tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 13:55:37

سودا تورىدا يىڭىلىق ! سودىگەر چاقىرىمىز !

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tawarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-29 14:11  

  ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ، بىرئايدەك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تاۋارىم سودا تورىنى قايتا ئىشلەپ چىقتۇق،
http://tawarim.com  ،
باشبەت ۋە دۇكان بەتلىرىنى ئالتۇن دۇكان ئۇسلوبى بۇيىچە لاھىيلىدۇق(ھەقسىز دۇكان ئاچسىڭىزمۇ ئالتون دۇكان ئۇسلوبىنى ئېشلىتەلەيسىز) ، مىللىي كارخانىلارنىڭ ماركا ۋە مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن
كۆپلىگەن ئۇرۇنلارنى تەييار قىلدۇق ،مال سېتىۋىلىش ، دۇكاندار بىلەن ئالاقىلىشش رايۇنلىرىنىمۇ كۆپ قۇلايلىق قىلدۇق
ئۇيغۇر كارخانىلىردىن ، دوستتور تاشقى سودا راھەت كىيىملىرى ، ھۇررا تەنتەربىيسى،
زەپەر ئېلېكتىرون بۇيۇملىرى ، ئەمىر كىيىملىرى قاتارلىق ماركىلار بىلەن ھەمكارلىق ئۇرناتتۇق ، لىكىن ئىھتىياج يەنىلا قانمايۋاتىدۇ
، بىز تىخمۇ كۆپ مىىلىي كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىششنى خالايمىز ،  چۈنكى مىللىي كارخانىلار تەرەققىي قىلسا بىزمۇ تەرەققىي قىلالايمىز،
مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىشنى خالايدىغان سودىگەرلەرنىڭ تاۋارىمدىن دۇكان ئېچىشنى تەۋىسسيە قىلىمىز ،
تور سودىسغا قىزىقىدىغان  شەخىسلەرنىڭمۇ بىزگە تەكلىپ پىكىرلەرنى بىرىپ تۇرىشىنى سۇرايمىز
.

كۆرۈنۈش










rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 20:08:56

يېڭى لايىھىنى ياقتۇردۇم، بىزدىكى يېڭىلىق بوپ قالغان كونىلىق، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن. ھە راست، پۇل تۆلىگەندە قايسى سۇپىنى ئىشلىتىۋاتىسىلەر؟ ياكى ئالىپايغا ئوخشاش ئۆزەڭلارنىڭ ئايرىم ئوبۇرۇت سۇپىسى ئاچتىڭلارمۇ؟

sawr55 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 20:16:28

ناھايىتى ياخشى بوپتۇ ،بولسا ئۇيغۇر كارخانىچىللىرىمىز يېقىندىن قوللاپ بەرسە ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنىمۇ توردىن خالىغانچە كۆرۈپ سېتىۋالغىلى بولاتتى .
كىچىككىنە تەكلىپ : مەن بۇ سودا تورىنى پات -پات كۆرۈپ تۇرىمەن ،ھەم دوسلىرىمغىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويدۇم .
مېنىڭچە مەھسۇلاتلار تېخىمۇ كۆپ تەرەپتىن كۆرسىتىلسە ،زىيادە كالتا كىيىملەرنى ئامال بار ئازراق قىلىپ (ئايالچە كېيىمنى دېمەكچى )  ھەقىقىي ،ئۆلچەملىك كېيىملەرنى كۆپەيىتسەڭلار ،تۈرى تېخىمۇ كۆپرەك بولسا ،بالىلار كېيىملىرىمۇ كۆپرەك سېلىنسا ،يىغىپ ئېيىتقاندا مەھسۇلاتنىڭ تۈرىنى يەنىمۇ كۆپەيىتسەڭلار .ئاللا خالىسا بۇ تور بەت چوقۇم رۇناق تاپىدۇ .

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 05:04:03

تىخمۇ تەرەقى قىلۋالساڭلا  ، مەخسۇس  ئانا  ۋەتەن ئىچىدە  قاتنايدىغان‹‹ تاۋاراىم تىز يوللانما ››سىنى قۇرۋالساڭلا مانا  ....

ilqutjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 05:45:49

دۇكان خېلى يامان ئەمەس چىقىپتۇ، ئورۇن ئېلىپ بولدۇق، ئەمدى باشلىق چوڭاملارنىڭ ئازتولا قوللاشلىرىغا ئېرىشىپ قالساق (دوكىنىمىزنىڭ دەرىجىسىنى ئازراق كۆتۈرۈپ بەرسىكەن دەپ ئىنتىزارلىقتا ئولتۇرۇپتىمىز{:90:})، شۇ تاۋارىم تورى ئارقىلىق ئازتولا ئاقچىغا ئېرىشىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس.... :P

ilqutjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 05:47:21

rita1028 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-29 20:08 static/image/common/back.gif
يېڭى لايىھىنى ياقتۇردۇم، بىزدىكى يېڭىلىق بوپ قالغان ك ...

ئەلۋەتتە ئالىپاينى ئىشلىتىدۇ-دە، تېخى دىيارىمىزدا ئۆز ئالدىغا پۇل تۆلەش سۇپىلىرىنى قۇرۇپ چىقىش ئەمەلىيەتتىن يىراق (بۇ قىلالمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما مېنىڭ كۆزدە تۇتقىنىم ھەر جەھەتتىكى شەرت-شارائىت)

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 11:48:00

بىزمۇ ھەمكارلىق ئورناتساق بولاتتى ،بىر يەرە تۇرۇپ كۆرۈشمەي كتتۇق...

tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 13:17:08

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-30 05:04 static/image/common/back.gif
تىخمۇ تەرەقى قىلۋالساڭلا  ، مەخسۇس  ئانا  ۋەتەن ئىچىدە   ...

رەھمەت ، ئاللاھ خالىسا دىگىنىڭىز كەلسۇن

tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 13:18:08

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-3-30 11:48 static/image/common/back.gif
بىزمۇ ھەمكارلىق ئورناتساق بولاتتى ،بىر يەرە تۇرۇپ كۆر ...

ماقۇل تادۇبەگ ، بىرەر كۆۈنى بىللە تاماق يىگەچ پاراڭلاشساق بۇلاتتى .

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 13:21:52

ئەمىسە ۋاقىت چىقىرىڭلار

tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 16:18:08

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-3-30 13:21 static/image/common/back.gif
ئەمىسە ۋاقىت چىقىرىڭلار

ئۈندىدار نۇمۇرىڭلارنى قالدۇرۇڭلار ، مەن ئۇچۇر قىلاي  مىنىڭ  ،aske123

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 16:20:14

1242717272   مۇشۇنى قاچىلاڭلا، مەندە بارمىكىن سىلە

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 16:28:13

دۇككاندارلار سەل ھورۇنمۇ قانداق، دۇككانلىرىنى بېزەشكە كۈچ چىقارماپتۇ، ماللارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرى بەكلا ئاز، چوڭ سۈرەتلەرنى توربەتكە قىستاپلا كىچىكلىتىپ قويغان. بەلكىم ھازىرچە ئارتۇق تەلەپمۇ قويۇپ كېتەلمىگەنسىلەر.

Dosttor نىڭ كىيىملىرى يامان ئەمەسكەن.

yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 22:31:17

ئايفون 6 نى 9- ئايدا بازارغا سېلىنىدۇ دەپ كۆرگەنىدىم. قارىسام تاۋارىمدا بازارغا سېلىپ بولۇپسىلەر، تېخى بازارغا سېلىنغان ۋاقتى 2007- يىلى دەپ تۇرىدۇ... مۇنداق يالغان تاۋارلارنى قاراپ تۇرۇپ تور بازىرىڭلارغا كىرگۈزمىگىنىڭلار تۈزۈك، بۇ تور بازىرىڭلاردىكى ماللارنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى چۈشۈرۈۋەتمەسمۇ.

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-3-31 08:59:25

ھازىرقى مەسىلە دەل تور بەتنىڭ تاۋباۋ شەكلىدىن ئۆرنەك ئالماسلىققا ئامال بولماسلىقىدىن كىلىپ چىقىۋاتىدۇ . تاۋ باۋ دىكى كۆپىنچە ماللار ئوخشىتىپ ياسالغان ، لىكىن مايۈن ھەقىقى مال بولمىسا سالمايسەن دەپ تەلەپنى بەك قويۋەتسە دۇكاندارلار توزۇپ كىتىدۇ . ئەگەر قانۇن مۇكەممەل بولسا ئىدى ، ئامازۇنغا ئوخشاش ھەممە تاۋارنى ئۆزلا تارقاتسا بۇ مەسلە كۈرۈلمەيتى . ئەمما بۇنىڭغا نۇرغۇن دەسمى ، ئۇنىڭدىن باشقا مۇكەممەل بولغان يەتكۈزۈش تورى ۋە كىلىپ چىققان مەسىلىنى توغرا ، تىز بىر تەرەپ قىلدىغان ئىجىرا سىسىتىمىسى كېرەك .
جۇڭگۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى قانۇنلىرى قاراشقا مۇكەممەل تۈزۈلگەندەك قىلسىمۇ ، ئىجىرا قىلىدىغان ئورگانلارنىڭ بوشاڭلىقى تۈپەيلىدىن مەسىلە كىلىپ چىقسا يا ساتقۇچى ياكى ئالغۇچنىڭ ئىككىسنىڭ بىرگە زىيان بولۇشتىن باشقا يول يوق . بولۇپمۇ سېتۋالغۇچىغا زىيان بولىدىغان ئەھۋال ئەڭ كۆپ .
تاۋباۋ دا  ساختا مال جىق دەپ ئىنكار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،مۇشۇنداق ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن بازار تۈزۈلمىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ  . ھەممىنى پۇلى ۋە  مۇناسىۋىتى بارلار مونپول قىلۋالغانلىقتىن چىقىش يولى تاپالمىغانلارنىڭ مۇشۇ يولغا ماڭمايمۇ ئېلاجى يوق مىنڭچە .
تاۋارىم تور بېتى يېڭى باشلانغاندىمۇ ئەلۋەتتە خېرىدار جەلىپ قىلىش ئۈچۈن بەزى تەلەپلەرنى بەك چىڭ قويۇۋالمىغىنىنى توغرا چۈشۈنۈشكە بولىدۇ . كىيىن پىكىر كۆپ بولغان دۇكاندارلارغا قارتا تەلەپنى قاتتىقىراق قويسا ئوڭشىلىپ كىتىشى مۇمكىن . شۇڭا بۇ تور بەت ئاسراشقا ، قوللاشقا مۇھتاج . بولسا ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىمىزنىڭ تور سودىسى قىزغىنلىقىنى قوزغىساق جىق ئادەم مۇشۇ يول بىلەن كۈن ئېلىپ كىتەتتى .
نەچچە يىل بۇرۇن توردىكى سودا ئەمدى باشلانغاندا بەزى ئىچكىردە  سومكا شىركىتى قۇرۋالغانلار باشلامچى  خېرىدارلارنى قويۋىلىپ ، ئۆزىمىزنىڭكىدىن چۈچۈيدىغان قىلىپ قويمىغان بولسا بۇ ئىشمۇ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولاتتى .
بەت: [1]
: سودا تورىدا يىڭىلىق ! سودىگەر چاقىرىمىز !