تاشپولات: تەبىئەت مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىڭ!
تەبىئەت مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىڭ!تاشپولات روزى
لوس ئانجېلېسقا باھار كېلىپ بۇ يەرنىڭ گۈل گىياھلىرى ئېچىلىپ ئېتىراپىمىز ھەم ھويلىلىرىمىز گۈزەللىشىپ كېتىپ بارىدۇ. مەن تۇرۇۋاتقان شەھەر جەرەن جىلغىسىدا (Antelope Valley) بولۇپ بۇ يەرنىڭ نوپۇسى 500 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ شەھەرلىك گېزىتلەردە "ئەتراپىڭىزدىكى تەبىئىي گۈللەرنى كۆرۈڭ" دېگەن تېمىدا خەۋەر بېرىلدى. مېنىڭ ئۆيۈمدىن 20 كىلومېتىر ماڭساق بۇ يەردىكى دىخانچىلىق مەيدانىغا ھەم تەبىئىي گۈللەر مەنزىرىسىگە بارىمىز. بۈگۈن ئەتىگەن بېغىمغا تېرىيدىغان كۆكتاتلارنى تەرىپ بولۇپ چۈشتىن كېيىن سائەت 2 ئەتراپىدا ئاشۇ يەرگە باردىم. ماشىنامنى ئۇ يەردىكى يول بويىغا توختىتىپ قويۇپ بىر يېرىم سائەت ماڭغاچ 10 نەچچە پارچە رەسىم تارتىۋالدىم. يولنىڭ ئىككى تەرىپى تەبىئىي گۈل بىلەن ئورۇلۇپ بەكمۇ گۈزەللىشىپ كېتىپتۇ. بەزى گۈللەر تېخى ئېچىلماپتۇ. قارىغاندا كېلەر ھەپتە ئېچىلمىغانلىرىمۇ ئېچىلىدىغاندەك قىلىدۇ. ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ بۇ مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن بۇ رەسىملىرىنى يوللىدىم. قېنى بۇ تەبىئىي مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىڭ!
ئاكىمىزنىڭ ئۆزى ھۆزۇرلانغان نەسىلەرنى بىزگە سۇنغىنىغا رەىمەت ياشاپ كېتىڭ {:112:} ئا دەرەخ ماڭا بەك قورقۇنۇچلۇق تۇيۇلىدۇ دىسە:funk:
رەسىملەردىن بىزنى ھەمبەھىر قىلغىنىڭىزغا تەشەككۈر رەسمى باھار كەپتۇ ئامرىكا دىسە، كۆزئالدىمىزغا، بەش بۇرجەك بىنا، ئاقساراي، ئاسمانغا تاقاشقان بىنا، قەۋەت قەۋەت يوللار……كىلەتتى، مۇنداق يەرلەرمۇ باكەن ھە (ھەيرانلىقتىكى چىراي ئىپادىسى، يانفۇن نۇسخىسىدا چىراي ئىپادىسى يوققۇ؟!) مۇشۇ ئاكىمىز بىلەن ئىسىم-فامىلىداش بولۇپ قىلىپ، ماۋۇ يەردە خىلى يۇز تېپىۋاتىمەن دېسە...، « ئىزدىنىشتا بىر ماقالەڭ تۇرامدۇ نېمە ؟» دەپ سوراپ قالىدۇ، پات-پات تونۇشلار:lol
ئامېرىكىنىڭ بۇنداق مەنزىرىلىرىنى مەنمۇ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان ئىكەنمەن، رەھمەت تاشكا ( ئىككلىمىز غۇلجىلىق بولغاندىكىن ، يەرلىك پەدىدە ئاتىۋەتتىمغۇ) ئامېرىكىدىمۇ جاڭگال باركەن ھە{:92:} بۇ يازمىنى ئاخىرىدا apsana123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-24 14:33
بۈگۈن ئەتىگەن بېغىمغا تېرىيدىغان كۆكتاتلارنى تەرىپ بولۇپ چۈشتىن كېيىن سائەت 2 ئەتراپىدا ئاشۇ يەرگە باردىم.
ماۋۇ گەپچە بولغاندا ، سىز ئامېرىكىدا ئانچە مۇنچە دېھقانچىلىقمۇ قىلىپ قويامسىز ياكى ، سىز كەسپىي دېھقانچىلىق قىلامسىز ؟ :) ئۆزگىچە مەنزىرىدىن بىزنى تەڭ بەھىرلەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت ئاكا.
بولسا ئاۋۇ دېرەخ،گۈل-گىياھلارنىڭ ئىسمىنى بىلسىڭىز (ئۇيغۇرچىسىنى بىلمىسىڭىز ئىنگىلىزچىسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز)
بولسا يەنە ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق شەھەر ھەمدە باشقا تۇنۇش شەھەر .شىتاتلارىنڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى،تەبىي بايلىقىلىرى،سانائىتى،پەن-تېخنىكا جەھەتتىكى ئەھۋاللىرىدىن بىلگىنىڭىزچە بىز بىلەن ئورتاقلاشسىڭىز،يەنە مۇشۇ
ئامېرىكانلارنىڭ تارىخى يەنى ئانگىلو-ساكسونلارنىڭ مىللەت بۇلۇپ تاكى ھازىرغىچىلىك بولغان ئارىلىقىدىكى
ئەھۋالىدىن بىز بىلەن ئورتاقلاشسىڭىز. سىلەر تۇرىۋاتقان يەردە باھار بالدۇر كىلىدىكەن ،ئاۋۇ يايلاقلار كۈنەس ،نىلقىنىڭ يايلاقلىرىغا ئوخشاپ كىتەمدۇ نېمە؟
-غۇلجا تەرەپلەردىمۇ ھاۋا خىلى ئىسسىپ قالدى ،بۇ يىل غۇلجا شەھرىگە نىسبەتەن قىش ۋاخچە باشلاندى ,لېكىن ئۇزاققا سۆرىلىپ كەتتى ھازىرمۇ ئىتىز -ئىرىقتىكى قارلار تولۇق ئىرىپ بولمىدى .تۇنۇگۈن بالا چاقامنى ئىلىپ ئىلى دەرياسى كۆۋرۈكىنى ئايلىنىپ كەلدىم دەريا بويىدا ھاۋانىڭ ئىسسىپ قىلىشى كىشىلەر زىمىستاندىن قىشتىن تازا زېرىكتىمۇ ،لەگلەك ئۇچرىۋاتقان ،ئايلىنىپ يۇرگەن كىشىلەر بىلەن تولوپتۇ . يولنىڭ ئىككى تەرىپى تەبىئىي گۈل بىلەن ئورۇلۇپ بەكمۇ گۈزەللىشىپ كېتىپتۇ. بەزى گۈللەر تېخى ئېچىلماپتۇ. قارىغاندا كېلەر ھەپتە ئېچىلمىغانلىرىمۇ ئېچىلىدىغاندەك قىلىدۇ.
ھەقىقەتەن گۈزەل مەنزىرىلەر ئىكەن. ھەممە گۈللەر ئېچىلىپ بولغاندىكى مەنزىرە تېخىمۇ چىرايلىققۇ دەيمەن. apsana123 يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 14:31 static/image/common/back.gif
بۈگۈن ئەتىگەن بېغىمغا تېرىيدىغان كۆكتاتلارنى تەرىپ ب ...
باھار كەلگەچكە شەنبە ھەم يەكشەنبە كۈنلىرى بېغىمغا ئىشلەپ قويىمەن. باغقا گۈل تېرىش، كۆكتاتلارنى تېرىش دېگەندەك ئىشلار بىلەن. tagh يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 14:38 static/image/common/back.gif
ئۆزگىچە مەنزىرىدىن بىزنى تەڭ بەھىرلەندۈرگىنىڭىزگە رە ...
بۇ دەرەخنى كاكتۇس (Cactus) دەپ ئاتايدىكەن. مەن تۇرۇۋاتقان بۇ رايوندا بۇ ياۋا دەرەخ بەك كۆپ. كېچىلىرى ماڭسىڭىز ئۇلار ئادەملەردەك كۆرۈنىدۇ. بۇ رايوندا 34 خىل ياۋا گۈل بار بولۇپ، ھازىر ئېچىلغىنى 24 خىلى ئىكەن. كېلەر ئايغىچە باشقىلىرىمۇ ئېچىلىپ بولىدۇ.
يۇقىرىدىكى رەسىملەر مەن تۇرۇۋاتقان يەرنىڭ شەرقى تەرىپىدە تارتىلغان. غەرب تەرەپكە 30 كىلومېتىردەك ماڭساق كالىفورنىيەدە قوغدىلىدىغان ئەپيۈنگۈل (Poppy) مەنزىرىسىگە بارىمىز. بۇ گۈللەر كېلەر ئايدا ئېچىلىدىغان بولۇپ، تاغنىڭ كەڭ باغرىغا يېيىلغان. ئېچىلغاندا ئۇ گۈللەرنى رەسىمگە تارتىپ بۇ يەرگە چىقىرىپ قويىمەن. تۆۋەندىكى رەسىم ئاشۇ گۈللەرنىڭ كۆرنىشى.
yuwax0999 يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 17:19 static/image/common/back.gif
سىلەر تۇرىۋاتقان يەردە باھار بالدۇر كىلىدىكەن ،ئاۋۇ ي ...
شۇنداق ئوخشاپ كېتىدۇ. دۇسلار ئامىرىكا زىمننى جاڭگال دىگلى بولمايدۇ، ئۇ يەردە شور تۇپراق يوق دىيەرلىك چۈنكى،ئامىرىكدا نەم ھاۋا يىتەرلىك سۇيى مول،نەم ھاۋا يىتەرلىك بولغاچقا ،غۇلجىدىكى يايلاقلارغا ئوخشاش ،ئوت،چۆپ مول،يىتەرلىك،مال چارۋا بىقىشقا بەك ماس كىلدۇ،ئامىرىكىدا نۇپۇس ئاز يەر،زېمىن بەك كەڭرى، ۋاھ، ياخشى تېما! چارچىغاندا بۇمۇ ياخشى بىر ئارام ئېلىش بولدى..
بەت:
[1]