köksöy يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 10:18:14

قىرىمدىكى باغچەساراي بۇلىقى ۋە رۇس شائىرى پۇشكىن

قىرىمدىكى باغچەساراي بۇلىقى ۋە رۇس شائىرى پۇشكىن

قىرىم تاتارلىرى تارىختىن بۇيان قىرىمدا ياشاپ مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرۇپ،ھەشەمەتلىك ئوردىلارنى ۋە قۇرۇلۇشلارنى بىنا قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى مەشھۇرلىرىدىن بىرسى باغچە ساراي شەھرىدۇر.
قىرىمنىڭ باشكەنتى بولغان باغچەساراي شەھرىدىكى خان ئوردىسى 16-ئەسىردىن تاكى 1783-يىلىغىچە خان جەمەتىنىڭ ئىدارە مەزكىزى بولۇپ كەلگەن.مىلادى 1740-يىلى گىرايخان ئوسمانلى ئىمپىريىسىدىن مىمار ۋە ئۇستىكارلارنى تەكلىپ قىلىپ خان سارىيىنى يېڭىۋاشتىن ياساتقان. ئۇستىكارلار 3 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئوردىنى ئوسمانلى ئوردىسى شەكلىدە يېڭى تۈسكە كىرگۈزگەن.1863-يىلى گىرايخان ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دىلارە خانىش ياپ-ياش تۈگەپ كەتكەن.ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە قاتتىق قايغۇرغان گىرايخان ئادەمدەك ياش تۆكۈدىغان بىر قۇرۇلۇش ياساش پەرمانىنى چۈشۈرگەن.شۇنىڭ بىلەن مەشھۇر قۇرۇلۇش<<كۆز يېشى بۇلاق>>بارلىققا كەلگەن. قۇرۇلۇش پۈتكەندە گىرايخان ھەسرەت ئىچىدە << بۇ بۇلاق خانىش ئۈچۈن مېنىڭ كۆزلىرىرىمدىن تۆكۈلىۋاتقانياشتەك ئېقىپ تۇرسۇن، دۇنيا مەۋجۇت بولۇپلا تۇرىدىكەن،مەن كەبى يىغلىسۇن >>دەپ ياش تۆككەن.شۇڭا ئۇ باغچە ساراي بۇلىقى دەپ ئاتالغان.ئېيتىلىشىچە بۇ بۇلاق خانىش دەپنە قىلىنغان قەبرىگە تۇتاش ياسالغان بۇلۇپ بۇلاق قۇرۇلۇشىنىڭ تېمى قەبرىگە ياندىشىپ تۇرۇدىكەن،خۇددى كۆزدىن سىرغىۋاتقان ياشتەك سۇ ئېقىپ تۇرۇدىكەن.بۇ قۇرۇلۇش ئوردىكى ھەرەم، ساراي، مازارلىق، باغچا، مۇنچا، قاتارلىقلار ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرى بولۇپ بۇلاقنىڭ سۈيى ھازىرمۇ ئېقىپ تۇرماقتا.
ئەپسۇس خانىش ئۈچۈن ياش تۆككەن خاننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن يەنى 1783-يىلى 4-ئايدا رۇسلارنىڭ قىرىمنى بېسىۋېلىشى بىلەن گىرايخانلارنىڭ سەلتەنەتى ئاخىرلاشتى.قىرىمدىكى باغچە ساراي ۋە خان ئوردىلىرى تاجاۋۇزچىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا قالدى.قىرم تاتارلىرىنىڭ كۆز يېشى خۇددى ئەشۇ <<كۆز بۇلاق>>نىڭ چەشمىسىدەك توختىماي ئېقىپ تۇردى،تا بۈگۈنگىچە 231يىل ئاقتى.....
رۇسلار بېسىۋالغان زىمىندىكى خەلقلەرنى قانداق باشقۇرۇش،قانداق تىزگىنلەش،ئۆزىنى قانداق كۈچەيتىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى توپلىغان مول تەجىربىلىرىگە تايىنىپ قىرىمدىكى ئاساسىنى پۇختىلىۋالغاندىن كېيىن يەرلىك جاي ناملىرىنى رۇسچىغا ئۆزگەرتىشكە ياكى تاتارچىدىن باشقا تىللادا ئىسىملارنى قويۇشقا كىرىشىدۇ.ئەمما نۆۋەت باغچە سارايغا كەلگەندە پۇشكىننىڭ بىر پارچە داستانى سەۋەبىدىن باغچە ساراينىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشكە جاسارەت كۆرسىتەلمەيدۇ.
1822-يىلى رۇس شائىرى پۇشكىن سۇرگۇن قىلىنىپ قىرىمغا كېلىدۇ.ئۇ گىرايخان ۋە دىلارە خانىش ھەققىدىكى ئاشىقلىق رىۋايەتلىرىنى ئاڭلاپ باغچە ساراي شەھرىدىكى خان ئوردىسىنى ۋە <<كۆز يېشى بۇلىقى>>نى زىيارەت قىلىدۇ.<<كۆز يېشى بۇلىقى>> ۋە ئۇنىڭ رىۋايىتىپۇشكىنغا قاتتىق تەسىر قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن پۇشكىن 1824-يىلى <<باغچە ساراي بۇلىقى>> ناملىق مەشھۇر داستانىنى پۈتتۈرۈپ ئېلان قىلىدۇ.داستاندا گىرايخان مەدھىيەلەنگەن،دىلارە خانىش بىلەن خاننىڭ مۇھاببىتى ئاجايىپ قايناق ھېسسىيات بىلەن كۈيلەنگەن. داستان رۇسىيە ۋە ياۋرۇپادا ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ،باغچە ساراينى دۇنياغا تونۇتىدۇ،پۇشكىننىڭ نامىنى تېخىمۇ مەشھۇر قىلىدۇ.چار رۇسىيەسى پۇشكىن پەيدا قىلغان زىل-زىلە سەۋەبىدىن باغچە ساراينىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قالىدۇ،پۇشكىننىڭ ھەيكىلى <<كۆز بۇلاق>>نىڭ يېنىغا تىكلىنىدۇ،<<باغچە ساراي چەشمىسى>> داستانىدىن پارچىلەر بۇلاق تېمىغا نەقىشلىنىدۇ......
خان سارىيى جىمجىتلىشىپ بوشاپ قالدى،
قىرىم گىراي يەنە كەتتى ئۇنى تاشلاپ.
تۈمەن-تۈمەن لەشكەر بىلەن يات ئەللەرگە،
يولغا چىقتى ئۆزى باش بۇپ سەپەر باشلاپ.
قارا بورانلىق سوقۇشلاردا قىرىم گىراي،
غەمكىن بولۇپ قانغا مىلىنىپ ئات ئوينىتار.
ئەمما خاننىڭ يۈرىكىدە يەنە بىر خىل،
مۇھاببەتنىڭ يالقۇنلىرى پىنھان ياتار.
...................
پۇشكىننىڭ بۇ مەشھۇر داستانى تاكى بۈگۈنگىچە قىرىمنىڭ ئەسلى ئىگىلىرىنىڭ كىملىكىنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە،باغچە سارايدىكى سەلتەنەت ۋە ھەشەمەتلىك ئوردىلارنىڭ گۇۋھاھچىسى سۈپىتىدە،گىرايخاننىڭ سوقۇشلىرى ۋە زىمىنى ئىشغال قىلىنىپ خەلقى قۇللۇققا چۈشكەن مىللەتنىڭ رۇسلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان تارىخى ھۆججىتى سۈپىتىدە سۆيۈلۈپ ئوقۇلۇپ كەلمەكتە.<<كۆز بۇلاق>>مۇ خۇددى قىرىم تاتارلىرىنىڭ كۈلپەتلىك تارىخى ئۈچۈن يىغلاۋاتقاندەك؛نومۇسسىز ئورۇسلارنىڭ يەرلىك خەلىقنى قىرغىن قىلغان،سۈرگۈن قىلغان،يۇرتىدىن كېتىشكە مەجبۇرلىغان،دۇنيادا تولىمۇ چىرايلىق ئىسىمى بولغان باغچە ساراينى دوزاققا ئايلاندۇرغان،رۇس كۆچمەنلىرىنى كەلكۈن كەبى قىرىمغا باشلاپ ئەسلىدى گۈزەل ماكاننى تارتىۋالغان جىنايەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ يىغلاۋاتقاندەك؛ رۇسلارنىڭتېخى يېقىندىلا نومۇسسۇزلۇق بىلەن ئويناپ چىققان رېفىراندۇم ئويۇنىدا ئامالسىز ئۇرۇنغا چۈشۈپ قالغان تاتارلار ئۈچۈن يىغلاۋاتقاندەك؛ 1944-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى چوڭ سۈرگۈندە پويىزدا ئۆلگەن 150مىڭ تاتار ئۈچۈن ھازا ئېچىپ يىغلاۋاتقاندەك؛ سەلتەنەتلىك دۆلىتىنى،تەلىيى كاج گىرايخان بىلەن گۈزەل خانىشنى، 1917-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى قىرىم دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان قىرىم مىللى قۇرۇلتاي باشچىلىرىنى سېغىنىپ يىغلاۋاتقاندەك؛ئەسلىدى ئىككى مىليۇن خەلقنىڭ ھازىرقىدەك ئۈچ يۈزمىڭغىمۇ يەتمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ ئۆز ۋەتىنىدە ئۈچىنچى دەرىجىلىك پۇقراغا ئايلانغانلىقى ئۈچۈن ئۆكۈنۈپ يىغلاۋاتقاندەك ئېقىپ تۇرماقتا....

köksöy يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 11:34:39

باغچە ساراي چەشمىسى ۋە پۇشكىنغا دائىر سۈرەتلەر

Western يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 14:21:11

قىرىمدىكىباغچە ساراي .

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 16:01:47

جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ مەيدانغا كەلگەن جايى.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 15:12:28

بىزنىڭمۇ بۇ يەردە نوپۇسىمىز كۆپ بولغان بولسا، پىدائىي ھالەتتە مىللەت نامىمنى تاتارغا ئۆزگەرتىپ، قىرىمغا كۆچمەن بولۇپ، قېرىنداشلىرىمىزغا بىر نوپۇس، ياق، ئائىلە بويىچە 3 نوپۇس بولسىمۇ كۆپەيتىپ بېرىشكە رازى ئىدىم!
بەت: [1]
: قىرىمدىكى باغچەساراي بۇلىقى ۋە رۇس شائىرى پۇشكىن