MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 13:35:20

ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى قولغا ئېلىندى

http://i3.sinaimg.cn/dy/w/2014-03-26/1395799234_8PvvAn.jpg
شىنلاڭ تورى خەۋىرى
ياپونىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 3- ئاينىڭ 25- كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر جۇڭگولۇق ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى يېقىندا قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە ئوت قويدى دەپ گۇمانلىنىپ، ياپونىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئوت قويۇپ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان دەپ گۇمانلىنىپ قولغا ئېلىنغۇچى توكيو تاما شەھىرىدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئىسمى جاڭ مىڭ ياڭ، 23 ياش ئىكەن. توكيو ساقچى نازارەتخانىسىنىڭ دېيىشىچە، جاڭ مىڭ ياڭ 24- مارت سەھەردە ئۆزىنىڭ ياتاق بىناسىدىكى ئۆيىدىن قوشنىسىنىڭ بالكونىغا ژۇرنالغا ئوخشاش ئاسان كۆيىدىغان بۇيۇملارنى تاشلاپ، ئارقىدىنلا ئوت يېقىلغان قەغەزلەرنى تاشلاپ ئوت قويۇپ، قوشنىسىنىڭ سىم تورلۇق دېرىزىسىنى كۆيدۈرىۋەتكەن، ئەمما ئوت تېزلا ئۆچۈرۈۋېلىنغان.
جاڭ مىڭ ياڭ بۇ ئىشلار ئۆزىنىڭ قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان، ئۇ قوشنىسىنىڭ بەك قاتتىق ۋاراڭ – چۇرۇڭ قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئوت قويىشىنىڭ پەقەت قارشى تەرەپكە ئۇلارنىڭ باشقىلارغا ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
مەنبەسى خەلق تورى

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 07:51:11

ئوت قويغۇچە ئىشىك تۈۋىگە چىچىپ قويسىچۇ، ھەم بىخەتەر ھەم ئۈنۈملۈك.

datman يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 09:18:24

مانا بۇنى جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىكىك دەيمىز

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 09:51:57

مەدەنىيەتلىك خەلقنىڭ ئىلمىي ، مەدەنىي ئىش ئېلىپ بىرىشى.:lol

kirindax يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 10:40:55

rock يوللىغان ۋاقتى  2014-3-27 07:51 static/image/common/back.gif
ئوت قويغۇچە ئىشىك تۈۋىگە چىچىپ قويسىچۇ، ھەم بىخەتەر ھە ...

قاتىل ئىنكاس :lol :lol :lol

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 11:36:48

قەسلەپ ئوت قويۇش تىرورلۇققا تەۋە جىنايەت :@

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 14:06:21

جاڭ مىڭ ياڭ بۇ ئىشلار ئۆزىنىڭ قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان، ئۇ قوشنىسىنىڭ بەك قاتتىق ۋاراڭ – چۇرۇڭ قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئوت قويىشىنىڭ پەقەت قارشى تەرەپكە ئۇلارنىڭ باشقىلارغا ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
  ›››››››››››››››››››››››++++++++++++++++++++++؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟››››››››››››››››››››››››
    ئاپپپاڭ شۇنداق ئۈگەتكەنما ....
   :lol

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 14:07:13

ئوت قويغۇچە ئىشىك تۈۋىگە چىچىپ قويسىچۇ، ھەم بىخەتەر ھەم ئۈنۈملۈك.
..............................................................
:lol{:92:}

gilas يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 14:46:25

rock يوللىغان ۋاقتى  2014-3-27 07:51 static/image/common/back.gif
ئوت قويغۇچە ئىشىك تۈۋىگە چىچىپ قويسىچۇ، ھەم بىخەتەر ھە ...

;P  قىزىق ئىنكاس

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 19:15:06

rock يوللىغان ۋاقتى  2014-3-27 07:51 static/image/common/back.gif
ئوت قويغۇچە ئىشىك تۈۋىگە چىچىپ قويسىچۇ، ھەم بىخەتەر ھە ...

چىچىپ قويۇش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنسا ۋەتەنداشلىرى تېخىمۇ خورلۇق ھېس قىلىپ كېتە.:P

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 19:29:33

چىچىپ قويغانغا ئەخلەتلەرنى قالايماقان تاشلاش قىلمىشى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش ياكى جەرىمانە قويۇش بىلەن تۈگەيدۇ.
چىچىۋاتقاندا خەق قۇڭىنى ياكى باشقا يەرلىرىنى كۆرۈپ قالسا ئىش ئوت قويغاندىكىدىن چاتاق:lol
قۇرامىغا يەتمىگەنلەر كۆرۈپ قالسا بۇ ئاداشنى ئېتىۋېتىشى مومكىن:funk:

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 19:50:36

:lol يامان گۇيكەن ، ئاسان ئەمەستە{:112:}

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 11:07:37

بەك ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىپ كەتسە، چىقىپ دېسىلا بولمىدىمۇ!
شۇ گەپنى چىقىپ دىگۈدەك جۈرئەتنى قىلالماي، يەڭنىڭ ئىچىدە باپلايمەن دەپ قىلغان ئىشى بولغىيتىمۇ- يە بۇ!؟

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 13:41:46

ئاپىسى  تۆمۈر يول پارتىزانلىق ئەترىتىدىن بولسا ،ئۆگەتسىمۇ ئۆگەتكەندۇ

boghlan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 20:58:51

ھەي rock ئۇ چاغدا يا چىشقىسى كەلمىگەن بولغىيىدى :lol

HeQQuli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 09:04:47

ياپۇنغا  قارشى  پارتىزانلىق  ئۇرۇشى قىلاي  دەپتۇدە   بۇ  قوڭ  سويمىسى .  .…

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-30 09:14:18

ياپۇن باسقۇنچىلىرغا  قارشى تۇرايلى

uya_frozen يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 18:12:32

ماۋۇ تېمىدىن ئىنكاس جەۋھەركەن {:112:}
بەت: [1]
: ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى قولغا ئېلىندى