bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 21:38:54

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپتىن يەنە خۇشخەۋەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-27 22:07  

بىلگەجان ئامېرىكىدىن خەۋەر قىلىدۇ:  
ئامېرىكا ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرستېتى پىرافىسورى، پەخىرلىك ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى تۈنۈگۈن (2014-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى) «تەبىئەت» ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى. «تەبىئەت» ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىش دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئالىملارغا نېسبەتەن پەقەت بىر يېتىش تەس بولغان غايە بولسىمۇ، بۇ ئىش دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپكە نېسبەتەن دائىملىق ئىش بولۇپ قالدى. بىلگىنىڭلاردەك ئۆتكەن يىلى «تەبىئەت» ژورنىلى تەرىپىدىن يىللىق «دۇنياغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن 10 ئالىم» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان ئالىمىمىز دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ 2007-يىلى «تەبىئەت» ژورنىلىدا تۇنجى پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلغاندىن باشلاپ ھەر يىلى ئۈزلۈكسىز «تەبىئەت»، «ھۈجەيرە» قاتارلىق دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژورناللاردا ماقالە ئېلان قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىلمىي قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرى ماقالىلىرى دۇنيا مىقياسىدا غايەت زور تەسىرلەرنى قوزغاپ، ئىلىم-پەن ساھەسىدىن ھالقىپ جەمئىيەتتە كىشىلەر بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان ئىلمىي پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ يېڭى نەتىجىسىگە مۇبارەك بولسۇن!



ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى ماقالىسىمۇ ئالاھىدە بىر بايقاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ بايقىشىچە، ئىلگىرى مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارالغان ئىككى ھۈجەيرە باسقۇچىدىكى تۆرەلمىنىڭ ھۈجەيرە دەۋرىيلىكىنىڭ بۆلۈنۈش ئارىلىق مەزگىلىدە تۇرۋاتقان سىتوپلازمىسى خۇددى بۆلۈنۈش مەزگىلىگە كىرگەن ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇم ھۈجەيرىسىدەكلا چوڭلارنىڭ بەدەن ھۈجەيرە يادروسىنى قايتا پىروگراممىلاش ئارقىلىق مۇتلەق تولۇق پوتىنسىئاللىق تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىگە ئايلاندۇرالايدىكەن. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتساق، ئىلگىرى تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم بۆلۈنۋاتقان ئەمما تېخى ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ سىتوپلازمىسى بولمىسا قەتئىي بولمايتتى، ئەمدى بۇ يېڭى نەتىجە ئاللىقاچان ئۇرۇقلىنىپ ئىككى ھۈجەيرىلىك تۆرەلمە ھالىتىدىكى سىتوپلازمىنىڭمۇ ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ئالىملارنىڭ ئىلگىرىكى قاراشلىرىغا جەڭ ئېلان قىلدى. بۇ تەتقىقات چاشقان ئۈستىدە ئىشلەنگەن بولۇپ، پات ئارىدا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئوخشاش تەجىرىبىنى ئىنسانلاردىمۇ ئىشلەپ چىقماقچى ئىكەن. ئەگەر ئىنسانلاردا مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا، ئۇ ھالدا غول ھۈجەيرە يېتىشتۈرۈشتىكى تۇخۇمغا بولغان مۇتلەق ئېھتىياج ئازىيىپ دوختۇرخانىلاردا تاشلىۋىتىلىدىغان تۆرەلمىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرىنى يېتىشتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن. ئەسلى ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ۋاقىت چىقىرىپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن. ھازىرچە ماقالىنىڭ ئۇلىنىشىنى قالدۇراي، قىزىققانلار ئوقۇپ بېقىڭلار:

http://www.nature.com/nature/journal/vaop/ncurrent/full/nature13134.html



ئەسكەرتىش: بۇ خەۋەرنى سىز ياخشى كۆرىدىغان باشقا تور بەت ۋە ئۈندىدار سالونلىرىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تارقىتىپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمەن.

musapir911 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 21:52:10

ئالىمىمىزغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن! يېقىمسىز خەۋەرلەرنى ئاڭلاۋىرىپ كۆڭلۈم بىر قىسما ئىدى....خوشخەۋەرنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى.....
ئالىمىمىزنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ،ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن!

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 21:56:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-27 21:59  

ئاپىرىن ، مۇبارەك بولسۇن !
شۆھرەتكام ۋە سىز قاتارلىق ئالىملىرىمىزغا ئۇتۇق تىلەيمىز ، سىلەردىن پەخىرلىنىمىز.

okullar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 21:59:24

شۆھرەت ئاكىمىزدىن پەخىرىلىنىمىز، مۇبارەك بولسۇن. ئەي كۆز ياش تۆكمە خۇددى سەن نۇرغۇن ئىشلارغا قادىر ئەمەستەك!

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 22:02:58

دوختۇرخانىلاردا تاشلىۋېتىلىدىغان تۆرەلمىلەر ئاللىبۇرۇن ئىككى  ھۈجەيرىلىك بۆلۈنۈش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بولار ؟
ياكى تۆت ، سەككىز ، ئون ئالتەھۈجەيرىلىك بۆلۈنۈش باسقۇچلىرىدىمۇ بولامدىكەن ؟ دوختۇرخانىلاردا تاشلىۋېتىلىدىغان تۆرەلمە  ئەڭ كىچىك بولسىمۇ بىر يېرىم - ئىككى ئايلىق بولىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا كۆپ قىسىم بۆلۈنۈش تاماملىنىپ بولار …

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 22:09:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-27 22:19  

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-3-27 22:02 static/image/common/back.gif
دوختۇرخانىلاردا تاشلىۋېتىلىدىغان تۆرەلمىلەر ئاللىبۇ ...

تۇخۇت دوختۇرخانىلىرىدا ھەر كۈنى نۇرغۇنلىغان پىروبىركىدا تۆرەلمە يېتىشتۈرۈش (in vitro fertilization, IVF) مەشغۇلاتىدىن ئاشقان تۆرەلمىلەر تاشلىۋىتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى ئەمدى ئۇرۇقلانغاندىن كىينلا تاشلىۋىلىتىلىدۇ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پەقەت بىرسىنى ئانا تېنىگە كۆچۈرىدۇ.

mispurqak يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 22:23:17

ئالىمنىڭ ئۇستىگە قۇت ياغقاي!مۇبارەك بولسۇن!

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 22:32:17

قۇت بولغاي!

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 22:38:34

{:112:} ئالىمغا بارىكاللا يەنە بىرقېتىم كاتتا نەتىجىگە ئېرىشىپ باشقىلارنى تاڭ قالدۇرۇپتۇ .

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 22:42:21

ئالىمدۇر دۇنيادا ئىنساننىڭ جېنى ،
پەخىرلەن ئالىملىرىڭدىن ئۇيغۇر ۋەتىنى.

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 23:00:57

بارىكاللا .ئەگەر ئىنسانلاردا مۇۋەپپىقىيەتلىك بولسا ئەمسە ئالىمنىڭ تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى ئۈچۈن پالانى پۇل خەجلەپ تۇخۇم سېتىۋېلىشقا ئېھتىياجى چۈشمەيدىكەن .دېمەك ،بۇ تۈرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدىكى بىر ئىلگىرىلەش بۇلۇپلا قالماي ، تۈرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدىكى ئەڭ چوڭ مەسلىلەرنىڭ بىرى بولغان مەبلەغ بېسىمىمۇ بىرقەدەر يېنىكلەيدىكەن ،ئالىمنىڭ مەبلەغ ئۈچۈن قاترايدىغان ۋاقتى قىسقىراپ تەتقىقات ئۈچۈن ۋاقتى كۆپىيىدىكەن ،مەبلەغتىن بۇرۇنقىدەك ئەنسىرىمەي خاتىرجەم تەتقىقاتى  بىلەن مەشغۇل بۇلىدىكەن .شۇنداقمۇ
  ئۇف ،مېنىڭ ما چۈشەنگىنىم توغرا بوپتۇمۇ  بىلگەجان ؟
چۈشەنچەمنى بەكمۇ تەستە ئىپادىلىدىم ، بۇ چۈشەنچەم توغرىمۇ يوق بىلمەيمەن تېخى:(

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 23:07:08

بۈگۈنكى خوشخەۋەرلەرنىڭ تۈنجىسى ھەم كاتتىسى بولدى ....

qarluqf34 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 23:07:54

كارامەت  ئىش  بوپتۇ {:112:}.،. ،.  شۆھرەتكامنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەتقىقاتلىردىمۇ  چوڭ ئۇتۇقلارنى  قازىنىپ ،  تىزىراق نوبىل  مۇكاپاتى  ئېلىشىغا  تىلەكداشمەن  .،.

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 23:09:29

ئاۋۇ ماقالە مەنبەسىدە يەنە بىرمۇنچە ئادەملەرنىڭ ئىسمى تۇرامدۇ نىمە

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 23:10:38

شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىنىڭ سانى جەمى نەچچە بولدى؟
مەن بىرسىدىن جۇڭگو ئالىملىرى «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ماقالىسى ئېلان قىلىنىپلا قالسا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىكى شەرتسىز بېرىلىدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم.
ئەگەر جۇڭگودا بولغان بولسا نەچچە قېتىم ئاكادېمىك بولىدىكىن.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 23:11:19

omar14 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-27 23:09 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ ماقالە مەنبەسىدە يەنە بىرمۇنچە ئادەملەرنىڭ ئىسمى ...

ھەر قانداق ئىلمىي ماقالىنى بىرلا ئادەم ئېلان قىلمايدۇ. بۇ ماقالە شۆھرەتكامنىڭ تەجىرىبخانىسىدىكىلەر ئېلان قىلغان ماقالە، شۇنىڭ ئۈچۈن مەبلەغ چىقارغۇچى، يىتەكچى ئۇستازنىڭ ئىسمى ئەڭ ئاخىرىغا قويۇلىدۇ. بۇ ئىلمىي ساھەدە ئومۇملاشقان بىر ئىش.

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 23:16:43

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-27 23:11 static/image/common/back.gif
ھەر قانداق ئىلمىي ماقالىنى بىرلا ئادەم ئېلان قىلمايد ...

چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت بىلگەجان ...سىز تەرەپتە ھازىرنىڭ ئۆزىدە قانچە بولدى سائەت

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 23:25:16

{:101:} يارايدۇ....
نوبىل چۈشىمىز ئەمەلگە ئاشسىدى......ھەممە تاغلارنىڭ چوققىسىغا چىقىپ باقساق ھە

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 00:23:03

ئاللاھتىن شۆھرەت ئاكىمىزنىڭ تىخىمۇ شۆھرەت قازىنىشىنى تىلەيمەن

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 00:47:51

ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ ئاكىمىزنىڭ تېنىنى سالامەت قىلسۇن.
بەت: [1] 2
: دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپتىن يەنە خۇشخەۋەر