biligbagh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 22:46:27

ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان قولايلىق توكلۇق كاۋاپدان سېتىۋېلىڭ!!!

بەزىدە ئۆيدە ئولتۇرۇپ كاۋاپ يېگىڭىز كېلىدۇ ھەقاچان… قانداق قىلىش كېرەك، كاتەكتەك بىنا ئۆيدە كۆمۈر قالايدىغان كاۋاپداننى قويۇپ ئىس قاينىتىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوقتە… ئەمدى كاۋاپنى ‏ئۆيدە ‏ئولتۇرۇپمۇ بەھوزور يىيەلەيسىز! بۇ باش قېتىنچىلىقىڭىزنى ھەل قىلىدىغان قولايلىق توكلۇك كاۋاپدان بازارغا سېلىنىپ ئىستىمالچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە.  
‏ ‏    كاۋاپداننىڭ ئالاھىدىلىگى:
1. كاۋاپداننىڭ قۇرۇلمىسى: توك ئارقىلىق قىزىيدىغان كاۋاپدانغا تىك شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىتال ئۈزەكچە، مىتال ئۈزەكچىنى قوغداش قېپى، سىپتا ياسالغان 8 تال زىق( زىقنىڭ سېپى ساپالدىن گۈل بېسىپ ئىشلەنگەن)، كاۋاپدان ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كاۋاپنىڭ يېغى ئېقىپ چۈشىدىغان 8 تال كىچىك قاچا، كاۋاپداننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى 8 تال زىقنى 360 گىرادۇس ئايلاندۇرىدىغان قۇرۇلما، ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشىنى توسايدىغان داتلاشماس قەلەيدىن ياسالغان ياپقۇچلاردىن تۈزۈلگەن.
2.ئىشلىتىش قولايلىق:لازا، تۇز، زىرە قاتارلىق خۇرۇچلارنى توغراپ تەييارلانغان گۆشكە تەكشى ‏ئارىلاشتۇرۇپ، كاۋاپداننىڭ مەخسۇس زىقىغا ‏ئۆتكۈزۈپ، كاۋاپدانغا تىك ھالەتتە سېلىپ قويىسىز. ھەربىر تال زىق ئوتتۇرىدىكى قىزىيدىغان مىتال ئۈزەكچىنى ئوق قىلىپ 360گىرادۇس ‏ئاپتوماتىك چۆرگىلەپ گۆشنى تەكشى ھالەتتە 10-7 مىنۇتقا قالماي پىشۇرىدۇ. كاۋاپنى سېلىپ قويۇپ پىشقاندا ئېلىپ مەززە قىلىپ يىسىڭىزلا بۇلىدۇ. كاۋاپتىن باشقا، كۆممىقوناق، تاتلىقياڭيۇ، سەي-كۆكتات قاتارلىقلارنى پۇشۇرۇپ يىسىڭىزمۇ تامامەن بۇلىدۇ. خالىغان ۋاقىتتا ئۆيدە ئولتۇرۇپلا كاۋاپ يىيەلەيسىز.
3.بىخەتەر،توك سەرپىياتى تۆۋەن: ئىشلىتىش بىخەتەر، ئائىلەردە ئىشلىتىدىغان توك مەنبەسى بولسىلا كۇپايە. كاۋاپداننىڭ توك قۇۋۋىتىW1500، بىر قېتىم 8 تال كاۋاپنى پىشۇرۇشقا ئاران بىر-ئىككى موچەنلىكلا توك كېتىدۇ. بىر سا‏ئەت توختىماي ‏ئىشلەتسىڭىزمۇ ‏ئاران 1-1.5 كىلوۋاتلا توك يەيدۇ.
4. تازىلاش ئاسان: كاۋاپ زىقى، كىچىك قاچىسى قاتارلىقلارنى كاۋاپداندىن ئېلىۋەتكىلى بولغاچقا يۇيۇشقىمۇ قولايلىق، جىق ئورۇن ئىگىلىمەيدۇ.
4. ساغلاملىققا ئۇيغۇن: نۆۋەتتە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە تازىلىقى كۈنسېرى قىزىق نۇقتا بولىۋاتقان  مەزگىلدە يېمەكلىك تەركىبىدىكى ساغلاملىققا زىيانلىق تەركىبلەر دېققىتىمىزنى قوزغىشى كېرەك. ئاشخانىلاردا پىشۇرۇلغان كاۋاپ يېيىشلىكتەك قىلغان بىلەن گۆشنىڭ كېلىش مەنبەسى، سۈپىتى، كاۋاپنى تەييارلاش جەريانىدىكى زىق، كاۋاپدان، تەخسە، كاۋاپچى... قاتارلىقلارنىڭ تازىلىق ئۆلچىمى، كۆمۈر، ئوتۇندا كاۋاپنى پۇشۇرۇش جەريانىدا كاۋاپقا سىڭىدىغان زىيانلىق ئىس-تۈتەك قاتارلىق ئىشلارنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كۆمۈر قاتارلىق يېقىلغۇلاردا پىشۇرۇلغان كاۋاپ قاتارلىق قاقلانما يېمەكلىكلەرنى كۆپ يىگەندە راكنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن قەيت قىلغان. ئۇنداقتا سىز يەنە كۆمۈر، ئوتۇندا پىشۇرۇلغان كاۋاپ يەمسىز؟... مەزكۇر كاۋاپداننى ئۆيدە ئىشلىتىسىز، بارلىق مەشغۇلاتلارنى ئۆزىڭىز قىلىسىز، زەھەرلىك تەركىبلەر ئارىلاشماي پىشىدۇ. كۆپىنچە ئاشخانىلار پۇل تېپىش ئۈچۈن تاماق قىلىدۇ، ئەمما سىز پاكىزە، ساغلام يېمەكلىك يىيىش ئۈچۈن تاماق قىلىسىز. توكتا قاقلىنىپ پىشۇرۇلغان كاۋاپتا ئارتۇق بۇلغىنىش بولمايدۇ.
ئۇندىن باشقا مەزكۇر كاۋاپداننىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى گۆشتىكى ياغلارنى ئاستىدىكى كىچىك قاچىغا يىغىپ، ئارتۇقچە ماينى ئىستىمال قىلىشىڭىزدىن ساقلاپ قالىدۇ.  
6.سۈپەت كاپالىتىگە ئىگە: بەش كۈنگىچە سۈپىتىدە مەسىلە كۈرۈلسە ئالماشتۇرۇپ بېرىلىدۇ. 3 ئايغىچە بۇزۇلسا رېمونت قىلىپ بېرىلىدۇ. ئادەتتە ئۇنچە ئاسانلىقچە بۇزۇلمايدۇ.
7. باھاسى مۇۋاپىق: 8 زىقلىق تىپى:باھاسى 320 يۈەن. 2 دىن يۇقىرى ئالىدىغانلارغا  8 تال ئادەتتىكى زىق  سوۋغا  قىلىنىدۇ.، توپ ئالىدىغانلارغا باھادا ئېتىبار قىلىنىدۇ. سېتىش ئورنىمىز ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونىدا.
8. مۇلازىمىتىمىز ئەلا: ئۈرۈمچىدە ئالىدىغانلار بولسا ئىشىك ئالدىغىچە ئاپىرىپ بېرىلىدۇ. باشقا ۋىلايەت، ناھىيەلەردىن ئالىدىغانلارغا ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبوستىن ياكى تېز يوللانمىدىن سەپ بېرىمىز(يول كىراسىنى كۈتۈرىسىز).
‏9. تېلېفۇن: 13699356931، ئۈندىدار: idiqut   ، كوت-كوت: 517356104


paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 08:25:14

خېلى ئەپلىكتەك قىلىدۇ ، ئاپتوبىلنىڭ توك مەنبەسىگە چېتىپلا ئىشلەتكىلى بولسا بەك ياخشى بولاتتى . بەلكىم ئاپتوموبىلنىڭ توك چىقىرىش قۇۋىتى يېتىشمەيدىغاندۇ.

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 08:33:35

paltahun يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 08:25 static/image/common/back.gif
خېلى ئەپلىكتەك قىلىدۇ ، ئاپتوبىلنىڭ توك مەنبەسىگە چېت ...

ھورۇنكەنسزغۇ پالتاخۇنكا....
ساياھەتكە  چىققان يەردە ئوتۇن چاۋا ئۇچراپ تۇرىدۇ، تەبىئي پىشقىنى تەملىك بولمامدۇ دەيمە...
--------

بىنا ئۆيلەردە ئولتۇردىغانلارغا تازا ماس كەلگۈدەك...
قەشقەردە سېتىش ئورنى يوقما بۇ كاۋاپداننىڭ....

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 09:40:28

مەن ئىكى تال ئالسام توپ باھادا بېرەمسلەر:lol

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 11:40:01

ماشىنغا چېتىپ ئىشلەتكىلى بۇلىدىغانلىرى بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بۇلاركەن . يازنىڭ كۈنلىرى ساياھەتكە چىققاندا تازا ئەسقاتاركەن. تاغلارغا ئوينىغىلى چىقىپ شۇنداق بىر ئىككى تال ئوتۇن يىغىپ ئوت يېقىپ بولغىچە قاسقان شەپكىلىكلەر جەرىمانە تالۇنىنى كۆتۈرۈپلا ئۈنۈپ بۇلىدىكەن . ناۋادا ماۋۇ كاۋاپدان بولسا نۇر بەكرى كەلسىمۇ كارىمىز يوق خاتىرجەم كاۋىپىمىزنى پىشۇرۇپ يەپ ئولتۇراكەنمىز ..............:lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 13:11:11

ئىنجىسىگە قاراپ توختوتۇرمىكى دەپتىمەن.  

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 13:15:12

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 13:11 static/image/common/back.gif
ئىنجىسىگە قاراپ توختوتۇرمىكى دەپتىمەن.

:lol شۇ ئەدەممۇ بىر نەسە يازماس بولدى مانا

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 13:42:40

توكتا پىشۇرغان كاۋاپنىڭ تەمى قانداقتۇ.
يەنىلا جاڭگال كاۋاپقا يەتمەيدۇ جۇمۇ، ئوتۇندا پىشۇرۇپ يېسە نوچى. لېكىن ماۋۇ سەپەرگە بولغۇدەك يەنى توك بار يەردىكى سەپەرگە:lol

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 13:42:52

turken يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 13:15 static/image/common/back.gif
شۇ ئەدەممۇ بىر نەسە يازماس بولدى مانا

نەدە يازماس بولىدۇ.ھەممە يەردە شۇ ئادەمنىڭ تېمىسى نىنجىگە بۆلۈپ يادلىتىپ ئىدەمگە.:lol

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 14:20:08

atella يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 08:33 static/image/common/back.gif
ھورۇنكەنسزغۇ پالتاخۇنكا....
ساياھەتكە  چىققان يەردە ئو ...

ئۈستىدە ئوتۇن، كومۇردە پىشۇرغان كاۋاپ سالامەتلىككە زىيانلىق دەپ يېزىپتۇ ئىشنىپ قاپتىمەن.:lol  بايىنبۇلاق يايلىقىغا بارسىڭىز چىش كولىغۇچ قىلاي دېسىڭىزمۇ بىرەر تال ياغاچ تاپالمايسىز ، ماشىنىغا چاتقىلى بولسا شۇنداق يەرلەردە ئەپلىك بولىدۇ.

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 19:40:44

OWQI312 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 11:40 static/image/common/back.gif
ماشىنغا چېتىپ ئىشلەتكىلى بۇلىدىغانلىرى بولغان بولسا ت ...

سەۋەبى ئوت كىتىدۇ دەپ شۇنداقمۇ ؟ تاغلىق يوللاردا كېتىۋىتىپ قوساق ئېچىپ كىتىپ ئوت ياقسا قانداق قىلىدىغاندۇ ؟ :D

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 21:10:16

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 21:14:38

ئورالمىسىدىن قارىغاندا سىلەرنىڭ ئىجادىيىتىڭلاردەك قىلمايدىغۇ؟

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 16:54:22

مەن تېرە پۇتۇكنى ئوقۇش بىلەن ئالدىراش :lol

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 22:06:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-26 22:08  

بۇ خىل كاۋاپدانلار  ھەقىقەتەن ئەپلىك ، يېرىم يىلچە بولدى قېيناتامغا 10 يىل ئىلگىرى ئىدارىسىدىن تارقاتقان مۇشۇنىڭغا ئوخشاپراق كىتىدىغان كاۋابداننى ئامبار ئۆيدىن تېپىۋېلىپ  خوتۇنغا دەپ ئەكىلىۋالغان ئىدىم، تېخى پېچىتىنىمۇ بۇزماپتىكەن،  قىيما دىگەننى، تۇخۇم، ئۇن ، تۇز ، پىياز،زىرە   بىلەن قىلىپ بىرەر سائەت دۈملەپ قويىدىغان بولسام كالا گۆشىمۇ يۇمشاپ كىتىدىكەن، تەييار 20 زىخى بار ، بىر قېتىمدا 10 زىخ پۇشۇرۇشقا بولىدىكەن ،  ھەر بىر زىخقا ئۈچ تالدىن گۆش ئۆتكۈزۈپ (پېتىشىمۇ شۇكەن زادى )  كاۋابداننى بۇستارتقۇغا يېقىنراق قۇيۇپ  ئالدىن 3 مىنۇت قىزدۇرۇپ  ئاندىن زىخلارنى سالساق3-4مىنۇتتىلا كۆيدۈرۋەتمەي پۇشۇرۇپ بولىدىكەن،ئۆرۈپ قويمىساممۇ ئىچىكى قۇرۇلمىسى يېپىق بولغاچقا  ئىسسىقلىق رادىئاتسىيىسى تەكشى تاراپ ئوبدان پىشىۋېرىدىكەن .   ھەپتىدە ئىككى قېتىم خۇتۇن باللىرىم كاۋاب جىدىلى قىلىپ تۇرىدۇ ، ئائىلەمدىكىلەرگە كۆڭۈل قۇيۇپ تەييارلاپ  ئۆز قۇلۇم بىلەن مەززىلىك كاۋاب يىگۈزگەنگە  خۇش بۇلۇپ مەن كاۋاب ئۆتكۈزۈپ ھارمايمەن، ئۇلار يەپ ;P  ، كاۋاب توشىمايدۇ بىزنىڭ ئۆيگە:lol

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 22:23:08

OWQI312 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 11:40 static/image/common/back.gif
ماشىنغا چېتىپ ئىشلەتكىلى بۇلىدىغانلىرى بولغان بولسا ت ...

ئۇنى ئۆزىڭىز ياسىۋالسىڭىز بولىدۇ . يەنى تەتۇر ئۆزگەرىتكۇچتىن بىرنى ئالىسىز ، ئادەتتە 250 يۇەن ئەتراپىدا . 12 ۋولىت تۇراقلىق توكنى 220 ۋىلىت ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ ، ئاندىن ئۇنىڭدا كاۋاپ پۇشۇرۇپ يېسىڭىز بولىدۇ ، ئەمما جىق پۇشۇرۋىتىپ قالسىڭىز ، ئاككومولىياتۇرنىڭ توكى قالماي ، ماشىنىنى ئېتترىپ ئوت ئالدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ . ئەمدى ماشىنىڭ ئاككومولىياتۇرنى تەپسىلىي بىلىپ كەتمەيمەن ، ئەمما كىچكرەك ئاككومولىياتۇر بولۇپ قالسا ، 10 زىخ كاۋاپ پۇشۇرۇپ بولغىچە ئاككومولىياتۇرنىڭ توكى قالماسلىقى مۇمكىن .

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
تەتۇر ئۆزگەرىتكۇچ :  逆变器

http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.14.12.slwU5c&id=35796181465&_u=rb5h8bfdc57
http://detail.tmall.com/item.htm?spm=a230r.1.14.1.zK6lWS&id=19290490028&ad_id=&am_id=&cm_id=140105335569ed55e27b&pm_id=

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 10:46:28

radiofan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-26 22:23 static/image/common/back.gif
ئۇنى ئۆزىڭىز ياسىۋالسىڭىز بولىدۇ . يەنى تەتۇر ئۆزگەرى ...

رەھمەت ماۋۇمۇ بۇلىدىغان تەۋسىيەكەن ئاكوملىياتوردا توك قالماسلىقتىن ئەنسىرىسەك ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇغلۇق ھالىتىدە ئىشلەتسەكمۇ بولغىدەك .

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 15:27:13

ماشىنىغا چېتىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئايرىم روزىتكا كېتىدۇ،توردىن 50 يوئەن ئەتراپىدا سېتىۋالغىلى  بولۇشى مۇمكىن،بىر دوستۇم ئاشۇنداق روزىتكا ئىشلىتىپ ماشىنىسىدا چاي قاينىتىپ ئىچەتتى،لېكىن ئۇنى ئىشلەتكەندە چوقۇم ماتۇر ئوت ئالغان ھالەتتە ئىشلىتىش كېرەك ئىكەن،بولمىسا ئاككۇمۇلياتۇر نەچچە مىنۇتتىلا ۋاك دەيدىكەن،

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 21:30:04

ئوبدانكەن ئېلىۋالدۇق چوغمۇ ،توكمۇ كېتىدىغاندىن .

kirindax يوللانغان ۋاقتى 2014-4-10 23:43:04

ئىپ قويىدىغان ئىشمۇ نىمە بىرنى
بەت: [1]
: ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان قولايلىق توكلۇق كاۋاپدان سېتىۋېلىڭ!!!