waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 20:42:27

شىنجاڭ كوماندىسى ھەل قىلغۇچدىكى تۈنجى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى

  ئۈرۈمچى ۋاقتى 3- ئاينىڭ 23- كۈنى كەچ ، 2013- 2014-پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ ئۈچۈنچى مەيدان ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ۋەن شىدا تەنتەربىيە مەيدانىدا بېيجىڭ جىنيۈ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە  ئىلىپ باردى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ گۈاڭخۈي كوماندىسى پەخىرلىك ئوغلانىمىز شىرئەلىجاننىڭ 19 نۇمۇر ئىلىپ زور تۆھپە قوشۇشى بىلەن ئاخىرى 92-81 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ جىنيۈ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىدىكى تۈنجى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇمۇمى نەتىجىنى 1-2 قىلىپ ئۆزگەرتتى.
شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  شىرئەلىجان 19 نۇمۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ خۇدىسون 24 نومۇر، 13 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سېنگېلدون 17 نومۇر، 18 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  تاڭ جىڭدۇڭ 16 نومۇر،7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ياڭ جىڭمىڭ 6 نۇمۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۇۋىي 6 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  جاڭ چىڭپىڭ 4 نۇمۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
  بېيجىڭ جىنيۈ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى مابۇلى 23 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ مورسى 15 نومۇر، 14 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لى گېن 12 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جى جى 10 نۇمۇر ئالدى.
مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بويىچە، شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى  قارشى تەرەپ مەيدانىدا  تۆتىنچى  ئايلانما ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php


atarut يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 21:05:11

بۈگۈن خىلى يامان ئەمەس ئوينىدى. شىرئەلىجاننىڭ بۆسۈپ كىرىپ نومۇر ئىلىش قىزغىنلىقىمۇ يۇقىرى ھەم ئۈنۈملۈك بولدى.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 21:07:15

غەيرەت قىل شىرئەلى !

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 06:02:36

ما بالىغا پۇلنى ئايىماي بېرىڭلەچۇ:lol
رەسىم يوللاپ قەرز بوپ كىتىدىكەن بولمىسا:lol

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 06:40:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yollugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-24 06:44  

ماۋۇ رەسىمنى يوللىماپسىز

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 08:33:35

ھەنىم بولسا بىرمەيدان بولسىمۇ ئۇتتى. بولمىسا(3تە 0بولغان بولسا)  كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىنى كۆرگىسى كەلمەستى ئادەمنىڭ. ئەمدىكى ئۈمىدىم: يەنە ئىككى مەيدان ئۇتۇپ، ئاچچىقىمىزنى بىر چىقارسا.
غەيرەت…!، غەيرەت…!!، غەيرەت…!!!

KALANDAR يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 12:18:29

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2014-3-24 06:40 static/image/common/back.gif
ماۋۇ رەسىمنى يوللىماپسىز

بۇ رەسىم .......
ھەر ئىككەيلەن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىكەنغۇ؟

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 14:34:37

ئاۋۇ رەسىم نىمە  دەيدۇ تەرجىما قىۋىتىڭا بىي

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 22:22:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-26 22:27  

ئەمما بۇ نۆۋەتمۇ ئىككىنچى بوپ ئولتۇرىدىغان ئىش بولسا كېلەر يىلى كۆرىمىناۋا بۇ CBA ھەل قىلغۇچىنى ...:@
بەت: [1]
: شىنجاڭ كوماندىسى ھەل قىلغۇچدىكى تۈنجى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى