esyankar75 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 21:19:21

‹‹خاسلىق›› ئۇيغۇرچە لاھىيەلەنگەن ئايفون قاپلىرى بازارغا سىلىندى!

ئەسسالامۇئەلەيكوم قىرىنداشلار !
مەن ئالدىنقى قىتىم ‹‹قايسى ماركىدىكى يانفۇن ئىشلىتىسىز ›› دەپ تىما يوللاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىتىۋاتقان يانفۇنلىرىنى سىتاستىكا قىلىپ ، ئالىي مەكتەپتىكى نەچچىمىز بىرلىشىپ مىللىي ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ‹‹خاسلىق›› ماركىدىكى يانفۇن قاپلىرىنى بازارغا سالدۇق .
ھازىرچە تۇنجى مەھسۇلاتىمىز ئايفوننىڭ ھەر خىل تىپتىكى يانفۇن قاپلىرىنى بازارغا سالدۇق .
مەھسۇلات ماتىرىيالىمىزغا زىيانسىز ، ئۆلچەمگە توشىدىغان ، ياخشىسىنى تاللاپ قىلدۇق . توپ باھاسىنى ھەر خىل تىپتىكىلىرىنىڭكىنى 15يۈەندىن قىلدۇق ، بىز بۇ باھانى ئۈرمچىدىكى ھەر قايسى يانفۇن قاپلىرىنى توپ تارقىتىش ئورۇنلىرىدىكى سۈپىتى ئوخشاشلىرىنىڭكىنى ئاساس قىلىپ ئەڭ تۆۋەن چەكتە كونتىرول قىلىپ چىقاردۇق .
ئاللاھ يولىمىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسا مىللىي ئەنئەنە بىلەن لاھىيەلەنگەن ھەر خىل تىپتىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىمىز .
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا توپ تارقىتىمىز (بىر قىتىمدا 10 دىن يۇقىرى ئىلىشى كىرەك) . ئۈرۈمچىدىكى سىتىۋالماقچى بولغانلار بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ بىۋاستە مالنى ئالسا بولىدۇ . باشقا جايلارغا ھەر خىل تىز يەتكۈزۈش ۋە پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بىرىمىز ، پوچتا ھەققىنى بىز كۆتۈرىمىز .
ئالاقىلاشقۇچى :ئابدۇخىلىل
تىلفۇن :15199198831   ،18139681615
ئۈندىدار ۋە چ چ : 598590758
مەھسۇلاتىمىزغا قىززىقسىڭىز بۇ ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋىلىڭ :   aynak7

esyankar75 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 00:25:42

توپ باھاسى 15 سۇمدىن سىتىلىدۇ !

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 03:54:15

ماڭا ئاستىدىكى ئىككى پارچە رەسىمدىكىسى يارىدى . مېنىڭچە ‹ئاتا-ئانىڭىز بىلەن ئەھۋاللاشمىغىلى قانچىلىك بولدى›،‹بېشىڭىزنى كۈتىرىڭ ،ھەقىقىي دوستلىرىڭىز ئەتراپىڭىزدا ›، ‹ۋاقتىڭنى يەنە تېلفۇن ئويناپ ئۆتكۈزدۈڭما›دېگەندەك خەتلەر يېزىلسا ياكى خېرىدارنىڭ تەلىپىگە مۇۋاپىق لاھىيەلەنسسە ياخشىراق بۇلارمىكەن
تىرىشىڭلار

justone يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 08:57:10

مەھمۇد قەشقەرى ، يۈسۈف خاس ھاجىپ قاتارلىق كاتتىلىرىمىزنىڭ سۆرەتلىرى ، يازمىلىرى بىلەن بېزەلگەنلىرى يوقمۇ ؟شېئىرلار بىلەن بولۇپمۇ ئا.ئۇيغۇر ، ل . مۇتەللىپ ، ئا.ئۆتكۈرنىڭ قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەر شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى چۈشۈرۈلگەن قاپلار يوقمۇ ؟
پۇتبولغا قىززىقمايدىغانلارغا ما خىلدىكىلىرىنىمۇ چىقىرىشنى ئويلىشىپ كۆرۈڭلا !

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 11:43:48

بىر چاغلادا ئۈندىداردا: ئالمىنىڭ جۇڭگۇدىكى زاۋۇتىنىڭ ئالدىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىلانى دەپ:ئۇيغۇر. خۇيزۇ.زاڭزۇ........ قاتارلىق........ مىللەتلەردىن بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ.   دىگەن مەزمۇندا بىرپارچە رەسىم تارقىلىپ يۈرەتتى.   راسمىدۇ شۇ ئىلان؟

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 12:36:39

ئەڭ ئاستىدىكىسى پەيزى لايھەلىنىپتۇ {:112:}

attirgul يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 15:48:03

يەنە: ۋاقتىڭ كەتتى، بەختىڭ كەتتى. ئۆزۈڭنى بىل....يانفۇن قۇلىغائايلىنىپ قالماڭ . دېگەندەكئەسكەرتىش سۆزلىرىنى قاپلارغا كۆركەم قىلىپ چىقارسىمۇ بولىدۇ دەپ ئويلايمەن . مەن تېلىفۇنۇمغا ھەر قېتىم قۇلۇپنى ئاشقاندا ئالدىدىكىئىككى سۆزنى ئالمىشىپ چىقىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويغان، شۇڭا ھازىر يانفۇن ئويناشتىن خېلى قالدىم . بەك بىكار بولسام يانفۇنداكىتاپ ئوقۇيمەن ياكىقۇتادغۇبىلىكنىڭ ئاۋازلىق نۇسقىسىنى ئاڭلايمەن .بارا باراتېلىفۇنغا قاراپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغان ئىشلاردىن يىراقلاشقىلى بولىدىكەن .

dilxikar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 16:16:45

justone يوللىغان ۋاقتى2014-3-29 08:57 static/image/common/back.gif
مەھمۇد قەشقەرى ، يۈسۈف خاس ھاجىپ قاتارلىق كاتتىلىرىمى ...

   مەھمۇد كاشىغەرى، يۈسۈف خاس ھاجىپ قاتارلىق ئۇلۇق بوۋىلىرىمىزنىڭسۈرەتلىرىنى ھاراق ئىچىدىغان رېستورانلارنىڭ تېمىغا چاپلاپ، سېسىتىپ بولدۇق، ئەمدى ئەخلەت ئۈچۈرلارنى يوللايدىغان، ئاتا-ئانىسىغا يالغان گەپ قىلىدىغان، ئاشنىسىغا بەلگە بېرىدىغان ناشايان ئىشلارغا كۆپرەك ئىشلىتىلىۋاتقان يانفونغا بولسىمۇ چاپلىماي تۇرساق قانداق؟

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 17:12:54

dilxikar يوللىغان ۋاقتى2014-3-29 16:16 static/image/common/back.gif
مەھمۇد كاشىغەرى، يۈسۈف خاس ھاجىپ قاتارلىق ئۇلۇق بوۋ ...

ياخشى نىيەتتە بىرىلگەن تەكلىپنىڭ شىخىغا ئۇرىۋەتمىسىڭىزمۇ بولار ئىدى ئەسلى.....تىلفۇنىغا قاپ ئالغان باللارنىڭ ھەممىسى سىز دىگەندەك ئالاقانات ئەمەستۇ:L

justone يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 18:56:03

dilxikar يوللىغان ۋاقتى2014-3-29 16:16 static/image/common/back.gif
مەھمۇد كاشىغەرى، يۈسۈف خاس ھاجىپ قاتارلىق ئۇلۇق بوۋ ...

يوۋ كارامەت ! ۋىجدان ئازابىڭىزنى قوزغاپ قويۇپتىمەندە ؟!
ھەممە ئادەم سىز دىگەن پاراكەندىلەردەك ئىشلەتمەيدۇ ! ھەم شۇنداق لايغەزەللەرمۇ بۇنداق قاپلارنى ياقتۇرۇپ يۈرەرمۇ ؟!بۇنداق دوقنى شۇنداق مەينەت جاينى ئېچىپ ، ئۇلۇقلارنىڭ كۇرسىنى پەسلىتىپ ، قىممەتلىك نەرسىلەرنى جىنايەتلىرىگە شاھىت قىلغان خوجايىنلارغا ، سورۇنچى ئاتالمىش ئەركەكلەرگە قاراتسىڭىز ، ئالدىغا بېرىپ قىلسىڭىز جايىنى تاپىدۇ ! قانداقتۇر مەندەك شۇ سۈزۈك ، پاكىزە نەرسىلەرنى ھاياتىنىڭ ھەر بىر قاتلىمىغا سىڭدۈرۈشنى ئىستىگەن ناتوتونۇشقا ئەمەس !
تېلىفۇن ھەقتە قىلغان بايانلىرىڭىز شۇنداقلارنى تاپقاي ! ئەتراپىڭىزنى شۇنداق نىجىسلارغا تولدۇرىۋالماي ئايرىلىپراق يۈرۈپ ، مۇھىت ئالماشتۇرۇپ كۆرۈڭ ، زىيان تارتمايسىز !

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 20:02:22

قارىسام ئىشلىگەن قاپلىرىڭلار ئالمىنى نىشان قىلغاندەك تۇرىدۇ .
شۇڭا بەك ئالا بۇلماچ رەڭگارەڭ قىلۋەتمەي رەڭگىنى ياخشى تاللاپ بىرخىل رەڭدىمۇ چىقارساڭلا .
يەنە ماتىريالغا ئىلاستىكىلىقى ياخشىراق ماتىريال ئىشلەتسەڭلا قاتتىق قاپلار تېلفۇننى غاجاپ قۇيىدىكەن .

sawr55 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 21:06:01

مىللىي ئالاھىدىلىك يەنىمۇ گەۋدىلەنسە ،ئاناتىلىم -بايلىقىم ، تىل دېمەك -مىللەت دېمەك ..دېگەندەك سۆز -جۇمىلىلەرنى ،قاپنىڭ بۇلۇڭلىرىغا مۇۋاپىق كانىۋاي ،ئەدلەس ،نۇسقىللىرىنى چۈشۈرسەڭلار كىشىلەرنىڭ مەنىۋى ئىھتىياجلىرى ئاشۇ كىچىككىنە قاپتىمۇ ئىپادىلىنىپ تۇرسا دەيمەن .

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 21:44:08

قاپنىرەڭگارەڭقىلىشنىلا مەقسەت قىلماي يانفۇننىڭ ئەسلىرەڭگى بىلەن ماسلىشىدىغان-ماسلاشمايدىغانلىقىنىئويلاشساڭلار بولغۇدەك
گەپنىڭ راستى ،ماڭا ئەڭ ئۈستىدىكى 1-،2-سى ياقمىدى

mahammat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 23:04:20

ناھايىتى ياخشى بوپتۇ . تېخىمۇ خاسلىق ياراتقايسىلەر !!!!

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 23:35:06

ساپلا ئالمىغۇ؟

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 10:15:47

9300نىڭ يوقمىدۇ ؟
بەت: [1]
: ‹‹خاسلىق›› ئۇيغۇرچە لاھىيەلەنگەن ئايفون قاپلىرى بازارغا سىلىندى!