Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 17:28:09

قۇتيار 2014-يىللىق شوپۇرلۇق سىستېمىسىنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى چىقتى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
ئالدىنقى قېتىم يوللىغان قۇتيار 2014-يىللىق شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىلىرى چىقتى دېگەن تېمىدا دېيىلگەندەك قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىمىز تۈزۈپ چىققان شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىسىنىڭ 2014-يىللىق ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنىڭ كومپيۇتېر، يانفون ۋە تور بەت نۇسخىلىرىنى بارلىقىنى ئېيتقان ئىدۇق. مانا بۈگۈن كومپيۇتېر نۇسخىسى پۈتۈپ ھەپتە بۇرۇنلا ئىچكى قىسىمدا ئېلان قىلىنىپ سىناقتىن ئۆتۈپ سېتىلىشقا باشلىغان ئىدى. بۈگۈن رەسمىي تۈردە تور بېكەتلەردە ئېلان بېرىپ سېتىشنى باشلىدۇ.
قۇتياردىكىلەرنىڭ «ۋاقىت بىرىنچى ئەمەس سۈپەت بىرىنچى» دېگەن پرىنىسىپى بويىچە بۇ سىستېمىنى ياساش، سىناش ئىشلىرى بەكلا ئىنچىكىلىك بىلەن قىلىنغاچقا، ۋاقىت بەكلا سوزۇلۇپ كەتتى. يەنى مۆلچەردىكى 2-ئايدا ئېلان قىلىنىش باسقۇچى مانا ھازىرغا كەپ قالدى. قالدى تەكلىپلەرنى مۇشۇ سىستېمىنى ئىشلەتكەنلەر باھالاپ باقساڭلار بولىدۇ.
ئاۋۋال كۆرۈنمە يۈزلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:
بۇ پلاستنكىدىن قوزغىلىش ھالىتى

سىز پلاستىنكا ھالىتىدە تۇرۇپلا بىۋاسىتە قاچىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.
دېتالنى قاچىلاش كۆرۈنمە يۈزلىرى:




قوزغىلىش كۆرۈنمە يۈزى:


بۇ دېتالغا 1-پەن ۋە 4-پەن بىللە قوشۇلغان بولۇپ، بىرلا سېتىۋالسىڭىز شوپۇرلۇقنى تاماملىغۇچە تولۇق ھاجىتىڭىزدىن چىقىدۇ. بۇ رەسىمدىكىسى 1-پەن كۆرۈنمە يۈزلىرى
سوئال ئىشلەش ھالەتلىرى




ئىمتىھان بېرىش ھالىتى

قاتناش بەلگىلىرى


تىزىملاش ھالىتى



4-پەن سوئالدىن كۆرۈنمە يۈزلەر:





خوش، بۇ شوپۇرلۇق سىستېمىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق. لېكىن يەنىلا قاچىلاپ ئىشلىتىپ باققانغا يەتمەيدۇ، بولسا بۇ سىستېما لازىم بولمىغانلارمۇ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بېقىڭلار، قاچىلانغاندا ئەخلەت دېتاللا قاچىلانمايدۇ. كۆرۈنمە يۈزلىرىنى كۆرۈپ تىزىملىتىپ ئىشلەت دېگۈچە ئىشلىتىپ باقساڭلار بولىدۇ. بولسا قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

پلاستىنكىغا ئويۇش ھۆججىتى (ISO ھۆججىتى) نى چۈشۈرۈش
http://pc.shopurluq.com/Shopurluq_Deskisi_2014.iso
سىغىمى: 70MB
ئىچىدە، قاچىلاش ھۆججىتى ۋە Net مۇھىتى بار. شۇڭا سەل چوڭراق. (net نى قاچىلاش بولاقچىسىغا قوشۇۋەتتۇق ئەمما ئۇ قاچىلانماي قالسا دەپ ھەر ئېھتىمالغا قارشى پلاستىنكىغا قوشۇپ قويدۇق ئايرىم قىلىپ)

بىۋاسىتە قاچىلاش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش
http://pc.shopurluq.com/Qutyar_Shopurluq_20140323.exe
سىغىمى: 45MB
Net مۇھىتى ئىچىگە قوشۇۋېتىلگەن قاچىلاش بولاقچىسى.

بۇ سىستېمىنىڭ بىرلىككە كەلگەن سېتىلىش باھاسى: 80 يۈەن

خوش ئەمىسە بۇ سىستېما بىلەن بىرەر قۇر تونۇشۇپمۇ چىقتۇق. ئەمدى بۇ سىستېمىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتەيلى.
بۇ دېتال سىستېم ھازىرچە مۇنداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
1-سىستېمىنىڭ قاچىلاش بولاقچىسى تولۇق ئۇيغۇرچە قىلىندى، ھېچقانداق ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى يوق كومپيۇتېردىمۇ بىمالال ئۇيغۇرچە قاچىلىنىدۇ.
2-بىر كومپيۇتېردا تۇرۇپ xp ۋە windows7 قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز قاتتىق دىسكا نومۇرى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.
. يەنى سىز بۇ سىستېمىنى xp دا تۇرۇپ تىزىملاتقان بولسىڭىز كېيىن xp نى يۇيۇۋېتىپ 7 قاچىلاپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز قاتتىق دىسكىنىڭ نومۇرى بۇرۇنقى xp دىكى نومۇرغا ئوخشاشلا چىقىدۇ. بۇ ھازىرقى باشقا شوپۇرلۇق سىستېمىلاردا يوق ئىقتىدارنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن win8/8.1 لەردە بۇ نومۇر ئۆزگىرەپ كېتىش مەسىلىسى بار. بۇنى ھەل قىلىش باسقۇچىدە...
3-سوئالنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %99 گە يەتكەن.
بىزنىڭ سىستېمىمىزنىڭ سوئاللىرىنى مەلۇم بىر شوپۇرلۇق مەكتەپ ئۆزى بىر قېتىم تولۇق كۆرۈپ چىقىپ 80 كومپيۇتېرىغا قاچىلاپ ئىشلەتتى، ئۇلار خەنزۇچە سوئاللار بىلەن بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇپ چىقتى. شۇنداق بولسىمۇ بىز يەنە 1-2% خاتالىقنى ئۆزىمىزگە ئېلىپ قويدۇق.
4-سوئال تەرجىمىسى جانلىق، ئىملاسى توغرا قىلىپ ئىشلەندى.
بىز ھەر بىر سوئالنىڭ مەزمۇنى ۋە تېمىلىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ، بىرمۇ بىر كۆرۈش، كوررېكتورلاردىن ئۆتكۈزۈش نەتىجىسىدە سوئال ئىملاسىنى ئەڭ توغرا ھالەتكە ئەكەلدۇق. تەرجىمە جەھەتتىنمۇ ئەڭ توغرا ۋە مۇكەممەل بولغان تەرجىمىلەرنى ئىشلەتتۇق. شوپۇرلۇق مەكتەپتىكىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىگىمۇ ماسلىشىپ سوئال تەرجىمىسىنىمۇ ياخشىلىدۇق. بۇ جەھەتتىنمۇ باشقا سىستېمىلاردىن ئالدىدا تۇرىدۇ.
5-بۇ سىستېمىنىڭ كۆرۈنمە يۈزلىرى پاكىز، قولايلىقلاشتۇرۇلدى، خەت نۇسخىسىنى بىرلا سىيرىپ چوڭايتالايسىز.
باشقا سىستېمىلارغا قارىغاندا كۆرۈنمە يۈزلىرى ئەڭ ئاددىي ۋە قولاي ھالدا ياسالدى. بىرلا سىيرىش ئارقىلىق خەت نۇسخىسىنى چوڭ-كىچىك قىلالايسىز.

بۇ سىستېمىنىڭ كېيىنكى نەشرىگە تۆۋەندىكىدەك ئىقتىدارلار قوشۇلىدۇ:
1-توردا تۇرۇپلا تىزىملاش نومۇرىنى ھاسىللاش ئىقتىدارى قوشۇلىدۇ.
سىز بۇ سىستېمىنى سېتىۋالغاندا، قولىڭىز بۇ سىستېمىنىڭ مۇلازىمەت كارتا نومۇرى بىلەن قاچىلاش ھۆججىتىلا بولسا، بىزگە تېلېفون قىلماي تۇرۇپمۇ تور بېكىتىمىزگە كىرىپلا ئىجازەت نومۇرىغا ئېرىشەلەيسىز. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاپتوماتىك ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2-توردا تۇرۇپلا پۇل تۆلەپ سېتىۋېلىش ئىقتىدارى قوشۇلىدۇ.
سىز بىزنى ئىزدىمەيلا توردا تۇرۇپ بۇ سىستېمىنى چۈشۈرۈپ ئاندىن توردا پۇل تاپشۇرۇپلا مۇلازىمەت كارتا نومۇرى ۋە ئىجازەت نومۇرىغا ئېرىشەلەيسىز. بۇ ئىشلارمۇ ئاپتوماتىك بېجىرىلىدۇ.
3-بۇ سىستېمىنى توردا تۇرۇپلا ئاپتوماتىڭ يېڭىلاش ئېلىپ بارالايسىز.
ناۋادا يېڭى نەشرى بايقالسا (يېڭى نەشرى ئاساسلىقى خاتا كەتكەن سوئال بولسا، سىستېمىغا ئىقتىدار قوشۇلسا چىقىدۇ...) كومپيۇتېرىڭىزدا تورلا بولسا ئاپتوماتىك يېڭىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇرۇن سېتىۋالغان ئىجازەت نومۇرى نورمال كۈچكە ئىگە بولۇپ ئىشلەۋېرىدۇ. ناۋادا تور يوق بولسا تور بار يەرگە بېرىپ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرۈپ قاپلاپ قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
4-ناۋادا ئىجازەت نومۇرىنى يوقىتىپ قويسىڭىز بىزنى ئىزدىمەيلا تور بېكىتىمىزگە كىرىپلا قايتۇرۇۋالالايسىز.
ناۋادا سىز بىز دەپ بەرگەن ئىجازەت نومۇرىنى يوقۇپ قويسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشماي تۇرۇپلا تور بېكىتىمىزگە كىرىپ بۇرۇن بىزگە تەمىنلەپ بەرگەن ئۇچۇرلىرىڭىز (ئادەتتە ئىجازەت نومۇرىغا ئېرىشىدىغان چاغدا ئىسىم فامىلىڭىز، تېلېفون نومۇرىڭىز، ئادرېسىڭىز قاتارلىق ئۇچۇرلارنى دەپ بېرىشىڭىزنى سورايمىز) ئارقىلىقلا بۇ ئىجازەت نومۇرىنى تېز سۈرئەتتە قايتۇرۇپ ئەكېلەلەيسىز.
5-ئەڭ ئاخىرىدا ئېلىپ بارىدىغان چوڭ ئىقتىدار شۇكى، خەنزۇلارنىڭكىدەك ھەر بىر سوئاللارنىڭ توغرا-خاتالىق يەشمىسى قوشۇلىدۇ.
سىز بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندەك بەزىدە سىزنىڭ ئىدىيىڭىزدىن ئۆتمەيدۇ، شۇ چاغدا زادى نېمىشقا بۇ جاۋاب خاتا، نېمىشقا توغرىسى باشقا جاۋاب دېگەندەك ئىككىلەنگەن ۋاقتىڭىزدا دەل بۇجاۋابلارنىڭ يەشمە ئىقتىدارى سىزگە مۇئەللىم بولالايدۇ.
...

مەزكۇر سىستېمىنىڭ تور بەت نۇسخىسىمۇ ھازىر %80 پۈتۈپ بولدى. بۇ نۇسخىىسنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى تورلا بولسا ھەرقانداق ئۈسكۈنىدە بىمالال ئىشلىتەلەيسىز.
تور نۇسخىسىدىن بىرقانچە كەسمە كۆرۈپ بېقىڭلار:






ھازىرچە سىستېمىمز ھەققىدىكى تەپسىلاتلار مۇشۇ يەردە تۈگىدى. ناۋادا بۇ سىسستېمىلار ھەققىدىكى باشقا تەپسىلاتلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز قۇتيار شوپۇرلۇق تورىغا كىرىپ تۇرۇڭ ياكى ۋېيشىن سۇپىمىزغا قوشۇلۇڭ.

ھۆرمەت بىلەن: ئاقسۇ قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
www.xopurluk.com    www.shopurluq.com
2014-يىلى نەۋرۇر ئېيىنىڭ 23-كۈنى

كەڭ تورداشلارنىڭ بىزنى قوللاپ باشقا تور بېكەتلەردە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار بىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىمىزغا پايدىلىق.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 17:48:08

مەن تىلىفۇنغا چۇشۇرۇپ پايدىلىنىۋاتقان خەنزۇچىسىدا ، 2- ۋە 3- تۇرلەر توغۇرسىدىمۇ بەزى مەزمۇنلار ، سىنلىق سۆزلەنگەن دەرىسلەر بولۇپ خىلى ئەسقاتىدىغاندەك قىلىدۇ . شۇڭا تەكلىۋىم ، بولسا ئۆزەڭلەر ئۆلچەملىك سىنلىق دەرىسىنى ئىشلەپ تارقاتساڭلار ، بولمىغاندىمۇئاشۇنى تەرجىمە قىلىپئۇيغۇرچە   ئاۋاز كىرىشتۇرۇپ تارقاتساڭلار ...

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 17:52:49

radiofan يوللىغان ۋاقتى2014-3-23 17:48 static/image/common/back.gif
مەن تىلىفۇنغا چۇشۇرۇپ پايدىلىنىۋاتقان خەنزۇچىسىدا ، 2- ...

بۇمۇ پىلاندا بار. بۇلارنى تور بېكىتمىزىدىن ۋە ھەرقايسى نۇسخىدىكى دېتاللاردىن كېيىنچە تاپالايدىغان قىلىمىز.
ئاللاھ خالىسا شىنجاڭدىكى نوپۇزلۇق شوپۇرلۇق سىستېمىسى تور بېكىتى قىلماقچى. شۇڭا بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى ئامال بار تولۇقلايمىز لېكىن شۇ ۋاقىت كېتىدۇ.

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 19:03:20

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۈرمەتلىك قۇتيار ئەپەندى. ئالدى بىلەن ئەجرىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن. سىلەرنىڭ بۇ قېتىملىق جاپالىق ئەمگىكىڭلار بىلەن شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئېلىش ئۈچۈن شوپۇرلۇق ئىمتىھانلىرىنىڭ سۈرلۈك مۇھىتىدا گاڭگىراپ قېلىپ، ئۈگەنگەن نەزەرىيە بىلىملىرى دەماللىققا ئىسىگە كەلمەي، شوپۇرلۇق ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتەلمەيۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن بەك ياخشى ياردمچى بولالىغۇدەك. ئادەتتە، بىز دۇكىنىمىزدىن كومپىيۇتېر سېتىۋالغانلارغا بىردەك شوپۇرلۇق نەزەرىيە تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى پروگراممىسىنى ھەقسىز قاچىلاپ بېرىمىز. ئەلۋەتتە، بىزنىڭ قاچىلاپ بېرىدىغىنىمىز ئوغرى نەشىردىكى نۇسخا. ئەمما، ھەقلىق نۇسخسىنى قاچىلاپ بىرەيلى دىسەك بازاردا بىر قانچە جاينىڭ نۇسخلىرى بار ئىكەن. يەنى، ئۈرۈمچى، قەشقەر، يەنە سىلەر ئىشلىگەن ئاقسۇ نۇسخسى ... دىگەندەك. قايسى نۇسخىسىنى ئىشلىتىش توغرىسىدا ناھىيىمىزدىكى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىمۇ تازا دىگەندەك بىرلىككە كىلىپ بولالمايۋاتىدۇ. ئاساسەن ئۈرۈمچى نۇسخسىنى ئىشلىتىدىغانلار سەل كۆپرەك. شۇڭا، ۋىلايەتتىكى بىر قىسىم ناھىيەلەردە ۋەكالەتچى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى بولغان چوڭراق مەكتەپلەر بىلەن مۇشۇ توغرىىسدا سۆزلىشىپ باقساڭلار، ھەمكارلاشقىلى بولسا ھەمكارلىشىپ ناھىيەلەرگىمۇ تارقىتىدىغان ئىشلارنى قىلغان بولساڭلار ئوبوروتى تىزرەك بولامدىكىن، دەيمەن. ناۋادا توقسۇ ناھىيەسىدە تارقىتىشنى سۆزلىشىدىغان ئىش بولسا مەن ۋاستىچى بولۇپ بېرىشنى خالايمەن. ئەلبەتتە، ھەقسىز. سىلەر ئاقسۇدىكى چوڭراق مەكتەپلەر بىلەنلا ئىشنى پۈتتۈرەلىسەڭلار بۇ يەردىكى ئىشلار ئاسانغا چۈشەتتى.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 19:17:34

NeXter يوللىغان ۋاقتى2014-3-23 19:03 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۈرمەتلىك قۇتيار ئەپەندى. ئالدى بىل ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ئاقسۇدىكى بىر قانچە مەكتەپلەر بىلەن دېيشىۋاتىمىز. بۇ ئىشلار پۈتسە مۇشۇ سىستېما ئومۇملىشىدۇ ئاللاھ خالىسا. كورلادا بايىن شوپۇرلۇق مەكتەپ بۇ سىستېمىنى ئورنىتىپ بولدى. كۇرسانتلارغا ۋە شۇ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر نەزەرىيە ئوقۇتقۇچىلرىغىمۇ ھەم بەك ياقتى. كورلىدىكى ئىشلار پۈتتى دېسەكمۇ بولدۇ ئەمدى. ئەمدى شۇ ئاقسۇ ۋە باشقا ۋىلايەتلەردىكى مەكتەپلەر بىلەن كۆرۈشۈپ بۇنى ئورنىتىشنىڭ ئامالىنى قىلساق بولىدۇ.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 21:48:20

زەپمۇ خوش خەۋەركەن بۇ ھارمىغايسىلەر ،قېرىنداشلار .ئامانلىق ،ياخشىلىق تىلەيمەن .

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 21:47:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   imtiyaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-24 21:49

ئادەتتە يادلاشقا تىگىشلىك 600 يۈز ئەتراپىدا سۇئال باركەن بۇ سۇئاللارنى تۇلۇق بىر كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن 150تىن 200 گىچەڭ سۇئال كاللىدا مۈجىمەل قالىدىكەن شۇنىڭ بىلەن بۇ 150 مۈجىمەل بوپقالغان سۇئاللارنى پىشىقلاش ئۈچۈن يەنە پۈتۈن 600 دەك سۇئالنى قايتا كۆرۈپ چىقىدىغان ئىش بۇلىدىكەن ،
سىلەرگە بىرىدىغان تەكلىپىم بۇ پروگراممىغا مۇنداق بىر ئىقتىدار قوشساڭلار يەنى ئوقۇغۇچى بارلىقسۇئاللارنى بىر ئىشلەپ چىقسۇن ئاندىن خاتا ئىشلەنگەن سۇئاللارنى ئايرىپ چىقىپ ھەم ساقلاپ قويغىلى شۇ خاتا ئىشلەنگەن سۇئاللارنى ئايرىم مەشىق قىلغىلى بۇلىدىغان بولسا شوپورلۇق نەزىرىيەسىنى ئۆگۈنۈش ئۈنۈمىنى ھەسسىلەپ يۇقۇرى كۆتەرگىلى بۇلاركەندۇق ، مەن ئۆتكەندە باشقىلار تۈزگەن بىر مۇشۇنداق پروگراممىنىڭ ساندانىنى ئىشلىتىپ مۇشۇنداق ئىقتىداردىكى بىر پروگرامما تۈزەشنى ئويلىغان خەقنىڭ ساندانىنى ئوغۇرلايدىغانغا يۈزۈم چىدىمىدى ، سانداننى ئۆزەم تۈزەي دىسەم بۇ ئاسانغا چۈشمىگىدەك دەپ توختاپ قالغان

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 22:11:34

imtiyaz يوللىغان ۋاقتى2014-3-24 21:47 static/image/common/back.gif
ئادەتتە يادلاشقا تىگىشلىك 600 يۈز ئەتراپىدا سۇئال باركە ...


سىز دېگەن بۇ ئىقتىدار ئاللىقاچان ھازىرلانغان. بۇ ئىقتىدار تەقلىي ئىمىتھان قىسىمىدىمۇ بار. ئىختىيارى مەشىق ۋە تۈرلەر مەشىقىدىمۇ بار.

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 11:58:12

ئەمسە خېلى مۇكەممەك چىقىپتۇ !
خاتا ئىشلەنگەن سۇئاللارنى ساقلىۋېلىپ كىيىن ئايرىم مەشىق قىلغىلى بۇلامدۇ ؟

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 12:56:41

imtiyaz يوللىغان ۋاقتى2014-3-25 11:58 static/image/common/back.gif
ئەمسە خېلى مۇكەممەك چىقىپتۇ !
خاتا ئىشلەنگەن سۇئاللار ...

ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ.
بۇ سىستېمىنى بۇنداق ئۇزۇن ۋاقىتتا تۈزۈپ چىقىشىمىزنىڭ سەۋەبىمۇ مۇشۇنداق ئىنچىكە ھالقىلارغا، بۇرۇنقى باشقا ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە سىستېمىلاردا يوق ئىقتىدارلارنى قوشۇش سەۋەبلىك، قايتا - قايتا سىناش سەۋەبلىك بولدى.
تېمىدا دېيىلگەندەك كېيىنكى نەشرلىرىدە رايون تاللاش، مەكتەپ تاللاش دېگەندەك ئىقتىدارلارنى قوشماقچى بولۇۋاتىمىز. ئاللاھ خالىسا يىلدىن يىلغا مۇكەممەلىشىپ ماڭغۇسى.
قالدى ئىشلار ھەرقايسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قوللىشىغا باغلىق.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 16:39:11

بۈگۈن بۇ سىستېما يېڭىلاندى. يەنى 64 بىتلىق سىستېمىلاردا خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالىدىغان ئىشلار تۈگىدى. ھەم 1-پەن ۋە 4-پەننىڭ رەسىملىرى ئەڭ سۈزۈك ھالەتتىكى رەسىملەرگە ئالماشتۇرۇلدى.
يېڭى نۇسخىسىنى شوپۇرلۇق تورىدىن چۈشۈرۋېلىڭ.
ياكى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
http://pc.shopurluq.com/Qutyar_Shopurluq_20140326.exe
بەت: [1]
: قۇتيار 2014-يىللىق شوپۇرلۇق سىستېمىسىنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى چىقتى