلكىلىك ئەمەسمىكەن باللا ؟ :lol

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 09:01:49

Bilig يوللىغان ۋاقتى  2014-3-30 01:02 static/image/common/back.gif
قالدۇرغان ئۇلىنىش ئېچىلمىدىمۇ؟

تۈنۈگۈن ئېچىلمىغان، بۈگۈن ئېچىلدى.

justone يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 14:48:25

مۇنبەر يىڭى قۇرۇلۇپتۇدە ! بەكمۇ سۆيۈندۈم !

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 16:08:24

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئالىمجان ئىسىملىك بىر بالىغۇ دەيمەن، سۇدىن ھەرىكەتلىنىدىكغا دىۋىگاتىلنى ياسىدى دەپ تورلاردا بىر كەلگەن ئىدى، ۋىدىئوسىنىمۇ چىقارغان ئىدى، رەھبەرلەرمۇ كۆرگەندەك قىلدى. لېكىن مەن ئۇ تېمىلارنى تۈزۈك كۆرمىگەن ئىدىم، كېيىن ۋاقتىم چىقىپ ئىزدىسەم، ئۇ تېما ۋە ۋىدىئولارنى تاپالمىدىم.
يەنە بەزەنلەر: «سۇنى يېقىلغۇ قىلىپ ئىشلەتكىلى بولسا، نېفىتنىڭ كۆپ ئەھمىيىتى قالمايدۇ، ھازىر نېفىت دېگەن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنى ئايلاندۇرىۋاتقان تۇرسا، تۇيۇسىز ئېنىرگىيە مەنبەسىنى ئالماشتۇرۇش بولۇپ قالسا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، شۇڭا رەھبەرلەرنى بۇنى جىملا يوقىتىۋەتتى» دېگەندەك ئىنكاسلارنى ئوقۇغىنىم ھازىرمۇ ئېسىمدە.
مۇشۇ ھەقتە بىلىدىغان يوقمۇ!؟
ئالىمجاننىڭ كەشپىياتىنى باشقىدىن بىر قاراپ چىقىدىغان گەپمۇ -قانداق!؟

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 09:32:51

سۇنى يىقىلغۇ قىلىش نەزىريە جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشسىمۇ لىكىن زور كۆپ قىسىم دۆلەتلەر بۇنى ئەمەليەتتە خەلىق تۇرمۇشىغا ئىشلەتمەيدۇ، بۇنداق بولسا سۇنىڭ باھاسى نېفىتتىن ئېشىپ كېتىپ يېڭى بىرمەيدان دۇنياخاراكتىرلىق ئۇرۇش باشلىندۇ.ھەم يېڭى ئىنقىلاپ پەيدا بولىدۇ. بۇ ئۇرۇش قېزلما بايلىقلار تۈگىگەندىن كىيىن پارتىلايدۇ.
بەت: [1]
: سۇدىن يېقىلغۇ ھاسىل قىلىش ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن