izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 18:21:10

ﻣﻮﺭﺳﯩﻨﯩﯔ 529 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ ﻣﻪﻧﺒﻪ

ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺗﻮﺭﻯ 24-ﻣﺎﺭﺕ ﺗﯧﻠﮕﯩﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ. [ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ] ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ﯐ ﻣﯩﺴﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﻰ 24-ﻣﺎﺭﺕ ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ﯐ ﻣﯩﺴﯩﺮﻧﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺯﯗﯕﺘﯘﯕﻰ ﻣﻮﺭﺳﯩﻨﯩﯔ 529 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ﯐ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺳﻮﺗﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﯩﻐﺎﻥ.
ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ﯐ ﺑﯘ ﻫﯚﻛﯜﻣﻨﻰ ﻣﯩﺴﺮ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﻗﺎﻫﯩﺮﻩﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﻣﯩﻨﻴﺎ (Minya)ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ 545 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ﺳﻮﺗﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ﯐ ﺋﯘﻻﺭ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺳﺎﻗﭽﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ﯐ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺳﺎﻗﭽﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﻗﻪﺳﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ﯐ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.
ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﻩ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ﯐ ﺑﯘ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﻰ 24-ﻣﺎﺭﺕ ﺳﻮﺗﻼﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ﯐ 529 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻐﺎ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ 150 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻯ ﺳﻮﺗﺘﺎ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ﯐ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺳﻮﺗﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﯩﻐﺎﻥ. ﻳﻪﻧﻪ 16 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮔﯘﻧﺎﻫﺴﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﺑﯘﻟﺘﯘﺭ 3-ﺋﯩﻴﻮﻝ ﻣﻮﺭﺳﻰ ﻣﯩﺴﯩﺮﻧﯩﯔ ﺯﯗﯕﺘﯘﯕﻠﯘﻕ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ﯐ ﻣﻮﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﯧﺘﺮﺍﺯ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ﯐ ﻣﯩﺴﯩﺮﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺩﺍﯞﺍﻟﻐﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺸﻰ﯐ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﺵ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ.
  مەنبە :نۇر تورى

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 10:07:28

ئىزدىنىشقا نىسبەتەن ئەخلەت خەۋەر

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 12:00:09

ئۇنداقتا باشقۇرغۇچىلار يۈيىۋەتسۇن

function يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 14:41:35

نېمە ئۈچۈن ئىزدىنىشقا نىسبەتەن ئەخلەت خەۋەر بوپ قالىدۇ؟ قانداق خەۋەر ئەخلەت خەۋەر بولمايدۇ؟ فەن بىن بىن نىڭ مەيدىسى ئېچىلىپ قالدى، يەنە بىر چولپاننىڭ كوسىرى يىرتىلىپ كەتتى دېگەندەك خەۋەرنى ئەخلەت خەۋەر دەمىز باللا...

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 15:54:51

بۇ يىلقى ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىماقچى ئوخشايدۇ

saharkuyi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 16:18:10

ئۆلۈم ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولغان بولسىدى، دۇنيادا توقۇنۇش تۈگەپ بولغان بولاتتى.

karahaniya يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 16:29:49

ئەسلى مولتوتاق ئىنكاسنى ئەخلەت دىسە بۇلىدۇ

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 19:16:09

يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەخلەت نىمىلەركەن :lol

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 20:55:07

مىسىر ھۆكىمتى ئادەم پارچىلاش زاۋۇتىدىن بىرنى قۇرسا بولغۇدەك !:funk:

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 21:30:39

NeXter يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 19:16 static/image/common/back.gif
يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەخلەت نىمىلەركەن

:lol

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 21:37:38

ئ‍از سان ئ‍ەمەسكەن

HeQQuli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 06:32:22

بۇ  خەۋەر  ماڭا  نىسبەتەن  ئادەمنى  چۆچۈتكىدەك  خەۋەر  ئىكەن .     ئۆلتۈرۈلمەكچى  بولغانلار  قۇربانلىق  مال  ئەمەس  ئادەم  ئىكەن  ئەمەسمۇ ؟ ! ! !

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 06:50:45

مالايسىيە ئاۋۇئاتسىيەسىنىڭ ئايروپىلانى يوقاپ كىتىپ قانچىلىك تەسىر پەيدا قىلدى ، ئۇ ئايروپىلاندە 220 دىن كۆپرەك ئادەم بار ئىدى ،  يىقىنقى خەۋەردە ئۇلارنىڭ ئۆلگەنلىكى  جەزىملەشتۈرۈلدى ، ئەمما مىسىردا ئۆلتۈرۈلمەكچى بولغانلارنىڭ  سانى ئۇلارنىڭ ئىككى ھەسسەسىدىنمۇ كۆپ ، قانداقلىكى تور بەتنى ئاچسا شۇ ئايروپىلاننىڭ گىپى بولسا ئۇنى ئەخلەت دىمەي ، سانى بۇنچە كۆپ كىشىنىڭ ئۆلۈم خەۋرىنى ئەخلەت دىيىش كىرەكمۇ

apsana123 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 06:52:40

قانداق ئىش بوپ كەتتى بۇ ؟ 150 ئادەم ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى نەق مەيداندا تۇرۇپ ئاڭلىدى . قالغىنى بولسا سوتقا قاتناشمىدى . قارىغاندا قاتناشمىغانلارنى قوغلاپ يۈرۈپ ئاتامدىكەن ؟ ياكى باشقىچە كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش قىلامدىكەن . ۋە ياكى ..............  قانداق بوپ كەتتى بۇ ، مىسىردا قانۇن دېگەن نېمە بوپ كەتتى ھېي ؟ ماۋۇ بىزدەكلەرگە ئاجايىپلا ئاڭلىنىدىكەن . خۇددى ئامېرىكىنىڭ فىلىمىدىكى دوكۇلاتتەكلا

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 11:15:34

تارىختىكى بىر قېتىمدىلا ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان سوت بولۇپتۇ بۇ.
ئادالەت! ئادالەت! ئادالەت!!!

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 12:57:02

Yuksel يوللىغان ۋاقتى  2014-3-26 11:15 static/image/common/back.gif
تارىختىكى بىر قېتىمدىلا ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قى ...

يۈكسەلباي، سېيسىغا ئوخشاش ھارامدىن بولغانلار ئادالەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدۇ.

President يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 13:12:40

ئوچۇقتىن ئوچۇققا قەتلىئامغۇ بۇ؟:'(

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 14:41:37

دۇنيا دىموكراتچىلىرى سۇكۇت قىلىۋېتىپتۇمۇ ؟!

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 17:22:57

ئەينى ۋاقىتتا مۇھەممەد مورسىنى مىسرنىڭ ئىجتىمائى، ئىقتىسادى، ئىشسىزلىق، ئىنىرگىيە، بولكا  ئۈچۈن ھىچ ئىش قىلالمىدى، نامايىشىچىلارغا زىيانكەشلىك قىلدى، مۇستەبىت،زالىملىق قىلدى دەپ  چىڭقىلىپ كەتكەنلەر ئەمدى نىمە دەيدىكىن؟ ياكى ھازىر پۇت قۇلى باغلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرۋاتقانلارنىڭ نامى ئالدىغا «مۇسۇلمان» دەپ يېزىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، بۇ نورمال ئەھۋالمۇ يە؟
باشقىلارنى دائىم كاللىسى يۇيۇلغان دەپ داۋراڭ قىلىدىغانلارغا ، ئۆزلىرىنىڭ كاللىسىنىڭ قانچلىك يۇيۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلغۇدەك ئەقىل تىلەيمەن.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-28 09:29:04

يېقىندا بــــــــــى د تـــــــــــــــــــــى دا  قـــــــــــارشـــــــى بېلەت تاشلىغانلارنىڭ ئىچىدە مىـــــــســـــــــــــــــىــــــرمــــــــۇ  بـــــــــــــار، ھــــــارامـــــــدىـــــن بـــــــولـــــغــــان مۇســــــتەبىــــــت رەزىـــــــل كۈچلــــــەر
بەت: [1]
: ﻣﻮﺭﺳﯩﻨﯩﯔ 529 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ ﻣﻪﻧﺒﻪ