ئابدۇلفەتتاھ سىيسى ھەربىيلىكتىن چىكىنمەكچى
مىسىر ھەربىي تەرەپنىڭ رەھبىرى سىيسىنىڭ 26-چىسلا تېلۋىزيە نوتىقى سۆزلەپ ئۆزىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىق ۋە ھەربىي تەرەپتىكى ۋەزىپىسدىن ۋاز كىچىپ ،يىقىندا ئۆتكۈزلىدىغان پىرىزدىنت سايلىمىغا قاتنىشدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆتكەندە ئۇنى سايلامغا قاتناشمايدۇ دەپ ھەربىي تەرەپتىن بايانات ئىلان قىلىپ يۇرەتتىغۇ ؟
..................... مۇشۇنداق بولماقچى ئەسلى ، بۇنىڭ پەيتى كەلگەنلىكىنى يېقىندا نەچچە يۈز ئادەمنى ئۈلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ، ئاتالمىش ئەرەب باھارى ، يېڭى تەرتىپ ، كۆتە قاسقىنىڭنى . parakende يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 10:16 static/image/common/back.gif
ئۆتكەندە ئۇنى سايلامغا قاتناشمايدۇ دەپ ھەربىي تەرەپتى ...
ئۇ چاغدا ئىشىكى كۆۋرۈكنىڭ ئۇ يېقىدا ئىدى. ‹ئەرەب باھارى›، ‹يىڭى تەرتىپ› بۇلاردىن گۇمان قىلماڭلار. ئەكسىچە ئۇنىڭ كىملەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭلار. مۇبارەك، مۇرسى، يەنە ماۋۇ سىسى دىگەنلەر ئارتىسلار. ۋاھالەنكى رىژىسسورنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقالمىغان ئارتىس قاسقىنى كۆتۈرۈپ چۈپكىتدىغان گەپ سەھنىدىن.
patrol يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 11:24 static/image/common/back.gif
ئۇ چاغدا ئىشىكى كۆۋرۈكنىڭ ئۇ يېقىدا ئىدى.
ئىنكاسنى بەك قىزىقارلىق يازىسىلەر جۇمۇ پاترول.:lol :lol مورسى ھەقىقەتەن ئەرەب باھارىدىن چىققان رەھبەر،سىسسى دىگەن قورال كۆتۇرۇپ چىققان رەھبەر.
مىسىرلقلار دەسلەپكى ئىرىشكەن دىمۇكراتىيەگە شۇكرى قىممىدى.
دىمۇكراتىك دۆلەتلەردىكى خەلىق دۆلەت رەھبەرلىرىگە بىسىم چۇشۇرۇشتە بەك تادان بوپ كەتكەن.ئامىركىنى مىسال ئالساق زۇڭتۇڭلا ئەللىك پىرسەنىتتىن ئارتۇق بىلەتكە ئىرىشمەي زۇڭتۇڭ بولاممايدۇ،بىراق ھازىر ئوبامانىڭ قوللاش نىسپىتى قىرىق نەچچە پىرسەنىت،بوش تۇنجى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش موددىتى ئىچىدە بەزىدە ھەتتا ئۇنى قوللاش نىسپىتى يىگىرمە نەچچە پىرسەنىتكە چۇشۇپ قاغان بىراق بوش يەنىلا مۇۋاپىقىيەتلىك قايتا سايلانغان. ئامىركا خەلىقى دايىم ئەل رايى سىناش ۋە نامايىش ئارقىلىق زۇڭتۇڭغا بىسىم چۇشۇردۇ ۋە ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ،بۇ زۇڭتۇڭنىڭ خىزمەتنى بوشاشماي ئشلىشىگە تۇرىتكە بولىدۇ، بىراق زۇڭتۇڭنى ھەربىيلە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ چۇشۇرۋەتمەيدۇ.
شۇنىڭغا ئوخشاش زۇڭتۇڭغا خەلىقنىڭ زارلىنىپ نامايىش قىلىشى مىسىردىمۇ يۇز بەردى ،بىراق پۇرسەتپەرەس سىسسى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كەتتى دە ،مىسىر دىمۇكراتىسى زور دەرىجىدە چىكىنىپ كەتتى.بۇ مىسىر دىمۇكراتىيسىنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش جەريانىدىكى بىر ئەگرى توقايلىقى. يەنە بىر مۇبارەك ۋۇجۇتقا كېلىش ئالدىدىمۇ!؟ ،بىراق پۇرسەتپەرەس سىسسى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كەتتى دە ،مىسىر دىمۇكراتىسى زور دەرىجىدە چىكىنىپ كەتتى.بۇ مىسىر دىمۇكراتىيسىنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش جەريانىدىكى بىر ئەگرى توقايلىقى.
.........................................................................................
بۇتپەرەسمىكەن بۇ قارۋاي؟
،بىراق پۇرسەتپەرەس سىسسى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كەتتى دە ،مىسىر دىمۇكراتىسى زور دەرىجىدە چىكىنىپ كەتتى.بۇ مىسىر دىمۇكراتىيسىنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش جەريانىدىكى بىر ئەگرى توقايلىقى.
.........................................................................................
بۇتپەرەسمىكەن بۇ قارۋاي؟
مۇھەممەد مورسى ئەينى چاغدا قەدەمنى بەك چوڭ ئىلۋەتكەنلىكى راسىت، بىراق ئۇ ھازىرقى ھۆكۈمەت يۈرگۈزۋاتقان جىنايەتلەرنى، قەتلىئامىنى يۈرگۈزمىگەن ئىدى، خەلىقئارا ئاتۇم ئىنىرگىيە ئورگىنىنىڭ پىسيۇنىرى بارادى شۇ چاغدا، بەزى ئىشلار مەقسەتلىك ، پىلانلىق ئېلىپ بىرىلىۋاتىدۇ دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ بۇ رەزىلىلك ئۇۋىسىدىن پۇتنى سۇغۇرغان ئىدى. ئىشقلىپ مەنچە ۋاقىتلىق بولسىمۇ مۇبارەك تەرەپدالىرى مەقسىتىگە يەتتى، ئۇرۇن ئالماشتى، قىممەت ئۆزگەرمىدى، ئەركىنلىك ئۈچۈن كوچىلاردا نامايىش قىلغان خەلق ئېغىر دەرىجىدە ئالداندى. ھامان بىر كۈنى سېسىنىڭ كازافىدەك كۈنگە قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. سەلەفىلەر ھېسابلىنىدىغان ئەلنۇر پارتىيىسىنىڭ سىسىنى قوللاپ ئىخۋانلارغا قارشى چىقىشىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ.
بۇ قېتىممۇ سىسىنىڭ زۇڭتوڭ بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. tarim222 يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 15:36 static/image/common/back.gif
سەلەفىلەر ھېسابلىنىدىغان ئەلنۇر پارتىيىسىنىڭ سىسىنى ...
بۇ ئەلنۇر پارتىيسى دىگەن قانداق پارتىيە ئەمدى ؟
patrol يوللىغان ۋاقتى 2014-3-28 11:24 static/image/common/back.gif
ئۇ چاغدا ئىشىكى كۆۋرۈكنىڭ ئۇ يېقىدا ئىدى.
ئىنكاستەكلا ئىنكاسكەن:lol دىمىسىمۇ بۇ سەلەف دىگەنلەرنى تازا بىلىپ كەتكىلى بولمىدىغۇ ؟ ئۇلارنىڭ ئۇستازى بولغان سەئۇدى پۇل چىقىرىپ ھەتتا سسىغا قارشى تۇرغانلارنى تىللاپ تۇرۇپ قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى يىقاتتى ئىچكى جەھەتتىن ما سەلەفىلەر دىننى مەيداندا تۇرامدۇ ياكى مەقسىدى نىمە ؟ بۇلارنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى سوپىلار دەپ ئەيىپلەش سادالىرىنى پاتپات ئاڭلاڭلىنىپ قالىدۇ ! ئۇلارنىڭ مايدانى نەدە زادى ؟ قېرىنداشلار تەشكىلاتى بىلەن قانداق پەرىقلىرى باردۇ زادى ؟ ئامېرىكا ئىخۋاننى ترورچى تەشكىلات تىزىملىكىدىن چىقىرىپ يۈرۈپ مىسىردىن ئىبارەت بۇ سىياسى چوك دۆلەت بىلەن دوستلىقىنى ساقلىغان ئىدى ، مورسىمۇ مەن ، ئەر ئايال موسۇلمان خىرىستىيان ھەممىڭنىڭ زۇڭتۇڭى ، مەن مىسىر ۋەزىيىتىنى ئانداق ئوڭشايمەن مۇنداق ئوڭشايمەن دەپ ئاددى ئويلاپ قالدىمۇ نېمبولدى بىر قاتار گۈزەل ۋەدىلەرنى بېرىپ تەخىتكە چىقتى ، ئەمەلىيەتتە شۇ قالايمىقانچىلىقتىكى ئىقتىسادى ئاجىز مىسىرنى تۈرلۈك بىسىملار ئاستىدا ئوڭشىيالماي قالدى ، پۇرسەت كۈتكەن ئۆكتىچىلەرمۇ بۇ چاغدا قالايمىقان سۈرەن تاۋلاپ كوچىغا چىقتى . نارازى ئاممىنىڭ تەلۋىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن پۇل كېرەك بولدى ، قاتاردىن باشقا باي خوشنىلىرى قولىنى يۇمىۋالدى ، ئەزەلدىنلا ساياھەت ، قانال ئىجارە ھەققى قاتارلىق كىرىمگە تايىنىدىغان مىسىرگە بۇ پۇل يېتەمدۇ ، ئامېرىكىمۇ مورسىنى ئىچىدىن ياقتۇرمىدى بولغاي ، ئاغزىدا ھەربى تەرەپنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلەپ قويغان بىلەن . چۈنكى مورسى ئىران ، خاماس بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ ئىسرائىل بىلەن جىددىلەشتى ، يەنە كېلىپ ئامېرىكىنىڭ كۆزگە ئىلغىدەك رەقىبى سوۋېت ياكى روسىيە ئەمەس ، ھەممىدىن كۈڭۈل بۆلىدىغىنى ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونى ئوتتۇرا شەرق ئەمەسدە ، يەنە كېلىپ ئىخۋان قوغلانسىمۇ تەھدىت بولغۇدەك ترورچى تەشكىلات بولۇپ چىقالىشى ناتايىن بولغانلىقى ئۈچۈن ، سەن سىسى چىقساڭمۇ مەيلى تەخىتكە ، كىملا چىقما ماڭا بەرىبىر ساڭا ئازراق پايدا بەرگەچ مېنىڭ مەنپەتىم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىۋېرمەنغۇ دېگەن چىغى . سەئۇدى ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگىمۇ مىسىر نى ئۆز خەلقىنىڭ دوراپ قىلىشىدىن قورقۇپ ئۆز بىلەن ئوخشاش ئېقىمدىكى گورۇھنى قوللىغاچ پۇل دېگەن مانا خەجلە ، ئەگەر ئامېرىكا پۇل بەرمىسىمۇ غۇجا ئاكاڭ بار دەپ مەيدىسىنى كېرىپ چىقتى . مىسىر دائىرلىرىمۇ ئىخۋانغا قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن ئۆزىنىڭ سىياسى چوڭ دۆلەت بولۇشتەك ئەۋزەللىكىگە ئىشىنىپ پۇلنى خەجلىگەچ پىلان سوقۇپ ئولتۇرىدۇ . بۇنىڭ ھەممىسى ئەرەپ ھۆكۇمدارلىرىنىڭ ئويۇنى.بۇلار ئاۋال ھوقۇق ئاندىن دىن دەيدۇ.خەلىقىنى ئالداش ئۇچۇن سەلەفىلى بولۋالدۇ ئەمىليەتتە 1920يىللارغىچە ما قەبىلە بىز قازغان قۇدۇقتىن سۇ ئىچسە بولمايدۇ دەپ ئۆزى قازغان قۇدۇقتىن سۇ ئىچكەن ئەرەپنى(باشقا قەبىلە ئەزاسنى)ئىتىۋىتەتتى بۇ خەق.باشقا قەبىلە ئەمەس كاپىر كەلسىمۇ سۇ بېرىش ئىنسانى شۇنداقلا ئسلامنىڭ گۇزەل ئەخلاقى ماۋۇ بەزى ھايۋانلارنىڭ قولدا ئۆزگۇرۇپ كەتكەن. ئوسمانلار شۇنداق تەرەققى قىلدۇرغان ھاكىمىيەتنى قەبىلە ۋە ئالتۇن ئازراق مال ئۇچۇن ساتقان بۇ ئەرەپلەر.
ئوسمانىلار مۇسۇلمان ئىدىغۇ؟
مانداق ئىشلارمۇبار يەھۇدىلار بىلەن ئەرەپلەر پەيغەمبەر ۋاقتىدا بىللە ياشىغان .ئەنگليە بۇلاردىن شۇنداق پايدىلانسا گەپ يوق خاماس بىلەن پەلەستىن ئازاتلىق فرونتىئۇرۇشۇپ ئۆز ئارا قىرغىن قىلشدۇ بۇلارنى شۇ كۇنگە قويغانلارچۇ؟ . كېيىن ئاشۇ ۋاھابىلارنىڭ دىننى ۋە مىللەتچىلك بىلەن يۇغۇرۇلغان ئىديەسى بىلەن ئوسمانلارنى ئاغدۇرۇپ ئەنگليە نىڭ قىلتىقغا چۇشكەن خەق ئەمدى دىنى كۆترەپ دۇنيادىكى باشقا ئۆزىنىڭ يۇزدىكى تۇكىگە ئىگە بولالمايۋاتقان كىشلەرنىمۇ يەنە تېخمۇ بالاغا تىقدۇ بۇ خەق چىرايدىن قانخورلىقى چىقىپلا تۇرىدۇ .
مۇبارەكنىڭ چىرايىغا ئوخشاشلا ،
بەت:
[1]
2