bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 07:25:14

NASA: ئالتە ياشلىق بالا ناسا نى قۇتقۇزۇپ قالماقچى بولدى

ئالتە ياشلىق بالا ناسا نى قۇتقۇزۇپ قالماقچى بولدى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 25-مارت

يېقىنقى بىر قانچە يىلنىڭ مابەينىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ناسا غا ئاجراتقان خامچوت مىقتارىنى بۇرۇنقىدىن بىر ئاز ئازلىتىۋەتكەن بولۇپ، ھازىر ناسا نىڭ يىللىق خامچوت مىقتارى پۈتۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىنىڭ يىللىق خىراجىتىنىڭ 0.5 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.  

ئامېرىكىنىڭ دېنۋەر شىتاتى كولورادو شەھىرىدە ياشايدىغان 6.5 ياشلىق كوننور جونسون (Connor Johnson) 3 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدىن باشلاپلا چوڭ بولغاندا بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇشنى غايە قىلغانىدى.  ئۇ يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ناسا ئۈچۈن ئاجرىتىدىغان خامچوت مىقتارىنى ئازايتماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىستىقبالى بىر خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى قارار قىلدى.  كوننور دەسلىۋىدە ئامېرىكا پرېزىدەنتى ئوباماغا خەت يازماقچى بولدى.  ئەمما، ئۇ كېيىنچە ئامېرىكا ھازىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزى يىققان 10.41 دوللار پۇلنى ناسا غا ئىئانە قىلىش قارارىغا كەلدى.  

گەرچە بۇ ئىئانە قىلىش ئىشى كوننورنىڭ توغرا ئويلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى كوننورنى ناسا غا ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىتىشنىڭ بىر تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يولىنى تېپىشقا رىغبەتلەندۈردى.  شۇنىڭ بىلەن كوننور ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىنى باشلىدى.  گەرچە چاقىرىق خېتىنى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يېزىپ بەرگەن بولسىمۇ، بۇ ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىش كوننورنىڭ ئىدىيىسى ئىدى.  

ئۇ خەتنىڭ ماۋزۇسى مۇنداق يېزىلغان: «ناسا نىڭ خامچوتىنى كۆپەيتىڭلار.  شۇنداق قىلساڭلار بىز يېڭى دۇنيانى بايقىيالايمىز، ئۆزىمىزنى خەتەردىن مۇداپىيە قىلالايمىز، ھەمدە ئۆز غايىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.  كوننور جونسون، 6.5 ياش.»  ئۇ خەتنىڭ ئىچىدە مۇنداق گەپ بار: «ناسا خامچوتىنى كۆپەيتىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار بالىلار كائىناتتىكى يېڭىلىقلارنى بايقاشنى ئۆزىگە غايە قىلالايدۇ.  ئىلىم-پەنگە ئاجراتقان پۇل ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدۇ.»

كوننورنىڭ چاقىرىقى «بىز خەلق» (ۋە تھە پەئوپلە) دېگەن تور بېتىگە چىقىرىلىشقا لايەقەتلىك بولۇش ئۈچۈن 150 ئىمزا توپلاش زۆرۈر بولۇپ، ئۇ بۇ 150 ئىمزانى توپلاپ بولدى.  ئەمدى ئۇ يەنە 90 مىڭ ئىمزا توپلىسا، ئۇنىڭ چاقىرىقى ئاق ساراينىڭ جاۋابىغا ئېرىشەلەيدۇ.  كوننور 2014-يىلى 24-مارت كۈنى بىر ئاخبارات ئورگىنىغا ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى، ئۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، ناسا ئۇنىڭغا ھەر قانداق بىر مەقسەتنى كىچىك قەدەملەرنى ئېلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

سابىق ئالەم ئۇچقۇچىسى، فلورىدا شىتاتىدىكى كېننېدىي ئالەم مەركىزىنىڭ ھازىرقى دىرېكتورى 15-مارت كۈنى بىر كوننورنى قارشى ئېلىش مۇراسسىمى تەشكىللەپ، كوننورغا بىر قىسىم ئالەم ئۇچقۇچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خاتىرە بويۇملىرىنى سوۋغات قىلدى.  ھەمدە ئۇنى ھازىرقى غايىسىنى بويلاپ داۋاملىق تىرىشىشقا رىغبەتلەندۈردى.  كوننورنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ۋاقتى ناسا نىڭ مارسقا ئادەم چىقىرىش ۋاقىتلىرىغا توغرا كېلىدىكەن.

كوننورنىڭ يۇقىرىدىكى ئىش-ئىزلىرى يېقىندا ئامېرىكىدىكى مېدىئالاردا كەڭ تۈردە خەۋەر قىلىندى.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

6-year-old boy from US starts petition to save Nasa


NASA This Week


1-رەسىم: ئالتە يېرىم ياشلىق كوننور جونسون (Connor Johnson)
2-رەسىم: كوننور جونسون فلورىدادىكى كېننېدىي ئالەم مەركىزىنىڭ دىرېكتورى بىلەن بىللە
3-رەسىم: ناسا نىڭ ئاپوللو-11 پروگراممىسى ۋاقتىدا ئالەم ئۇچقۇچىسى بۇزز ئالدرىننىڭ ئاينىڭ ئۈستىدە تۇرغان كۆرىنىشى

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 08:01:28

بىزدە بولسا 6ياشلىق بالا چوڭلارنىڭ گېپىگە ئارلاشسا «چوڭلارنىڭ گېپىگە قوشۇق سالماي ئويۇنۇڭنى ئوينىغىنە»دەپ يولغاسالىمىز

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 08:05:48

بىزدىكى پەرزەنت تەربىيلەش دېگەن ئۇقۇم ھازىرغىچە «بېقىش»دېگەن ئۇقۇمدىن ھالقىپ كىتەلمىدى.كۆپ قىسىم ئادەملىرىمىز بالىلارنىڭ قورسىقى ئاچ قالمىسا ئۇچىسى يالىڭاچ قالمىسا دېگەنگە ئارانلا كۆڭۈل بۆلەلەيدۇ.بۇ نىمىدېگەن قورقۇنۇچلۇق پەرق.

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 08:07:40

ھازىرقى ھالىتىمىزدە قولىمىزدىن ھىچقانداق ئىش كەلمىسىمۇ پەرزەنت تەربىيلەش ئۈستىدە ئىزدەنسەك كەلگۈسىدە ئاللاھ ئەجرىمىزنى بېرەتتى.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 08:24:15

بالا تەربىيلەشتە شارائىت مەسلىسىمۇ بار، مەنمۇ بالامنىڭ كارتامنى سۈركەپلا كۆپ پۇل ئىلىپ چوڭ-چوڭ ئۇيۇنچۇقلارنى ئىلىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلغاندا ئېرىنمەي چۈشەندۈرۈپ يۈرۈپ ھازىر 5 ياشقا كىرمىگەن بولسىمۇ ھازىر كۇچىلاردا يوق بولغان كىچىكلىتىلگەن ماشىنا ئىلىش دىگەندەك ئارزولېرىنى ئۇتتۇرغا قويغاندا ئالدى بىلەن ‹‹ جىق پۇلىمىز بولغاندا›› دەپ باشلايدۇ...

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 08:27:24

كىچىك باللارنىڭ گېپى چوڭلارنىڭ نەزىرىدە دائىملا ئىتبارغا ئېلنمايدۇ، ئۇلارنىڭ قەدىر-قىممىتى  ۋە پىكىر بېرىش ھوقۇقىمۇ چوڭلار تەرپىدىن خالىسا ئەرمەك سۈپتىدە خالىمىسا دەشنام تۈسىنى ئالغان....
باللارغا بولغان ئىدىيە ئەركىنلكىگە چەك قويۋالمىساق بولاتتى....

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 09:38:08


بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆز سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە قىستايدىغان بىر ئىش بولغاچقا، بۇ ئاۋاز توپلاش ئىشىغا ئاۋاز قوشقۇچىلار چوقۇم ئامېرىكا گراجدانى بولۇش شەرتى بار بولىشى مۇمكىن.  «بىز خەلق» تور بېتىنىڭ ئاۋاز توپلاش سەھىپىسى
https://petitions.whitehouse.gov/petitions
بولۇپ، كوننورنىڭ ئاۋاز توپلاش ئىشىنى بۇ يەردىن تاپالمىدىم. ئېھتىمال بىر قانچە كۈننىڭ ئىچىدە چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.  

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 09:38:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-25 09:43  




بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆز سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە قىستايدىغان بىر ئىش بولغاچقا، بۇ ئاۋاز توپلاش ئىشىغا ئاۋاز قوشقۇچىلار چوقۇم ئامېرىكا گراجدانى بولۇش شەرتى بار بولىشى مۇمكىن.  «بىز خەلق» تور بېتىنىڭ ئاۋاز توپلاش سەھىپىسى
https://petitions.whitehouse.gov/petitions
بولۇپ، كوننورنىڭ ئاۋاز توپلاش ئىشىنى بۇ يەردىن تاپالمىدىم. ئېھتىمال بىر قانچە كۈننىڭ ئىچىدە چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.  

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 10:22:23

پەردە ئارقىسىدىكىلەر ناسانى دىنسىزلىق تەشۋىق قىلىدىغان ،ئادەمدىن ئەقىللىق يەنە باشقا جانلىق بار دىگەن ئاللاھنىڭ ئادەمنى يارىتىش قانونىغا قارشى ئىدىيەنى تەشۋىق قىلىدىغان بىر قۇرالغا ئايلىنىپ قالمىسىكەن .پەن تېخنىكا ئەگەر ھەقىقەتنى ئېچىپ بىرىشنىڭ ئەكسىنچە ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا گۇمان پەيدا قىلىدىغان ئىدىيەنى ئىلگىرى سۈرسە بۇ ئەڭ خەتەرلىك ۋە ئەڭ چوڭ پىتنىنىلاردىن دەپ قارايمەن .
ۋاقىت كارىدورى بولىشى مۇمكىن لېكىن ئاللاھ مۆجىزە ئاتا قىلماي تۇرۇپ ،ئىنساننىڭ ۋاقىت كارىدورىدا سەيرە قىلىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايمەن .بۇنداق بولمىغاندا ئىنسان كەلگۈسى زامانغا بېرىپ غەيىپنى بىلىۋالمامدۇ؟ئىنسانغا غەيىپ بىلدۈرۈلمىگەن .
مەن پۈتكۈل مۇسولمانلارنىلا ئەمەس پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئادىمى شەيتانلار پەن تېخىنىكىنى بۇرمىلاپ كۆرسىتىپ،خۇداسىزلىققا باشلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن .ئامىن .
يوقارقىلار تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلار.بۇنى يېزىشىمدىكى سەۋەپ ئەركىن سىدىق ئاكىمىزغا مەقسىتىمنى يەتكۈزۈش .
ئەمدى ماۋۇ شاكىچىكنىڭ غەيرىتىنى قوللايمەن .تەپەككۇرنى قانچە بالدۇر ئۇيغاتساق شۇنچە ياخشى .

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 11:01:59

ھەر قانداق ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس غايىسى بولىدۇ ۋە غايىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ . بۇ بالىنىڭ باشقىلارنى تەسىرلەندۈرەلىگەن يىرى كەلگۈسىدىكى غايىسى ئۈچۈن يېنىدا بار بولغان بارلىق مەبلىغىنى ئاتىيالىغانلىقى ۋە ئۆزى ئامرىكىدىكى ئوخشاش ئارزۇدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ كىلەچىگى ئۈچۈن ناسا ئۈچۈن كىمەيتىلگەن خامچوتنىڭ خرىس ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىدا بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم .
ئالدىنقى بىر يىللاردا مۇشۇ ئىزدىنىشتا قىزلارنى ئوقۇتماسلىق ھەققىدىكى مۇدھىش ئىدىيەلەر ئوتتۇرغا قۇيۇلغاندا مەن ئىنتايىن چۆچۈدۈم . چۆچۈشۈمدىكى سەۋەب شۇكى مۇشۇ زاماندا مۇشۇنداق مۇدھىش پىكىر ئوچۇق ئاشكارا بازارغا سېلىندى ، بازارغا سېلىنغاندىمۇ ئىنتايىن سىيلىق ئەمما تۇترۇقسىز باھانىلەر ماھىيەتلىك مەسىلىلەردىن يىراقلاشتۇرۇلغان ھالدا بىلەن ئوتتۇرغا قۇيۇلدى . نۇرغۇن بىلىم قۇرۇلمىسى ئاجىز ، ھېسىياتچان ، ئىسلامنى يېڭى قۇبۇل قىلغان بالىلارغا نىسبەتەن بۇ باھانىلەر ئىنتايىن ئورۇنلۇق بىلىنگىنىنى ھېس قىلدىم .
ئۇزۇندىن ئۇزۇن يېزىلۋاتقان باھانە ، سىيلىق سۆزلەرنىڭ كاللا يۇيۇش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىنىمدا بۇلارنى مۇنبەر تۈرمىسىگە سولىدىم ، چەكلىدىم ... نۇرغۇنلار مېنى مۇستەبىت ، قارشى پىكىردىكىلەرنى چەتكە قاقىدۇ دىيىشتى . بىراق شۇنى ئىزاھلاش زۆرۈركى ، بۇنداق مۇدھىش ئىدىيە مەن ئۈچۈن قارشى پىكىر بولۇپلا قالماستىن بىر قەۋىم ئۈچۈن چوڭقۇر دۈشمەنلىكتىنمۇ دېرەك بېرىدۇ . بۇنداق ئىدىيەلەر پەقەت بىر قەۋىمنىڭ ھالاكىتى ، خاراپلاشقان ھالىتىنى ئارزۇلىغان ئەھۋال ئاستىدىلا مۇشۇنداق پەردازلىنىپ ئوتتۇرغا چىقىدۇ .
قارشى پىكىر دىگىنىمىزدە بىر مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى ھەققىدە ، ئۆز ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈملۈكراق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئوتتۇرغا قۇيۇلدىغان پىكىرنى كۆرسىتىدۇ . ئەگەر ئۇ پىكىر شۇ مەسلىنى ھەل قىلىش بولماي ھالاكەتكە ئىتتىرىش بولسا بۇ ئەلۋەتتە زەھەرخەندىلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلغان دۈشمەنلىك بولىدۇ .
ھازىرقى ئۇيغۇر جەميىتىمىزدىكى نۇرغۇن مۇزدەك ھاماقەتلىكلەر دەل ئىلىمسىزلىكتىن ، ھاياجانغا بېرىلىشتىن كىلىپ چىقىۋاتىدۇ . بىزنىڭ باللىرىمىزمۇ ئوقۇپ ئىلىم ئەھلى بولۇشى كىرەك ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا ئىزدىنىشنى كېرەك .
ھاياتلىق داۋاملىشىدۇ ، ھاياتىمىز ، بىر ئادەم كۈنىگە ئىككى نان يىسىمۇ داۋاملىشىدۇ . ئۆزىنىڭ قەدىر - قىممىتى بىلەن ئۆزىگە چۇشلۇق قىممەت يارىتىپ ئۆتسىمۇ داۋاملىشىدۇ . ھاياتىمىز ھۆكۈمەت بېرىدىغان قۇتقۇزۇشقا تايىنىپ چۈشكۈنلۈك ئىچىدە ئۆتسىمۇ داۋاملىشىدۇ ، باشقىلار بىلەن رىقابەتكە چۈشۈپ ئۆز - ئۆزىنى كۈنسىرى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ھەر خىل خرىسلارغا بوي بەرمەي ئۆتسىمۇ داۋاملىشىدۇ . ئەمما ئىككى خىل ياشاش ئۇسۇلى كەسكىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ .
ھەر قېتىم ، قار ياغقان ياكى ئومۇميۈزلۈك ئەمگەكلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان چاغلاردا چوڭقۇر ھېس قىلىمەنكى ، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاز ياكى يوق دىيەرلىك جايلاردىمۇ قار تازلاۋاتقان ، كوچا تازلىقىنى قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى دىيەرلىك ئۇيغۇر . مەيلى ئۇيغۇر كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولسۇن ياكى ئۇيغۇرلار ئىنتايىن ئاز ساندا ئولتۇراقلاشقان رايون بولسۇن شۇنىسى مۇقەرەرركى ئەڭ تۆۋەن جىسمانى ئەمگەكنى قىلغۇچىلار ھامىنى ئۇيغۇر . مەن مۇشۇ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىشخانىدا راھەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . بىراق بۇلاردا ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغۇدەك ئىقتىدارنىڭ يوقلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلىمەن . بۇنداق دىيىش ئارقىلىق ئۇلارنى تۆۋەن كۆرمەكچى ئەمەسمەن . ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئەمگىكى بىلەنلا بىزمۇ پاكىز ئازادە مۇھىت ئىچىدە ياشاۋېتىپتىمىز ، ئۇلار مۇشۇ ئەمگىكى ئۈچۈن قەدىرلىنىشكە تىگىشلىك ، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارغا بولغان ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن .
دىمەكچىمەن ، ھەركىم ئۆزىنىڭ ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيىگە چۇشلۇق ماددى مەئىشەتلىرىگە ئىرىشەلەيدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن تەقدىردىن ، ئاللىكىملەردىن ئاغرىنىش بىھۇدە .
ئەسلى مەقسەتكە قايتىپ كەلسەك ، مۇشۇنداق چىچەن ، ئۆز كەلگۈسى ، غايىسى ئۈچۈن كۆرۈش قىلىشنى كىچىكىدىلا ھېس قىلالايدىغان بالىنى چوڭ قىلىش ئۈچۈن ئاتا - ئانىمۇ مۇئەييەن ساپاغا ئىگە بولۇشى كىرەك . ئەڭ مۇھىمى ئانىلار ئۇنۋېرسال بىلىمگە ئىگە بولۇشى كىرەك . ئوقۇمىغان قىزلار بىلەن ئوقۇغان ، ئۇقۇمۇشلۇق قىزلارنىڭ ئالدىدا چوڭ بولغان بالىلار روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ .
ئەسلى بۇ ئىناكسىمنى ئۇزۇنراق يازاي دېۋىدىم ، خىزمەت ۋاقتىدىكى ۋاقتىمغا ئۆزەم ئىگە بولالمىغانلىق سەۋەبى ئۈچۈن مۇشۇ يەردىلا توختىتىشقا مەجبۇر بولدۇم . كەچۈرۈڭلار ....
ئەمما مۇشۇ يەردە پوزىتسىيىمنى بىلدۈرۈپ قوياي ، ئەگەر مەن باشقۇرغۇچى بولۇپلا تۇرىدىكەنمەن . مەيلى قىز ياكى ئوغۇل پەرزەنتلەر بولسۇن ھەر قانداق ئاقمايدىغان باھانە سەۋەبلەر بىلەن ئوقۇتماسلىقنى تەشەببۇس قىلدىغانلارغا ئۆز كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە چارە كۆرۈپ تۇرىمەن . ئۇلار بىلەن مۇنازىرلىشىشنى بىھۇدە ئىش دەپ بىلىمەن .

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 11:11:12

Pinhan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 11:01 static/image/common/back.gif
ھەر قانداق ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس غايىسى بولىدۇ ۋە غايىس ...

ناھايىتى ئوبدان پىكىر قىلىپسىز. رەھمەت!

asad يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 11:29:46

   ناسا دىنى تەشكىلات ئەمەس.بۇ ئىدارىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى ئىچىدە ئاللاھنىڭ  ئادەمنى يارىتىش قانونىغا قارشى ئىدىيەنى تۇسۇش ۋەزىپىسى يوق بۇلىشى مۈمكىن.شۇنداقلا ئاللاھنىڭ  ئادەمنى يارىتىش قانونىغا قارشى ئىدىيەنى تەشۋىقمۇ قىلمايدۇ.
   بۇ خىل تەلەپنى قۇيۇش ۋە ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا گۇمان پەيدا قىلىدىغان ئىدىيەنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۈمكىن دەپ گۇمانلىنىشنى(بۆھتان چاپلاشنى) ئەركىلەش ياكى ئۇشۇۇشلۇق قىلىش دەپ چۈشىنىشنى بىلەلمەي قالدىم.
  

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 11:34:50

پىنھاننىڭ ئىنكاسىغا ئەلادىن بىر

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 11:52:53

ئىلىم نۇر سەن ھېلىقى‹ئاگاھ› شۇمۇياكى شاگىرتىمۇ ؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 11:54:36

ilim@nur يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 10:22 static/image/common/back.gif
پەردە ئارقىسىدىكىلەر ناسانى دىنسىزلىق تەشۋىق قىلىدىغ ...

ئاجايىپ قىتىغۇر ئادەمكەنسىز،توۋا

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 11:59:19

ئۆز ئەتراپىدىكى نۇرغۇن غەيرى رەسمى دىنسىز «تەشكىلات»لارنىڭ مەسىلىسىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە، بىلسىمۇ بىلمەسكە سېلىپ، ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇر دائىرىسىگە ئايدا- يىلدا كىرىپمۇ قالمايدىغان ناسانىڭ «دىنسىزلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى»دىن غەم يەپ كەتكەنلەرنىڭ توردا ئىنكاس يېزىپ ئولتۇرىشىدىن ئۆتە كۈلكىلىك ئىش بولمىسا كېرەك.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 12:05:00

بىزنىڭ 6.5ياشلىق بالىلار ئالەم دىگەن ئۇقۇمنىمۇ چۈشەنمەيدۇ

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 12:15:58

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 12:05 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ 6.5ياشلىق بالىلار ئالەم دىگەن ئۇقۇمنىمۇ چۈشەنمە ...

ئۇنداقتا قولىمىزدىن كىلىشىچە چۈشەندۈرەيلى.ئەمدى يەنە قايغۇرۇشقا قاقشاشقا ئىمكان يوق.ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى ئىمكانىيەتتىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە پايدىلىنايلى.

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 19:36:57

ياخشى تەربىيلەيلى بالىلارنى ، ئاكامنىڭ قىزى ھازىر 8 ياش 10 پارە قۇران يادلاپ بولدى . . .

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 21:32:30

بىز نىڭ باللىرىمىزمۇ ئ‍ىنتايىن ئ‍ەقىللىق، بىراق بىزنىڭ بالىلارنى يىتەكلەش ، قىزىقىشغا ھۆرمەت قىلىپ ،  تەربىيەلىشىمىز يىتەرسىز… شۇ تاپتا مىڭ كىلومىتىر يىراقلىقتىكى بالامنىڭ نەتىنجىسىدىن ئە نسىرەپ ئ‍ولتۇرۇپتىمەن
بەت: [1] 2
: NASA: ئالتە ياشلىق بالا ناسا نى قۇتقۇزۇپ قالماقچى بولدى