taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 11:11:51

ئۇيقۇسىزلىقنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش

ئۇيقۇسىزلىقنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش


-1 روھلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىچىملىكلەرنى مەسىلەن ؛ قېنىق چاي ، قەھۋە قاتارلىقلارنى ئىچمەسلىك لازىم .
-2 كەچتە كىيىنرەك ئۇخلاشقا توغرا كەلگەندە ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن تاماقلىنىش لازىم . چۈنكى قۇرساق ئېچىپ كەتسىمۇ ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .
-3 ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سېكەر سۈيى ياكى كالا سۈتى ئىچىپ بەرسە ، ئادەمدە تۇيۇنۇش سېزىمى پەيداقىلىپ ، تىنىچلاندۇرۇش ، ئۇخلىتىش رولىنى ئوينايدۇ
-4 دائىم تەركىۋىدە مىس ، تۈمۈر ، سىنىك مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش لازىم .
-5 نېرۋىنى تەڭشەپ ، تىنىچلاندۇرۇش ، ئۇخلىتىش رولىغا ئىگە يىمەكلىكلەردىن ؛  ياڭاق ، كالا سۈتى ، بولكا ، چىلان ، قارا مور قاتارلىقلارنى كوپرەك ئىستىمال قىلىش لازىم .
مەنبە ؛ ئىلمى ئۇزۇقلىنىش _ دىگەن كىتاپتىن

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 12:29:11

4 دائىم تەركىۋىدە مىس ، تۈمۈر ، سىنىك مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش لازىم

رەددىيە

بۇ گېپىڭىزچە دائىم بەنزە كۇلۇچ ئامبۇر مىخ  توك سىمى ئىستىمال قىلساق بولىدىكەندە  
تەپسىلى دىمەمسىز نىمىنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر بار نىمىنىڭ تەركىبىدە سىنىك بار  سىزمۇ بىلمەمسىز يا

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 13:27:01

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-3-24 12:29 static/image/common/back.gif
4 دائىم تەركىۋىدە مىس ، تۈمۈر ، سىنىك مول بولغان يېمەكل ...

كۇلۇچ يېگەندىن ئازراق تۆمۈر سىم، مىس سىملارنى تېپىپ بىر ئامال قىلىپ ئۇۋىتىپ تاماققا ئىنتايىن ئاز مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ يەپ يەرگەن ياخشىمىكىن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 13:36:29

كىتابنىڭ ئىسمىغۇ ياخشىكەن ئەمما، بۇ خەنلەرنىڭ ئىلمى ئۇزۇقلىنىشى ئوخشايدۇ

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 14:37:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hoopeelover تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-24 14:39  

ئادەمنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولسا ھەم بولمىسا ياخشى ئۇخلايدۇ.

ئەسلى مۇنداق تى : ئادەمنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولسا غەم بولمىسا ياخشى ئۇخلايدۇ.:lol

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 17:56:12

ئۇيقۇ كەلتۈرۈشتە ئەڭ يامىنى يەرلىك قېتىق .{:112:}

uqkun2008 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 21:28:56

تولا ئاڭلاپ شاما بولۇپ كەتكەن گەپلەركەن!!!

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 21:59:48

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 08:45:18

ئادەم ئات بومىغاندىكىن ئۆرە تۇرۇپ ئۇخلىسا يىقاپ چۈشتۇ،
تەكىگە باشنى قويۇپ يېتىپ باقسۇن ئۇخلىمغاننى مەن بى كۆرەي...
بەت: [1]
: ئۇيقۇسىزلىقنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش