mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 07:31:05

(كارىزى) ئۇيغۇرخەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى ئىكولوگىيىلىك قاراشلار


ئۇيغۇرخەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى ئىكولوگىيىلىك قاراشلار
ئادىل غاپپار كارىزى

ئەمدىلا كىرگەن 21-ئەسىرنى ئىكولوگىيە ئەسىرى دەپ ئاتىۋالدۇق. چۈنكى «نەچچە ئەسىرلىك سانائەتلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش ئېلىپ كەلگەن يەرشارى خاراكتىرلىك ئىكولوگىيە ئاپەتلىرى توپلىنىپ، ئاللىقاچان يەرشارى ئىكولوگىيە سېستىمىسىنىڭ كوتۈرۈشچانلىق چىكىگە يېقىنلىشىپ، پۈتكۈل ئىنسانلار يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمىسە بولمايدىغان ھەم ئورتاق كەسكىن تەدبىر قوللىنىشقا تىگىشلىك بىر ھالقىلىق پەيىتكە كېلىپ قالدى». «ماكرو جەھەتتىن قارىغاندا، بۈگۈنكى دۇنيا تۆت چوڭ توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان تۆت چوڭ ئىكولوگىيە كىرزىسىغا دۇچ كەلمەكتە. بۇ توقۇنۇش ۋە كىرزىسلار: ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ توقۇنۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەبىئەت ئىكولوگىيە كىرزىسى، ئادەم بىلەن باشقا ئادەملەرنىڭ توقۇنۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان جەمىيەت ئىكولوگىيە كىرزىسى، ئادەم بىلەن ئۆزلۈكنىڭ توقۇنۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەنىۋىي ئىكولوگىيە كىرزىسى، ئادەم بىلەن مەدەنىيلىك(مەدەنىيەت)نىڭ توقۇنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەدەنىيەت ئىكولوگىيە كىرزىسى»دىن ئبارەت. «مەنىۋى ئىكولوگىيە بىلەن مەدەنىيەت ئىكولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تەبىئەت ئىكولوگىيە كىرزىسى بىلەن مەدەنىيەت ئىكولوگىيە كىرزىسى بىر قاتار مەنىۋىي مەدەنىيەت كىرزىسلىرىنىڭ زەنجىرسىمان ئنكاسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى».«چۈنكى ئىنسانلارنىڭ تەدرىجى تەرەقىياتى ئۈزلۈكسىز ماسلىشىشنىڭ نەتىجىسى. ئىنسانلار مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ ھەممىسىنى مۇھىتقا ماسلىشىش ھەم ئىكولوگىيىلىك سېستىمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن شەكىللەندۈرگەن».«ئىكولوگىيە قۇرۇلىشى ۋە مۇھىتنى قوغداش غەربىي رايۇنلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ۋە بۆسۈش نۇقتىسى. غەربىي رايۇنلارنىڭ ئىكولوگىيە قۇرۇلىشىنى ۋە مۇھىتنى ئاسراشىنى كۈچەيتىش، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سىجىل تەرەقىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش-ئاشۇرالماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك». چۈنكى غەربىي رايۇنلاردىكى بۇلۇپمۇ ، رايۇنىمىزدىكى سۇنىڭ كەمچىللىكى، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر بۇلۇشى، يايلااق ۋە ئورمانلىقلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى قاتارلىق مەسىلىلەر، رايۇنىمىزنىڭ ئېكولوگىيىلىك سېستىمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە سۈرئىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە.     
« ئىكولوگىيىلىك سېستىما بولسا جانلىقلار بىلەن ئۇنىڭ تەبئى مۇھىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يىغىندىسى. بىر ئىكولوگىيىلىك سېستىما ئىچىدە ھەرقايسى تەركىبلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر مۇۋۋازىننەتلەشكەندىلا، ئاندىن ئىكولوگىيلىك سېستىمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. ئەمما تەڭپۇڭلۇق ھەممىشە نىسپىي، ۋاقىتلىق بولۇپ، ھەرقانداق بىر شەيئى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش ھالىتىدە تۇرغاچقا، ئىكولوگىيىلىك سېستىمىنى تەشكىل قىلغۇچى مەلۇم بىر بۆلەكنىڭ ھەرقانداق ئۆزگىرىشى، ئىكولوگىيلىك سېستىمىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىق ھالىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ». ئىكولوگىيلىك سېستىمىنىڭ بۇخىل تەڭپۇڭسىزلىق ھالىتى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە، شۇخىل ئىكولوگىيە مۇھىت سېستىمىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئنسانلار مەدەنىيىتىگىمۇ ناھايىتى ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى «تەبئىي مۇھىت ئنسانلار ئۆرۈپ-ئادەت مەدەنىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن كۆرىنەرلىك چەكلەش ۋە تەسىر كۆرسىتىش رولىغا ئىگە». «ئىنسانلار بېقىنىپ ياشاۋاتقان يەر يۈزىنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىكولوگىيىلىك مۇھىتى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئاشۇ ئالاھىدە ھاياتلىق ماكانى ئىچىدە ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىش تەلىپى ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ھەم بار بولغان ئالاھىدە مەدەنىيەتكە تايىنىپ، ھاياتلىق ماكانىنى ئۆزگەرتكەن ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانغان. بۇ شۇ مىللەتلەرنىڭ پۈتكۈل ھاياتلىق شارائىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە شۇ مىللەتلەرنىڭ داۋاملىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان».ئىكولوگىيە فولىكلورشۇناسلىق ئىلمىي(生态民俗学) نۇقتىسىدىن قارىغاندا، « ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، ئۆرۈپ-ئادەت ئەنئەنىسى، تەپەككۈر قاراشلىرى ئەمەلىيەتتە ھەممىسى ئىكولوگىيىلىك مۇھىت بىلەن كۆپ تەرەپتىن زىچ باغلانغان بولۇپ، ئىكولوگىيىلىك مۇھىت بىۋاستە رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا پەن-تېخنىكىنىڭ جەمىيەتتە قوللىنىلىشىغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە چەكلەپ تۇرىدۇ. كەلگۈسىدىكى ئىكولوگىيە مەدەنىيەت قۇرۇلىشىدا، ئنسانلارنىڭ مەدەنىيەت قارىشى مۇھىم يىتەكچىلىك رول ئوينايدۇ، ئىكولوگىيە مەسىلسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ھەل قىلىنىشى_ ئنسانلارنىڭ ئىكولوگىيە قارىشى ۋە قىممەت قارىشى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ». دېمەك ھەرقانداق بىر مەدەنىيەت ئۆزى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۋاتقان ماكاننىڭ ئىكولوگىيىلىك مۇھىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ ھەرقايسى تەركىبى قىسىملىرى ئىچىدە ئىكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل تۈزۈملەر بارلىققا كەلگەن بولىدۇ. بۇ خىل تۈزۈملەر كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئادىتى، دىننى ئېتىقادى قاتارلىق مەدىنىيەت ئامىللىرى ئىچىدە كۈچلۈك مەجبورلاش ۋە چەكلەش رولىنى ئوينايدىغان ئىدىيىۋىي-كۆزقاراش سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئاڭ-ئىدولوگىيە سېستىمىسىغا مەنسۇپ بولغان بۇ قاراشلار، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي فولىكلور ساھەسىدىكى ئتىقاد ئادەتلىرى ۋە سەنئەت فولىكلورىدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. سەنئەت فولىكلورىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان « خەلق ئېغىز ئەدەبىيات ئەسەرلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە داۋاملىشىشى، ئىنسانلارنىڭ بىرخىل «مەنىۋىي ئېھتىياجى»، بۇخىل «مەنىۋىي ئىشلەپچىقىرىش» شۈبھىسىزكى بىرخىل مەنبە ۋە جۇغراپىيىلىك شارائىتنىڭ ئىزناسىنى ئېلىپ يۈرىدۇ». ماقال-تەمسىللەر ئەنە شۇ مەنىۋىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم بىر مەھسۇلى. بۇ ماقالىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سەنئەت فولىكلورىغا تەۋە بولغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى ئىكولوگىيىلىك قاراشلار ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
    «ماقال-تەمسىل خەلق تىلىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، ئەمما ئۇ خەلقنىڭ ئاددىي تىلى ئەمەس، بەلكى چوڭقۇر مەزمونلۇق، ئىنتايىن ئىخچام، ئوبرازلىق ۋە ئاھاڭدار تىلدۇر. ماقال-تەمسىل كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرىشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدىكى قىممەتلىك تەجرىبە-ساۋاقلارنى خۇلاسىلەپ بېرىدۇ. بۇنداق تەجرىبە-ساۋاقلار كىشىلەرنىڭ بىۋاستە ۋە قايتا-قايتا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇ بىرخىل ئۆلمەس ھەقىقەت سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم يىتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. ئۇ خەلق ئاممىسىنىڭ ئوبرازلىق پەلىسەپىسىدۇر». چۈنكى « خەلق ماقال-تەمسىللىرى كىشلەرنىڭ تەبىئەت بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدا ئېرىشكەن نۇرغۇن ھېس-تۇيغۇ ۋە تەجرىبىلىرىنى مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ، بۇلار ئەمگەك، ئۆگىنىش، كۈزىتىش، ھېس قىلىش ئارقىلىق چىقىرىلغان يەكۈن بولۇپ، ھەممىشە تەبىئەت دۇنياسىنىڭ مەلۇم خىل خۇسۇسىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى ئوبرازلاشتۇرۇپ خۇلاسىلەيدۇ ۋە ئوموملاشتۇرۇپ يەكۈنلەيدۇ ».
«ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى _ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ژانىرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇئەييەن ئىدىيىۋىي كۆز قاراش ئىپادىلەنگەن، مەزنونغا باي، روشەن ئادەت خاركتىرگە ئىگە، تۇراقلىق جۈملىلەردىن ئىبارەت. ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى_كەڭ ئەمگەكچى خەلىقنىڭ ئۇزاق ئجتىمائىي، تارىخىي كۆرەش، ماددىي-مەنىۋىي تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنىڭ ئەڭ ئىخچام يەكۈنى، ئەجدادلار ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرىدۇر. ئۇنىڭدا خەلق جانلىق تىلىدىكى ئۆزىگە خاس خاركتىر، ئورتاقلىققا ئىگە خۇسۇسىيەت، ئىخچام قۇرۇلما، جانلىق ئوبراز، تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى كۈچلۈك بولغان ئۆزگىچە بىر خىل تىل شەكلى ئارقىلىق كۆپ تەرەپلىك مەزمونلار ئوموملاشتۇرۇلۇپ يۇرۇتۇپ بېرىلگەن. شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى ھايات سەرگۈزەشتلىرى، پىسخىك ئالاھىدىلىكى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئۆرۈپ-ئادەتلىرى، ياشاش(ئىكولوگىيىلىك) مۇھىتى، دىننى ئېتىقاددىي، ئائىلە-نىكاھ، توي-تۈكۈن، ئۆلۈم-يىتىم، ھېيىت-ئايەم، كېيىم-كېچەك، يىمەك-ئىچمەك قاتارلىق مول تۇرمۇش تەجرىبىلىرى، ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرى، ئۆتكۈر پەلىسەپىۋىي ئىدىيە ۋە ئىبرەت ئېلىشقا تىگىشلىك ساۋاقلار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن».
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى ئىكولوگىيىلىك قاراشلار_ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىختا شەكىللەندۈرگەن ۋە بېيىتىپ مۇكەممەللەشتۈرگەن تەبىئەتنى چۈشۈنۈش، تەبىئەتكە ماسلىشىش ۋە تەبىئەتتىن پايدىلنىش جەريانىدىكى ئەمىلىي تەجرىبىلىرى بىلەن تەپەككۈر پائالىيىتىنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت. تېخىمۇ كونكرىت قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي ئېتىقاد قاراشلىرى ۋە ساددا پەلىسەپىۋىي قاراشلىرى بىلەن تارىختىكى ھەرقايسى ئىقتىساددىي مەدەنىيەت تىپلىرىغا خاس بولغان ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىليىتى جەريانىدا ھاسىل قىلغان تەجرىبە-ساۋاقلارنىڭ ئورگانىك بىرلەشمىسى. بۇ خىل قاراشلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىكولوگىيىلىك رايۇنلار ۋە ئوخشاش بولمىغان ئىقتىساددىي مەدەنىيەت تىپلىرى جەريانىدىكى ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىليىتى جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن، تەبىئەت ھادىسىلىرى ۋە شەيئىلەرنىڭ خۇسۇسىيەت، قانۇنىيەتلىرىگە بولغان بىلىشلىرىنىڭ ئىخچاملاشتۇرۇلغان ۋە ئوبرازلاشتۇرۇلغان يەكۈنى. بۇ يەكۈنگە چوڭقۇر دىنىنى ئەقىدە قاراشلىرى ھەم پەلىسەپىۋىي قاراشلار سىڭگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار تارىختا ئېتىقاد قىلغان ھەرقايسى دىنلارنىڭ ئەقىدە قاراشلىرى ۋە ساددا پەلىسەپىۋىي قاراشلىرىنىڭ قالدۇق ئىزلىرى روشەن ئەكىس ئىتىپ تۇرىدۇ. بۇ ھال، بۇ خىل قاراشلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئاڭ-ئىدولوگىيە سېستىمىسىدا ئۇزاق مەزگىل داۋاملىشىش، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش جەريانىدا، بەلگىلىك قىممەت قاراش مايىللىقىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەخلاق كاتىگورىيىسىدە قوزغالماس ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، مۇئەييەن ئۆرۈپ-ئادەت، مەدەنىيەت تۇزۈملىرىنىڭ بالىققا كېلىشىدە ئاساس بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىكولوگىيە قاراشلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىنى ۋاستە قىلىپ، ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا داۋاملىشىپ، ئۇيغۇر خەلقى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ، تەبىئەت بىلەن ھاياتلىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋازىنەتنى تەڭشەپ، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە قوغداشتا بەلگىلىك رول ئويناپ كەلگەن.        
مەدىنىيەت جۇغراپىيە ئالاھىدىلىكى نۇقتسدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ، يەنى يايلاق مەدەنىيىتى بىلەن بوستانلىق مەدەنىيىتىنىڭ گىرەلەشمە جۇغلانمىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، « ئۇيغۇرلارنىڭ بوستانلىق مەدەنىيىتى قۇيۇق يايلاق مەدەىنىيەت ئارقا كۆرىنىشىگە ئىگە».« ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋەت كاتىگورىيىسىدە، بوستانلىق تېرىم مەدەنىيىتى بىلەن يايلاق چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى ئوخشاش بولمىغان قىممەت قاراش مايىللىقىغا ئىگە. بوستانلىق تېرىم مەدەنىيىتى ئىكولوگىيلىك مۇھىتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بىلەن جەمىيەت مەنپەئىتىنىڭ بىرلەشمىسىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەقىياتى ئەسلىدە بار بولغان ئىكولوگىينىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى جەريانىدا، يېڭى ئىكولوگىيە تەڭپۇڭلۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. تارىختىن بويان بوستانلىق تېرىم ئىقتىساددىدا قۇمنى توسۇش، كەلكۈندىن مۇداپىيئىلىنىش، ئورمان بەرپا قىلىش، تۇپراقنى ئۆزگەرتىش، بوز يەر ئېچىش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى ئەزەلدىن توختاپ قالغان ئەمەس».  ئىقتىساددىي مەدىنىيەت تىپى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئوۋچىلىق مەدەنىيەت تىپى، پادىچىلىق مەدەنىيەت تىپى، بوستانلىق-تېرىم مەدەنىيەت تىپى ۋە شەھەر مەدەنىيەت تىپى قاتارلىق مەدەنىيەت تىپلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن كۆپ خىل ئىقتىساددىي مەدەنىيەت تىپلىرىنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن تەركىپ تاپقان كوپ قىرلىق مەدەنىيەتتۇر. ھەر بىر خىل ئىقتىساددىي مەدىنىيەت تىپىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە، جۇغراپىيىلىك مۇھىت ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغاچقا، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئىقتىساددىي مەدەنىيىتى بىلەن ئۇنىڭ ئىكولوگىيىلىك مۇھىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. ھەربىر خىل ئىقتىساددىي مەدەنىيەت تىپىنى باشتىن كەچۈرگەندە، شۇ خىل ئىقتىساددىي تۇرمۇشقا خاس بولغان ئشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئادىتى ۋە دىننى ئېتىقاد قاراشلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ماركىسمۇ بۇ توغرىسىدا «ماددىي تۇرمۇشنىڭ ئشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ئىجتىمائىي تۇرمۇش، سىياسىي تۇرمۇش ھەم  مەنىۋىي تۇرمۇشنىڭ ئومومىي جەريانىنى بەلگىلەيدۇ»دېگەنىدى. دىننىي ئېتىقاد ئالاھىدىلىكى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىننىي ئېتىقاد ئادەتلىرى ۋە دىننىي ئېتىقاد قاراشلىرى كۆپ خىل دىننىي ئېتىقاد ئەقىدىلىرى ۋە ئادەتلىرىنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن تەركىپ تاپقان مۇرەككەپ دىننىي ئېتىقاد سېستىمىسىدىن ئىبارەت. ئۇيغۇر مىللىتى تارىختىن بويان، ئىپتىدائى تەبىئەت ئېتقادى، ئانىمىزىم ۋە تۇتىمىمزىم قاتارلىق ئىپتىدائى دىننىي ئېتقادلارغا ۋە شامان دىنى، ئاتەشپەرەسلىك دىنى، مانى دىنى، بۇددا دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىق بىر قەدەر سېستىمىلاشقان دىنىلارغا ئېيىقاد قىلغان. ئۇيغۇرلار ھەر بىر دىنغا ئېتقاد قىلغان مەزگىلدە، شۇ دىننىڭ ئەقىدە-قاراشلىرىنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆز ئىدىيىۋىي سېستىمىسىغا ماسلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە شۇ دىننىڭ ھەر خىل ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنىمۇ ئۆزىنىڭ مىللىي ئۆرۈپ-ئادەتلىرى بىلەن بىللە دۋاملاشتۇرۇپ ماڭغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىننىي ئېتىقاد ئالاھىدىلىكىدە، كۆپ خىل دىننىي ئېتىقاد قاراشلىرى ۋە ئادەتلىرى بىرگە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشتەك ھالەت شەكىللەندى. ئېكولوگىيىشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا،«ئېتىقاد ئادەتلىرى ئىنسانلار بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدا ئەزەلدىنلا ئايرىلالمايدىغان مەنىۋىي باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى ئەڭ ياخشى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ، ئۇ پۈتكۈل ئۆرۈپ-ئادەت مەدەنىيەت سېستىمىسىنىڭ شەكىللىنىشى، ئىلگىرى سۈرۈلىشى، تەرەقىياتىغا نىسبەتەن مۆلچەرلىگۈسىز قۇراشتۇرۇش ۋە تەسىر كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ». دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ دىننىي ئېتىقاد ئەقىدىلىرى ۋە ئادەتلىرى چوڭقۇر ئىكولوگىيىلىك قاراشلار بىلەن تولغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلار مەنىۋىي ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ناھايىتى روشەن ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.                    
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى ئىكولوگىيىلىك قاراشلار ئاساسلىقى تەبىئەتنى چۈشىنىش، تەبىئەتتىن پايدىلنىش ۋە  تەبىئەتنى قوغداش قاتارلىق مەزمونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىددىغان بولۇپ، بۇ قاراشلانى تۆۋەندىكىدەك يەتتە كونكىرت تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
Ⅰ. ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى يەر-زىمىن، تۇپراق قارىشى
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى يەر-زىمىن، تۇپراق توغرىسىدىكى قاراشلار_ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي تەبىئەت ئېتىقاد ۋە ساددا پەلىسەپىۋىي قاراشلىرى بىلەن تارىختىكى بوستانلىق مەدەنىيەت دەۋرىدىكى ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىليىتى جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن تېرىقچىلىق ئادەت قاراشلىرنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن تەركىپ تاپقان يەرنى ئۇلۇغلاش، يەرنى قەدىرلەش ۋە يەرنى ئاسراش توغرىسىدىكى قاراشلىرىنىڭ ئەڭ ئىخچام ۋە ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلىشى. بۇ قاراشلار تارىختىن بويان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە  ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى جەريانىدا، ئۆزىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كىشىلەرنى يەرنىڭ رولىنى توغرا تۇنۇپ، يەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىپ، يەرنى قەدىرلەش ۋە ئاسراشقا دەۋەت قىلىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يەر-تۇپراق توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرى ناھايىتى چوڭقۇر ئىجتىمائىي تارىخى ئارقا كۆرىنىشكە ئىگە.« ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمقى ئەجدادلىرى ئۇزاق زامانلار داۋامىدا ئېلىپ بارغان بىلىش ئەمىلىيىتى ئاساسىدا، ئانىمىزىم تەبىئەت قاراشلىرى ئۇلىدا، تەدرىجىي يۇسۇندا پۈتكۈل زىمىن ۋە كائىناتتىكى ھەممە شەيئىيلەرنىڭ تۈپ زاتى توغرىسىدا بىر قەدەر روشەن پەلىسەپىۋىي بىلىشكە مۇيەسسەر بولوشقا ئىنتىلدى». «ئانىمىزىملىق، ئەجداد ئېتىقادچىلىق ۋە تۇتىمىزىملىق قاراشلار راۋاجلىنىپ،«تۆت زات»(تۆت تادۇ)_تۇپراق، سۇ، ھاۋا، ئوت قارىشىنى روياپقا چىقاردى. تۇپراق_دۇنيانىڭ ئاساسلىق بىر ئامىلى دەپ قارىلىپ، «يەر بىلەن سۇ قوشۇلۇپ، ئاتا تەڭرى كۆكتەڭرىگە تەققاس قىلىنغان ئانا تەڭرى «omay katun» (ئوماي ئىلاھە) ئوبرازىدا كەڭ ئىستىمال قىلىندى». «ئىسلامىيەتتىن كېيىن، يەر بىلەن سۇ ئىلاھى نەرسە بولماستىن، بەلكى بايات(تەڭرى) ياراتقان تەبىئەت جىسىملىرى دەپ قارىلىشقا باشلىغان»بولسىمۇ، ئەمما يەر_ بوستانلىق تېرىم ئىقتىساددىي مەدەنىيىتى جەريانىدا، ئۇيغۇرلار  ئىقتىساددىي تۇرمۇشىنىڭ تۈپ ئاساسى ۋە ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسى بولغانلىقتىن، ئۇيغۇرلار ئىدىيە تارىخىدا  ئەزەلدىن بار بولغان يەرنى ئۇلۇغلاش قارىشى تاھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىپ، ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى ئىچىدىنمۇ بەلگىلىك ئورۇن ئالدى.
1. يەرنى ئۇلۇغلاش قارىشى: يەرگە چوقۇنۇش _ئىپتىدائى تەبىئەت ئېتقادىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئوبىيىكىتلىرىدىن بىرى.«ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتكە چوقۇننىشىنىڭ ئەڭ تىپىك نامايەندىسى ئۇلارنىڭ تۇپراققا ئېتىقاد قىلغانلىقىدا ئىپادىلىندۇ». «دۇنيادىكى كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ ئىپتىدائى مېفلىرىدا «ئىنسانلار تۇپراقتىن يارالغان» دېگەن ئىپتىدائى تەسەۋۋۇر سېستىمىسى ئەكىس ئېتىدۇ». ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن « ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىكى ئەڭ قەدىمكى تەبىئەت ئىلاھىيەت قاراشلىرى توغرىسىدا» توختالغاندا مۇنداق دەيدۇ:«ئۇيغۇر ۋە مەركىزى ئاسىيا قەدىمقى خەلقلىرىدە ئانىمىزىملىق قاراشلار تەدرىجىي يىغىنچاقلىنىپ، تۈپزات ۋە ئاساسى ئىلاھلار يۈنىلىشىنى بويلاپ راۋاجلاندى. نەتىجىدە خاس مەھەللىي ۋە مىللىي ئورگىناللىققا ئىگە ئالەم «روبائىيسى»(فارابى سۆزى)_تۇپراق، سۇ، ھاۋا، ئوت تۆت تادۇ قارىشى ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشقان يەر تەڭرى، سۇ تەڭرى، ھاۋا تەڭرى، ئوت(كۈن)تەڭرى تۆت ئىلاھىيەت قارىشى شەكىللەندى». شۇڭلاشقا « قەدىمقى تۈركىي خەلقلەر ئەپسانىلىرىدە تىلغا ئېلىنغان ئۈچ چوڭ تەڭرىنىڭ بىرى يەر تەڭرىسى بولۇپ، ئۇنىڭ نامى «ئىدۇق يەر-سۇب»(موقەددەس يەر-سۇ)دەپ ئاتالغان». ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەر-تۇپراق ئېتىقادىنىڭ ئىزلىرى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىمۇ بۇخىلدىكى مەزمونلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
    مەسلەن: «ئاتاڭمۇ يەر، ئاناڭمۇ يەر»      
بۇ دەل ئۇيغۇرلارنىڭ «تۇپراقتىن يارالمىش» ئىدىيۋىي كۆزقارىشىنىڭ مەركەزلىك ئىنكاسى بولۇپ، يەر-تۇپراقنى ئۇلۇغلاش ۋە قەدىرلەش قارىشى ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن.
يەنە بەزى مەنبەلەردە، «‹يەر ئانا›قارىشى ئىنسانلا ئوۋچىلىق تۇرمۇشىدىن ئايرىلىپ تېرىقچىلىق تۇرمۇشىغا كىرگەن دەۋىرلەردە پەيدا بولغان» دېيىلىدۇ. چۈنكى يەر تېرىقچىلىق ئىقتىساددىي تۇرمۇشىنىڭ تۈپ ئاساسى ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. ئۇيغۇرلار تېرىقچىلىق ئىقتىساددىي تۇرمۇش دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئۇزاق مەزگىللىك ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، يەرنىڭ ھاياتلىق تىرىكچىلىكىدىكى رولىنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تۇنۇپ يەتكەن ۋە ئىلگىرىكى يەرگە چوقۇنۇش ئېتىقاد-قارشلىرى ئاساسىدا، يەرگە بولغان ھۆرمەت ۋە تەشەككۈرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن «ئوماي ئانا» (يەر ئانا) قارىشىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەپسانىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈستۈنكى پارلاق ماكان(ئاسمان_جەننەت) بىلەن ئاستىنقى قارڭغۇ ماكان(يەرئاستى_دەۋزەخ) نىڭ ئارىسىدا «ئوماي ئانا» (يەر ئانا) بار دەپ قارالغان. « تارىم ۋادىسىنىڭ تۈرۈكلىشىشى» ۋە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قاراش مايىللىقىدا مۇئەييەن ئۆزگىرىش يۈز بەردى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدولوگىيە سېستىمىسىدا، يەر ئىلاھى سۈپەتلىك ئورنىنى تەدرىجىي بوشۇتۇپ، تەبىئەت جىسىملىرى كاتىگورىيىسىگە مەنسۇپ بولدى. ئەمما يەر_ بوستانلىق تېرىم ئىقتىساددىي مەدەنىيىتى جەريانىدا، تېرىقچىلىق ئىقتىساددىي تۇرمۇشىنىڭ تۈپ ئاساسى ۋە ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسى بولغاچقا، ئۇيغۇرلار يەرنىڭ بۇ خىل مۇھىم رولىنى ئۆز ئىدىيە تارىخىدا  ئەزەلدىن بار بولغان يەرنى ئۇلۇغلاش قارىشى بىلەن بىر لەشتۈرۈپ، تېرىم ئىقتىساددىي مەدەنىيەت تىپىغا خاس بولغان «يەرنى قەدىرلەش»تەك ئۆزگىچە يەر قىممەت قاراش سېستىمىسىنى بارلققا كەلتۈردى. بۇ خىل قاراشلار ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىمۇ روشەن ئەكىس ئېتىپ تۇىدۇ.
       مەسلەن:          « يەر_دېھقاننىڭ جېنى، (سۇ_يەرنىڭ قېنى ) »
« يەر ئالتۇن قوزۇق غاجىلاپ يىسەڭ تۈگىمەس»
         بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ يەرنىڭ ھاياتلىق كاپالىتىنىڭ مۇھىم ئاساسى ۋە تۈگىمەس غەزىنە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشۇنۇش ئاساسىدا، يەرنى قەدىرلەش ئىدىيىسىنى ئىپادىلىگەنلىكى كۆرىنىپ تۇرىدۇ.
        2. يەرنى ئاسراش قارىشى : ئۇيغۇرلار بوستانلىق تېرىم مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، يەر تېرىقچىلىق ئىقتىساددىي تۇرمۇشىنىڭ تۈپ ئاساسى ۋە ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسى بولوش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ئەمىلىيىتى جەريانىدىكى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئامىلغا ئايلانغان. بۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى قىممەت قاراش مايىللىقى بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ئەمىلىيىتى جەريانىدىكى يەرگە بولغان چۈشەنچىلەر ئاساسىدا، يەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىش ۋە يەرنى ئاسراش توغرىسىدىمۇ بىر قاتار كۆز قاراشلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ قاراشلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ۋە    ئىشلەپچىقىرىش ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، مۇقەددەس ھەقىقەت سۇپىتىدە ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىمۇ ناھايىتىي كوپ ئۇچرايدۇ. مەسلەن:
« ئادەم يەرنى باقسا، يەر ئادەمنى باقىدۇ»،   «ئادەم يەرنى ئالدىمىسا، يەر ئادەمنى ئالدىمايدۇ»
« يەر تويمىغىچە، ئەر تويماس»،      «يەرنىڭ غېمى ئوغۇت،(ئانىنىڭ غېمى تۇغۇت)»
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەمىلىيىتى جەريانىدىكى يەر بىلەن ئادەم، يەر بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ئوتتۇرىسىدىكى ماھىيەتلىك مۇناسىۋەت ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، كۈچلۈك بولغان يەرنى ئاسراش قارىشى ئىپادىلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە:
« زىغىر تېرىغان يەر_كېزىك بولغان ئەر»،   «يەرنى ئوت باسقىنى_ئىگىسىنى نەس باسقىنى»   
دېگەندەك ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەمىلىيىتى جەريانىدا، ئۇزاق مەزگىللىك كۈزىتىش ۋە تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھاسىل قىغان، يەر بىلەن زىرائەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماھىيەتلىك مۇناسىۋەت توغرىسىدىكى چۈشەنچىلەر ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرگەن يەرنى ئاسراش قارىشىى ئىپادىلەنگەن. يەنە بىر قىسىم ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەمىلىيىتى جەريانىدا، تەكرار تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھاسىل قىغان، ئوخشاش بولمىغان يەرلەرنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىمۇ، بىر خىل ھەقىقەت سۇپىتىدە ناھايىتى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىش ۋە يەرنى ئاسراش خاھىشلىرىنى ئىپادىلىگەن.مەسلەن:     
«سېغىز يەر_مېغىز يەر، شوريەر_پور يەر، قۇم يەر_شۇم يەر»
Ⅱ   . ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى سۇ توغرىسىدىكى قاراشلار
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى سۇ توغرىسىدىكى قارىشلار_ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي تەبىئەت ئېتىقاد ۋە ساددا پەلىسەپىۋىي قاراشلىرى بىلەن تارىختىكى كۆپ خىل ئىقتىساددىي مەدەنىيەت تىپلىرىدىكى  ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىليىتى جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن سۇنى ئۇلۇغلاش ، سۇنى ئاسراش توغرىسىدىكى قاراشلىرىنىڭ ئەڭ ئىخچام ۋە ئوبرازلىق ئىنكاسى. بۇ خىل قاراشلار تارىختىن بويان، ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي ھاتاتىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا ناھايىتى چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمىلىيىتى جەريانىدا، ماكان ۋە زاماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان ھالدا، كىشىلەرنى سۇنى ئۇلۇغلاش، سۇنى قەدىرلەش، سۇنى ئاسراش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىشقا دەۋەت قىلىپ كەلمەكتە.
«سۇمۇ ئىپتىدائىي تەبىئەت ئېتىقادىنىڭ مۇھىم ئوبىيىكتى. سۇ ئىنسانلارنىڭ ھاياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ سۇغا بولغان بېقىنىشى ھەرقانداق بىر تەبئىي بۇيۇمنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. چۈنكى سۇ ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن بارلىققا كەلتۈرگەن ھەم داۋاملىشىشى ئەڭ ئۇزۇن بولغان تەبىئەت ئېتىقادلىرىنىڭ بىرى». «سۇنىڭ ئىنسان تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئورنى ۋە ئۇنىڭ پاكلىغى، بەزىدە كەلكۈن، بەزىدە قۇرغاقچىلىق ئاپەتلىرىنىڭ بولۇپ تۇرىشى ئىپتىدائىي ئىنسان چۈشەنچىسىدە «سۇ ئىلاھى»نىڭ كارامىتى دەپ قارالغان. نەتىجىدە سۇ (دېڭىز، دەريا، كۆل، بۇلاق، يامغۇر...)نى مۇقەددەس بىلىپ، كۆپ خىل سۇ ئىلاھلىرىنى ياراتقان». «سۇ تەڭرى»_ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەلىسەپىۋىي قارىشى بولغان تۆت تادۇ(تۇپراق، سۇ، ھاۋا، ئوت) قارىشىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس بولغان تۆت تەڭرى(يەر تەڭرى، سۇ تەڭرى، ھاۋا تەڭرى،ئوت تەڭرى )نىڭ بىرى ئىدى. قەدىمكى ئۇيغۇرلار خەلقىنىڭ تارىخى داستانى «ئۇغۇزنامە»دە، ئۇغۇز خاقاننىڭ سۇ ئىلاھىنىڭ قىزى بىلەن نىكاھلىنىپ، ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان بىر ئوغۇلغا «دېڭىز» دەپ ئات قويغانلىقى سۆزلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، «سۇ ئۈزۈپ چۈش كۆرسە، شۇ ئادەمنىڭ گۇناھىي يۇيىلىدۇ ۋە بەختلىك بولىدۇ. سۇغا تۈكۈرسە يامان(گۇناھ) بولىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش، سۇغا بولغان ئېتىقاد ئادەتلىرى ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا. بۇنداق سۇنى ئۇلۇغلايدىغان، سۇنى مۇقەددەس بىلىدىغان قاراشلار، ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىمۇ ناھايىتىي روشەن ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.  مەسلەن:  «سۇسىز ھايات بولماس،(ئەمگەكسىز راھەت بولماس»،
«تامچە سۇدا تال كۆكىرەر»
                                               «سۇ يەتتە يۇمىلىسا ھالال »،  «سۇ ئىچكەن كۆلگە تۈكۈرمە»
بۇ ماقال-تەمسىللەردىكى مەزمونلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بويان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، «سۇ ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچى ئىلاھ»، «سۇ ھامان پاك ۋە مۇقەددەس» دەيدىغان ئېتىقاد ئادەتلىرىنىڭ ئەڭ مەركەزلىك ئىنكاسى بولۇپ، سۇنى ئۇلۇغلاش، سۇنى قەدىرلەش، سۇنى ئاسراش خاھىشلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ بوستانلىق تېرىم ئىقتىساددىي مەدەنىيەت تىپىغا خاس بولغان سۇ توغرىسىدىكى قاراشلىرى بىر قەدەر گەۋدىلىك ئەكىىس ئەتتۈرۈلگەن. سۇ_ بوستانلىق تېرىم ئىقتىساددىي مەدەنىيىتى جەريانىدا، ھاياتلىقنىڭ ئاساس كاپالىتى ۋە تېرىقچىلىق ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ جان تۇمۇرى ئىدى. ئەمما ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدولوگىيە سېستىمىسىدا، سۇمۇ يەرگە ئوخشاشلا ئىلاھى سۈپەتلىك ئورنىنى تەدرىجىي بوشۇتۇپ، تەبىئەت جىسىملىرى كاتىگورىيىسىگە مەنسۇپ بولغانىدى. بۇ ھال ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قاراش سېستىمىسىدا، بوستانلىق تېرىم ئىقتىساددىي مەدەنىيەت تىپىغا خاس بولغان سۇنى ئۇلۇغلاش، سۇنى قەدىرلەش، سۇنى ئاسراش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىش قاراشلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ قاراشلار ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدە تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلاردا ئۇچرايدۇ. مەسلەن:
                   « (يەر دېھقاننىڭ جېنى)، سۇ يەرنىڭ قېنى »،  « دان سۈيى_جان سۈيى »
                   « يىلتىز سۇدا بولمىسا، ھوسولدىن ئۈمۈد كۈتمە »، «سۈيۈم كۆلدە، ئېشىم چۆلدە»
بۇلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئۇيغۇرلار سۇنى تېرىقچىلىق ئىقتىساددىي تۇرمۇشىنىڭ جان تۇمۇرى، مول-ھوسولنىڭ مەنبەسى، تېرىكچىلىكنىڭ ئاساسى دەپ قاراپ، سۇغا بولغان ھۆرمىتىنى ۋە ئۇنى قەدىرلەش ئىدىيىسىنى ئىپادىلىگەن.
Ⅲ   .ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى ھاۋا توغرىسىدىكى قاراشلار
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى ھاۋا توغرىسىدىكى قاراشلار_ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى ئاساسىدا راۋاجلانغان ساددا پەلىسەپىۋىي قاراشلىرى بىلەن تارىختىكى ھەرقايسى ئىقتىساددىي مەدەنىيەت تىپلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىليىتى جەريانىدا يەكۈنلىگەن ئەنئەنىۋىي تىبابەتچىلىك قاراشلىرىنىڭ مۇكەممەل بىرىكىشىدىن تەركىپ تاپقان ھاۋانى ئۇلۇغلاش، ھاۋانى قەدىرلەش ۋە ھاۋانىڭ ساپلىقىنى قوغداش قاراشلىرىدىن ئىبارەت. بۇ خىل قاراش قەدىمدىن بويان، ئۇيغۇرلار ئاڭ-ئىدولوگىيە سېستىمىسىدا ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا داۋاملىشىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىگە ۋە ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە تولۇق ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر قاتار ئۆرۈپ-ئادەت ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈملەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشىدە مۇھىم رول ئويناپ كەلدى.
«قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا-مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرى ھاۋا بىلەن ھاياتلىقنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغان. ئۇلارچە، ھاياتلىقنىڭ دەسلەپكى خۇسۇسىيىتى  نەپەس ئېلىش(abden) بولۇپ، نەپەس جان ۋە روھىيەت بىر پۈتۈن دەپ قارالغان». بۇ قاراش كېيىنچە، قەدىمكى ئۇيغۇرلار تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرگەن تۈپزات _تۇپراق، سۇ، ھاۋا، ئوتتىن ئىبارەت تۆت تادۇ قارىشى ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشقان يەر تەڭرى، سۇ تەڭرى، ھاۋا تەڭرى، ئوت(كۈن) تەڭرى قاتارلىق ئىلاھىيەت قاراشلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم بىر ئامىل بولغان. ئاڭ تەرەقىياتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىدا، ئۇيغۇرلار ئادەم بىلەن شەيئىلەر، ھاياتلىق بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، « ھەر خىل كېسەللەر ھاۋا ، شامال، نەپەس بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان». بۇ خىل قاراشلار ھازىرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىلىيىتىدە مەۋجۇت بولۇپ، ئادەتتە شامان باخشىلىرى بىرقىسىم كېسەل كىشىلەرگە دىئاگنوز قويغاندا، «شامال دارىپتۇ» دەيدۇ. ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىمۇ ھاۋا بىلەن ھاياتلىق ۋە سالامەتلىكنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا بىر قىسىم مەزمونلار ئۇچرايدۇ.مەسلەن:  « (كۆڭۈلنى ياشناتقان ناۋا)، ھاياتنى ياشناتقان ھاۋا »
                « ساپ ھاۋا_ تەنگە داۋا »
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىليىتى جەريانىدا يەكۈنلىگەن، قەدىمكى دەۋىردىكى « ھاۋا ھاياتلىقنىڭ ئاساسى، ساپ ۋە پاكىز ھاۋا بارلىق كېسەللەرنىڭ شىپاسى» دەپ قارايدىغان ھاۋانى ئۇلۇغلاش، ھاۋانى قەدىرلەش ۋە ساپ ھاۋانى ئاسراش قاراشلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.
Ⅳ  .ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى ھايۋانلار توغرىسىدىكى قاراشلار
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى ھايۋانلار توغرىسىدىكى قارىشلار_ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي ئېتىقاد(ئانىمىزم ۋە تۇتىمىزم) قاراشلىرى بىلەن تارىختىكى ھەرقايسى ئىقتىساددىي مەدەنىيەت تىپلىرىغا خاس بولغان ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىليىتى جەريانىدىكى، ئادەم بىلەن ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى بېقىندىلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئىنكاسىدىن ئىبارەت. بۇ خىل قاراشلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى ئىقتىساددىي مەدەنىيەت تىپلىرى ئەمىليىتىدە، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىگە نىسبەتەن ئاكتىپ يىتەكچىلىك قىلىپ، ئۆز مەدەنىيەت ئالاھىدىلكلىرىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلدى.
  ھايۋانلارغا چوقۇنۇش_ ئىنسانلارنىڭ ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىقتىساددىي مەدەىنيەت تىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، «ھايۋانلارغا ئېتىقاد قىلىش _دۇنياۋىي ئومۇمىيلىققا ئىگە بولغان ئىپتىدائىي ئېتىقاد شەكىللىرىنىڭ بىرى. بۇ ھەرقايسى مىللەت خەلىقلىرىنىڭ ئېتىقادىدا ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە كۆزگە چېلىقىدۇ». «  ھايۋانلارغا چوقۇنۇش بىلەن تۇتىم پۈتۈنلەي بىر نەرسە ئەمەس. چۈنكى ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ  ھايۋانلارغا چوقۇنۇش ئېتىقادى ئومومىي خاراكتىر ئالغان ناھايىتى كەڭ چۈشەنچىدۇر. تۇتىمىزم بولسا ئۇرۇق دەپ ئاتالغان ئىنسانلار گوروھىنىڭ (جەمىيەت) ئەزالىرىنى مۇقەددەس بىلىپ، بەزى مەخلۇقلارغا ياكى شەيئىلەرگە باغلىغان ئەڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي دىنلارنىڭ بىرى. ئەنە شۇنىڭدىن تۇتىم ئېتىقادى كېلىپ چىققان».تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمكى ئېتىقادىدا قۇرت( بۆرە ) بەخىت تەڭرىسىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلاردا ھازىرمۇ بۆرە ئېتىقادىنىڭ قالدۇق تەسىرى ساقلانغان بولۇپ، «پېشكەللىكىتن ساقلايدۇ» دەپ، سەپەرگە چىققاندا بۆرىنىڭ ئۇشۇقىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرىدۇ، يەنە بەزىلەر بۆرىنىڭ ئۇشۇقىنى تۇمار قىلىپ ئېسىۋالىدۇ.
«جەمىيەت تەرەقىياتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىغا كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ ھايۋانلار ھەققىدىكى تۇنۇشىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، تۇركىي خەلقلەرنىڭ بۆرە تۇتىم ئېتىقادىمۇ ئۆزگەرگەن». يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار تارىختا بۆرىدىن باشقا يەنە « ئات»، « لاچىن»، «كالا»، «شىر(ئارسلان)»، «تۆگە(بوغرا)» قاتارلىقلارغىمۇ چوقۇنغانلىقى ئىسپاتلانغان. ئابدۇكېرىم راخمان ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان» ناملىق كىتابىدا، «ئات قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ئالاھىدە ھايۋان دەپ قارىلاتتى. چۈنكى، ئات قولغا كۆندۈرۈلگەندىن باشلاپلا، خەلق خوجىلىقىدا ئىنتايىن زور رول ئوينىغانىدى، ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ئاتقا تايىناتتى؛ قەدىمكى زامان ئۇرۇشلىرىدا غەلبە قىلىش-قىلالماسلىق ئات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئەنە شۇ ئوبيېكتىپ رىئاللىق ئەجدادلىرىمىز ئېڭىدا ئاتقا بولغان سېغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم ئۇرۇق-قەبىلىلىرى ئاتنى ئىلاھىيلاشتۇرۇپ، ئۇرۇش تەڭرىسى سۇپىتىدە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان»دەپ يازىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ قەبرىسىگە ھەمدە ئوخشىمىغان زىرائەت ئېتىزلىرى ۋە ئۈزۈم تاللىرىغا «كۆز تەگمىسۇن»دەپ، ئارزۇلاپ ئاتنىڭ باش سۆڭىكىنى ئېسىپ قويىدىغان ئادەت ساقلانماقتا ». ئاتنى ئۇلۇغلايدىغان بۇخىل قاراشلار ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.
مەسلەن:  « ئات _ئەرگە قانات »،  «ئات يۆتەلسە ئوقۇر سال، كالا يۆتەلسە پىچاق سال»
              « ئېتىڭنى قامچا بىلەن ھەيدىگىچە، يەم بىلەن ھەيدە »
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتتىن ئىبارەت بۇ ھايۋاننى ئەتىۋارلايدىغان، ئاسرايدىغان خاھىشلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا « ئات »قا چوقۇنغالىقىدەك ئوبيكتىپ ئەمەلىيەتنىڭ كونكىرت ۋە ئەينەن ئنكاسىدۇر.
            ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ھەرقايسى ئىقتىساددىي مەدەنىيەت تىپلىرىغا خاس بولغان ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىليىتى جەريانىدىكى، ئادەم بىلەن ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى بېقىندىلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ دەرىجە پەرقىمۇ ناھايىتى كونكىرت ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.مەسلەن :
               « لاچىن قاراپ تاپىدۇ، تۈلكە ماراپ تاپىدۇ، بۆرە پۇراپ تاپىدۇ »
               « باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس »
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوۋچىلىق ئىقتىساددىي تۇرمۇشى جەريانىدا، ئۇزاق مەزگىللىك كۈزىتىش ئارقىلىق، دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بىر قىسىم ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئۆزگىچە خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدىكى ئومومىي يەكۈنلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھايۋانلارغا بولغان كۈچلۈك ھۆرمەتلەش ۋە ئاسراش ئىدىيىسى ئىپادىلەنگەن. بىر قىسىم ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋىچىلىق ئىقتىساددىي تۇرمۇش ئەمىليىتى جەريانىدىكى ھايۋانلار بىلەن ئىقتىساددىي تۇرمۇش ئوتتورىسىدىكى بېقىندىلىق مۇناسىۋەتلەردىن يەكۈنلىگەن ئادەت خاراكتىرلىك قاراشلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. مەسلەن:
                                   «مالنى كېپەككە ئال، باققۇچىنى ئالتۇنغا ئال»
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋىچىلىق ئىقتىساددىي تۇرمۇش ئەمىليىتى جەريانىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرى ۋە ئادەتلىرى ناھايىتى كونكىرت شەرھىلەنگەن بولۇپ، مال-چارۋىلارنى قەدىرلەش ۋە ئاسراش قاراشلىرى ئىپادىلەنگەن. يەنە بىر قىسىم ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ بوستانلىق تېرىم مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىنكى، ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قىسىم ھايۋانلار توغرىسىدىكى كۆزقاراشلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. مەسلەن:
«مۈشىكى ياخشى ئۆينىڭ تاغىرى ساق»،  «بۇلبۇلغا باغ ياخشى، كەكلىككە تاغ ياخشى»
                  « قارغۇ ئېشەككە تۇزلۇق سۇ،( قاتتىق نانغا مۇزلۇق سۇ) »
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىلىيىتى جەريانىدىكى، ھايۋانلار بىلەن ئىقتىساددىي تۇرمۇش ئوتتورىسىدىكى بېقىندىلىق مۇناسىۋەتلەردىكى ھايۋانلارنىڭ رولى ۋە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ھايۋانلارنى قەدىرلەش ۋە ئاسراش قاراشلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.
Ⅴ    .ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى باغ-ئورمان، ئۆسۈملۈك قارىشى
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى باغ-ئورمان، ئۆسۈملۈك قارىشى_ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي ئېتىقاد(ئانىمىزم) قاراشلىرى بىلەن تارىختىكى ھەرقايسى ئىقتىساددىي مەدەنىيەت تىپلىرىغا خاس بولغان ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىليىتى جەريانىدىكى، ئادەم بىلەن دەل-دەرخ، ئۆسۈملۈكلەر ئوتتۇرىسىدىكى بېقىندىلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئىنكاسىدىن ئىبارەت. بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى دەل-دەرخ، ئۆسۈملۈكلەرگە چوقۇنۇش ئېتىقادى قاراشلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار بوستانلىق تېرىم ئىقتىساددىي مەدەنىيەت دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن، ئىپتىدائىي دەۋردىكى تەبىئەتتىن يىغىپ-توپلاش تۇرمۇش ئادىتىنى تېرىقچىلىق ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىليىتىگە ماسلاشتۇرۇش ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرگەن باغۋەنچىلىك، ئورمانچىلىق ئادەت قاراشلىرىنىڭ ئەڭ ئىخچام ئەكىس ئەتتۈرۈلىشى. بۇ خىل قاراشلار تارىختىن بويان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىليىتى جەريانىدا، بوستانلىق تېرىم ئىقتىساددىي مەدەنىيەتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىنى قوغداشتا ئۆزىنىڭ يىتەكچىلىك رولنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ كەلدى.
         «دەل-دەرخ، ئۆسۈملۈكلەرگە چوقۇنۇش ئېتىقادى ئىپتىدائىي دەۋىردىكى تەبىئەتتىن يىغىپ توپلاش پائالىيىتى ۋە ياشاش، تۇرمۇش شارائىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر خىل ئىپتىدائىي دىننى ئېتىقاد پائالىيىتىدۇر. بۇ خىل ئېتىقاد پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان قەدىمىي ئېتىقاد بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمونى ۋە ئېلىپ بېرىلىش شەكلى ھەممە خەلقلەردە ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ». قەدىمكى ئىنسانلار «ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدا، دەرەختىن نەپ ئالغانلىقى، دەرەخنىڭ ئۇلارغا كەلتۈرگەن زور پايدىسى، ياخشىلىقى ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلاردا دەرەخكە نىسبەتەن چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە چوقۇنۇش ھېسىياتىنى قوزغىسا، دەرەخلەردىكى سىرلىق كۈچ ئۇلارنى ھەيران قالدۇرغان». بۇنىڭ بىلەن قەدىمكى ئىنسانلاردا دەل-دەرخ، ئۆسۈملۈكلەرگە چوقۇنىدىغان ئىپتىدائىي ئېتىقادى شەكلى بارلىققا كەلگەن. بۇ خىل ئىپتىدائىي تەبىئەت ئېتىقادىنىڭ قالدۇق تەسىرى ھازىرمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ھەرقايسى ژانىرلىرىدا ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئادەتلىرىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە.
         ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بىرقىسىم رىۋايەتلەردە، « ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزلىرىگە ئەڭ بۇرۇن ھۆكۈمرانلىق قىغان خاقان ئادەمدىن تۇغۇلمىغان ئىكەن،...« esca »دەپ ئاتىلىدىغان بىر دەرەختىن تۇغۇلغانىكەن» دېيىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك قەھرىمانلىق ھەققىدىكى ئېپوسى « ئۇغۇزنامە » دە، ئۇغۇزخاننىڭ دەرەخنىڭ كاۋىكىدىكى بىر گۈزەل قىزغا ئۆيلەنگەنلىكى تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ، «يەتتە تۇپ ئۈژمە تىككەن كىشى جەننەتكە كىرىدۇ» دەيدىغان قاراش ئوموملاشقان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇرلار قەدىمدە «ھەممە نەرسىدە روھ بولىدۇ» دەيدىغان ئانىمىزىملىق ئېتىقادلارغىمۇ ئىشەنگەچكە، بۇ خىل روھ ئېتىقادىنىڭ ئىزلىر ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا مەلۇم دەرىجىدە ساقلانغان. مەسلەن، « سېدە، قارىياغاچ قاتارلىق دەرەخلەردە جىن بولارمىش». بۇ خىل قاراش ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىمۇ ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. مەسلەن:  « دۈشمىنىڭنى ئۆيۈڭگە يۇلاتما، قارىياغاچنى بېغىڭغا يۇلاتما »
بۇ ماقال-تەمسىلدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىمىزملىق ئېتىقاد قارىشىدا دەل-دەرخ، ئۆسۈملۈكلەردىكى روھلارنى ياخشى ۋە يامان دەپ ئىككىگە ئايرىپ، ئۆزىگە نەپ بېرىدىغان، پايدىلىق دەل-دەرخ، ئۆسۈملۈكلەردە ياخشى روھ بولىدۇ، نەپ بەرمەيدىغان (قارىياغاچقا ئوخشاش كۆرۈمسىز) دەرەخلەردە يامان روھ بولىدۇ دەپ قارىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ قاراشلار كېيىنچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بوستانلىق تېرىم ئىقتىساددىي ئاساسىدىكى باغۋەنچىلىك، ئورمانچىلىق ئىقتىساددىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىدا، كىشىلەرنىڭ بۇ جەھەتىكى تەجرىبە-ساۋاقلىرى بىلەن ماس ھالدا بىرىكىپ ۋە تاھازىرغىچە ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا داۋاملىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ يىتەكچىلىك قىلىپ كەلمەكتە.
          ئۇيغۇرلار بوستانلىق تېرىم ئىقتىساددىي مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، باغ-ئورمان بەرپا قىلىش، بۇ خىل ئىقتىساددىي مەدەنىيەت تىپىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. ئۇيغۇرلار تېرىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەمىلىيىتى جەريانىدا، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جۇغراپىيلىك مۇھىت ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ئەكىس يۈنىلشلىك تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تېرىقچىلىق ئىقتىساددىنى راۋاجلاندۇرۇش زۆرۆرىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىليىتى جەريانىدا دەرەخ تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىدىغان ئادەت-قاراشلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ خىل ئادەت-قاراشلار ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. مەسلەن:
«دەرەخ تىكسەڭ ساقلار تۇپراقنى، مۇنبەت قىلار بىنەم، ئوتلاقنى»
«تىكىۋەرسەڭ كۆچەتنى بىكار جايغا، ئايلىنىسەن پات ئارىدا كاتتا بايغا »
« بىرنى كەسسەڭ_ ئوننى تىك »، «ئۆستەڭ يارىشقى تال، (قىز يارىشقى خال)»
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلار بوستانلىق تېرىم ئىقتىساددىي مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىنكى تېرىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەمىلىيىتى جەريانىدا يەكۈنلىگەن، ئورمان بىلەن تېرىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرىسىدىكى ماھىيەتلىك مۇناسىۋەتلەر ئەڭ ئىخچام شەكىلدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بويانقى دەرەخ تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش، دەل-دەرەخلەرنى ئاسراش ئىدىيىسى ئىپادىلەنگەن.
          ئۇيغۇرلار بوستانلىق تېرىم ئىقتىساددىي مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، نۇقۇل ھالدا تېرىقچىلىق بىلەنلا شوغۇللانماستىن، بەلكى ئىپتىدائىي دەۋردىكى تەبىئەتتىن يىغىپ-توپلاش تۇرمۇش ئادىتىنى تېرىقچىلىق ئقىتىساددىغا ماسلاشتۇرۇش ئاساسىدا، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك ئىقتىساددىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىليىتىدە، مىۋىلىك دەرەخلەرنى كۆپلەپ تىكىپ باغ ياسايدىغان، ئولتۇراقلىشىش ئادەتلىرىدە مەھەللە، ھويلا-ئاراملارغا مىۋىلىك دەرەخلەرنى تىكىدىغان ئادەتلەر شەكىللەندى. بىر تەرەپتىن باغۋەنچىلىك، تېرىقچىلىق ئىقتىساددىنىڭ قوشۇمچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىساددىي تۇرمۇشنىڭ زۆرۆر تۇلۇقلىمىسى بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كىلىماتى قۇرغاق ۋە ئىسسىق رايۇنلاردا، يازدىكى ھەرخىل ئىجتىماىي پائالىيەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى سالقىن سايە ۋە كۆركەم بېزەك بىلەن تەمىنلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئادەتىلىرىدە باراڭ مەدىنىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. بۇھال ئۇيغۇر خەلقىدە مىۋىلىك دەرەخلەرنى تىكىپ باغ قىلىش ۋە ھەرخىل باراڭلارنى ياساشتەك يېشىللىقنى سۈيىدىغان قىممەت قاراشلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان. بۇ خىل قىممەت قارىشى ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدىكى ئەڭ تىپىك ۋە ئەڭ ئومومىي قاراش بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىكى «ئۈژمە سايىسى»دېگەن چۆچەك، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالىدۇر.  بۇ خىل قاراشلار ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىمۇ ناھايىتى گەۋدىلىك ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. مەسلەن:
          « كۆچەت تىكسەڭ بېغىڭغا، ھەسەل تامار تىلىڭغا» ، « ئاۋال تام ئەت، ئاىدىن باغ ئەت »
         « باغنى باقساڭ باغ بولۇر، پاتمان-پاتمان ياغ بولۇر » « بېقىسىز باغ تاغ بولۇر، يۈرك باغرىڭ داغ بولۇر»
         « بېخىلنىڭ بېغى كۆكەرمەس »،  « باغنىڭ ھۆسنى _باغۋەندە »
         « شاپتولدا باغ قىما » ،  «ئانارنى چۆلگە تىك، ئەنجۈرنى كۆلگە تىك»
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلار بوستانلىق تېرىم ئىقتىساددىي مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، باغۋەنچىلىك ئىقتىساددىنىمۇ تەڭ راۋاجلاندۇرۇش جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن، باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقرىش ئادەت-قاراشلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ باغ ياساشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، باغلارنى ئاسراپ، قوغدايدىغان خاھىشلىرى ئىپادىلەنگەن.
Ⅵ. ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى تۆت پەسىل (ئاستىرنومىيە) قارىشى
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى تۆت پەسىل(ئاستىرنومىيە) قارىشى_ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي تەبىئەت ئېتىقاد قاراشلىرى، ساددا ماتېرىيالىستىك پەلىسەپىۋىي قاراشلىرى ئاساسىدا راۋاجلانغان ئاستىرنومىيىلىك قاراشلار بىلەن تارىختىكى ھەرقايسى ئىقتىساددىي مەدەنىيەت تىپلىرىدىكى ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىليىتى جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ھاۋارايىنىڭ مۇناسىتى توغرىسىدىكى بىلىشلىرىنىڭ مۇستەھكەم يۇغۇرۇلمىسىدىن تەركىپ تاپقان ئىلمىي يەكۈندۇر. ئۇيغۇرلار تارىختىن بويان، بۇ ئىلمىي يەكۈنلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىليىتىگە تەدبىقلاپ، ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا داۋاملاشتۇرۇپ، كېيىنكى مۇكەممەل بولغان ئىشلەپچىقىرىش كالىندارىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سالغانىدى.
« ئىنسانلار تەبىئەت ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى بىلمىگەن ئاشۇ ئىپتىدائىي دەۋىرلەردە، ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ۋەھىمە تەبىئەت دۇنياسىدىن كېلەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ساددا خىيالىدا ئاڭسىز سەنئەت شەكلى بىلەن تەبىئەت دۇنياسىنى، جۈملىدىن ئاسمان جىسىملىرىنى ئىلاھىلاشتۇرۇپ ئاجايىپ كوسمولوگىيىلىك مىفلار بارلىققا كېلىپ، ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىش ھېسىياتىنى كۈچەيتتى.بۇنىڭ بىلەن تەدرىجىي ھالدا كىشىلەر قەلبىدە، تەبىئەتنىڭ سىرىنى بىلىشكە بولغان قىزىقىش بارلىققا كەلدى. ئۇلار كۇن بىلەن تۈننىڭ، يۇرۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنىڭ، يىل، ئاي، پەسىللەرنىڭ دەۋرىي ھالدا ئالمىشىپ تۇرۇش سەۋەپلىرىنى ئاسمان جىسىملىرى(قۇياش، ئاي، يۇلتۇز، پىلانتلار)دىكى ئۆزگىرىشلەرگە باغلاپ چۇشەندۈرۈشكە تىرىشتى». « ئۇزاق ئەسىرلىك ئەمىليەت جەريانىدا، ئاددىي كۆز بىلەن تەكرار كۆزىتىپ، ئاسمان پىلانتلىرىنىڭ بۇرجىلىق ۋاقتىنى( يىللىق ھەرىكەت دەۋرىنى ) مەلۇم ئېنىقلىق بىلەن ھېساپلاپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. نەتىجىدە، ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن شوغۇللانغۇچىلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يېزىقسىز كالندارى( يۇلتۇز كالىندارى ) پەيدا بولدى. دېھقانلار ۋە مال-چارۋىچىلار مۇشۇ كالىندار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەزگىلىنى بەلگىلىدى».
قەدىمكى ئۇيغۇرلار «ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىغا ئاساسەن، ھاۋاريى (مىترولوگىيە) دىكى خىلمۇ-خىل مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەرنى كۈزىتىپ، بۇ ھەقتىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىگەن. بۇ ئەمىلىي تەجرىبىلەر ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا داۋاملىشىپ، مۇئەييەن قانۇنىيەتلىك ھۆكۈمگە ئايلانغان.ئۇنىڭغا ئاساسلىنىپ،... پەسىل خاركتىرى كۈچلۈك ئەمگەك تۈرلىرىنىڭ ۋاقىت-كۈن ھېسابىنى بەلگىلىگەن،... شۇ ئاساستا تېرىقچىلىق پەيتىنى بەلگىلەش ۋە تەڭشەش، ئۇزاقتىن بويان خالق ئارىسىدا ئەنئەنە بولۇپ داۋاملىشىۋاتقان مۇھىم ئادەتلەرنىڭ بىرى ئىدى». ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىمۇ ئەنە شۇ ھاۋارايىنى كۈزىتىشتىن چىقىرىلغان يەكۈنلەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. مەسلەن:
« ئىش قىلساڭ پەسىلگە باق،( ئادەم تاللىساڭ ئەسىلگە باق) »
         « ھۇت_ كەتمەن سېپىنى تۇت »،  « يەر ھەيدىسەڭ كۈز ھەيدە، كۈز ھەيدىمىسەڭ يۈز ھەيدە»
  « كۈندىن قالدىڭ، يىلدىن قالدىڭ »،   « قەشقەرنىڭ سوغۇقى ئاز، قىشى ئەتىياز »
  « قىش غېمىنى يازدا يە، ياز غېمىنى قىشتا يە »، « يازدا ئۇخلىغان، قىشتا مۇزلار »
              « يازدا ئېرىنچەك بولساڭ، قىشتا دۈمچەك بولىسەن »
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلار بوستانلىق تېرىم ئىقتىساددىي مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىنكى، تېرىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن تۆت پەسىل بىلەن ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتى تۇغرىسىدىكى بىلىشلىرى ۋە ئادەت قاراشلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. دېمەك ئۇيغۇرلار تۆت پەسىل توغرىسدا ئەتراپلىق كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، مول ئىلمىي يەكۈنگە ئېرىشكەن، شۇنداقلا تۆت پەسىلنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىش توغرىسىدىمۇ بىر قاتار قاراشلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن. تۆت پەسىل توغرىسدىكى بۇ خىل قاراشلار، ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تۇرمۇش پائالىيەتلىرىگىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدە تۆۋەندىكىدەك مەزمونلاردا ئۇچرايدۇ. مەسلەن:
  « ياز يول يۈر تاڭ ئاتماستا، قىش يول يۈر كۈن چىققاندا»
           « يازدا يېپىنچاڭنى ئېلىپ يۈر، قىشتا ئۇزۇقىڭنى ئېلىپ يۈر»
           « قىشنىڭ كۆزى قارغۇ »، « ياز _ دۆلەت، قىش _مەينەت »
           « قىشنىڭ سوغۇقى ياندىن ئۆتەر، ئەتىيازنىڭ سوغۇقى جاندىن ئۆتەر»
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى ئۇزاق مەزگىللىك تۇرمۇش ئەمىلىيىتى جەريانىدا، پەسىللەرنىڭ خۇسىيەتلىرىنى بىلىش ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرگەن، ھەرقايسى پەسىللەر خاس بولغان تۇرمۇش ئادەت-قاراشلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.
Ⅶ. ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى تەبىئەت ھادىسىلىرى قارىشى
  ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى تەبىئەت ھادىسىلىرى قارىشى_ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي ئېتىقاد(ئانىمىزم) قاراشلىرى بىلەن تارىختىكى ھەرقايسى ئىقتىساددىي مەدەنىيەت تىپلىرىغا خاس بولغان ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىليىتى جەريانىدىكى، تەبىئەت ھادىسىلىرى بىلەن ئادەم  ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرى بىلەن ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدىكى بىلىشلىرىنىڭ مۇستەھكەم يۇغۇرۇلمىسىدىن تەكىپ تاپقان تەبىئەت ھادىسىلىرىنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارنىڭ پاپدىلىق رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنش قاراشلىرىدىن ئىبارەت. بۇ خىل قاراشلار تارىختىن بويان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىليىتى جەريانىدىكى ئىقتىساددىي تۇرمۇشنىڭ راۋجلنىشىدا، شۇنداقلا كىشلىك تۇرمۇس جەريانىدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئۆزىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى.  
« تەبىئەت دىننىڭ ئەڭ دەسلەپكى، ئىپتىدائىي ئوبيكتىدۇر. بۇ نۇقتىنى بارلىق دىنلار، بارلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخى تولۇق ئسپاتلاپ بەردى». «ئىلىم-پەن ئۇيقۇغا چۆككەن ۋە مەدەنىيەت باشلانمىغان پەيتتە، ئىپتىدائىي ئېتىقادلار دائىم « ئۆز گېپىنى يورغىلىتىش» بىلەن ئالەمدىكى ھەرخىل تەبىئەت ھادىسىلىرىنى يىشىپ، دۇنيانى چۈشەندۈرگەن. بۇ دەل ئىپتىدائى تەبىئەت ئېتىقادى، شۇنداقلا ئىنسانلار ئەقىدە قىلغان بىرىنچى ئېتىقاددۇر» . « ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئۆزلىرىنى تەبىئەت دۇنياسىدىكى شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەر بىلەن بىر قاتارغا قويۇپ، ئەتراپنى ئوراپ تۇرغان بارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنى «ئىلاھىلاشتۇرۇپ» تەسەۋۋۇر قىغان». « كۆككە چوقۇنۇش-ئەڭ قەدىمكى ئېتىقاد شەكلى بولۇپ، كۈن، يۇلتۇز، بۇلۇت، بوران، شامال،يامغۇر، قار، چاقماقلارغا بولغان ئېتىقادنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».
« بۇلۇت قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇا ئاسىيا خەلقلىرى ئېتنوگىنزى ئاساسلىرىدىن بولغان ئارىئانلارنىڭ مۇھىم بىر ئىلاھى دىيىلەتتى».« ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلىرى ئارىسىدا كۆككە چوقۇنۇشتىن كېلىپ چىققان « يامغۇر تىلەش مۇراسىمى»دا، كىشىلەر « كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق» دەپ كۆككە قاراپ تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىش ئادىتى بار». ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىمۇ تەبىئەت ھادىسىلىرىنى سىرلىقلاشتۇرۇپ، بەخىت-سائادەتكە سىمىۋول قىلىدىغان مەزمونلار ئۇچرايدۇ. مەسلەن:
« يامغۇر ياغدى_ ياغ ياغدى، قار ياغدى_ نان ياغدى »
« يېرىڭنىڭ قار بىلەن توڭلىغىنى، ئىشڭنى خۇدانىڭ ئوڭلىغىنى»
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ قار، يامغۇرغا ئوخشاش تەبىئەت ھادىسىلىرىنى، ئۆزى مەنسۇپ بولغان ئقىتىساددىي مەدەنيەت تىپىنىڭ تۇرمۇشىغا بەخىت-ئامەت، باياشاتلىق ئاتا قىلىدىغان ئىلاھ سۈپىتىدە ئۇلۇغلايدىغان خاھىشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.
« ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى يازما مەنبەلەردە يامغۇر، بۇلۇت، شامال تەبىئەت ھادىسىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىپ، تەڭرى ئىلاھىيلىق سۈپەتتىن قالغان». قىممەت قاراش مايىللىقىدىكى بۇخىل ئۆزگىرىش، ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى تېرىقچىلىق ئىقتىساددىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ھەرخىل پائالىيەتلىرىگە نىسبەتەن ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتتى. ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدە، بۇخىل قىممەت قاراشلىرى تۆۋەندىكى مەزمونلاردا ئىپادىلىنىدۇ. مەسلەن:
« ھوسولۇڭ كەم بولسا، ھاۋادىن كۆرمە »، « پارچە بۇلۇتتىن يامغۇر كۈتمە »
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاۋارايىغا مۇناسىۋەتلىك تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئىلاھىي سۈپەتتە كۆرمەستىن، بەلكى تەبىئەت دەپ قاراپ، تېرىقچىلىق ئەمىليىتىدە، بۇ خىل تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چۈشۈنۈش ئاساسىدا، ئۇلارنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلنىش ئىدىيىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. يەنە بىر قىسىم ماقال-تەمسىللەردە، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ھەرخىل پائالىيەتلەر بىلەن تەبىئەت ھادىسىلىرى مۇناسىۋەتلەر شەرھىلەنگەن. مەسلەن :
             « يامغۇردا يەپ يات، بوراندا دۈم يات »، « قاردا پولو، يامغۇردا شوۋا، بوراندا ئۇيقۇ »
             « شار-شار يامغۇر ياندىن ئۆتەر، سىم-سىم يامغۇر جاندىن ئۆتەر»
بۇ ماقال-تەمسىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ  تۇرمۇش ئەمىلىيىتى جەريانىدا، ئۇزاق مەزگىللىك كۈزىتىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئادەم بىلەن تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى بىلىشلىرىنىڭ ئومومىي خۇلاسىسى بولۇپ، بۇخىل تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ خۇسۇسىيەت ۋە رولىنى تولۇق تۇنۇپ، ئۇلارنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىپ، پايدىلىق تەرىپىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش خاھىشى ئىپادىلەنگەن.
  ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى ئىكولوگىيىلىك قاراشلار ئۇيغۇر مىللىتى ئىكولوگىيە قاراشلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. بۇ خىل قاراشلارنىڭ ئۈندۈرمىلىىرى ئىپتىدائىي جەمىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ئىپتىدائىي(تەبىئەت) ئېتىقاد قاراشلىرى بىلەن تېرىكچىلىك ئەمىلىيىتىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلار ئاساسىدا شەكىللەنگەن. بۇ خىل قاراشلار ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەقىيات جەريانىدا، ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلغان ھەرقايسى دىنلارنىڭ ئەقىدە-قاراشلىرى، بارلىققا كەلتۈرگەن ئۆزگىچە پەلىسەپىۋىي چۈشەنچىلىرى ۋە ھەرخىل ئقىتىساددىي مەدەنىيەت تىپلىرىدىكى ئىقتىساددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىپ بىرىكىشى ئاساسىدا تەدرىجىي بېيىپ ۋە مۇكەممەلىشىپ بارغان. ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بۇلۇشتەك ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىكولوگىيە قاراشلىرىنى ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا داۋاملىشىپ، ئۇيغۇر خەلقى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ، تەبىئەت بىلەن ھاياتلىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋازىنەتنى تەڭشەپ،ئۆز مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە قوغداشتا بەلگىلىك رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانىدى.دېمەك، ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى ئىكولوگىيىلىك قاراشلارنى تەتقىق قىلىش ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىكولوگىيە قاراشلىرىنىنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتى، مەزمونى، رولى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا يەتكۈزىلىش ئۇسۇللىرى تۇغرىسىدا بىلىشكە ئىگە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىزاھاتلار:
خوڭ فەن:«ئېكولوگىيە فولىكلورشۇناسلىق ئىلمىي»(خەنزۇچە)، خېيلۇڭجىياڭ خەلق نەشىرىياتى،2003-ىيل368-بەت
جاڭ گاۋ:«يەرشالىشىش تىل مۇھىتىدىكى ئېكولوگىيىلىك تەنقىد»، ئەدەبىيات-سەنئەت گېزىتى(خەنزۇچە)،2001-يىل 12-ئاينىڭ 25-كۈنى
خوڭ فەن:«ئېكولوگىيە فولىكلورشۇناسلىق ئىلمىي»(خەنزۇچە)، خېيلۇڭجىياڭ خەلق نەشىرىياتى،2003-ىيل،368-بەت
ۋاڭ نىڭشېڭ:«مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىق تەكشۈرۈشى»(خەنزۇچە)،مەدەنىيەت بۇيۇملىرى نەشىرىياتى،2002-يىل،50-بەت
«گوۋۇيۈەننىڭ غەربىي رايۇنلارنى ئېچىشنى يەنىمۇ بىرقەدەم ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىرى»،شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى(خەنزۇچە)،2004-يىل3-ئاينىڭ23-كۈنى،10-بەت
ۋاڭ نىڭشېڭ:«مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىق تەكشۈرۈشى»(خەنزۇچە)،مەدەنىيەت بۇيۇملىرى نەشىرىياتى،2002-يىل،56-بەت
خوڭ فەن:«ئېكولوگىيە فولىكلورشۇناسلىق ئىلمىي»(خەنزۇچە)، خېيلۇڭجىياڭ خەلق نەشىرىياتى،2003-ىيل3-بەت
خوڭ فەن:«ئېكولوگىيە فولىكلورشۇناسلىق ئىلمىي»(خەنزۇچە)، خېيلۇڭجىياڭ خەلق نەشىرىياتى،2003-ىيل17-بەت
خوڭ فەن:«ئېكولوگىيە فولىكلورشۇناسلىق ئىلمىي»(خەنزۇچە)، خېيلۇڭجىياڭ خەلق نەشىرىياتى،2003-ىيل19-بەت
خوڭ فەن:«ئېكولوگىيە فولىكلورشۇناسلىق ئىلمىي»(خەنزۇچە)، خېيلۇڭجىياڭ خەلق نەشىرىياتى،2003-ىيل227-بەت
ئابدۇكېرىم راخمان:«ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 1989-يىل، 448-بەت
خوڭ فەن:«ئېكولوگىيە فولىكلورشۇناسلىق ئىلمىي»(خەنزۇچە)، خېيلۇڭجىياڭ خەلق نەشىرىياتى،2003-ىيل237-بەت
ئابلېز ئەمەت:«  ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى ئىزاھلىق لوغىتى »(ئۇيغۇرچە)، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2001-يىل، كىرىش سۆز 1-بەت
مىڭ چى بېي:«يايلاق مەدەنىيىتى ۋە ئىنسانىيەت تارىخى»(خەنزۇچە) ،خەلقئارا مەدەنىيەت نەشىرىيات شىركىتى،1999-يىل، 1-توم
ئارسلان:«شىنجاڭ مەدەنىيەت جۇغراپىيىسى »(خەنزۇچە)، 2004-يىل،16-بەت
«ماركسىزم مۇنەۋەر ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»(خەنزۇچە)،خەلق نەشىرىياتى،2003-يىل،93-بەت
خوڭ فەن:«ئېكولوگىيە فولىكلورشۇناسلىق ئىلمىي»(خەنزۇچە)، خېيلۇڭجىياڭ خەلق نەشىرىياتى،2003-ىيل227-بەت
زارىف دولات:« شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ پەلىسەپە-ئىدىيە تارىخىدىن ئوچىرىكلار»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ,31-بەت
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: « ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىكى ئەڭ قەدىمكى تەبىئەت ئىلاھىيەت قاراشلىرى توغرىسىدا»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى، 1990-يىل 1-سان، 63-بەت
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: « ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىكى ئەڭ قەدىمكى تەبىئەت ئىلاھىيەت قاراشلىرى توغرىسىدا»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى، 1990-يىل1-سان،66-بە
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: « ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىكى ئەڭ قەدىمكى تەبىئەت ئىلاھىيەت قاراشلىرى توغرىسىدا»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى، 1990-يىل1-سان،67-بەت
گۈلنار ئىسمايىل«ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى توغرىسىدا » ، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى، 1998-يىل 3-سان، 78-بەت
ئابدۇكېرىم راخمان:«ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 1989-يىل،460-بەت
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: « ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىكى ئەڭ قەدىمكى تەبىئەت ئىلاھىيەت قاراشلىرى توغرىسىدا»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى، 1990-يىل1-سان،68-بە
ئابدۇكېرىم راخمان:«ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 1989-يىل،461-بەت
لىن خۇي شىىياڭ:« مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى »(خەنزۇچە)،شاڭ ۋۇ نەشىرىياتى،2000-يىل93-بەت
خوڭ فەن:«ئېكولوگىيە فولىكلورشۇناسلىق ئىلمىي»(خەنزۇچە)، خېيلۇڭجىياڭ خەلق نەشىرىياتى،2003-ىيل283-بەت
ئابدۇكېرىم راخمان:«ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 1989-يىل،454-بەت
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: « ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىكى ئەڭ قەدىمكى تەبىئەت ئىلاھىيەت قاراشلىرى توغرىسىدا»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى، 1990-يىل1-سان،69-بەت
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: « ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىكى ئەڭ قەدىمكى تەبىئەت ئىلاھىيەت قاراشلىرى توغرىسىدا»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى، 1990-يىل1-سان،67-بە
ئابدۇكېرىم راخمان:«ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 1989-يىل،457-بەت
ئابدۇكېرىم راخمان:«ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 1989-يىل،459-بەت
ئابدۇكېرىم راخمان:«ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 1989-يىل،464-بەت
ئابدۇكېرىم راخمان:«ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 1989-يىل،530-بەت
راھىلە داۋۇت:« قەدىكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ دەرەخكە چوقۇنۇش ئېتىقادى توغرىسىدا »(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى، 1990-يىل 1-سان، 78-بەت
راھىلە داۋۇت:« قەدىكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ دەرەخكە چوقۇنۇش ئېتىقادى توغرىسىدا »(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى، 1990-يىل 1-سان، 83-بەت
«يىپەك يۇرتىدىكى ئەپسانە- رىۋايەتلەر»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1986-يىل، 92-بەت
ئابدۇكېرىم راخمان:«ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 1989-يىل،530-بەت
ئابدۇكېرىم راخمان:«ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 1989-يىل،461-بەت
ئابدۇكېرىم راخمان:«ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 1989-يىل،530-بەت
ئابدۇكېرىم راخمان:«ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 1989-يىل،454-بەت
فېيىرباخ:«دىننىڭ ماھىيىتى»،سەن لىيەن كىتاپخانىسى نەشىرى،1962-يىل، 2 -توم، 459-بەت
خوڭ فەن:«ئېكولوگىيە فولىكلورشۇناسلىق ئىلمىي»(خەنزۇچە)، خېيلۇڭجىياڭ خەلق نەشىرىياتى،2003-ىيل،276-بەت
ئابدۇكېرىم راخمان:«ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 1989-يىل،460-بەت
ئابدۇكېرىم راخمان:«ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 1989-يىل،461-بەت
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: « ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىكى ئەڭ قەدىمكى تەبىئەت ئىلاھىيەت قاراشلىرى توغرىسىدا»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى، 1990-يىل1-سان،66-بەت
ئابدۇكېرىم راخمان:«ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 1989-يىل،459-بەت
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: « ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىكى ئەڭ قەدىمكى تەبىئەت ئىلاھىيەت قاراشلىرى توغرىسىدا»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى، 1990-يىل1-سان،68-بەت

پايدىلانغان ماتىرىياللار:
1.ئابلېز ئەمەت:«  ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى ئىزاھلىق لوغىتى »(ئۇيغۇرچە)، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2001-يىل،
2.«يەكەن خەلق ماقال-تەمسىللىرى»(ئۇيغۇرچە)، يەكەن ناھىيىلىك « ئۈچ توپلام » تەييارلاشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپىسى تۈزگەن، 1989-يىل
3.«ئۈرۈمچى تىيانشان رايۇن خەلق ماقال-تەمسىللىرى »(ئۇيغۇرچە). شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى، 1994-يىل
4.« تۇرپان خەلق ماقال-تەمسىللىرى »(ئۇيغۇرچە)، تۇۈپان ۋىلايەتلىك خەلق ئەدەبىيات توپلاملىرى ھەيئىتى تۈزگەن، 1992-يىل
5.گېڭ شىمىن، تۇرسۇن ئايۇپ:« قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى داستانى ئۇغۇزنامە »(ئۇيغەرچە)، مىللەتلەر نەشىرىياتى،1980-يىل  
6.«يىپەك يۇرتىدىكى ئەپسانە- رىۋايەتلەر»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى1986,-يىل، 92-بەت
7.ئابدۇكېرىم راخمان:«ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشىرىياتى، 1989-يىل،
8.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: « ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىكى ئەڭ قەدىمكى تەبىئەت ئىلاھىيەت قاراشلىرى توغرىسىدا»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى، 1990-يىل 1-سان

شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلىدىن ئېلىندى.
بەت: [1]
: (كارىزى) ئۇيغۇرخەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى ئىكولوگىيىلىك قاراشلار