e_chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 09:47:33

arduino-چەتئەلدىكى قېرىنداشلاردىن ياردەم سورايمەن!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   e_chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-29 10:48

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش تورىدىكى بارلىق قېرىندىشلار! ئەتىگەنلىكىڭلار خەيرىلىك بولسۇن!
كەمىنە ئېلېكتىر چەۋەنداز 2014-يىلى كىرگەندىن بۇيان ئۆزۈمنىڭ قىزقىشى ۋە مەلۇم مەقسەت،نىشانلار بىلەن ئاپتۇماتىك كونتىرول قىلىش توك يول تاختىسى Arduino توغرىسىدا ئىزدىنىپ كەلدىم،ئىزدەنگەنلىرىمدىن بىلىمنىڭ زاكىتىنى بىرىش مۇناسېۋىتى بىلەن ئالىپ تورىدا بىر قانچە پارچە تېمىلارنىمۇ ئىلان قىلدىم.ئېلېكتىرونغا ۋە ئاپتۇماتىك كونتىرول قىلىشقا قىزقىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئالىپ تورىدىكى مۇنۇ سەھىپىدىكى ماقالىلەرنى كۆرۈپ بىقىشنى،تەكىلىپ-پىكىر بىرىشىنى سورايمەن.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېلېكتىرون ئىلىمىگە پىششىق ئۇستازلارنىڭ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك بىلىمىنى مەن قاتارلىق يېڭى ئۈگەنگۈچى،ھەۋەسكارلاردىن ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن! بىز ھەمكارلىشىشقا مۇھتاج!
بۈگۈنكى بۇ ياردەم تېمىسىنى يېزىشتىكى مەقسەتكە كەلسەم: ئاردىينوغا پروگرامما تۈزۈشتە ئادەتتە كومپىيۇتىردا ئۆزىنىڭ توپلاشما ئىجادىيەت مۇھىتى بار بولۇپ،پروگرامما كودى يېزىشتا پايدىلانساق بولىدۇ. بۈگۈنكىدەك كۆچمە ئۈسكۈنلەر ئومۇملىشىپ خىزمەت ۋە ئۈگىنىشىمىزگە قۇلايلىق يارىتىۋاتقان ۋاقىتتا،ئاردىينونىڭ كۆچمە ئۈسكۈنلەردىكى پروگرامما تۈزۈش ئىجادىيەت مۇھىتىمۇ بارلىققا كەلگەن بولۇپ،بۇ يانفۇن،پەد ئارقىلىق كود يېزىش،تەڭشەشكە ھەۋىسى بار ھەۋەسكارلارغا كۆپ قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.ئاردىينوغا Android سۇپىسىدىكى كود يېزىش ئەپ پروگراممىسى arduinodroid بولۇپ(ياسىغۇچى Anton Smirnov)،بۇ ئەپ ئارقىلىق Android سىستىمىلىق OTG ئىقتىدارى بار يانفۇن ياكى پەدتە بىۋاستە كود يېزىش ۋە بۇ كودنى USB ئۇلىنىش سىمى ئارقىلىق ئاردىينۇ توك يول تاختىسىغا چۈشۈرۈپ ئىجىرا قىلىشقا بولىدۇ.


گەرچە بۇ ئەپنى جۇڭگۇ ئىچىدىكى ھەرقايىسى ئەپ بازارلىرى ۋە تور بىكەتلەردىن تاپقىلى بولسىمۇ،ئەمما بۇ ئەپنىڭ نۇرمال خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان 30mb ئەتراپىدا SDK ھۆججىتى(ئەپنى قاچىلاپ تۇنجى قېتىم قوزغاتقاندا چۈشۈرۈش ئەسكەرتمىسى كۆرۈنىدۇ) بار بولۇپ،بۇنى ھازىرغىچە كۆپ قېتىم ئىزدەپ باققان بولساممۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ھىچقايسى تور بوشلۇقى ياكى تور بەتتىن چۈشۈرۈشكە ئامال بولمىدى.شۇڭا مۈمكىن بولسا چەتئەلدىكى شارائىتى يار بەرگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئازىراق ۋاقىت چىقىرىپ مۇشۇ SDK ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ بىۋاستە ماڭا يوللاپ بىرىشنى ياكى بەيدۇ قاتارلىق جۇڭگۇ ئىچىدىكى زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان بوشلۇققا يوللاپ قويۇشنى سورايمەن.بۇنىڭ بىلەن مەن قاتارلىق ھەۋەسكارلارنىڭ كىيىنكى ئۈگىنىشىگە كۆپ قۇلايلىقلار يارىتىلغان بولاتتى.
قېرىنداشلارغا ئالدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرگەچ تۇراي،ئەجىرىڭلارغا رەھمەت!
بۇ ئەپكە ئالاقىدار ئورگان بىلوگ سۇپىسى:http://arduinodroid.blogspot.com
سىناپ باققۇچىلار ئۈچۈن ئەپنىڭ جۇڭگۇدىكى مەلۇم بىر چۈشۈرۈش ئادرىسى:http://ff.91.com/App/index/av_id/1688692
كامالى ئىھتىرام بىلەن: ئېلېكتىر چەۋەنداز
ئالاقىلىشىش ئادرىسىم: eqawandaz@gmail.com
كوت-كوت : 1401560381
ئاردىينۇ توپ نۇمىرى: 316836607
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى

-ATAMAN- يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 13:22:22

مېنىڭچە VPN ئىشلىتىپ چۈشۈرۋېلىڭ.

e_chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 14:10:02

مېنىڭچە VPN ئىشلىتىپ چۈشۈرۋېلىڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مۈمكىن بولسا مۇشۇ جەھەتتىن تەلىم بەرگەن بولسىڭىز.رەھمەت!

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 14:12:34

دۆلىتىمىزنىڭ تور بېكەتلىرىدىن يۇمشاق دىتال چۈشۈرش ھەر قانداق دۆلەتنىڭكىدىن كەڭ تاشاچىلىقمىكىن دەيمەن

Iwethen يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 15:56:55

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، مەن خېلىدىن بۇيان سىزنىڭ Arduino غا مۇناسىۋەتلىك تېمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ كەلگەن، ئۆزۈممۇ Arduino بىلەن خېلى ھەپىلىشىپ قويىمەن، بۈگۈن بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ SDK نى يوللپ بىرەي دەپ ئىزدىسەم، بۇ دىتالنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىغا SDK نى قېتىۋېتىپتۇ، خالىسىڭىز Play دىن چۈشۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر چۈشۈرەلمىسىڭىز مەن يوللاپ بىرەي.

Iwethen يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 16:20:01

SDK قېتىۋېتىلگەن ArduinoDroid خەت ساندۇقىڭىزغا يوللاندى، تاپشۇرىۋالغايسىز.

-ATAMAN- يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 18:43:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   -ATAMAN- تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-29 18:44

e_chewendaz يوللىغان ۋاقتى2014-3-29 14:10 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مۈمكىن بولسا مۇشۇ جەھەتتىن تەلىم...

Nydus نى ئىشلىتىڭ، تۇنجى تىزىملىتىپ ئىشلەتسىڭىز 1 ھەپتە ھەقسىز.
مەن قارىسام ئاۋۇ ئەپنىڭ 3.5 نەشرىگە SDK نى قوشۇۋېتىپتۇ.

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 20:01:15

mobogenie نى ئىشلىتىپ چۈشۈرۈڭ ، ئانجىرويىد ئەپ سانىبىر مىليۇنغا يىقىنلىشىدۇ. سىز ئىزدىگەن يۇمتالمۇ بار ئىچىدە.
ئەپلەرنى كوپىيوتۇرغا بىۋاستە چۈشۈرۈۋالغىنى بولىدۇ !
كوپىيوتۇر نۇسقىسىنى قاچىلاپ پايدىلنىڭ !

e_chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 22:14:15

SDK قېتىۋېتىلگەن ArduinoDroid خەت ساندۇقىڭىزغا يوللاندى، تاپشۇرىۋالغايسىز.
سىزنى مالال قىپتىمەن،سىزگە كۆپ رەھمەت!
ھەممىڭلارغا تەشەككۈر!

e_chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 07:00:25

SDK قېتىۋېتىلگەن ArduinoDroid خەت ساندۇقىڭىزغا يوللاندى، تاپشۇرىۋالغايسىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بىلىمىدىم نېمە سەۋەب باركىن،گوگىل خەت ساندۇقىغا يوللانغان بۇ ئەپنىمۇ چۈشۈرەلمىدىم،بىلىك كۇلۇبىدىكى بۈركۈت ئەپەندىمۇ يوللاپ بەرگەنىدى.تۈنۈگۈن خىلى ھەپىلىشىپمۇ چۈشۈرەلمىدىم،قارىغاندا بىزنىڭ بۇ جايدا Google Drive ئىچىلمايدىغان چىراي.
سىزنى يەنە مالال قىلىدىغان بولدۇم،خاپا بولماي چ چ خەت ساندۇقۇمغا يوللاپ بىرەلەرسىزمۇ؟(1401560381@qq.com)
بەت: [1]
: arduino-چەتئەلدىكى قېرىنداشلاردىن ياردەم سورايمەن!