bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 08:18:46

بىلىمخۇمار: ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلانىڭ قەبرىسى تېپىلدى

ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلانىڭ قەبرىسى تېپىلدى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 27-مارت

«دۇنيا كۈندۈلۈك خەۋەرلىرى» تور بېتىدە 25-مارت كۈنى خەۋەر قىلىنىشىچە، ۋىنگىرىيەلىك ئارخېئولوگلار يېقىندا ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلانىڭ قەبرىسىنى تېپىۋالغان.  بۇ بايقاش بىر توپ قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ۋىنگرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتىكى دوناي دەرياسى (Danube River) غا بىر يېڭى كۆۋرۈك سېلىش ئۈچۈن، تۈۋرۈكلەرنىڭ ھولىنى كولاۋاتقاندا يۈز بەرگەن.  مۇتەخەسسىسلەر تېپىلغان قەبرە ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ 6-ئەسىردە ۋاپات بولغان ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلانىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان.  قەبرىنىڭ ئىچىدىن نۇرغۇنلىغان ئات سۆڭەكلىرى، ھەر خىل ئۇرۇش قوراللىرى، ۋە قول ھۆنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى چىققان بولۇپ، ئۇلارنڭ ھەممىسى ئەينى ۋاقىتتا ھونلار ئىشلەتكەن نەرسىلەر ئىكەن.  تېپىلغان نەرسىلەرنڭ ئىچىدە بىر ئىنتايىن ئىتتىك چوڭ تۆمۈر قىلىچ (Sword made of meteoric iron) مۇ بار بولۇپ، ئۇ ئاتتىلاغا تەڭرى مارس بەرگەن، «مۇقەددەس ئۇرۇش قىلىچى» (Holy war sword of Scythians) دېگەن داڭلىق قىلىچنىڭ ئۆزى بولىشى مۇمكىن ئىكەن.  بۇ يەرنىڭ ئاتتىلا كۆمۈلگەن يەر بولىشى ناھايىتى ئېنىق بولسىمۇ، بۇ ئىشنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن يەنە بىر قىسىم ئانالىزلار ئېلىپ بېرىلىشى زۆرۈر ئىكەن.

ئاتتىلا ھەققىدە كۆپرەك نەرسە بىلىۋېلىشنى ئىستىسىڭىز، مېنىڭ «ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلا ۋە ئاتتىلائىزم» دېگەن ماقالەمنى ئوقۇپ بېقىڭ.  ئۇنىڭ تور ئادرېسلىرى:
http://bbs.bagdax.cn/thread-23767-1-1.html
http://bbs.izdinix.com/thread-57605-1-1.html
http://bbs.misranim.com/thread-120899-1-1.html

پايدىلىنىش ماتەرىيالى:

Hungary: Archeologists Discover Tomb of Attila the Hun


http://worldnewsdailyreport.com/hungary-archeologists-discover-tomb-of-attila-the-hun/

1-رەسىم: ئاتتىلانىڭ قەبرىسىدىن چىققان نەرسىلەرنىڭ بىر كۆرىنىشى

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 14:03:16

خېلى مۇكەممەل ساقلانغاندەك تۇرامدۇ نىمە؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 15:34:19

ھون قامچىسى -ئاتتېللا....دىگەن كىنونى بىر قېتىم كۆرگىنىم ئېسىمدە.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 16:03:33

putboljan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-27 15:34 static/image/common/back.gif
ھون قامچىسى -ئاتتېللا....دىگەن كىنونى بىر قېتىم كۆرگىنى ...

تەڭرى قامچىسىدۇر؟

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 16:12:21

ئالىملار ئۆلۈش سەۋەبىنى ئىنىقلاپ باقسا بولاتتى

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 16:38:25

كىيىمدىكى سۆرەت ئەجەب تۇنۇش تۇرىدىيا، 56 مىللەتنىڭ بىرسى بولۇپ قالماس ھە؟

gilas يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 16:50:38

rock يوللىغان ۋاقتى  2014-3-27 16:38 static/image/common/back.gif
كىيىمدىكى سۆرەت ئەجەب تۇنۇش تۇرىدىيا، 56 مىللەتنىڭ بىر ...

قاتىل ئىنكاس:lol

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 17:12:47

تەڭرى قامچىسى ئاتىللا دەپ كىچىك بىر كىتاپچە بار ئىدى

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 18:14:38

rock يوللىغان ۋاقتى  2014-3-27 16:38 static/image/common/back.gif
كىيىمدىكى سۆرەت ئەجەب تۇنۇش تۇرىدىيا، 56 مىللەتنىڭ بىر ...

مەنمۇ كۆرەپلا شۇندا پەرەز قىلغانتىم.... :lol:lol

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 19:44:44

كىيىم؟؟؟؟

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 19:47:26

قىلىچنىڭ دەستىسىدۇ ئۇ  باللو؟   راست چوڭكەن جۇمۇ:o

turantikin يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 21:19:35

  ئىسىمدە قېلىشىچە،ئىلگىرى ئوقۇغان بىر ماقالىدە،ئاتتىلانىڭ قەۋرىسىنى دەريانىڭ سۈيىنى توختىتىپ تۇرۇپ،دەرياغا ئاستىغا دەپنە قىلغان دەپ كۆرگەن.ئاخىرى تېپىپ چىقىپتۇ دە.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 08:28:31

بۇ يالغان ماقالىكەن :
http://www.tdzyw.com/2012/0613/17201.html

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 11:05:05

كېيىمدىكى سۈرەت چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى كېيىملرىنىڭ ئالدىغا كەشتىلەنگەن ئەجدىھانىڭ سۈرىتىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن.
ئەجدىھا- ئەمەلىيەتتە خەنلەرنىڭ ئىجادىيىتى بولماستىن، بەلكى ھونلارنىڭ ئىجادىيىتىدۇر. تاڭ سۇلالىشى شاھى سىيانپىيلارغا تەۋە توغبات جەمەتىدىن بولۇپ، سىيانپىيلارنىڭ ئۆزى ھونلارغا تەۋە قەۋىمدۇر. چىڭ سۇلالىسىنى قۇرغان مانجۇلار ئەسلى ئالتۇن خانلىقىنى قۇرغان جۇرجىتلار بولۇپ، كېيىن مىللەت نامىدىن جۇرجىتتىن مانجۇغا ئۆزگەرتكەن. جۇرجىتلارنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەكمۇ يەنىلا شۇ ھۇنلارغا تەۋە قەۋىملەردىن بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا، مانجۇلار ھونلارنىڭ قائىدىسى بويىچە ئەمەل كېيىلىرىگە ئەجدىھانىڭ سۈرىتىنى كەشتىلىگەن.
تۈركىي تىللار دىۋانىدا، ئەجدىھا ئىككى خىل ئاتىلىدۇ، بىرسى «نەكيىلان»، يەنە بىرسى «بۆگۈ». نەكىيلان دېگىنى نەك  يىلان بولۇپ، نەك تىمساھنىڭ تۈركچە ئاتىلىشى، يىلان بولسا بىز دەپ يىلان شۇ، يەنى تىمساھقا ئوخشاش يىلان دېگەن سۆزمىكىن دەپ چۈشەندىم. شۇنداق بولغاندا، تۈركىي تىلدا ئەجدىھانىڭ ھەيدەر، نەكىيلان ۋە بۆگۈ دەپ 4 خىل ئاتىلىشى بار دەپ چۈشەندىم ھازىرچە.
12 مۆچەلنىڭ ئەسلىدە تۈركلەر تەرىپىدىن ئىجاد قلىنغانلىقىغا قىل سىغمايدۇ. كۆپىنچە چەتئەل ئالىملىرىمۇ شۇ خىل قاراشتا.
تېمىغا كەلسەك، جەسەت كېيىمىگە كەشتىلەنگە ئەجدىھانىڭ ھونلار پۇشتىدىن بولغان مانجۇلارنىڭ ئەمەل كېيىمىدە، شۇنداقلا يەنە بىر ھونلار پادىشاھىنىڭ كېيىمىدا زاھىر بولۇشى ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 11:42:49

بۆگۈ دەپ بىر خاقان بارغۇ دەيمەن

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 01:55:48

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا!

ما خەۋەر سەل گۇمان قوزغاپ قويدى. ئىشلەتكەن سۈرەت بۇرۇن ئىشلىتىلگەنكەن. بەلكىم خەۋەر راست بولۇشى مۇمكىن. بەكلا قىزىقىمەن لېكىن. ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخىدىغۇ دەيمەن، جەسىدىنى ئۈچ خىل مىتالدىن قاتمۇ-قات قىلىپ ياسالغان ساندۇققا سېلىپ دوناي نەرياسىغا چۆكتۈرۋەتكەن دېيىلەتتى، رىۋايەتلەردەك گەپ ئەمدى بۇ

مەنبە:
http://news.xinhuanet.com/politics/2012-06/14/c_123279815.htm

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 14:54:56

ماۋۇ ئوغۇزكەبى دېگەن تورداش مۇھىم بىر نەرسىنى ئەۋەتكەندەك قىلىدۇ.
قارىسام، ئاتىللانىڭ جەسىتى دېگەن سۈرەت جۇڭگو توربېتىدىن ئېلىنغاندەك قىلىدۇ. چەتئەل توربەتلىرىمۇ قېلىشمىغۇدەك نومۇسسىزمۇ-نېمە!؟ ئىزا تارتماي ئۆز خەۋىرىگە مۇناسىۋەتسىز رەسىملەرنى چاپلاۋېرىدىكەن.
مۇشۇنىڭغا بىلىمخۇمار ئاكىمىز بىرەر نەرسە دەپ بەرسە بولاتتى.
بىزغۇ قۇدۇقنىڭ ئىچىدىكى پاقىدەك، بىرەرسى دەپ بەرمىگۈچە ئالەم مۇشۇ دەپ ئولتۇرىدىكەنمىز!
بەت: [1]
: بىلىمخۇمار: ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلانىڭ قەبرىسى تېپىلدى