wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 14:42:07

مېنى كەچۈرۈڭلار، مەھسۇلاتلىرىم

مېنى كەچۈرۈڭلار مەھسۇلاتلىرىم !

چەتئەل ئىچىملىكلىرى دېسە    پوخور ھالدائېلانغا چىققاندەك تۇتۇپ ئىچىپ كېتىپتىمەن ,4سوملۇق ئابىدە سودا سۈيىھەققىدە سورۇنلاردە ئاندىغەيماندىغەي دەپ ھالاللىقىدىن شۈبھىلىنىپمۇنازىرە قىلىشىپ كېتىشىپتۇق ,مالايسىيەدىن كەلتۈرۈلگەن دەپ ,دۇبەيدىن كەلتۈرۈلگەن دەپ لاۋزىلار ماختىساھوزۇرلىنىپ ئىچىپ كېتىپتىمەن 7~8سومدىن ئېلىپ,ئېسىتكالۋالىقىم ,نومۇس   دۆتلىكىم ,كەچۈرمېنى ئابىدە !
توي قىلغاندا 850سومغاجېيلەي ئالغان ئىدىم ,20دوستۇمنىڭ ھەممىسىئالغان ئىدى ,ئېسىت ,نومۇس قىلىۋاتىمەنئۆزۈمدىنخۇددى گۇناھكالاردەك !كەچۈر مېنىئىلچى ,كەچۈر مېنى مىراس!
ئۆي زىننەتلىدىم ,7تۈمەنلىك سودىنى شۇنچىلىك ھوزۇرلۇق قىلىپ   تاپقان تەرگىنىمنى تونۇمايدىغان بىرلىرىگە ھېجىيىپ تۇرۇپ بېرىپتىمەنۇ ,كىراكەشچىئۇيغۇرلارنىبۇ ئوقۇيدۇ , ئۇ چېكىدۇ دەپ ئېتىقادىنى تاسقاپ ,باھالاپيۈرۈپ20سوم بېرىشكە   ئىچىم ئېچىشىپتۇ ,توۋا خۇدايىم ,مەن ئادەممۇ ؟مەن قانداق ئادەم ؟نومۇس قىلىۋاتىمەن ئۆز~ئۆزۈمدىن ,مېنى كەچۈر جاپاكەش كىراچى ئۇيغۇر تۇغقانلىرىم !
كاڭ ئۇستام دەپ 20يىل يېگەن ,يەنە بىر ئۇستامدەپئايرىماي يېگەن ,ئامىنە ……تەييار چۆپلىرىنى 2سوم خەجلەپ 365كۈننىڭ بىر كۈنى بولسىمۇ ئۆيدە گۆشبىلەن ئۈگرە قىلىپ يېمەپتىمەنۇھەپتىدە نەچچە قاچىلاپ كالا گۆشى ئۈگرىسى ,زاخۈيياڭ ئىچىپ يۇمىلاقۋەنزە گۆشلەرنى مەززە قىلىپ يەپ يۈرۈپتىمەن ,ئۇيغۇرئاچقاندۇككانلارغا بولسا :ئۇ ئىچىدۇ ,چېكىدۇ ,سۇس ,مەينەت ……ۋايۋۇيباھانىلىرىمنىڭ كۆپلىكىنى,ئاق دوپپىلىقلار كۆزۈمگە تەقۋا ,ئۇيغۇرلار كۆزۈمگە لەقۋا كۆرۈنىدىغانبولۇپ قاپتۇ .
مۇھەببەتنى ,سالامنى ,ئىللىق تەبەسسۇمنىئەللەرگە خوشامەت ئىلكىدە بېرىپتىمەنۇ,ئۆز قېرىنداشلىرىمغا ناچار مۇئامىلىدە بولۇپ ئىتتەك قىزغىنىپتىمەن .تۇغقاننى غاجاپ ياتنى يالاشتا مەنبەئەينى ئىت ئىكەنمەن ئىت !
توۋا ,بىز ياراتمىغان سودىسىنى قوللىمىغان ,مەنسىتمىگەن شۇ ئاشپۇزۇللار بىردىن شېركەتنىڭ ئۇلى ئىدى ,ناچار بولسا تەكلىپ بېرىپ شۇنى تۈزەيدىغان ,سودىسىنىئاقتۇرىدىغان مەن ئىدىمغۇ ھە شۇ بىز مۇنازىرىچى بۇرادەرلەر دېسەك تەكلىپ بەرسەك بولاتتىغۇ ؟توۋا ,ئۆزۈمگە نەپرەتلىنىۋاتىمەن ئويغانغانچە ……
بىر بوتۇلكا   ئابىدەياكى ئامىنە ئىچىملىكى 4سوم ,بۇنىڭدىن مېۋىچى دېھقان دادامدىن تارتىپ ئىشلىگۈچى   ئاكام ,ساتقۇچى غوجام ,ماركا ياسىغۇچى ,ۋاكالىتەن ساتقۇچى ……زەنجىرسىمان ھالداكۆپلەر پايدىلىنىدۇ ,ئىمپىروتمەھسۇلاتلاردىن بولسا ئېلىپ كىرگۈچىدىنساتقۇچىغىچە مەنپەئەتلىنىدۇ , دېھقانمەنپەئەتلەنمەيدۇ !
ئىمپىروتچى سودىگەرلەر مېنى ئەيىپلىمىگەي ئۇمۇمىيلىق ئۈچۈن , شۇ كارخانىلارنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا ئىشلەپ ئائىلە بېقىۋاتقان مىڭلىغان ئون مىڭلىغانئۇيغۇر مەلىكىلىك ئىشچىلار سىنىپى ۋەئائىلىلىرى ئۈچۈن بۈگۈندىن باشلاپ ئابىدەتۇرۇپ نېمە گىرمانىيەمالايسىيە ھىندىنوزىيە دۇبەي سەئۇدىينىڭكى دەپ ئىچمەيمەن ,مىراس كىيىملىرى تەلبا كىيىملىرى ,مۆتىۋەر كىيىملىرى ,ئىلچى بار تۇرۇپ جېلەي كىيىمىنى كىيمەيمەن ,چەتنىڭكىنى كىيسەمئۆزۈمگە ماس تۈركىيە كىيىملىرىنىكىيىمەنكىباشقىسىنى كىيمەيمەن .ئامىنە تەييار چۆپىدە ئۆيدە ئۈگرە قىلىپ ئىچىمەنكى شۆبىھى زاخۈيياڭ ۋەنزىلەرنى يېمەيمەن .يارىسا تارقىتىپ قويۇڭ يارمىسا مېنى ئەيىپلەپ ئاۋارە بولماڭ ,بۇ مېنىڭ شەخسىي قارىشىم ,ئۆزۈمۋەخوتۇن ~بالام ئۈچلا پۇقراغاۋەكىللىك قىلىمەن .ھېچكىمگەزورلاپ تاڭمىدىم ھەم تاڭالمايمەن .لېكىن بىر تەكلىپ بۇ تېما بىر كۈن تارقاپ 100000يۈزمىڭئۈندىدارچى كۆردى دەيلى ,ھەر بىرىمىز 4سوم خەجلەپ بىر بوتۇلكا ئابىدە سودا سۈيى ئالايلى,400000تۆت يۈز مىڭ سوم   ئابىدە شېركىتىدىكىئەزىزلەر كەلگۈسى يەتتە كۈن ئىچىدەتىرىشچان ئەمما ئائىلە قىيىنچىلىقى بارسىتۇدىنىتقائۆزىمىزدە ئىشلەنگەن مۇئەللىم بىلىگ پەدتىن بىرنى سوۋغا قىلسۇن ,بۇنى ئۈندىداردا ئىسپاتلىرى بىلەن تارقاتسۇن.ئۈندىدارنىڭ سېھرى~كۈچى ۋە تەسىرىنى بىر بىلگەن بولايلى .قوشۇلامسىز ؟ قوشۇلسىڭىز……
قەلەم تەۋرەتكۈچى Wapadarim912
2014~3~20شەھرى بورتالا

selma يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 15:07:41

تەنتۇمارنى قوشۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن:lol:lol:lol

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 15:26:45

راس شۇنداق قىلايلى .
مەنمۇ توڭلاتقۇدايەشىكتە ساقلاغلىق 2 يۈزدەكبوتۇلكاقىزىل ، يىشىل چاي ..... بار ئىدى ۋاخاخانىڭ. ئۆتكەن يىلى مۇشۇ خەقتىن مەرىم بەك يىنىپ كىتىپتىكەن دۇكانغا كىرگەنلەرگىمۇ ساتماي ۋاقتى ئۆتكىلى بىرە ئاي قالدىمىكى ، ھەممىنى ئەخلەتخانىغا تاشلىۋىتىمەن بىرە ئىككى كۈنگىچە .

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 15:29:02

قېنى قاراپ باقاي تېما ئەلالايدىغان ھۇقۇقۇم بارمۇ يۇق!!!

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 15:49:39

ياشاڭ ئەيساجان ياشاڭ يۈرەكتىكىنى تاپىسزدەسىز ..................................

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 15:49:47

ياشاڭ ئەيساجان ياشاڭ يۈرەكتىكىنى تاپىسزدەسىز ..................................

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 16:29:11

نەخ يۇرەكتىكنى دەپسىز!

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 16:44:33

راست گەپنى قىلسام ئىچكىرىدە ياسىتىپ دىيارىمىزدا ئۇيغۇرچە ماركىدا سېتىلىۋاتقان يىمەكلىكلەرگە ھازىرغىچە قانداق مۇئامىلە قېلىشنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ قالدىم.بۇلتۇر يىشىغا توشمىغان قىزىمغا سۈت پاراشۇكى ئىزلەپ ئۆزىمىزنىڭ تاللا بازارلىرىنى قىزىۋەتتىم.سەبىيلەر دەمسىز،گىنرال دەمسىز....ئىشقىلىپ تېلىۋىزوردا ماختاۋاتقان ھەممە سۈت پاراشۇكلىرىنىڭ زاۋۇت ئادرىسلىرىغا بىرمۇ-بىر قاراپ چىقتىم.بىزىسى خىيلوڭجىياڭدايەنە بەزىسى ئىچكى مۇڭغۇلدا ياسىلىپتۇ.پەقەت قاناسنىڭلا دىيارىمىزدا ياسالغىنىنى كۆردۈم.ئەمما قاناس ماركىلىق سۈت پاراشۇكىنى ئىشلەيدىغان زاۋۇت باشلىقىنىڭ قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم.سىز قېنى سىز دەپ بېقىڭ ئەيساجان سىزچە مۇشۇ ئەھۋالدا پاك سەبىي پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن قايسىنى تاللىساق بولا.بۇ ئىنكاسىمدا تەنە يوق خاتا چۈشىنىۋالمىغايسىلەر.

sawr55 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 16:53:37

ژۈرەكتىكى گەپنى دەپسىز قېرىندىشىم ،بۇ قاراشقا ھەممىمىز كېلەيلى ،«قوينىمدىن تۆكۈلسە ، قونجىمغا » ئەمەسمۇ ؟ بىزنىڭ كارخانىلىرىمىز ھەر قانداق چەتئەل ،ۋە باشقا ياتلارنىڭ داڭلىق ماركىلىرىدىن نەچچە ھەسسە ئىشەنىچلىك ئەمەلىيەتتە .

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 17:02:54

بۇ يازمىنى كۆچۈرۈپ ھەمياننىڭ رەسىم سالىدىغان يېرىگە قىستۇرىۋالىدىغان گەپمىكىن {:112:}

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 17:24:57

رەتلەپ ،ئىملاسىنى ئوڭشىساق تېخىمۇ ئېسىل ئىش بولاتتىكەن.
يارايسىز{:112:}

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 18:35:49

meyxor يوللىغان ۋاقتى2014-3-28 16:44 static/image/common/back.gif
راست گەپنى قىلسام ئىچكىرىدە ياسىتىپ دىيارىمىزدا ئۇيغۇ ...

تورداشلار بىرەر ھەپتە ھاياجانلىنىپ، ئاندىن سىز دېگەندەك ئويلاشقا باشلايدۇ.

paul912 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 18:58:24

قاناسنىڭكى مەسئۇلى ئۇيغۇر خاتىرجەم ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ. مەھسۇلات سۈپىتى چەتئەلنىڭكىدىن قىلىشمايدۇ.

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 19:23:53

meyxor يوللىغان ۋاقتى2014-3-28 16:44 static/image/common/back.gif
راست گەپنى قىلسام ئىچكىرىدە ياسىتىپ دىيارىمىزدا ئۇيغۇ ...

سىزچە بولغاندا قانداق قىلساق بۇلا؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
گەرچە بىزنىڭ بەزى مەھسۇلاتلىرىمىز ئىچكىرىدە ياسالسىمۇ يولداشلارنىڭ ماركىسىدىكى بىرنىمىلەردىن مىڭ ھەسسەياخشى
(بىر كارخانىچى ۋىجدانسىز بولسا خەلىقكە ھارام يىگۈزۋېتىشى مومكىن ) ماۋۇ گەپ ياخشى ئېيتىلغان گەپكەن .مىنىڭچە ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى ئىچىدىن بىلىپ تۇرۇپ پۇلنى دەپ بىزلەرگە ھارام يىگۈزۋېتىدىغانلا يوق دەپ ئويلايمەن .
سىزچە بولغاندا ئۇيغۇرچە ماركىدىكىنى   قۇيۇپ يولداشلانىڭكىنى يىسەك ياخشى بۇلامدا

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 20:43:56

ياخشى پىكىر .{:112:}

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 20:54:17

قۇلىغا زاۋۇت قۇرالىغۇدەك پۇل كىرگەندە ئىشكىردە ياساتماي ،مۇشۇ يەردە زاۋۇت قۇرىدۇ.
يىمەك -ئىچمەكتە ئارمان بىلەن ئىخلاس قۇردى.
كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىدا چىننۇرى سۇلتاننى قۇردى.
ئىچملىكتە ،ئابىدە بىلەن كەۋسەر خۇتەندە زاۋۇت قۇردىقۇردى.ئامىنەنىڭ ئۈرۈمچىدىغۇ دەيمەن.
بىر پوتۇلكا ئىچىملىكنى ئۈزىنى يۈتكەشنىڭ تەننەرخى قىممەتمۇ ياكى خام ئەشياسىنى يۈتكەشنىڭ؟؟؟؟؟قۇلىغا پۇل كىرگەندە ئۈزلۆكىدىن قۇرىلىدۇ زاۋۇت.


dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 21:41:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dillani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-28 21:42

    تۇۋا دەيمەن مۇشۇ ۋاپادېارىم 912 دائىم ئادەمنى بەكمۇ قىينايدۇ، دەل يېغىرىنى تاتىلاپ.مۇ شۇتىمىڭىزنى مىنىڭ دۇبەيچى ، تۈركىيەچى ،مالايسىياچى ،...،يەنە ...چى ،بۇرادەرلىرىمگە ئوقۇپ بەرسەم ئۇلارنىڭ يېغىرى ئەمەس ،جىگىرى ئېتىلىپ كېتەرمىكىن دەيمەن .
    كېرىيىدە يەرتەۋرىۋىدى يەنە شۇ ئابىدە ،مىراس ،ئىنتىل،خوتەندىكى بەختقاتارلىق ئەزىزلەر ئالدىنقى سەپتە خوتەننىڭ ۋالىيسىدىن بۇرۇن بېرىپ بولۇپتىمىش.لىكىن مەن يېگەن توڭيى چۆپچى ،ۋاخاخا سۇچى ،مەھمۇد چايچى،ئۈلكەر بەبەچى ،قاتارلىقلارنىڭ ......كۆرۈنمىدى .
سىزنى تارتۇقلاي دىسەم بۇلماس .بىرسوم پىلانىڭىزغا داۋاملىق بىرسوملا تاشلايمەن .ياشاڭ .:victory:

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 21:45:14

كىم تاللا دوكىنىغا كۆپ كىرىدۇ .شۇيەردىكى تاۋارلارنى سېلىشتۇرۇپ باقساق بۇلاتتى .زادى نەنىڭ كىمنىڭكىدە كۆپكەن .كىمنىڭكىدە كىمنىڭ يوقكەن ،باھانىسى نىمىكەن .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 22:05:23

ئامىنەنىڭ قاراقات ئىچىملىكىنى ئۆيدىن ئۈزمىگىلى 5-6 يىل بوپتۇ، چوڭ بوتۇلكىلىقنى ئىشلىمەيۋاتامدىكىن...

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 22:33:19

yolyar يوللىغان ۋاقتى2014-3-28 22:05 static/image/common/back.gif
ئامىنەنىڭ قاراقات ئىچىملىكىنى ئۆيدىن ئۈزمىگىلى 5-6 يىل...

ئۇنى ئىچكەندىنئۆرۈك قېقى، چىلان، شاپتۇل قاقلىرىنى قوشۇپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىچكەن ياخشىمىكىن. ئامىنە دېگەن بىلەنمۇ بەرىبىر چىرىتمەيدىغان يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى قاتىدۇ. ئۇدا نەچچە يىل ئىچىشنىڭ ھاجىتى يوق مەنچە. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەرىبىر ئۇ ئىچىملىككە قارىقات قېتىپ ياسىمايدىغۇ.
بەت: [1] 2
: مېنى كەچۈرۈڭلار، مەھسۇلاتلىرىم