ئا ت پارتىيىسىنىڭ سايلام ناخشىسى - دومبىرا
تۈركىيەنىڭ بەلەدىيە سايلىمى ۋە دۆلەت باشلىقلىرى سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى ئاۋاتلىشىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئەردوغاننىڭ پارتىيىسى، يەنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ سايلام ناخشىسى نوغايچە ناخشىدىن ئۆزگەرتىلگەن «دومبىرا» بولۇپ، تېكىسىتىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك:
دومبىرا
(ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ سايلام ناخشىسى)
ئىزىلگەنلەرنىڭ ياڭراق ئاۋازىدۇر ئۇ
بۇغۇلغان دۇنيانىڭ ھۈر ئاۋازىدۇر ئۇ
كۆرۈنگىنىدەك بىرى بولغان
كۈچىنى ئەلدىن ئالغان
رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان
خەلقنىڭ ئادىمى، ھەقنىڭ ئاشىقى
ئۇ مىليونلىغانلارنىڭ ئۈمىد چىرىقى
مەزلۇملارغا سىرداش بولغان
غېرىبلارغا يولداش بولغان
رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان
تۇردى دېگەن ھەر بىر سۆزىگە دائىم
چىققان يولىدىن ھەم يانمىدى قايتىپ
قارارلىقتۇر داۋاسىدا
ئانىلارنىڭ دۇئاسىدا
رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان
سۆزى توغرا، ھېچبىر يوقتۇر رىياسى
زالىملارنىڭ قورقۇنچلۇق چۈشى
ئۆزى ئىشەنگەن يولدا ماڭار
يىللاردىن بىرى ئىنتىزار بولۇنغان رەھبەر
رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان
مەزكۇر ناخشىنىڭ خەتلىك فىلىمىنى تەييارلاپ قويغان، يوۋكۇدا تەستىقلىنىپ قالسا تېمىغا قوشۇپ قويىمەن... ھاھا، تۈركىيەچە قىپ قىزىل ناخشىكەنغۇ. نەچچە يىلدىن كېيىن سوتسىيالىزىم بولۇپ كېتەمۇ بۇلا؟ مەن ياقتۇردۇم . مەزلوملارغا سىرداش بولغان ئەردوغان{:92:} ئادەمنى ماختاش، كۆككە كۆتۈرۈش ياخشى ئاقىۋەت ئەكەلمەيدۇ. شەرق قىزاردى كۈن چىقتى، جۇڭگۇدىن چىقىتى ماۋزىدۇڭ.
ئۇ خەلققە بەخت ئىزدەيدۇ، ئۇ خەلقنىڭ نىجات يۇلتۇزى.
ماۋۇ ناخشا ئېسىمگە كېلىپ قالدى. قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ،ئوخشاپ قېلىش ئۈچۈن تومۇردا ئېقىۋاتقان قاننى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كىلدۇ ، ئۇلار ئاساسىي قانۇن يولغا قويغان دائىرىدە سايلامغا تەييارلىق قلىۋاتىدۇ ، كىم بولۇشىدىن قەتىئىنەزەر دۆلەت باشلىقنى سالاھىتى توشۇدىغان ھەر بىر سايلىغۇچى سايلام بېلىتىنى ساندۇققا تاشلاپ سايلاپ چىقىدۇ ،‹‹ ئېسىگە كېلىپ قالغان›› ناخشىلاردا تەسۋىرلەنگەن جايدا ،شۇ ۋاقتلاردا ئۇنداق ئىش بولۇپ باقماپتىكەن . دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قايسى ئەلباشى سايلىمىدا نامزات ئەلباشىلارنى ماختايدىغان ئىش يوقكەن؟ ئالدىنقى قېتىم ئامرىكا سايلىمىدىمۇ ئوباما، مىت رامىنىي، گىڭگىرىچلەرنى سايلام پائالىيەتلىرىدە مۇشۇنداق ماختىدىغۇ؟ غەربلىك دىگەندەك ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ بولمىغاندىكىن قانداق قىلسا بولىۋىرىدۇ ئەمەسمۇ، نىمانچە زەھەرخەندە گەپ قىلىپ كەتتىڭلا، چىشىڭلا چىقىپ بىقىپ بىرەر سايلامغا قاتنىشىپ باققان بولساڭلا ئىش باكەن ھە…
ئات پارتيىسى دىسە تېخى بىرەر يايلاق دۆلىتىنىڭ پارتىيىسمىكى دەپتىمەن .... ياخشىلارنى ماختايمىز ئاق پارتىيەمۇ دەيدىكەنغۇ izqi1991 يوللىغان ۋاقتى 2014-3-27 12:16 static/image/common/back.gif
ئاق پارتىيەمۇ دەيدىكەنغۇ
تولۇق نامى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى، تۈركچە Adalet ve Kalkınma Partisi دەيدۇ، مۇشۇنىڭدىن قىسقارتىپ AK Party يەنى ئاق پارتىيە دىگىنى شۇ. دومبىرا دىسە مەن تىخى قازاقىستاننىڭ ناخشىسىمىكى دەپتىمەنغۇ :lol:lol:lol;P بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-27 13:47
turken يوللىغان ۋاقتى 2014-3-27 12:48 static/image/common/back.gif
دومبىرا دىسە مەن تىخى قازاقىستاننىڭ ناخشىسىمىكى دە ...
نوغايلا شۇ قازاقىستاندا كۆپرەك ، باشقا تاتاردىن پەرىقلىندىغان يېرى ئۇلارمۇ دومبۇرا چالىدۇ ، گەپ _سۆز تاۋۇش چىقىرىش جەھەتتىن قازاقچىغا مايىلراق ...
http://bbs.misranim.com/thread-116791-1-1.html
مۇشۇ ئۇلنىشتىكى ئىككىنچى ناخشا دومبۇرا ئىكەن ، بىلمىدىم تىمىدىكى دومبۇرا دىگەن ناخشا شۇمىكى .... ئەردۇئان يەنە زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىغا قاتنىشامدىكەن ؟ ئەمدى بولدى قىسا بولاتتى.ئەردۇئان يەنە تۈركىيەگە بىرىنجى قول باشلىق بولىۋەسە تۇركىيە دىمۇكراتىيسىگە زىيانلىق. ئەردۇئان يەنە زۇڭتۇڭ بولىمەن دىسە تۇركىيەلىكلە دىمىقىپ قالدۇ،ئەردۇئاننىڭ تۈركىيەدە تاتلىقى چىقىپ بولدى. ئاز كۈندىن كېيىن قازاقلار ئادالەت پارتىيىسى بىزنىڭ دەپ چىقىدۇ.مۇشۇ گېپىمگە ئىشنىڭلار!:lol تۆۋەندىكىسى يۇقارقى ناخشا شۇ:
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjkwNDYzMjM2/v.swf
ئادرېس:
http://v.youku.com/v_show/id_XNjkwNDYzMjM2.html
خەتلىك فىلىمىنىمۇ پىرىسلاپ تەييار قىلىپ يوۋكۇغا يوللاپ قويغان ئىدىم، ھازىرغىچە تەستىقلىمىدى. تەستىقلىغان ھامانلا تېمىغا قوشۇپ قويىمەن. ghalibjan يوللىغان ۋاقتى 2014-3-27 10:43 static/image/common/back.gif
ئات پارتيىسى دىسە تېخى بىرەر يايلاق دۆلىتىنىڭ پارتىي ...
ئات پارتىيىسى دېمىدىم، ئۇيغۇرچىدىكى ئىسىملارنىڭ قىسقارتىلىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى»نى ئا ت پارتىيىسى دەپ ئالدىم، خۇددى ب د ت، ج خ پ دەك...
bilig2010 يوللىغان ۋاقتى 2014-3-27 14:49 static/image/common/back.gif
ئەردۇئان يەنە زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىغا قاتنىشامدىكەن ؟ ئە ...
بۇ قېتىمقىسى يەرلىك سايلام. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا شەھەر باشلىقى، رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى ۋە ئاساسىي قاتلام باشلىقى قاتارلىقلارنى سايلاپ چىقىدۇ. باش مىنىستىر سايلىمى كېلەر يىلى. rock يوللىغان ۋاقتى 2014-3-27 07:55 static/image/common/back.gif
ھاھا، تۈركىيەچە قىپ قىزىل ناخشىكەنغۇ. نەچچە يىلدىن كېي ...
نەچچە يىل ئەمەس، 2-3 ھەپتە بولدى كوممۇنىزىمغا يېتىپ بولدى تۈركىيە.
باشتا تۋىتتېرنى تاقىۋەتتى (twitter - چەتئەلنىڭ ۋېيبوسى)
ئەمدى يۇتۇبنى تاقىۋەتتى....
نۆۋەت فەيسبۇكقا كېلىپ قالدىمىكىن....
ياكى بىراقلا تورنى تاقىۋېتەمدۇ تېخى.
بەت:
[1]
2