غېنى سەمەت : گۈلساي
گۈلساي
غېنى سەمەت
بۇ يەرنىڭ ئىسمى گۈلساي
بۇ يەردە جەسەتلەر گۈلدەك پۇرەكلەيدۇ
مېنىڭ ئۇ يەردە ئۆيۈم بار
قورقماي كېلىۋېرىڭ
بىزگە ئاللا، ئەرۋاھلار يار...
مۇھەممەت باغراشنى يېقىندا كۆمۈپ قويدۇق
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئوغلىنى يوقلىغاچ ئۆتكۈر ئەپەندىم بىلەن مۇڭدىشىپ كېتىڭ
ئايلىنىپ ئايلىنىپ
مازاردا بىر ياشاپ بېقىڭ
مېنىڭ بىر ئاغىنەم بار
ئۇ مېھمانلىرىنى كەچتە گۈلساي بىلەن مېھمان قىلىدۇ
بىر سوم بولسا كۇپايە
بۇ يەرگە 310-يول ئاپتۇبۇسى كېلىدۇ
بۇ يەردە پوجاڭلار ئېتىلىدۇ
ھەربىيلەر مەشق قىلىدۇ
بۇۋاقنىڭ ھەمرىيى كۆمۈلىدۇ
ئۆلىۋالماقچى بولغانلار ئۆلۈمگە تويىدۇ
ئۈرۈمچىدە بولسىڭىزلا
يا يوقلاپ يا ئۆلۈپ كېلەرسىز
كەلمىسىڭىزمۇ مەيلى
گۈلساي شېھىتلىكى يۇچۇن بىر تارىخقا شاھىت بولۇپ
تا قىيامەتكىچە تۇرىۋېرىدۇ
2014-يىلى 22-مارت، ئۈرۈمچى گۈلساي
ماڭا يارىدى{:112:} «گۈلساي قەبرىستانلىقى» دېسە ئۈرۈمچىلىكلەر ئاساسەن بىلمەيدىكەن! «مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى» دېسە، %20ئەتراپىدا ئادەم ئۇقىدىغان ئوخشايدۇ. ئېسل دەرۋىشنىڭ پىغانى ئۆرلەپتۇ يەنە،بىلمەي ياشىغاندىن بىلىپ تۇرۇپ ياشىماق ئېغىر كىلىدۇ دېسە:(:(:(:(:(:( قەبرىستانلىقتا !
كۆز يىشى بىلەن دوئا قىلىمىز
ئۆزىمىزچە ،
گۇناھىمىزدىن قورقۇپ .
توۋۋا قىلىپ كىتمىز،
لېكىن !
شەھەرگە كىرگىچە ھەممىنى
ئونتۇپ كىتىمىز . 2ئاي ئىلگىرى بىر ئاغىينەم بىلەن گۈلساي قەبىرستانلىقىغا باغان ئىدۇق...ئارلىقتا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىكى گىنرال مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف زىيالىي ئابلىز مەخسۇم ۋە مۇسابايىفلار جەمەئىتى قەبىرستانلىقىنى يوقلاپ ئۆتتۇق....
مازارلىقنىڭ كۆلىمى بەك چوڭ بولغاچقا خوجىنىياز ھاجىنىڭ قەبىرسىنى تاپالماي كەچ بولۇپ ئەتراپنى تۇمان قاپلاپ كەتكەچكە ئامالسىز دۇئا قىلىپ قايتىپ كەلگەن ئىدۇق... 310-يول ئاپتۇبۇسى بارىدىكەندە،ئىسىمدە چىڭ ساقلىۋالاي.
310-يول ئاپتۇبۇسىغا پويىز ئىستانسسى ۋە ياكى دۆڭكۆۋرۈك تەرەپلەردىن چىقامدۇق يە؟ خوجا نىياز ھاجىمنىڭ قەبرىسى گۈلسايدا ئەمەس. خوجا نىياز ھاجىم ئۈرۈمچىدىكى يەنە بىر كونا قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغانىكەن، بىز ئوقىۋاتقان چاغدا يوقلىغان. ھازىر ئۇ قەبرىستانلىقنىڭ ئورنىغا ئۈرۈمچى شەھەر تەڭرىتاغ رايونلۇق شۆبە ج خ ئىدارىسى قۇرۇلدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، قەبرىنى يۆتكەپ كېتىپتۇ، بەلكىم تۇققانلىرى قۇمۇلغا يۆتكەپ كەتكەندۇ؟! تىرىكلەرنىڭ ئۆلۈمدە ياشىشى جاسارەت! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1990Uy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-1 12:03
خوجا نىياز ھاجىمنىڭ قەبرىسى 2005 -يىلى يۆتكەلگەنغۇ دەيمەن .
بەت:
[1]