tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 17:54:57

ئۈرۈمچى ئاھالىسىنىڭ پاسپورت بېجىرىش يىل چەكلىمىسى بىكار قىلىندى



شىنجاڭ خەۋەر تورى 3-ئاينىڭ25-كۈنىدىكى خەۋرى:4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ساياھەتكە چىقىش ،تۇققان يوقلاش ياكى چەتتە ئوقۇش ئۈچۈن پاسپورت بېجىرمەكچى بولسا نوپۇس يۆتكىلىش يىل چەكلىمىسىگە ئۇچىرىمايدۇ.3-ئاينىڭ 24-كۈنى مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك چېگرادىن كىرىش چىقىشنى باشقۇرۇش ئورنىدىن ئېگىلىشىچە،نۆۋەتتە مەركىزى شەھەرساقچى تەرەپ شەخسلەرنىڭ چېگرادىن چىقىش كەسپىگە قارتا  ئىككى تەدبىرنى يولغا قويغان.
شەھەرلىك چېگرادىن كىرىش چىقىشنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇرات ئەخمەتنىڭ ئېيتىشىچە ،بۇ پارتىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئاممىۋىي لۇشىيەن تەربىيە ئەمەلىيتى پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ چىقىرىلغان خەلققە قولايلىق تەدبىر بولۇپ 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئەمىلىيلەشتۈرۈلىدىكەن.
«شىياڭگاڭ ئاۋمىن يول خېتى» ياكى «تەيۋەن يول خېتى »بار شەھەر ئاھالىلىرى يىل ئىچىدە قايتا ئىلتماس قىلسا ساقچىخانىنىڭ تەكشۈرۈش پىكرى تەلەپ قىلىنمايدىكەن. ئىلتماس قىلغۇچى جەدۋەل ،نوپۇس ۋە كىملىكىنى ئېلىپ يېقىن ئەتراپتىكى ج خ شۆبە ئىدارىسىغا بېرىپ بېجىرسە بولىدىكەن .لىكىن بۇ تەدبىر پەقەت كادىر ئەمەسلەرگىلا قارىتىلغان بولۇپ كادىرلار يەنىلا ئىدارىسىنىڭ چېگرادىن چىقشقا قوشۇلۇش ئىسپاتىنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن.
يەنە بىر خەلققە قولايلىق تەدبىر بولسا ساياھەت ،تۇققان يوقلاش ياكى چەتئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن پاسپورت بېجىرگۈچى شەھەر ئاھالىسى نوپۇس يۆتكەش يىل ساننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرىمايدۇ.
ئىلگىرى قىسمەن ئاھالىلەر ساياھەت،تۇققان يوقلاش ياكى چەتئەلدە ئوقۇش پاسپورتى بېجىرمەكچى بولسا  نوپۇسى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ۋاقت ئۆتمىسە بېجىرىپ بېرىلمەيتتى.نۆۋەتتە شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ بەلگىلىمىنى بىكار قىلدى .

مەنبە:http://news.ts.cn/content/2014-03/25/content_9473326.htm

guzaltarim يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 18:55:31

بۇ ياخشى بوپتۇ بىراق جەنۇپتىكلەرنىڭمۇ پاسپورت بېجىرىش ئىشى قولايلىقلاشتۇرۇلغان بولسا تېخمۇ ياخشى بولار ئىدى .

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 19:25:55

مۇشۇ ئۈرۈمچىلىك نۇپۇستا ، ئۈرۈمچىدە پۇل خەشلىمەي پاسپورت بىجىرگىلى بولارمۇ ؟ قانچىلىك ۋاقىت كىتىدۇ ؟ ساياھەت پاسپورتىغا ؟

مەكتىپىمدە 1 يىل بولدى ، نۇپۇسنى ئىچكىرىگە يۆتكىگەن ، پاسپورت ئەمەس ، مۇشۇ يەردىكى كىملىكنىمۇ تېخى چىقىرىپ بەرمەيۋاتىدۇ ... ساقچىخانىدا ئىككى كۈن يېتىۋىلىپ باقتىم ، ئاقمىدى ... مېنىڭلا ئەمەس ، مەكتەپتىكى نۇپۇس يۆتكىگەن ھەممە مىللەتنىڭ ئوخشاش چىقماپتۇ كىملىكى ... مەكتەپكە كېلىپ رەسىم تارتىپمۇ بولدى بولمىسا ساقچىخاندىن ...

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 19:28:05

بۇ سىياسەت قەشقەر ، خوتەن ، ئاقسۇ ، ئاتۇش قاتارلىق يۇرتلارغا كىلىشى خېلى ئۇزۇن ئوخشايدۇ ، قەشقەرلىك تونۇش بالىلار تۇرپاندا تال ئىچىپ پۇل تىپىپ كىلەيلى دەپ كەتكەن لېكىن ساقچىلار قايتۇرۋىتىپتۇ . :@

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 19:37:08

بىشىمىزدىكى قالپاق يامان قالپاق .....

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 19:39:35

ئايرىم تېما يوللاي دېگەنتىم، نەق كەپتۇ ماۋۇ تېما،  فىرانسىيەدە تۇرۇۋاتقان ياكى فىرانسىيەگە چىقىپ باققان قېرىنداشلار بولسا، تېلفون نومۇرۇڭلارنى ياكى بولمسا ئۈندىدار، كىيۇ-كىيۇ نومۇرۇڭلارنى قالدۇراپ قويغان بولساڭلار، سىلەردىن سورايدىغان جىددى گەپ بار ئىدى.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 19:42:42

پاسپورىت دىگەن چەت ئەللەردە  كىملىك بىلەن تەڭ چىقىدىغان نەرسە  ئۇ ... بېىرىپ يېرىم سائەتتە بىجىرلىپ بۇلۇندىغان نەرسىنى ئۈزى تەسلەشتۈرۈپ ئەمدى سەل ئادىيلارشتۇرغان بۇلۇپ  خەلقنى گوللىماقچى بۇلاپتۇ دە كۇسپۇرۇشلار !!!


بىر قازان ئوخشىغان  تاماقنى تارتىۋېلىپ ، بىر چىنە ئاشقان يۇندىنى تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ ئاندىن 5000 خەتلىك ‹‹ بىر چىنە  ئاش  بەرگەن  ئاكامغا  مەدىيە››  ناملىق تەسرات ماقالىسى يازغۇزماقچىكەندە....  

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 19:47:34

parlaq يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 19:28 static/image/common/back.gif
بۇ سىياسەت قەشقەر ، خوتەن ، ئاقسۇ ، ئاتۇش قاتارلىق يۇرت ...

   ئاڭلىسام مۇقۇملۇق ئۈچۈن ‹‹كۆچمە ›› ‹‹ ئاققۇن ›› نۇپۇسلارنىڭ تۇرپانغا  كرشىنى تىزگىنلەپتۇمىش  ....
   ئەمما  ھەققى ماڭلۇر ئاققۇنلار تۇرپانلىقلارغا  ئىچى ئاغىرىپ تال ئېچىشىپ بىرىشۋېتىپتىمىشقۇ ؟ شىنجاڭغا  ياردەمگە كەلگەن ئاممىدىن تەسىرلنىپ يوم يوم يىغلاپ كىتىپ بارمەن ھازىر

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 20:00:02

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 19:47 static/image/common/back.gif
ئاڭلىسام مۇقۇملۇق ئۈچۈن ‹‹كۆچمە ›› ‹‹ ئاققۇن ›› نۇپ ...

كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ ؟ قەشقەر . . . . قاتارلىق يەرلەردىن تۇرپانغا بارغانلار گۇمانلىق بولسا تۇتسا گۇمانلىق بولمىسا ئۆز تۇرمىشىنى قامدىسا بولاتتى ؟ :(

osmanturpan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 21:07:56

قايسىبىر پۇقرا ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك يەنە بىرىنى كەلسەڭ بولمايدۇ دەپ ھەيدىۋېتەلەيدۇ؟!
............................

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 21:19:47

ئۈرۈمچىدىكى بۇ ئىش بەك ياخشى بوپتۇ، لېكىن ئۇيغۇرغا نۆۋەت كەلگەندە يەنە شۇ پرىنسىپ بويىچە ماڭامدۇ-يۇق، بۇنىسى يەنە نامەلۇم!
شۇ، قۇمۇل -تۇرپان تەرەپلەردە باشقا يەرلىك ئۇيغۇرلارنى يېقىن كەلتۈرمەي قوغلاۋاتىدۇ، باشقا مىللەت بولسا كارى يوق. مەن خەلقنى بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە چىقارمىغاننى ئاڭلىغان ئىدىم، لېكىن بىر ئۆلكە ئىچىدە بىر يۇرتتىن يەنە بىر يۇرتقا بارغۇزمىغاننى ھازىرغىچە ئاڭلىمىغان، لېكىن كۆرىۋاتىمەن.

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 22:35:11

نومۇسنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەشنىڭ ئاسانراق يولى بارمىدۇ ، ئۈچ يىل بولدى مۇشۇ يەردە ئىشلەۋاتقىلى ، نوپۇسنى يۆتكىيەلمىدىم . سۇغۇرتىنى بالدۇر تۆلىمەپتىكەنمەن ،ئەمدى سۇغۇرتا تۆلىگەن ۋاقتى بىر يىل توشمىغان بولسا نوپۇس يۆتكىگىلى بولمايدۇ دەيدۇ . باشقا ئامال يوقمۇ ؟ شوپۇرلۇققىمۇ تېزىملىتالمىدىم . بالامنىمۇ نوپۇسقا ئالالمىدىم . خەپ دەيمەندە.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 23:46:56

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 23:36 static/image/common/back.gif
ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى مىللەتنىڭ  سەۋر-تاقىتىنىڭ ئەڭ  ت ...

يوۋ ئەركتىكىنكا باكەنلا ھە :lol

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 01:28:13

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 07:32:51

koktash يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 21:19 static/image/common/back.gif
ئۈرۈمچىدىكى بۇ ئىش بەك ياخشى بوپتۇ، لېكىن ئۇيغۇرغا نۆۋ ...

  كۆرىدىغانلېرىمىز مۇشۇلار بىلەن تۈگىسىكەن دەيمەن، تەك ئىششىنى قىلغاندا بىز ئامال بار تەجىربىسى بار ئادەم ئىشلىتىپ كەلگەن، تەجىربىسى يوق ئادەمنى ئىش ئۈگىتىپمۇ ھېرىپ قالىدىغان گەپ...
  ئادەم ئامال يەتكىنىچە چوڭ شەھەرلەردە ياشىغانغا يەتمىگۈدەك، ھەممىلا تەرەپتىن ياخشى بۇلىدۇ...

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 08:04:40

يېقىندىن بېرى خەنزۇ يولداشلار ئايرۇپىلانغا چىققىلى ئۇنىماي سەپەرگە پويىزدا چىقىۋىتىپتىمىش.:lol

arkzat618 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 08:24:24

مانا مەن يەرشارىدا پاسپورتى يوق ياشاۋاتقىلى 31يىل بولدى . جوڭگونىڭ دۆلەت شىئرى بەك مەنلىككەن .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 08:43:32

QUYASH يوللىغان ۋاقتى  2014-3-26 08:04 static/image/common/back.gif
يېقىندىن بېرى خەنزۇ يولداشلار ئايرۇپىلانغا چىققىلى ئۇ ...

ئايرۇپىلان بىلەت باھاسى سەت چۈشۈپ كەتكۈدەكتە، خېلى مەزموت دۆلەتلەر ئايرۇبىلاننى بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن ئۆزى ياسىغىننى ئىشلەتمەي ئامىركىنىڭكىنى ئىشلىتىدۇ، ئەمما ئاۋۇ يۇقاپ كەتكەن ئايرۇپىلان ئۇچقان ۋاقىتلارنى ھىساپلىسىمۇ سانتانا ماشنىنى بىراك قىلىدىغان ئۆلچەمگىمۇ يىتىپ قاپتىكەن...
ئادەتتە شاڭخەيدە سانتانانى تاكسى قىپ ئىشلەتسە 3 يىلدا بىراك قىلىدۇ...

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 09:11:40

نوپۇسنى نومۇس دەپ يېزىپ قويۇپتىمەن ، تەھرىرلىيەلمىدىم
بەت: [1] 2
: ئۈرۈمچى ئاھالىسىنىڭ پاسپورت بېجىرىش يىل چەكلىمىسى بىكار قىلىندى