waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 20:30:39

شىنجاڭ كوماندىسى 1-3 بىيجىڭ كوماندىسىنىڭ ئارقىدا قالدى

   ئۈرۈمچى ۋاقتى 3- ئاينىڭ 26- كۈنى كەچ ، 2013- 2014-پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ تۆتىنچى مەيدان ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ۋەن شىدا تەنتەربىيە مەيدانىدا بېيجىڭ جىنيۈ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە  ئىلىپ باردى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ گۈاڭخۈي كوماندىسى 88-94 نەتىجە بىلەن   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بېيجىڭ جىنيۈ كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئۇمۇمى نەتىجىدە 1-3 ئارقىدا قالدى.
  شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  خۇدىسون 27 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 3 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛   سېنگېلدون 10 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  تاڭ جىڭدۇڭ 13 نومۇر،5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ياڭ جىڭمىڭ 10 نۇمۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شىرئەلىجان 3 نۇمۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛  جاڭ چىڭپىڭ 8 نۇمۇر، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۇۋىي 7 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  لىيۇشۇنەن 2 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
  بېيجىڭ جىنيۈ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى مابۇلى 20 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 8 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ مورسى 22 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۈن يۈ 17 نۇمۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  جىجى 12 نۇمۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بويىچە، شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى قارشى تەرەپ مەيدانىدا بەشىنچى ئايلانما ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php


rock يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 07:54:12

ئا ئىككى قارۋاينىڭ تەڭ سەكرىگەن رىسىمى پەيزى چىقىپتۇ.

oghuzhan2 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 08:46:00

پەيزىغۇ بىر خىل، يەڭسە بولاتتى

kirindax يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 10:44:26

تۆت جازا توپى قويۇپ بىرىش ـــــــ  مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى ئاللىبۇرۇن جاكالاپ بولغان ئىدى .

oghuzhan2 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 11:35:23

ئىسىت ئىسىت

KALANDAR يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 13:17:08

بىرىنچى رەسىمدە بىرسىنىڭ كۆزى قان يۇقى تۇردىغۇ؟.......

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 15:30:06

مۇسابىقىنى تولۇق كۆردۈم.رېپىر ھەقىقەتەن قارا پۈشتەك چالدى.بولۇپمۇ ئاخىردىكى جازا توپ پۇرستى يارتىپ بېرىشى چاندۇرۇپ قويدى.:(

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 16:01:20

10-نومۇرلۇق يولۋاسنىڭ چېكىسىنى كىم يېرىۋەتتى؟

Seyyah99 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 16:28:23

يولۋاسلار يەنە ئىككىنچىلىكىنى قولدىن بەرمەي داۋاملىق ساقلاپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ  .

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 18:19:36

يەنە بىر مەيدان يەڭدۇق، ھازىرقى نەتىجە 3-2. ئەمما بەكلا باتۇرلۇق بىلەن ئوينىدى.

شىرئەلى 14 نومۇر ئالدى، ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى .ئۇنىڭ ئاخىردىكى تەبرىكلەش ھەركىتى بېيجىڭلىق لۈكچەكلەرنىڭ زىتىغا تەككەن چېغى، ئۇنى مۇسابىقىدىن چەكلەش كېرەك دەپ ۋارى-ۋارى قىلىشىۋاتىدۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 18:38:06

تاڭجىڭدۇڭ 12 مىنۇتلا ئوينىدى 6 قىتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ چۈشۈرۋىتىلدى. سۇۋى دىگەن كاندىدات دارازا ياخشى ئوينىدى. ئەڭ قايىل بۇلۇشقا تىگىشلىكى خادېسىن تۆت مەيداننى تۇلۇق ئوينىدى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلمەك ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك بېيجىڭنىڭ كوزۇر توپچىسى مابولىنى مۇداپىئە قىلدى. مابولى ئاران 14 نۇمۇر ئالدى خادېسىن 37 نۇمۇر ئالدى. خادېسىننىڭ بۇ مۇسابىقىدە قانچىلىك كۈچىگەنلىكى بىر ئۆزىگە ئايان. ئەلۋەتتە شىرئەلىجانمۇ ئۆزىنى بەك بېسىۋىلىپ ئوينىدى. مەيداندىن چۈشۈرۋىتىلىشتىن ئەنسىرەپ مۇداپىئەنىمۇ بەك چىڭ قىلىپ كەتمىدى.. لېكىن ئۈنۈملۈك توسىدى..ھالقىلىق چاغلاردا ئۈچ نۇمۇرلۇق توپ چۈشۈردى. شىنجاڭ ھىساپتا بېيجىڭنى سەت بوغۇزلىۋەتتى...ئەمدى ئۈرۈمچىدە قاتتىق قىزىيدىغان بولدى مۇسابىقە...
بەت: [1]
: شىنجاڭ كوماندىسى 1-3 بىيجىڭ كوماندىسىنىڭ ئارقىدا قالدى