tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 13:47:56

قان ھەققىدە بۇرۇنقىلار نېمە دېگەن

بۇ ماقالە ھىجرىيە 1800-يىللىرى ياشىغان ھەكىم مۇھەممەد ھۈشەيىن ئەلاۋىنىڭ مەخزەنۇل ئەدۋىيە دېگەن مەشھۇر خام دورىلار كىتاۋىدىن ئېلىندى . بۇنى يوللىشىمدىن مەقسەت ئەنئەنىۋى تېبابەتتە شۇ مەزگىللەردىكى گۈللىنىۋاتقان غەرب تىبابىتى بىلەن ئۇچراشقان قىسىملىرىدىن خەۋەردار قىلىش، ماڭا يېقىنقى زامانلاردىن بېرى ئەنئەنىۋى تېبابەت كىتابلىرىمىز تار دائىرىگە كىرىپ قالغاندەك ، تەجرىبە ۋە تەرەققىياتتىن ئەسەر يوق چېكىنىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ،ئەمما بۇ ھالەتمۇ پات يېقىندا ئۆزگىرىشى مۇمكىن.

ئۇ پارسچە خۇن، ھىندىچە لەھۇ ،ئەرەپچە دەم دېيىلىدۇ.
تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى ۋە ئىشلىتىلىشى: ھەر بىر ھايۋاننىڭ قېنى ئۆز ئورنىدا بايان قىلىنىدۇ.
ئۇمۇمەن قانلارنىڭ ھەممىسى كۆزدىكى ئاقنى يوقاتقۇچى ، ئىششىقلارنى تارقاتقۇچى، پىشۇرۇلغىنى ئىچ سۈرۈشنى توختاتقۇچى، زەھەرلەرنى قايتۇرغۇچىدۇر. يېڭى چىققان باچكىنىڭ پېيىنىڭ قېنى نامازشام قارىغۇسى كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ، سىناقتىن ئۆتكەن بولۇپ ، كەپتەرنىڭ بايانىدا سۆزلەندى.
قان قورساق، كۆكرەك، ئۈچەي ياكى دوۋساقتا ئۇيۇپ تومۇر سۇقۇشى ئاجىزلاش، ماغدۇرسىزلىق، تەكرار ھوشسىزلىنىش، پۇت-قوللار سۇۋۇش، نەپەس بوغۇلۇشقا ئوخشاش ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ داۋاسى ئاشقازاندا سۈت ئۇيۇپ قېلىشنىڭ داۋاسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، 10گرام پەنىرمايە، بولۇپمۇ توشقان پەنىرمايىسى ياكى 30 مىللىمىتىر سىركە ياكى باقىلە چوڭلۇقىدىكى چىڭ بىلەن قۇرۇق ئەنجۈر شىرىسى ئىچىلىدۇ ياكى پىننە سۈيى چۈچۈمەل سىركەنجىۋىل بىلەن ئىچىلىدۇ. كەرەپشە ئۇرۇقى سۈيى مائۇلھەسەل بىلەن ئىچۈرۈلۈپ قەي قىلىنىدۇ.

بىلگىنكى پىرانسىيە دوختورلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، ھەر قانداق ئادەم ياكى ھايۋاننىڭ قېنى بۇزۇلۇپ ، ئوڭشاش قىيىن ئەھۋالدا مىزاجى ساغلام باشقا ھايۋان ياكى ئادەم قېنىنى ئۇنىڭغا سالسا قېنى بۇزۇلغان مەزكۇر ھايۋان ياكى ئادەمنىڭ قېنى ئوڭشىلىپ ساغلام بولىدىكەن. بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى بۇ خىل ئۇسۇل قوللىنىلغان ئىكەن. ئەمما بۇنداق قىلىشنىڭ كۆپ پايدىسىنىڭ يوقلۇقى ، ئاخىرىغا بارغاندا زىيان قىلىدىغانلىقى بايقالغاندىن كېيىن بۇ ئۇسۇل تاشلاپ قۇيۇلغان.
قان ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى شۇكى ، بىمارنىڭ قولىنىڭ باغلانغان يېرىنىڭ ئاستىدىن مۇۋاپىق مىقداردا قان ئېلىپ تۇمۇرنى باغلاپ قۇيۇپ، ئۇنىڭدىن كىيىن ساغلام كىشىنىڭ قولىنىڭ باغلانغان يېرىنىڭ ئاستى، قېنى ئېلىنغان بىمارنىڭ قولىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى تۇمۇرنى تېز سۈرئەتتە يېرىپ بىر دانە ناھايىتى ئىنچىكە نەيچىنى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يېرىلغان تۇمۇرىغا كىرگۈپ ئەتراپىنى مۇستەھكەم قىلىپ، مىزاجى ساغلام بولغان ساق كىشىنىڭ قېنى كىسەل كىشىنىڭ بەدىنىگە ماڭدۇرۇلىدۇ. مەقسەت ھاسىل بولغاندىن كېيىن ، نەيچىنى چىقىرىپ ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تۇمۇرى چىگىلىدۇ.

شۇنداقلا قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە بەدىنى ئاجىز ياكى ياشانغان كىشىنىڭ بەدىنىگە مىزاجى ساغلام ، ياش، كۈچلۈك كىشىنىڭ قېنى سېلىنىدۇ.

ئۇلار روشەن كۆزەينەك ئارقىلىق ئىككى كىشىنىڭ قېنىنىڭ ئۆز ئارا ئالمىشىۋاتقانلىقىنى ، ئۇنىڭ جىگەردىن يۈرەك تەرەپكە، يۈرەكتىن جىگەر تەرەپكە مېڭىۋاتقانلىقىنى سېزىشكەن. يەنە سىناق قىلىش ئارقىلىق قاننىڭ باغلانغان يەرنىڭ ئاستىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى ، ئەكسىچە ئۈستىدىن چىقمايۋاتقانلىقىنى بەلكى ئۇ يەردىن قاننىڭ سۈمۈرۈلىۋاتقانلىقنى بايقاشقان.

قان ئالماشتۇرۇشنىڭ پايدىسى بولماسلىقى ، بەلكى زىيانلىق تەسىرى بولۇشىنىڭ سەۋەبى شۇ بولۇشى مۇمكىنكى، جانلىقلارنىڭ بەدىنىدىكى قاننىڭ ھەممىسىنى تۇلۇق چىقىرىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس، بەلكى ئۇنداق قىلىش ھايۋاننىڭ ھالاك بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. كېسەل قاندىن ئازدۇر-كۆپتۇر چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئورنىغا ساق قان سېلىنسا ئۇ تەندە بار بولغان بۇزۇق قان بىلەن ئارىلاشقاندىن كېيىن يەنە ئوخشاشلا بۇزۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پايدىسى كۆرۈلمەيدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن مىزاجى ھەممە جەھەتتىن ئوخشاش بولغان ئىككى ئادەمنىڭ تېپىلىشى تەس. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر بىر ئادەمنىڭ قېنى شۇ ئادەمنىڭ بەدىنىگە ماسلاشقان بولىدۇ.شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىر ئادەمنىڭ قېنى يەنە بىر ئادەمنىڭ بەدىنىگە ماس كېلىشى تەس بولىدۇ. يېشى ۋە بەدەن قۇۋۋىتى ئوخشاش بولمىسا بولمايدۇ. بەدەنگە يېڭى كىرگەن قاننىڭ يېڭى بەدەنگە ئۆزلىشىشىگە مەلۇم ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا بەدەن ئاجىزلاپ قالىدۇ، شۇ سەۋەبلەردىن سېلىنغان قاننىڭ ماس كېلىشى تەس بولىدۇ.
قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قان ئالماشتۇرۇش ئىسلاھ قىلىش ئەمەس ، بەلكى كېسەللىكنى كۆپەيتىش ۋە بەدەننى زەئىپلەشتۈرۈش ۋە ھالاك قىلىشقا سەۋەب بولىدۇ. قالغىنىنى ئاللاھ ئەڭ ئوبدان بىلىدۇ.
مەخزەنۇل ئەدۋىيە 955-956-بەتلىرى
http://www.4tadu.com/?p=982

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 16:20:03

ھۈسەيىن ھۈشەيىنبولۇپ قاپتۇ، توغرىلاپ ئوقۇغايسىلەر.

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-3-24 19:24):
مىلادىيە دېگەننى ھىجرىيە يېزىپ قويۇپتىمەن، ئەسلى شۇ يىلنامىنى بەك توغرا يېزىش نىيىتىمدە خاتا بولۇپ قا.....

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 20:12:09

قىنى بۇزۇقنىڭ ،ئۆزىمۇ بۇزۇق !
كەيپى ساپاھ قاننى بۇزىدۇ !

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 17:35:33

قان تىپى بىلەن مىزاجنىڭ سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتى بارمۇ ؟
مەسىلەن ئا قان تىپلىقلار سەۋدا مىجەزلىك ،
ئو قان تىپلىقلار قان مىجەزلىك دىگەنگە ئوخشاش

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 19:07:28

ئۇنى بىلمەيمەن.
بەت: [1]
: قان ھەققىدە بۇرۇنقىلار نېمە دېگەن