putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 19:28:13

مانچېستېر دىربىيسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   putboljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-25 19:31  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!




   ھەممىمىزگە مەلۇم،بۈگۈن كەچ يەنى ئەتە سەھەر دىيارىمىز ۋاقتى سائەت1:45ئۆتكەندە دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى ئۈچ چوڭ دىربىينىڭ بىرى بولغان ‹‹مانچېستېر دەربىيسى››مانچېستېرنىڭ مەيدانى كونا تىراففورتتا ئېلىپ بېرىلدۇ.
   بۈگۈنكى ئۇچىرشىش بۇ بىر شەھەردىكى ئىككى كوماندىنىڭ 166-قېتىملىق ئۇچىرىشىشى بولۇپ ،مانچېستېر بىرلەشمىسى 68 مەيدان ئۇتۇپ، 50 مەيدان تەڭلىشىپ، 47 مەيدان ئۇتتۇرۇپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرىدۇ.لېكىن بۇ پەسىل بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى نەتجىسىنى سېلشتۇرغاندا مانچېستېر شەھىرى ھەر قايسى تەرەپتىن كۆرنەرلىك ئۈستۈنلۈكتە.لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن شەھەرنى نۇقۇل ھالدا غەلبە قىلىدۇ دىگىلى بولمايدۇ.چۈنكى بۈگۈن ئۇلارنىڭ رەقىبى قىزىل ئالۋاستى-مانچېستېر بىرلەشمىسى.گەرچە بۇ پەسىل مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ئىپادىسىدە كۆرنەرلىك چېكىنىش بولغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ مۇسابىقە تەجىرىبىسى مول.يوشۇرۇن كۈچى زور.
      بۈگۈنكى مۇسابىقىگە ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ قاتىل ھۇجۇمچىلىرىدىن بولغان ۋان پېرىس بىلەن ئاگويرو چۈشەلمەيدۇ.لېكىن ئۇلارنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ كېتەلەيدىغان مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىلار بار.
   بۈگۈبكى مۇسابىقە بارچە پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى تەققەزا قىلماقتا!قىنى ئۇنداقتا نىمىگە قاراپ تۇرىسىز؟دەرھال ئايالىڭىز بولسا ئايالىڭىزدىن ،قىز دوستىڭىز بولسا قىز دوستىڭىزدىن روخسەت ئېلىڭ-دە  ئوت مانچېستېر مەستانىسى بولغان پۇتبولجان قۇرغان ئۇشبۇ ھەقىسز سورۇنغا قەدەم تەشىرىپ قىلىڭ!  ھە راست،بۇ سورۇنغا داڭلىق مەشقاۋۇل قېرى سىر فۇرگىسىننىمۇ تەكلىپ قىلىپ قويدۇم.

كۆرۈش ئادىرىسى:http://www.zhibo8.cc/

diktatur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 08:18:59

بارسىلونا بىلەن مادرىتنىڭ مۇسابىقىسدەك ئاچچىق يۇتۇپ ئولتۇرۇپ قېلىشتىن قورقىمەن

ttt يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 12:12:57

0-3

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 14:54:44

ئۇنىڭ بىر دىمەڭ!مانا ھازىرغىچە ئاچچىقىم يانمايۋاتىدۇ.:@
مانچېستېر ئىلگىرىكىگە پەقەت ئوخشماي قېلۋاتىدۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 18:38:13

مويىس مانچىستېرنى ئېۋىرتوننىڭ دەرىجىسىدە يىتىلەيدىغان ئوخشايدۇ...مانچىستېرنى بەك ئاجىزلاپ كەتتى دىگىلىمۇ بولماس مەنچە قالغان كۇلۇبلار خېلىلا كۈچەيدى. بۇلۇپمۇ لىۋېرپول، ئارسىنال...مويىسنىڭ ئورنىدا باشقا ھەر قانداق تېرىنېر بولسىمۇ ھەتتا فوگسېننىڭ ئۆزى بولسىمۇ بۇ پەسىل مانچىستېرنى ياخشى يىتەكلەپ كىتەلىشى ناتايىن ئىدى...
بەت: [1]
: مانچېستېر دىربىيسى