ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 23:25:36

يۈرەككە كۆۋرۇك سالماسلىقىنىڭ ئاددىي رېتسىپى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم




لوندونلۇق بىر كىشىنىڭ بېشىدىن مۇنداق بىر كەچۈرمىش ئۆتۈپتۇ .ئۇ پاكىستاندا يىغىنغا قاتنىشىدىغان چاغدا ،تۇيۇقسىز كۆكسى قاتتىق ئاغرىپتۇ ،دوختۇرلار تەكشۈرۈپ ئۇنىڭ ئۈچ دانە يۈرەك قان تومۇرى ئېغىر دەرىجىدە توسۇلۇش بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىپتۇ .شۇڭا چوقۇم كۆۋرۇك سېلىش ئوپراتسىيەسى قىلىشى كىرەككەن .بۇ ئوپراتسىيە بىر ئايدىن كېيىن ئېلىپ بىرىلىدىكەن .بۇ بىر ئاي جەريانىدا قەدىمى ئۇسولدا كىسەل داۋالايدىغان مۇسۇلمان ھەكىمنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ ،ئۇ كىشى ئۇنىڭغا بىر رېتسىپ بىرىپ ئۆزى بۇ رېتسىپ بىلەن ئۆيىدە دورا ياساپ يەپ سىناپ بېقىشنى ئېيتىپتۇ .ئۇ دەپ بەرگەن بويىچە ياساپ بىر ئاي ئىستىمال قىلىپتۇ .بىر ئايدىن كېيىن كۆۋرۇك سېلىش ئوپراتسىيەسى ۋاقتى توشۇپتۇ .ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۇرسە ھېلىقى توسۇلۇپ قالغان ئۈچ دانە يۈرەك قان تومۇرى پاك پاكىزە بولۇپ چىقىپتۇ .ئەسلىدە توسۇلۇپ قالغان جاي پاكىزلىنىپ ،ئېچىلىپ قالغان ئىكەن .بۇ رېتسىپنىڭ ئىگىسى تەقۋادار مۇسۇلمان بولغاچقا ،ئۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ،ئۆزىنىڭ بۇ تەجرىبىسىنى توردا ھەمبەھىرلەپ قويۇپتۇ .ئەنگىلىيەلىك نىڭ قان تومۇر توسۇلغاندىكى رەسىمى ۋە پاكىزلەنگەندىكى رەسىمىنىمۇ تورغا چىقىرىپ قويۇپتۇ .رەسىمگە سىنچىلاپ قارىسىڭىز ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلەلەيسىز .



لازىملىق ماتىرياللار :بىر ئىستاكان لىمۇن مىۋىسى شەربىتى،بىر ئىستاكان زەنجىۋىل شەربىتى،بىر ئىستاكان سامساق شەربىتى،بىر ئىستاكان ئالما سىركىسى



قىلىش ئۇسولى :سامساقنى پاكىز تازلاپ،زەنجىۋىلنى  ئۇششاق توغراپ ،مىۋە شەربىتى چىقىرىش ماشىنسىدا شەربىتىنى چىقىرىمىز ياكى ئۇششاق توغراپ داكا رەخىتتە سىقىپ سۈيىنى ئايرىۋالىمىز .


سامساق ،زەنجىۋىل شەربىتىنى ساپال قاينىتىش چۆگىنىگە قۇيۇپ،لىمۇن كىسلاتاسى بىلەن ئالما سىركىسىنى ئۈستىگە تۆكىمىز .ئاندىن ئالدى بىلەن كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىۋالىمىز ئاندىن ئاجىز ئوتتا ئاستا قاينتىمىز،تۇۋاقنى ياپماي سۇنى پارلاندۇرۇپ ،يېرىپ سائاتچە قاينىتىپ ،تەخمىنەن يېرىم مىقتارىنى قالدۇرىمىز .


ئاندىن سوۋۇتۇلغاندىن كېيىن ئازراق ھەسەل قوشۇپ ،كۆڭۈل قويۇپ ئېلىشتۇرىمىز .بۇ شەربەت ئاچچىق بولغاچقا چوقۇم ھەسەل قوشمىساق يۇتۇش تەس بولىدۇ .تەييار بولغان شەربەتنى ئەينەك بوتۇلكىغا قاچىلاپ ،مۇزدەك ساقلايدىغان توڭلاتقۇغا سېلىپ قويىمىز .















ئىشلىتىش ئۇسسولى :ھەركۈنى ئەتتىگەن ناشتىدىن ئىلگىرى بىر قوشۇق ئىستىمال قىلىمىز ،بۇ ئوسول بىلەن كۆپ قىسىم قان تومۇر كىسەللىكلەرنى يىلتىزىدىن ساقايتىلى بولۇدىكەن .يەنە بۇ شەربەتنى ئۇسلۇق ئورنىدا ھەر كۈنى ئىچىپ بەرسە قان تومۇر كىسەللىكلەردىن مۇداپىيەلىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن .يەنە زۇكامدىن ئالدىنى ئالىدىكەن .بىمار بىر ئاي ئىزچىل ئىچىپ ئاندىن دوختۇرغا تەكشۈرۈپ باقسا كىسىلىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەلەيدۇ .

ئەسكەرتىش :

مېنىڭ سۈرۈشتۈرىشىمچە ماتىرياللىرى ئىچىدە ياخشى ئالما سىركىسىنى تېپىش بىر ئاز تەسكەن .لېكىن بىر دوستۇمدىن ھەقىقى ئالما سىركىسىنىڭ مەنبەسىنى تاپتىم .لازىم قىلىدىغانلارغا تەمىنلەپ بىرىمەن .

مەنبە :سەرۋەڭ تورى www.sarwang.com ۋە بەيدۇ

http://www.baidu.com/#wd=%E9%80%9A%E8%A1%80%E7%AE%A1%E7%9A%84%E5%8F%A4%E6%96%B9%EF%BC%8C%E8%8A%B12%E5%88%86%E9%92%9F%E7%BB%99%E7%88%B6%E6%AF%8D%E8%B6%85%E7%BA%A7%E5%A4%A7%E7%A4%BC&rsv_spt=1&issp=1&rsv_bp=0&ie=utf-8&tn=baiduhome_pg&rsv_sug3=1&rsv_sug4=102&inputT=0


paul912 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 00:32:54

خەتكۈچ.............

hezret يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 05:33:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hezret تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-29 05:39  

تېما ئىگىسىنىڭ ئەمگىكىگە تەشەككۇرلەر بولسۇن!
يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پايدىلىق-جانغا ئەسقاتىدىغان تېمىلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن!

ئالما سىركىسى ئادەتتە ئالما ئاچچىقسۈيى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇنى قاغىلىقتىن تاپالايسىز.
قاغىلىق تۆگىسى (يېتو) مارىكىدىكى ئاچچىقسۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆرگەن ئىدىم-بىر يىلنىڭ ئالدىدا.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 07:19:09

بىرسىدىن ئاڭلىغان، ماۋۇ تېخىمۇ تەپسىلى ئىكەن.

axpazman يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 08:20:12

سىناپ باقساق بولغۇدەك،لىمون دىگەن ئادەتتەبازارلارداسېتىلىۋاتقان‹‹جۈزە››دىگەن شۇمۇياباشقامىۋىمىدۇ........بىرزات ھەكىم تەييارلاپ بازارغاسالسىمۇبولغۇدەك بۇدورىنى.

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 08:46:53

مەن ئىنكاسىم ئارقىلىق ساقىلۋالاي!

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 09:05:19

بۇ ناھايىتى كاتتا رىتسىپكەن .{:112:}

kirindax يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 09:41:52

رەھمەت سىزگە ، ئىنكاس بىلەن ساقلىۋالاي {:112:}

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 10:07:08

ياخشى نەرسە مەخپى قالمىسۇن،

almali يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 10:08:47

مىۋە چىۋىلەردىن ئىشلەنگەن نەرسە بولغاندىكىن پايدا قىلسا قىلمىسا سىناپ باققىلۈك.

almali يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 10:08:53

مىۋە چىۋىلەردىن ئىشلەنگەن نەرسە بولغاندىكىن پايدا قىلسا قىلمىسا سىناپ باققىلۈك.

meslihet يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 10:26:10

مېنىڭغۇ تىبابەت ئىلمىدىن خەۋىرىم يوق، لېكىن، بۇ رېتسىپتىن گۇمانلىنىپ قالدىم. ئەگەر بۇ رېتسىپ شۇنداق ئۈنۈملۈك بولسا، دوختۇرخانىلار ئىشلەتمەي قالارمۇ؟ يۈرىكىگە كۆۋرۈك سالدۇرغان پادىشاھلارنىڭ ھەكىملىرى سىنىماي قالارمۇ؟
تىبابەت ئىلمىنى ئۈگەنگەنلەر ئىزدىنىشتا بولسا، چۈشەنچە بېرىپ باقسا.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 11:04:56

ساقلاپ قۇياي جۇما

osmanturpan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 11:05:03

بىزنىڭ ئۆيدىكى چوڭلارمۇ بىر رىپسىپنى ئاڭلاپتىكەن، شۇ بويىچە دورا ياساپ يەۋاتىدۇ، ئاساسەن ئوخشاپ قالىدىكەن.

بىزنىڭ ئاڭلىغىنىمىز بولسا:
سامساق، زەنجىۋىل، لىمون قاتارلىقلارنى چاناپ، ئۇنىڭغا ھەسەل قوشۇپ قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

مېنىڭچە ئاساسىي ماتىرىياللىرى ئوخشاش بولغانىكەن، مەنپەئەت قىلىشىدىمۇ ئانچە كۆپ پەرق بولماسلىقى مۇمكىن.

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 11:08:09

خەتكۈچ

pigan0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 11:23:40

مەنمۇ ساقلىۋالاي

ttt يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 11:49:53

ئەگەر پايدا قىلدى دەپ تۇرىلى،بىمار ئىلگىرى دىيەك سالدۇرغان بولسا ،دورا تەسىرىدىن قان تۇمۇرلا ئىچىلىپ كەتسە ،سالدۇرغان دىيەكلە قانداق بىر تەرەپ قىلىنا؟

yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 14:34:00

مېنىڭ مىڭە قىلقان تومۇرۇمدا توسۇلۇش باركەنمىشكەن، سىناپ باقسام بولغۇدەك...

danko يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 15:40:30

خەتكۈچ

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 15:52:00

osmanturpan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-29 11:05 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ ئۆيدىكى چوڭلارمۇ بىر رىپسىپنى ئاڭلاپتىكەن، شۇ  ...

قانچىلىك ۋاقىت ئىستىمال قىلدى ؟   ئۈنۈمى بولدىمۇ ؟ قانچىلىك ؟   شۇنى بىر دەۋەتمەمسىز  كۆپچىلىك بىلىپ قالساق .
بەت: [1] 2 3 4 5
: يۈرەككە كۆۋرۇك سالماسلىقىنىڭ ئاددىي رېتسىپى