osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 12:22:15

تۇرمۇشىمىزدىكى ئېلانلار


مەن يېقىندا مۇھەببەت سارىيى ناملىق تېلۋىزىيە فىلىمىنى كۆرۈپ چىقتىم. بۇ فىلىم يېڭى ياشلار تەرىپىدىن ئىشلەنگەن، كومىدىيلىك ۋە مۇھەببەت تۈسىنى ئالغان فىلىم.
مېنىڭ بايقىغىنىم بۇ فىلىمگە كىرشتۈرۈلگەن ھەر قانداق بىر ئېلان ئۆز رولىنى تاپقان، مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان. شۇڭا مەن ئويلاپ قالدىم، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىمۇ، بولۇپمۇ  ياشلار تۇرمۇشىغا كىرىشتۈرۈلگەن، سىڭدۈرۈلگەن ئېلانلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ، لېكىن بىز بىلمەيمىز ياكى ھېس قىلالمايمىز، خالاس.

تۆۋەندىكىلىرى مەن فىلىمغا ئاساسەن مۇنداقلا تەقلىد قىلىپ يىزىپ چىققىنىم:
_ئەلى ئاداش قورساقمۇ ئاچتى تاماققا چىقىپ كىرەمدۇق؟
_بولىدۇ ئاداش، پەيزىۋاتقا چىقىپ لەغمەن يەمدۇق ياكى روزىبايغا چىقىپ كاۋاپ بىلەن چۆچۆرمۇ؟ يا ئۆزگۈلگە بىرىپ راڭپىزا يەپ كىلەمدۇق يا؟
_ئاماننىساغا بىرىپ پولۇ يەپ كەلمەيلىما؟
_  بۇمۇ بولغىدەك، ئۇزۇن بولغان پولا يىمىگىلى.

_ئاداش ئۇسساپ كەتتىم، ئاۋۇ ئارمان تاللا بازىرىغا كىرىپ سۇ ئىپ  چىقمايلىما؟
_ گازلىق سۇ ئىچەمسەن ياكى مىۋە سۈيىمۇ؟
_ئابىدە سودا سۈينى ئىچەي ئاداش.
_مەن ئامىنە ئانار سۈينى ئىچەي.

_ئاداش مەمەت سەنچۇ؟ كولاغا ئاشىق، قايسىسىنى ئىچىسەن؟
_ مەن يۇرتۇم كولانى ئىچەي.

_ ئاداش شاتۇتنى قوقاق ياندۇرىدۇ دەيدۇ، بىر ئىچمەيلىما؟
_ بولىدۇ ئاداش ئەمىسە،ئىمراننىڭ پاسىلداق قۇتىلىقىنى ئالامدۇق ياكى ئۇندىن چوڭىنىمۇ؟
_ ئەلساپانىڭ بىر لېتىرلىقىدىن ئېلىپ ئوپچە ئىچمەيلىما، گۇڭۇر مۇڭۇر؟
_ مەيلى .

_ئاداش تويلۇق  ئىشتان_ چاپان ئالاي دىگەنتىم؟ سەن بۇرۇن توي قىپ بولغان بىرەنى تەۋسىيە قىلمامسە؟
_ بولىدۇ، مىراسنىڭكىدىن ئالمايلىمۇ، باھاسى مۇۋاپىقكەن، سۈپىتىمۇ ياخشى

_ئاداش ماڭا مۇنبەردىن بىرنى تەۋسىيە قىلە، سەل زىرىكىپ كەتتىم، بىر ئايلىنىپ چىقاي؟
_قىزىقارلىق مۇنازىرنى كۆرەي دىسەڭ، ئىزدىنىشقا چىق، تىمىلارمۇ ياخشى، ئۇندىن ئىنكاسلار تىخى ياخشى. مۇنداراقنى ئوقۇيمەن دىسەڭ مىسرانمغا چىق، باغداشمۇ بوپ قويىدۇ.
_ بولىدۇ

_ئاغىنلەر قارلۇق شىركىتى گۈدۈك دەپ مىكرو بىلوگ ئىچىپتۇ، شۇنداق ياخشىكەن، مەن كونا بىر ساۋغدىشىم بىلەن گۈدۈك ئارقىلىق تىپىشتىم.
_ مەنمۇ تىزىملىتايچۇ
_ مەنمۇ سىناپ باقايچۇ
_ ۋاھ، ۋاھ ماۋۇ گۈدۈك بولىدىغان ئوقەتكەن، مەنمۇ ئۇزۇن ئالاقلىشالمىغان بىر دوستۇمنى ئۇچراتتىم.

_ ئاغىنلەر شەنبە يەكشەنبىدە ئۇخلاپ ئويناپ كۈن ئۆتكۈزگىچە بىرە ئىش تىپىپ قىلمايلىمۇ؟
_ قانداق تاپىمىز بۇ چوڭ شاھەردە.
_ قاراڭلا ئالدىنقى كۈنىسى ئۇچۇر تورىغا چىققانتىم مۇنداقلا، خىزمەت ئىزدەيدىغانلار ۋە خىزمەتچى ئىزدەيدىغانلار كۆپكەن، ئالاقلىشىپ باقمامدۇق.
_ مۇندا ئىشمۇ با دە، ياتاقتىن چىقماي بىردىن بىردىن تېلفۇن قىلىپ قايسىسى بىرىدىغان پۇل جىق، ئىشى ئاز بولسا شۇنى قىلمايلىما.

_ ئاداش ئاچام ئاكاملار چىقىپتىكەن قەشقەردىن، بىرە ئايلىق ئۆي ئىجارە ئىلىپ ئولتۇرساق دەيدۇ. نەدىنراق تاپارمىز؟
_ تىلفۇنۇڭ ئايفۇن، ئۇچۇر تورىنىڭ ئەپ نۇسخسىنى چۈشۈرۈپ ئىزدە شۇنداق قولايلىقكەن... سىرتقا چىقىپ ئىزدەشمۇ كەتمەيدۇ... بىردىن- بىردىن تاللاپ كۆرەپ باقمامسەن.
_ ئوكەي..

_ ئاداش بىر ماقالە لازىم بوپ قالغان ئۇيغۇرچە، تورغا چىقىپ ئىزدىسەم نەدىن ئىزدەيمەن... بىر مۇنچە ئىزدەش تور بەتلىرى باركەن.. لېكىن ئېھتىياجنى قاندۇرمايدىكەن...
_ ئىزدەگە چىقىپ ئىزدە ئاداش.. مەن داۋاملىق شۇنى ئىشلىتىپ كىلۋاتىمەن....

_ ئاداش ئەلى، مېنىڭ سوغىقىم ئىشىپ كەتكەن چىغى با، ما زامانىۋىي شەھەر ئۈرۈمچىدە بىر تىۋىپ بارمىدۇ، يەرلىك چاي ساتىدىغان؟
_ باركەن ئاداش، ئاۋۇ جەنۇبىي قوۋۇق تەرەپتە تادۇبەگنىڭ دورىخانىسى بار، شۇ يەردە ساتىدۇ.
_رەھمەت.
مانا مۇشۇنداق تۇرمۇشىمىزدىكى بىر ئىغىز ياكى بىرەر جۈملە سۆز ئاتالمىش سانائىتىمىزنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكىلك رول ئوينىيالايدۇ. مەنمۇ مۇشۇنداق كۆپچىلىكنىڭ سىناپ بىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بەلكىم سىز ئالمىغان ئاشۇ بىر قاپ پىرەنىك ياكى بىر قۇتا ئىچىملىك سىزنىڭ ئاشۇ بىر ئىغىز ياكى بىر جۈملە سۆز بىلەن باشقىلارنىڭ سېتۋىلىشىغا تۈرتكە بولسا ھېچ گەپ ئەمەس.

تۆۋەندىكىلىرى ئۆزەمنىڭ شەخسىي پىكىرى خالاس.
ھەممەيلەننىڭ ئىسدە باركى، مىلىيون گۈل فىلىمى ئىشلەنگەندە كۆرۈرمەنلەر بۇنى فىلىم ئەمەس بەلكى  ئېلان بوپتۇ دەپ قارىغانتى.

ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق، ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىدا چىشلەپ قويغان ئالما بولسىلا باشقىلار ئالمىمۇ دەپلا سورايدۇ. ۋە ياكى تاشقى قىياپىتىگە قاراپلا ئالما مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ.

يېقىندا تېلۋوزۇردا ئىستىقبال سەھنىسى قايناۋاتىدۇ. مەن ئاشۇ قاتناشقان شىركەتلەنىڭ ماركا – لوگولىرىغا بەكرەك دىققەت قىلىپ قالدىم. ئەڭ ئەقەللىيسى بىز ماختاپ كىلۋاتقان ۋە پەخىرلىنىدىغان ماركىمىز ئارماننىڭ بەلگىسنىمۇ تازا مۇۋاپىق ئەمەستەك تۇيغۇدا بوپ قالدىم، قالايمىقان بىر بەلگىلەر تۇرغاندەك. ......
شۇڭا شۇنداق بىر ئۈمىد قىلىمەنكى،  تۇرمۇشىمىزدا، بولسا بىر رەسىمنى ياكى بەلگىنى كۆرۈپلا قايسى ماركا ئىكەنلىكىنى ، نىمە مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى بىلەلىسەك، مىليون گۈل فىلىمى بەلكىم ئېلانغا توشۇپ كەتمىگەن بولاتتى، ئاشۇ مەھسۇلاتلارنى يىراقتىن كۆرۈپلا كىمنىڭ، نىمە مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيتتۇق، ئاپپاراتنى يىقىن ئاپىرىپ تارتىشنىڭ ھاجىتى يوقتى.... بەلكىم بۇ فىلىم ئويلىغاندىن بەكراق ئالقىشقا ئىرىششى مۇمكىن ئىدى.
بولسا كارخانچىلىرىمىز ئاشۇ ماركا، بەلگە دىگەندەك نەرسىلەرنى مەھسۇلاتقا سىڭدۈرەلىسە، ئېستىمالچىلارنىڭ كاللىسىغىمۇ ئوڭايلا سىڭىپ كىتەلەيتتى.

قېنى بىز  مۇشۇ تۇرمۇشىمىزدىكى قىزىقارلىق ئېلان ۋە ماركا توغۇرسىدا بىر پىكىر قىلىشپ باقساق.
يەنە باشقا ئويلىغانلىرىم ۋە ئويلاپ تاپقان تۇرمۇش ئېلانلىرىم تىما ئاستىغا ئىنكاس ئارقىلىق داۋام ئېتىدۇ

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 12:30:26

爱情公寓 نى باشقىلارمۇ كۆرىدىكەن ھە. @Pinhan  {:92:}

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 13:10:17

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم جامائەت ,ئۈرۈمچىدە تۇرۋاتقانلاردىن  بىر ئىشتا مەسلىھەت سوراپ قالدىم ,ئايرىم تېما ئېچىپ يۈرمىدىم , تېما ئىگىسى رەنجىمىگەي ,باشقا يەرنىڭ ماشىنىسى ئۈرۈمچىگە كىرىش ئۈچۈن يىشىل كارتا بىجىرىش كېرەككەن , مۇشۇ قانداق ئەھۋال , نەدە بىجىرىدۇ؟نىمىلەر كىتىدۇ؟باشقىلار ۋاكالىتەن بىجىرىپ بەرسە بولامدۇ ؟ مۇشۇ سوئاللارغا بىر جاۋاپ بەرسەڭلار , باشقا تولۇقلاپ قويىدىغان مەزمۇنلار بولسا قوشۇپ قويساڭلار ,رەھمەت.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 14:10:35

gewala يوللىغان ۋاقتى  2014-3-24 13:10 static/image/common/back.gif
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم جامائەت ,ئۈرۈمچىدە تۇرۋاتقانلارد ...

سىز بۇ يىل يېڭىدىن يولغا قويغان يېشىل رەڭلىك مۇھىت ئاسىراش كارتىسىنى دېمەيدىغانسىز؟
ناۋادا شۇ بۇلۇپ قالسا ئۇنى سىز تۇرۇشلۇق جايدىكى مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى ياكى قاتناش باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدا (2014- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن ھەقسىزتى، ئۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولدى بىلمىدىم) بىجىرەتتىڭىز

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 14:31:52

نەق ئاشۇ كارتا شۇ.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 15:04:22

kokkaptar يوللىغان ۋاقتى  2014-3-24 12:30 static/image/common/back.gif
爱情公寓 نى باشقىلارمۇ كۆرىدىكەن ھە. @Pinhan

:lol  

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 20:06:34

ۋەي  قادىمۇ ،؟
-ھە مەن سەن كىمۇ ؟
-مەن مەمەت ،،ھە  سەنمىتىڭ تىچلىقما ؟
-تىچلىق ،،نىمىش قىلۋاتسەن بىشىم ئاغرىپ ياتتىم ...
-ھە مۇنداق دە ،،مىنىڭ مۇ ئۇسقانلىرىم  ئاغىرۋاتىدۇ ...
ئەمسە چىشىنى چاقامدۇق  ،؟-
مەيلى ...
-قاچان چاقىمىز ....
-ھازىر چاقامىز ؟
...ماقۇل ،گازارمىدا ئالدىدا كۆرەشتۇق ئەمسە
-ماقۇل ئەمسە.__________________________________________________________:lol

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 00:10:07

بىرىنچىسىدە بېيجىڭ خەيدىيەندىكى ئاشخانىلارنى ساناپ چىقىپسىز ھە:lol

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 11:53:33

ماۋۇ كىنونى نەدىن كۈرىدىكەنمىز

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 18:51:25

ئاۋۇ تىلۋىزىيە خېلى ياخشى ئىشلەنگەنكەن .ھەممىدىن قىزىقچىسى ھېلىقى رادىئو رىياسەتچىسى .
爱情公寓  دەپ ئىزدىسەڭلا چىقىدۇ

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 21:42:33

مە نمۇ بەك كۆرىۋەتتىم بۇنى،

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 08:08:12

@Pinhan رەسىمنى قانداق چىقىرىدۇ؟

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 09:34:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   osmanuyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-26 09:36  

ئەسلى ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان تور بەتلەر:
http://bbs.izdinix.com ئىزدىنىش مۇنبىرى
www.misranim.com مىسرانىم تورى
www.guduk.com گۈدۈك مىكرو بىلوگى
www.okyan.com ئوكيان تورى
www.uqur.cn ئۇچۇر تورى
www.4tadu.com تۆت تادۇ دۇككىنى
www.arman.com.cn ئارمان تورى

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 09:37:07

www.izda.com ئىزدە تورى

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 18:34:06


___ۋاي ۋاي ئاداش نىمە ئالدىڭ؟
___ ۋاي ئاداش شۇ سىرتقا چىققىلى خوش ياقماي، چاچ سوپۇننى باياملا جىڭدوڭدىن زاكاس قىلغان بىردەمدە كەپ بوپتۇ
___ يوۋ  مۇشۇ جىڭدوڭنىڭ سۈرىتى تېز جۇمۇ زادى...

www.jd.com  ئىچكىردە ماللىرىنىڭ راس بولىشى بىلەن بازار ئىگەللىگەن تور سودا سۇپى.  

بەت: [1]
: تۇرمۇشىمىزدىكى ئېلانلار