waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 16:04:46

ئۇيغۇر يىگىتى پەتتار ئەنۋەرنىڭ ۋاسكىتبول ئارزۇسى

   
  سىنا تەنتەربىيە تورىنىڭ 23-مارت خەۋىرى؛ تىخى 17 ياشقا توشمىغان پەتتار ئەنۋەر ھازىر شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول 3-كوماندىسىنىڭ تەنھەركەتچىسى، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ يۇرتى قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە كىلىپ ئۆزىنىڭ ۋاسكىتبول ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشقا كىرىشكەن.
شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ھازىرقى ئەڭ تەسىرى چوڭ ئۇيغۇر ئوغلانى شىرئەلىجانغا ئوخشاش، پەتتار ئەنۋەرمۇ قەشقەردىن كەلگەن. قەشقەر شەھىرى جۇڭگۇنىڭ ئەڭ غەربىدىكى چىگرا رايۇن شەھىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى مەرگىزى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 1500 كىلومىتىردىن ئارتۇق كىلىدۇ. ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە بىرىشقا، ئايرۇپىلانغا ئولتۇرسا بىر سائەت 40 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت كىتىدۇ.  ئەگەر پويىزدا ئولتۇرسا تۇلۇق بىر كۈندەك ۋاقىت كىتىدۇ. ھالبۇكى پەتتار ئەنۋەرنىڭ ئائىلىسى تىخىمۇ يىراقتا، ئۇ مۇنداق دەيدۇ؛ « مىنىڭ ئائىلەم قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق بىر ناھىيە بازىرىدا، بىر كىچىك جاي، قەشقەر شەھىرىگە يەنە بىر بۈلەك مۇساپە بار ». پەتتار ئەنۋەرنىڭ ئېيتىشىچە، شىرئەلىجان نۇرغۇنلىغان ۋاسكىتبولنى ياخشى كۈرىدىغان بالىلارنىڭ ئورتاق ئۈگۈنۈش ئۆلگىسى. ئۇلار شىرئەلىجانغا ئوخشاش كۈنلەرنىڭ بىرىدە CBA گە، دۆلەت كوماندىسىغا كىرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
« بىز ۋاسكىتبول ئۇينايدىغان يىگىتلەرنىڭ ھەمىمىز ئۇنى ئوبدان بىلىمىز، ئۇ بىزنىڭ ئەزىزانە قەشقەردىن چىققان چوڭ چولپان ». ئائىلىسىدىن ئايرىلغانلىقىغا ئىككى يىل بولغانلىقى تۇغرىسىدا گەپ چىققاندا،  پەتتار ئەنۋەرنىڭ چېھرى  بىردىنلا خۇشاللىقتىن نۇرلىنىپ كىتىدۇ، « ھېلىمۇ ياخشى، دادام، ئانام ھەمىشە يۇرتتىن ئۈرۈمچىگە كىلىپ مىنى يۇقلاپ تۇرىدۇ، ئۇلانىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمۈدى بەك چوڭ، مىنىڭ CBA غا كىرىشىمنى ئۈمۈت قىلىدۇ. دادام يەنە قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىغا بىرىپ ماڭا مەدەت بىرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ».
پەتتار ئەنۋەر 1997-يىلى تۇغۇلغان، بوي ئىگىزلىگى 2 مىتىر 3 سانتىمىتىر، مەيداندىكى ئورنى ئالدى ھۇجۇمچى، « جۇفاڭيۈ بىلەن ئوخشاش بىر ئورۇن ». پەتتار ئەنۋەر ھەمىشە بۇ چولپاننىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغاندا چىرايىدا تەبەسسۇم پەيدا بولىدۇ.  پەتتار ئەنۋەرنىڭ بوي ئىگىزلىگى شارائىتى مەشقاۋۇلنىڭ نەزىرى چۈشكەن تەرىپى، ئەمما جۈدەڭگۇ بەدىنى ئۇنىڭ يەنىمۇ  يۇقۇرى سەۋىيەدە ئىگىرلىشىگە پۇتلىكاشاڭ بۇلىۋاتىدۇ. بۇ مەشقاۋۇلنىڭ ئەڭ بىشىنى ئاغىرىتىۋاتقان تەرىپى، خوتەندىن كەلگەن رەپقەتجان قاتارلىق بىر توپ بالىلار بىلەن، ئۇ ھەمىشە يۇقۇرى ئۆلچەملىك مەشىق تەلىۋىگە يىتىشەلمەي، دائىم مەلۇم پەرىق ساقلىنىۋاتىدۇ. كولۇپتا ئۇنى ئۇچراتقان ئاشۇ كۈنى،  مەشقاۋۇلنىڭ كايىشى مۇخبىرنىڭ دىقىتىنى قوزغايدۇ.  
« قاراڭلار ئۆزۈڭلەرگە، بۇ يەرگە نىمە قىلغىلى كەلگەن؟ قانچە ئادەم پۇل خەجلەپ مىنى دەرىس ئۈتۈپ بىرىشكە تەكلىپ قىلدى، ئەمما مەن بارماي، سىلەرنى تەربىيەلىۋاتىمەن، سىلەر بۇ يەرگە ئوينىغىلى كەلگەنمۇ؟ ئۇينىغىڭلار بولسا قايتىپ بىرىپ ئويناڭلار »، بىردەم كايىشتىن كىيىن پەتتار بىلەن باشقا ئىككى بالا مەشقاۋۇل كايىغان ئەسلىدىكى بەلگىلەنگەن ئورنىغا  قايتىدۇ ».
پەتتار ئەنۋەرنىڭ باشقا توپچىلار بىلەن ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىغان تەرىپى، ئۇ نۆۋەتتە يەنىلا ئادەتتىكى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇ بۇ تۇغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ؛ « مەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتىمەن، مەكتەپمۇ ۋاسكىتبول ئەنئەنىسى بار مەكتەپ ئەمەس ». ئەمدىلىكتە ئۇ پۈتۈن كۈنلۈك مۇقىم مەشىققە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغاندىن سىرىت، كەچتە ئۆزى يەنە قۇشۇپ مەشىق قىلىۋاتىدۇ.   
پەتتار ئەنۋەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۈرىدىغان جۇڭگۇلۇق ۋاسكىتبولچى بولسا سۈن يۈ، ئۇ بۇ تۇغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ؛ « مەن نەخ مەيدانغا بىرىپ، ئۇنىڭ توپ ئوينىشىنى كۆرۇپ باقتىم، ھەقىقەتەن قالتىس، ھەقىقەتەن ئەقىللىق ئىكەن ». ھازىر شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن بىيجىڭ كوماندىسى ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئويناۋاتىدۇ. پەتتار ھازىر بىر ئاز دىلغۇل بۇلىۋاتىدۇ، ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ياخشى كۈرىدىغان توپچىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمۈت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ. شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئۇدا ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇپ قۇيدى، پەتتارنىڭ ئۆزىمۇ مۇسابىقىنى كۆردى، ئۇ بۇ تۇغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ؛ « گاردىن قايتقان توپنى تالىشىپ ئىلىشى ئانچە ياخشى ئەمەس، ئۈنۇملۇك ھۇجۇم قىلىشى يىتەرسىز بولدى ».
  بىز ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرى پەتتار ئەنۋەرنىڭ  ۋاسكىتبول كەسپى ھاياتىنىڭ پارلاق بۇلىشىنى، قەيسەرلىك بىلەن مەشىق قىلىپ، تىزلىك بىلەن پىشىپ يىتىلىپ ياخشى نەتىجىلىرى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ پەخرىگە ئايلىنىشىنى ئۈمۇت قىلىمىز.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

kirindax يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 16:33:06

  ئارزۇ ـــــــ قاتتىق تىرىشچانلىق ، قان تەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ ، بۇنداق بەدەن شارائىت ھەممىلا ئادەمگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ. خۇدا بەرگەن بوينى ئىسراپ قىلىۋەتمىگەيسز ئىنىم .

iztikin يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 17:32:21

بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئىز بېسىپ تەنھەرىكەت چولپانلىق شەرىپىگە ئېرىشىۋاتقان ئۈمىدلىك ياشلىرىمىز تېخىمۇ كۆپەيگەي، چوققىلارغا ئۆرلىگەي ............

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 17:49:55

نېمىدىگەن ئىگىز

atarut يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 22:01:48

توردىكى گەپلەرگە قارىغاندا بىيجىڭدىكى مۇسابىقىدە شىنجاڭلىق قوللىغۇچىلارمۇ 18مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ خىلى مەدەت بەرگەن ئوخشايدۇ.  ماھىرلىرىمىز كۆپلەپ چىقسا ئادەم بىرخىل خۇش بولۇپ قالىدىكەن. يامايكا دىسە قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش تەنھەركەتچىلىرى ئادەمنىڭ ئىسىگە كەلگەندەك، چولپانلىرىمىزمۇ بىزنىڭ ئىجابى تەشۋىقاتچىمىز،

kolteken يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 22:30:03

مىنىڭ بىر ئىنىم بار ۋاسكىتبولغا ئوتتەك ئىشتياقى بار ، بوي ئىگىزلىكى 196 سانتىمىتېر كىلىدۇ ، ئۆزى قەشقەرپىداگوكىكا ئىنىستوتىنىڭ تەنتەربىيە فاكولتىتىدا ئۇقۇيدۇ ، قانداق قىلساق مۇشۇن كوماندىغا كىرگۈزگۈلى بۇلىدۇ ، بۇلار قانداق ئۇسۇل بىلەن ئادەم قۇبۇل قىلىدۇ كىم بىلىدۇ

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 10:16:05

kolteken يوللىغان ۋاقتى  2014-3-24 22:30 static/image/common/back.gif
مىنىڭ بىر ئىنىم بار ۋاسكىتبولغا ئوتتەك ئىشتياقى بار ،  ...

ئاشۇلارنىڭ مەخسۇس تەربىيلەش سىنىپلىرى بارغۇ دەيمەن. شۇ تەرەپلەردىن چىقىش قىلىپ ئالاقلىشىپ باقمامسىز!

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 11:48:08

بۇ بالىدا بوي دىگەن باركەن لىكىن سەل ئورۇقتەك قىلىدۇ بەدەن مەشىقىنى كۆپرەك قىلىپ بەرسە بولغىدەك
ئاللاھ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن ئارزۇ مۇراتلىرىغا يەتكۈزسۇن

kolteken يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 18:41:48

osmanuyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 10:16 static/image/common/back.gif
ئاشۇلارنىڭ مەخسۇس تەربىيلەش سىنىپلىرى بارغۇ دەيمەن.  ...

سىز تەپسىلاتىنى بىلەسىزمۇ ؟
بەت: [1]
: ئۇيغۇر يىگىتى پەتتار ئەنۋەرنىڭ ۋاسكىتبول ئارزۇسى