koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 21:01:28

مۇراجەتنامە: ئىلزاتجانغا ياردەم قىلايلى!

قىسقاسۆز: ئىلزاتجان بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بالا بولۇپ، بۇ يىل 9 ياشقا كىرگۈچە ئورنىدىن تۇرۇپ باققىنى يوق. ئاتا-ئانىسى نامرات بولغاچقا، ئاران بىر قېتىم داۋالىتالىغان. لېكىن دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، بالىنى قانچە بالدۇر ۋە كۆپ قېتىم داۋالاتسا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدىكەن، ھەمدە قىسمەن جىسمانىي ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا، قېرىنداشلارنىڭ ئاللاھ يولىدىكى ساخاۋىتىنى ئىستەپ، مەزكۇر مۇراجەتنامىنى يازدىم.


ئىلزاتجاننىڭ سۈرىتى

قۇمۇل تارانچىدا تۇرۇشلۇق ئامىنەم مەممەت بىلەن مامۇت توختى 2003-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا توي قىلىپ، 2005-يىلى بالىلىق بولغان ئىدى. ئەپسۇسكى بالا قۇرساقتا بەش يېرىم ئايلىق بولغاندىلا تۇغۇلۇپ قېلىپ، مېڭە ۋە بەدەننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. ئامىنەمنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئۇ ھامىلدار ۋاقتىدا سېزىكى كۈچلۈك بولۇپ كېتىپ، ئاساسەن تاماقتىن قالغان، بەلكىم بالىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلىكتىن بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن (ھامىلدار ئاياللارنىڭ دىققەت قىلىشى ئۈچۈن قوشۇپ قويۇلدى).
بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئىلزاتجان دەپ ئىسىم قويۇلدى. لېكىن بۇ بالا تا ھازىرغىچە بېلىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرۇپ باققىنى، بىرەر نەرسىنى ئۆزى تۇتۇپ يەپ باققىنى يوق. چوڭ- كىچىك تەرەتلىرى ئاتا- ئانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن بولىدۇ. تاماقنىمۇ باشقىلار يېگۈزۈپ قويىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىلزاتجان پالەچ ھالەتتە بولۇپ، ئۇنىڭ ئانچە- مۇنچە مىدىرلاپ تۇرالىشىلا «ئۆسۈملۈك ئادەم» دىن سەل پەرقلىنىدۇ.
ئىلزاتجاننىڭ ئاپىسى ئامىنەمنىڭ ئىش ئورنى يوق، بۇرۇن ئىككى قېتىم ئوپراتسىيەگە چۈشكەنلىكتىن (بىر قېتىم قاپلىق قۇرت، يەنە بىر قېتىم ئۆت ئوپراتسىيەسى) تېنى ئاجىز، يولدىشى مامۇت توختىمۇ ئىشسىز، بۇرۇن ئەمگەك جەريانىدا ئوقرەك سۆڭىكى ئىككى قېتىم سۇنغان بولغاچقا، ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلالمايدۇ. ئىقتىساد كەمچىل بولغاچقا، بۇ ياش ئەر-خوتۇنلار ئوغلىنى ۋاقتىدا داۋالىتىشقا قادىر بولالمىغان ئىدى. مۇشۇنداق نامراتچىلىقتا، ئۇلار تاكى بالا 7 ياشقا كىرگۈچە داۋالىتالمىدى.
2012-يىلى 2-ئايغان كەلگەندە، ھۆكۈمەتنىڭ ھەقسىز داۋالاش تۈرى بىلەن، ئۈرۈمچى چىداۋەندىكى دوختۇرخانىدا (شىنجاڭ تېببي ئۇنىۋېرسىتېتى  قارمىدىكى 2-دوختۇرخانا) بالىنى داۋالىتالىدى. داۋالاش گەرچە ھەقسىز بولسىمۇ، تاماق ۋە باشقا قوشۇمچە چىقىملار ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەندەك پۇل كەتتى. ئەلۋەتتە، نامرات ئائىلىلەر ئۈچۈن، بۇ 10 مىڭ يۈەن ئاز پۇل ئەمەس ئىدى.


سۈرەتتە: ئىلزاتجاننىڭ تۈنجى قېتىم داۋالانغاندىكى دىئاگىنوز قەغىزى

دوختۇرنىڭ دىيىشىچە، بالىنى داۋالاشتا نەچچە باسقۇچلۇق ئوپراتسىيە قىلىنىدىكەن، بۇ قېتىمقىسى تۈنجى ئوپراتسىيە بولۇپ، 3 ئايدىن 6 ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە بىر قېتىم ئوپراتسىيە قىلىنىشى كېرەك ئىكەن. لېكىن يوقسۇزلۇق سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ قايتا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشقا قۇربى يەتمىدى. مانا شۇ ئوپراتسىيەدىن كېيىن 2 يىل ئۆتۈپمۇ، بالىنى ئىككىنچى باسقۇچلۇق داۋالىتىشقا قادىر بولالمىدى.
بۇنداق كېسەللەرنى قانچە بالدۇر داۋالاتسا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدىكەن. مانا 9 ياشقا كىرگۈچە 4-5 قېتىم قىلىنىشقا تېگىشلىك ئوپراتسىيەنىڭ ئاران بىرسى قىلىندى. ئۈرۈمچىدە يەنە «ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» مەركەزلىرى بار بولۇپ، بۇنداق بالىلارنى ھەر خىل ئۇۋىلاش ۋە جىسمانىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق، مەلۇم جەھەتتە داۋالىغىلى بولىدىكەن. لېكىن بۇنىڭغىمۇ پۇل يوق.
ئەلۋەتتە، بۇنداق كېسەلنى داۋالاپ تۈپ يىلتىزىدىن يوقاتقىلى بولمايدۇ. لېكىن داۋالاشلار ئارقىلىق مەلۇم نىسبەتتە جىسمانىي ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقى ئېنىق. شۇنداق بولغان ئىكەن، تورداشلاردىن ئىلزاتجاننىڭ داۋالىنىپ، ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى قىسمەن جەھەتتىن بولسىمۇ چىقالىغۇدەك ھالىغا كېلىشىگە ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.

تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئاپىسى ئامىنەمدىن سوراڭ.
ئاپىسى ئامىنەمنىڭ تېلېفون نومۇرى: 15299562023

ئامىنەم مەممەتنىڭ نامىدىكى يېزا ئىگىلىك بانكا كارتىسىنىڭ نومۇرى:
6228483688270911679
كارتا ئىگىسىنىڭ خەنزۇچە ئىسمى: 阿米娜木•麦麦提

تورداشلارنىڭ ئاللاھ يولىدا ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىلزاتجاننىڭ باشقا سۈرەتلىرى:


ئەسكەرتىش: چوڭ ۋە كۆپ رەسىملەرنى يوللىغىلى بولمىغاچقا، ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-3-26 14:52):
كارتىدىكى خەنزۇچە ئىسىم: 阿米娜木·麦麦提
مۇشۇنى سىناپ باقساڭلار!

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 22:24:38

ھەرقانداق ئىنسان بۇنداق كۇننى كۆرمەس. ئاتا ئانىسى نىمە بوپ كەتكەندۇ. ماۋۇ ئىسىم سەۋەبىدىن (خەنزۇچە)پۇل ماڭمىدى ئەتە چوقۇم ئازبولسۇمۇ كۆڭلۇمنى ئاتايمەن.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 06:32:30

ئالىپاي ئادرېسىنى قالدۇرۇڭلا

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 10:52:08

چېكىتنىڭ  مەسىلىسى ئوخشايدۇ. 阿米娜木·麦麦提نى كۆچۈرۈپ چاپلاپ سىناپ بېقىڭلار.

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 12:39:21

ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن

Horma يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 13:36:59

توردىن پۇل ئۇرىدىغانلار tarim222 نىڭ ئىنكاسىدىكى ئىسىمنى كۆچۈرۈپ چاپلىساڭلار بولىدىكەن ،تېمىدىكىنىمۇ شۇنداق قىلىپ تەھرىرلەپ قويساڭلار بولغۇدەك .

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 15:32:07

ئاللاھقا شۈكۈرى ئېيتىمىز، ۋە ياردەم قىلمىز...

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 15:49:10

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-3-24 06:32 static/image/common/back.gif
ئالىپاي ئادرېسىنى قالدۇرۇڭلا

مۇشۇ ئادرېس يوق مەندە. ئۇلار پەقەت يېزا- ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كارتىسىنىلا بىجرەلىدى.
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت!

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 15:51:07

tarim222 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-24 10:52 static/image/common/back.gif
چېكىتنىڭ  مەسىلىسى ئوخشايدۇ. 阿米娜木·麦麦提نى كۆچۈرۈپ چاپلا ...

مېنىڭ كومپىيۇتېرىمدا سىز يازغان خەنزۇچە خەتلىك ئامىنە بىلەن مەممەتنىڭ ئوتتۇرسىغا nasa دەپ چىقىۋاپتۇ. بۇ قانداق ئىشتۇ؟!
مۇشۇنداق ئالماشتۇرۇپ تەھرىرلەپ قويساممۇ بولارمۇ؟

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 15:58:02

koktash يوللىغان ۋاقتى  2014-3-24 15:51 static/image/common/back.gif
مېنىڭ كومپىيۇتېرىمدا سىز يازغان خەنزۇچە خەتلىك ئامىن ...

مېنىڭكىدە نورمال

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 12:06:00

خەنزۇچە ئىسمىنىڭ چېكىتلىرىدىن تارتىپ ئاستىغا تولۇقلاپ قويدۇم

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 17:21:45

ئازراق كۆڭلۈمنى ئاغدۇرۇپ قويدۇم.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 21:36:55

tanha19 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-3 17:21 static/image/common/back.gif
ئازراق كۆڭلۈمنى ئاغدۇرۇپ قويدۇم.

رەھمەت سىزگە!

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 21:50:27

ئىلزاتجان ھازىر شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى چىداۋەن 2- دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتىدۇ. ئالدىنقى كۈنى ئوپراتسىيە قىلىنىپتۇ. لېكىن ھازىر پۇلى قالمىغانلىقى ئۈچۈن، دورا- ئوكۇللارنى توختىتىپتۇ. :(
بەت: [1]
: مۇراجەتنامە: ئىلزاتجانغا ياردەم قىلايلى!