bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 10:21:37

(bilgejan) ئىزدىنىشقا مېھمان تەكلىپ قىلدىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-30 12:49  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىشلىقلار!

سىلەرگە يەنە بىر خۇش خەۋىرىم بار، مەنچە كۆپىنچىڭلار بۇنىڭ خۇش خەۋەر ئىكەنلىكىگە قوشۇلىسىلەر. مەن ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرچە خەت بېسىشنى ئۆگىنىپ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە چىققاندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى نۇرغۇن دوستلىرىمغا ئۆگىنىش، تەتقىقات ۋە باشقا خىزمەتلىرىدىن بوشانغاندا مۇنبەرلەرگە كىرىپ يۇرتتىكى قېرىنداشلارغا ئۆز بىلىملىرىدىن زاكات ئايرىشنىڭ بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى تەۋسىيە قىلىپ كەلگەن ئىدىم. گەرچە تور يۈزىدە ئومۇمىي چاقرىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، جامائەتكە ئورتاق دېيىلگەن گەپ شەخىسلەرگە ئانچە تەسىر قىلمىسا كىرەك، يەنىلا كۆپ قىسىم چەتئەللەردىكى بىلىملىك قېرىنداشلىرىمىزدىن مۇنبەرلەرگە كىرىپ ماقالە ئېلان قىلىپ قېرىنداشلار بىلەن پىكىرلىشىپ تۇرۋاتقانلىرى ساناقلىقلا. گەپنى قىسقارتسام، مەن يېقىندا دوستلىرىم بىلەن بىۋاستە تېلېفۇنلىشىپ، ئىزدىنىشنى قاتتىق ماختاش ئارقىلىق بىر قانچە دوستلىرىمنى ئىزدىنىش تورىغا تىزىملىتىپ كىرىشكە قىزىقتۇرغان ئىدىم، ئۈنۈمى كۆرۈلدى! بۈگۈن دوستۇم ئالىم پولات ئىزدىنىشقا تورىغا تىزىملىتىپ كىردى، ئۇنىڭ ئارخىپىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈپ بىقىڭ:

https://uyghur-archive.com/izdinix/space-uid-29571.html



ئەمدى خۇش خەۋەرنىڭ نەق ئۆزىگە كەلسەك، دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تۇنجى ۋە بىردىنبىر ئۇيغۇر شاگىرىتى دوكتور ئالىم پولات يېقىندا نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىنى تارقىتىشقا مەسئۇل ئورگان دۇنياغا مەشھۇر شېۋىتسىيە كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتىنىڭ خىزمەت تەكلىپىگە ئېرىشتى! ئۇ 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى يۈرەك تەتقىقات مەركىزىدە پوستدوكتورلۇق خىزمىتىنى باشلايدۇ. كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى 1810-يىلى شېۋىتسىيەنىڭ سىتوكھلىم شەھىرى ئەتراپىدا قۇرۇلغان قەدىمىي ئۇنىۋېرستېت بولۇپ، ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مەشھۇر ئۇنىۋېرستېتلىرىنىڭ بىرى. بۇ مەكتەپ مېدىتسىنا ساھەسىدە ياۋروپادا ئەنگىلىيە كامبىرىج ئۇنىۋېرستېتى، ئوكىسفور ئۇنىۋېرستېتى قاتارلىق داڭلىق مەكتەپلەر بىر قاتاردا ياۋروپادىكى 5 داڭلىق ئۇنىۋېرستېتنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ مىدىتسىنا ساھەسىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان بولۇپ، 2011-يىلى كىلىنىكىلىق مىدىتسىنا ۋە دورىشۇناسلىق ساھەلىرىدە دۇنيا بويىچە 11-ئورۇنغا تىزىلغان.  ئۇيغۇرلار ئىچىدىن مۇشۇنداق دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر، ئەڭ نوپۇزلۇق ئىنىستىتۇت، ئۇنىۋېرستېتلاردا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش شەرىپىگە ئېرىشىۋاتقان ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشى ھەقىقەتەن كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەتتە دوستۇم ئالىم پولاتنى چىن كۆڭلۈمدىن قۇتلۇقلايمەن ۋە ئۇنىڭدىن چەكسىز پەخىرلىنىدىغانلىغىمنى بىلدۈرىمەن!

http://ki.se/en/startpage

ئۇنىڭ ئىزدىنىش تورىغا تىزىملىتىپ كىرىشى يەنە نۇرغۇن چەتئەلدىكى ئىلغار ياشلارنىڭ مۇنبەرلەردە يۇرتتىكى قېرىنداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ سېپىمىزگە قوشۇلۇشى دۇنياۋى يېڭى بىلىملەرنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە كۆپرەك سۇنۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىزدىنىش تورىدىكى بارلىق مۇنبەرداشلار ئۈچۈن بىر خۇشاللىنارلىق خەۋەر دەپ قارايمەن. ئالىمنىڭ چىقىشقاق، ئوچۇق-يورۇق مىجەزى ۋە مول بىلىمى بىلەن ئىزدىنىشتىكىلەرنىڭ قارشى ئىلىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. تۆۋەندە ئالىم پولاتنى سىلەرگە قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ قوياي:





دوكتور ئالىم پولات 2005-يىلى فۇدەن ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئېلىكتىر ئېنژىنرلىقى كەسپىدە تولۇق كۇرۇسنى تاماملاپ شۇ يىلى كۈزدە شېۋىتسىيە چالمىرز تېخنىكا ئۇنىۋىرستىتى (Chalmers University of Technology) نانو تېخنكىسى كەسپىدە ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى باشلىغان. ئىككى يىلدىن كيىن ئۇ ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى مۇۋاپىققىيەتلىك تاماملىغان ۋە شۇ مەزگىلدىكى يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى شېۋىتسيەدىكى لىنشۆپىڭ ئۇنىۋىرستىتى (Linköping University) غا كۆچۈپ بارغاندا ئۇنىڭ بىللە بىللە شۇ ئۇنىۋىرستىتقا بىرىپ دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى باشلىغان. بۇ مەزگىللەردە ئالىم (تەڭتۇش دوستۇم بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسمىنى بىۋاستە ئاتىدىم) ناھايتى تىرىشىپ ئوقۇغان بولۇپ، دوكتۇرلۇق ئوقۇشى مەزگىلىدە ئامرىكا ۋە ياۋروپادا چىقىدىغان نوپۇزلۇق ئىلمىي ژورناللاردا نانو تېخنىكىسى ۋە بىئو-فىزىكا ساھەسىگە ئائىت 5 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ دوكتۇرلۇقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە نانو ماتىرىياللارنى ئىشلىتىپ بىر يەككە ھۆجەيرە ئىچىدىكى گلۇكوزا مىقدارىنى ئۆلچەش تېخنكىسىنى ياراتقان بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ ھۆجەيرىلەرگە ناھايتى قىزىقپ قالغان (ھۈجەيرىلەر ياشىسۇن! :lol) ۋە داۋاملىق ھۈجەيرىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشكە بەل باغلىغان. ئۇ 2010-يىلى دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى مۇۋاپىققىيەتلىك تاماملىغاندىن كىيىن، شىۋىتسىيەدە پوستدوكتۇرلۇق خىزمىتى ئىزدەۋىتىپ شىۋىتسىيە تەتقىقات كېڭىشى (Swedish Research Council) تور بىتىدىن شىۋىتسيەدە دوكتۇرلۇقنى پۈتتۈرگەنلەر ئۈچۈن ئۆز كەسپىدىن ئازراق ئوخشىمايدىغان بىر ساھەدە پوستدوكتۇرلۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغانلار ئۈچۈن بېرىلىدىغان بىر تەتقىقات مەبلىغى بارلىقىنى بىلگەن. شۇ مەزگىلدە ئالىم دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىغا بولغان قىزىقىشىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۆزىنىڭ بىر تەتقىقات تۈرىگە ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بىرىشىنى ئۆتۈنگەن. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بۇ تەكلىپنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان ۋە ئالىمغا ياردەملىشىپ شىۋىتسىيە تەتقىقات كېڭىشىنىڭ يۇقىرىدىكى تەتقىقات تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن تەتقىقات پلانىنى تەييارلىشىپ بەرگەن. ئالىم نۇرغۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بۇ تەتقىقات تۈرىنى ئوبدان چۈشەنگەن ۋە زور كۈچ بىلەن يېزىپ چىققان تەتقىقات دوكلاتىنى تاپشۇرغان. 2011-يىلى بۇ تەتقىقات مەبلىغىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلار ناھايتى كۆپ بولۇپ، ئالىم ئىككىلىنىپ تۇرغان مەزگىللەردە ئۇنىڭ بۇ تەتقىقات تۈرى مەبلىغىگە ئېرىشكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان. شۇنداق قىلىپ يىرىم يىل ئىچىدە شىۋىتسىيەدە بۇ تەتقىقات تۈرىگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچە ماتىرىياللارنى تاپشۇرۇش ۋە ئامرىكىغا ۋىزا ئىلتىماس قىلىش ئىشلىرىنى تۈگىتىپ 2011-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەجىرىبخانىسىغا كىلىپ ئىككى يىللىق پوستدوكتۇرلۇق تەتقىقاتىنى باشلىغان. ئۆتكەن يىل مۇددىتى توشقاندىن كىيىن شېۋىتسىيەگە قايتىپ بارغان. ھازىر كارولىنىسكا ئىنىستۇتىدا خىزمەتكە چۈشۈش ئالدىدا تۇرماقتا.



ئالىم ناھايتى تۈز كۆڭۈل، خۇشچاقچاق يىگىت بولۇپ، ئۆزىنىڭ دەسلىپىدە خىلى كۆپ قىينچىلىقلارنى تارتىپ ئاندىن غول ھۆجەيرە تەتقىقاتىنى ئوبدان چۈشەنگەنلىكى ۋە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەجىرىبخانىسىدا كۆپ ئىشلىتىدىغان تېخنىكىلارنى ئىگەللىگەنلىكىنى تەپسىلي ۋە قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭغا قايىل بولماي تۇرالمايتتىم چۈنكى مېنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان پوستدوكتۇرلۇق تەتقىقاتىم بۇرۇندىن ئوقۇغان بىئولوگىيە كەسپىمدە بولماي باشقا بىر كەسىپتە بولۇپ قالغان بولسا مەن ئۇ قېيىنچىلىقلارغا تەۋەككۇل قىلىشىم ۋە ئۈستىدىن غالىپ كىلەلىشىم ناتايىن ئىدى. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئالىمنى ياقتۇرۇشىدىكى سەۋەبمۇ دەل ئۇنىڭ ئىجتىھاد بىلەن تەتقىقات قىلىش روھى، ئاز تىپىلىدىغان دەرىجىدىكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى ۋە يۇقىرى تەتقىقات ئۈنۈمى(3 يىلدا 5 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىدىغان دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ) گە ئىگە بولغانلىقىدا بولسا كىرەك، دەپ ئويلىدىم. ئالىم ماڭا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نەقەدەر كەسىپچانلىقى ۋە قىتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش روھىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىنى بىلدۈردى. ئالىم دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەجىرىبخانىسىغا كىرگەندىن بۇيان ناھايتى مۇھىم تەتقىقات ۋەزىپىلىرى ئۇنىڭ زېممىسىگە يۈكلەنگەن بولۇپ، بۇ يىڭى ساھەگە قەدەم قويغىنىغا ئاران بىر يىرىم يىل بولغان ئالىم ئاللىقاچان خىلى زور تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ياراتقان. ئۇ دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ «ھۆجەيرە» ژورنىلىدا ئېلان قىلغان «ئىنسان غول ھۆجەيرىسىنىڭ كلونلىنىشى» توغرىسىدىكى ماقالىدا ئاپتۇرلارنىڭ بىرى بولغان. ئامرىكىدا ھەرگىزمۇ جۇڭگودىكىگە ئوخشاش تەتقىقاتقا بىۋاستە تۆھپە قوشمىغان كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئەل-ئاغىنىدارچىلىق ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن ماقالىغا قوشۇپ قويدىغان ئىش مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، ئالىم بۇ ماقالىنىڭ مۇھىم بىر تارماق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىپ ناھايتى ياخشى ئورۇندىغاچقا بۇ شەرەپكە نائىل بولغان. «ھۆجەيرە» ژورنىلىدەك مەخسۇس بىئولوگىيە ساھەسىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق، ئەڭ داڭلىق ئىلمىي ژورنالدا ئاپتۇرلۇق قىلغان ئۇيغۇردىن دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ سېڭلىسى دوكتۇر مايسەم مۇتەللىپتىن قالسا دوستۇم ئالىم پولاتنىڭ ئىسمىلا بار بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ھازىر كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتىدەك مەشھۇر تەتقىقات مەركىزىدە پوستدوكتۇرلۇق ئورنىغا ئېرىشىشىمۇ يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىمنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

بۇندىن كىيىن دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات ھاياتى ۋە يېڭى نەتىجىلىرىنى ئەمدى بۇ نۇقتىدا سۆزلەپ بېرىشكە ئەڭ ھەقلىق بولغان دوكتۇر ئالىم پولاتتىن ئاڭلايسىلەر، مەن بۇ ئىشتا پېنسىيگە چىقىمەن.  :D  (قۇشقاچنى مەخسۇس قۇشقاچ قاسسىپى سويسۇن! :lol )

يەنە بىر نۆۋەت: دوستۇم ئالىم، ئىزدىنىشقا كەلگەن قەدىمىڭگە مەرھابا! دۇنيانىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى يەنىمۇ كۆپ «ئالىم پولاتلار» سىلەرنىمۇ ئىزدىنىش كۈتۈۋاتىدۇ ھەم قەدىمىڭلارنى قارشى ئالىدۇ!

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ئۇنىڭ خەۋىرى يوق ھالدا يېزىلغان ۋە يازمىدىكى سۈرەتلەر دوستۇم ئالىمنىڭ رۇخسىتىسىز ئۇنىڭ فېيىسبۇكىدىن ئوغىرلانغان :lol ئالدىنىئالا كەچۈرۈم سورالدى.

تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە (بىلگەجان)
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى (سان ئانتونىيو، ئامېرىكا)

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 10:23:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-28 12:48  

ھە راست، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئۈلۈشكۈنكى «تەبىئەت»تە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىنى ئالىم پات ئارىدا جامائەتكە يېشىپ چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ ۋە تۇنجى يازمىسىنى شۇ يەردىن باشلايدۇ.

يەنە بىر تېمىدا دەيمەن دەپ ئويلىغان مۇھىم بىر گەپنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن:

مەن ئىزدىنىش تورىدەك بىلىملىكلەرنىڭ قورساقتىكىنى خاتىرجەم تۆكەلەيدىغان مۇنبەرنىڭ بولغانلىقىدىن ناھايىتى سۆيۈنىمەن. ۋەتەندە ياشاۋاتقانلار قەتئىي ھېس قىلالمايسىلەر، ئەمما چەتئەلدە ئوقۇش ۋە خىزمەتتە مۇساپىرچىلىقتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز مۇشۇنداق تور بەتلەرنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق كۆڭلىمىزنىڭ رىشتى تۇتاشقان شۇ ماكاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپىمىز ۋە سىلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇشتىن زور روھىي ئوزۇق ئالىمىز. بۇ گەپنى ئىچىمىزدە بىلسەكمۇ مەنچە تېخى ھېچقايسىمىز دەپ باقمىدۇق، مۇشۇ پۇرسەتتە ئىزدىنىش تورىنى قۇرغان ئىزدىنىشكامغا  رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. شۇنىڭدەك بىلىملىكلەرنىڭ قەدرىنى قىلغان باشقا ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن. ئەڭ مۇھىمى، ئىزدىنىشنى ئىزدىنىش قىلىپ تۇرۇۋاتقان ھەر بىر ئەزىز قېرىنداشلىرىمغا ئۇزۇندىن بىرى مېنى قوللاپ كەلگەنلىكى، يازغان ماقالىلىرىم تۈپەيلى باشقا مۇنبەرلەردە ھاياتىمغا تەھدىت سالغۇچىلار چىققاندىمۇ ئىزدىنىشقا خاس روھ بىلەن ماڭا مەدەت بەرگەنلىكىگە يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ئىزدىنىشنىڭ ھەقىقىي ئىزدەنگۈچىلەر ماكانى بولۇشىنى، داۋاملىق «بىلگەننى ئۆگىتىدىغان، بىلمىگەننى ئۆگىنىدىغان» ياخشى سورۇن بولۇشىنى ۋە قېرىنداشلىق مېھرىمىزنىڭ تېخىمۇ يىلتىز تارتىپ ئىللىق ئىزدىنىش ئائىلىسى قۇرۇپ چىقىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممىڭلارغا رەھمەت!

يېقىن كەلگۈسىدە مەن يېزىۋاتقان ھېكايەمدىكى ( ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر (2) - ئۈچ ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ئامېرىكا چۈشى سەپىرى) دوستلىرىمنى ۋە سىلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ياش ئىزدەنگۈچىلەرنى ئىزدىنىشقا باشلاپ كىرىمەن. بىلمىدىم، بۇ كېچە ئۇيقۇ قاچتى...

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 10:34:22

ئىسمىنى ئالىم قويسىمۇ بولامدۇ نىمە ، ئالىم ،ئالىم دەپ ئوقۇۋىرىپ،
بۇنىڭ ئىسىم ياكى ئۇنۋانلىغىنى بىلەلمەي، نەچچە قىتىم كەينىگە قايتىپ ئوقۇپتىمەن . . .

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 10:35:32

سىزگە تەشەككۈر
تىخىمۇ كۆپ بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئىزدىنىشقا قەدەم بىسىشىغا ئىنتىزارمىز{:87:}

nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 10:39:08

ياخشى بۇلۇپتۇ ، قارشى ئالىمىز

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 10:39:19

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-28 10:23 static/image/common/back.gif
ھە راست، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئۈلۈشكۈنكى «تەبىئە ...

باللا  ياخشى يازمىنى باھالاپ قويۇڭلار
بۇ بىر مەدەت بۇ بىر ئىلھام
باھالاپ قويغانغا قەلەندەر بوپكەتمەيسىلەر قەلەندەر بوپ كەتسەڭلار مۇنبەر باشلىقى بىرىدۇ:lol

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 10:40:46

مەرھابا ...

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 10:42:41

ما مۇنبەرنىڭ بەزى يەرلىرىنى تەڭشەڭلار
مېنىڭ مەرتىۋەم تۇدۇن تۇرۇپ ئاران ئون سوم بىلەن مۇكاپاتلىيالايدىكەنمەن.
كەم دېگەندە 50 سوم مۇكاپاتلىيالىسام توغرا بولاتتى
مۇنبەرنىڭ باھالاش تۈزۈمى ئۇيغۇرلارنىڭ مەرد مىھماندوس خارەكتىرىگە زىت بوپ قاپتۇ{:87:}

selma يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 10:56:29

مەرھابا:)

A_kuklem يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 11:08:24

مەرھابا !

JERIKO يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 11:13:28

يەنە ھاياجان بىلەن يۈرىدىكەنمىزدە!{:92:}
قارشى ئالىمىز .

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 11:33:46

«دوكتور ئالىم پولات 2005-يىلى فۇدەن ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئېلىكتىر ئېنژىنرلىقى كەسپىدە تولۇق كۇرۇسنى تاماملاپ...»
دېمەك توكچىدىن بىرسى كەپتۇدە ، قارشى ئالىمىز ....:lol:handshake

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 11:38:57

radiofan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-28 11:33 static/image/common/back.gif
«دوكتور ئالىم پولات 2005-يىلى فۇدەن ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئېل ...

ئالىم كۆپ قىرلىق، بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر دېگەنگە نەق ماس كىلىدىغان يېتىشكەن ياش. ئۇ شۆھرەتكامنىڭ شاگىرىتى، شۇڭا ئۇنى ھۈجەيرە بىئولوگى دېيىش ئەقىلغا مۇۋاپىق، توكچى دېگەندىن كۆرە...:D

Western يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 11:40:52

:)

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 11:42:35

مەرھابا...

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 12:08:37

ئالىم ئەپەندىنىڭ قەدىمىگە مەرھابا.
ئالىم ئەپەندىمنىڭ تېمىسىنى ساقلايمىز.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 12:14:57

ئىسمى جىسمىغا لايىق قىرىندىشىمىزكەن بۇ .
قىزغىن قارشى ئالىمىز

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 13:03:45

رەھمەت،بىلگەجان ھەم ئالىمجانلاردەك زىيالىلارىنڭ ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراۋۇزنىڭ مېڭىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى ھەم يىتەكلىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن،شۇنداقلا بۇنىڭغا ئىشىنىمەن.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 13:38:48

غەلبە تىرىشچانلارغا مەنسۇپ.
ئاپىرىن !
ھارمىغايسىزلەر!

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 13:45:20

ئالىم ئەھەت، ئالىمجان ئىسمائىل، ئالىم خالىق، ئالىم پولات، راست ئىسمى جىسمىغا لايىق. قارشى ئالىمىز ئالىمجان.
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8
: (bilgejan) ئىزدىنىشقا مېھمان تەكلىپ قىلدىم