irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 11:37:38

‹‹قىيامەت›› تىن پاناھلىنىدىغان ھەشەمەتلىك يەر ئاستى كېمىسى


ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ مونتېبېللو شەھىرىدىكى RonHubbard ئىسىملىك بىر ئەر مىش-مىش پاراڭلاردىكى ‹‹ قىيامەت كۈنى ›› گە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ، ھەشەمەتلىك يەر ئاستى پاناھ كېمىسى كەشىپ قىلغان . ‹‹ قىيامەت ›› نىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ، بۇ خىل پاناھ كېمىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئەسلىدىكى ھەر ئايدا بىرى سېتىلىشتىن كۈندە بىرى سېتىلىشقا ئۆزگەرگەن .

ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ھەشەمەتلىك پاناھ كېمە سىلىندىرسىمان بولۇپ ، ئۇزۇنلۇقى 50 فۇت (تەخمىنەن 15 مېتىر) ، دىيامېتىرى 10 فۇت (تەخمىنەن ئۈچ مېتىر) كېلىدىكەن ، 20 فۇت (تەخمىنەن ئالتە مېتىر ) چوڭقۇرلۇقتىكى يەر ئاستىغا ئورناتقىلى بولىدىكەن .

بومبىدىن باشقا، ئۇ يەنە يادرو قوراللىرى ۋە خىمىيەلىك قوراللارنىڭ خەتىرىدىن ساقلايدىكەن . كېمىنىڭ ئىچىگە خۇرۇم كىرىسلو ، تەڭ ئىئونلۇق تېلېۋىزور ، ياغاچ پول ، خاسلىققا ئىگە كارىۋات ، ئاشخانا ، سۇ تارتىش چېلىكى ، ھەتتا تام مەش قاتارلىقلار سەپلەنگەن ئىكەن . جاننى ئېلىپ قېچىش يولى كېمە ئېغىزىنىڭ بىر بۆلىكىگە جايلاشتۇرۇلغان ھەم پەقەت ئىچىدىنلا ئاچقىلى بولىدىكەن ، ھىم ئېتىلگەن ئەخلەتخانىمۇ شۇ يەردە ئىكەن .

بۇ خىل پاناھ كېمىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 46 مىڭ پۇند (تەخمىنەن 460 مىڭ يۈەن) ئىكەن . سېتىۋالغۇچىلار ئۇنى ‹‹ قىيامەت كۈنى ›› پاناھلىنىدىغان جاي دەپلا قارىماستىن ، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا يەنە ئۇنى ئوۋ ئۆيى ياكى ئارام ئېلىش ئۆيى قىلىۋالغان .









udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 12:35:43

ئەقلى گەجگىسىگە چىقىپ قالغانلار، مۇشۇنىمۇ قىلىپ بىقىپتۇ:lol

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 12:39:42

پەيزىكەنغۇ بۇ !

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 13:46:19

‹ئوۋلاش ئۆيى ›› - دىگىنى قىز ئوۋلاش ئۆيى دىگىنىمۇ نىمە؟

bilhux يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 14:47:35

قىيامەتتىن ھېچنىمە قېچېپ قۇتۇلالمايدۇ .......
    بىراق بۇنىئۇرۇش بولغاندا، چوڭ كۆلەماىكى ئۇرۇش بولغاندا ئىشلەتسە بولغۇدەك .........
         ئۈلۈمغۇ ھەرقانداق جايدا بۇلىۋېردۇ ...   

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 15:10:17

ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ، قىيامەت ھەققىدىكى تەسەۋۇرلىرىنىڭ ئەڭ يۇقۇرىچىكى«2012-يىلى» نامىلىق فىلىمدە كۆرگەن پاجىئەلەر بولسا كېرەك.

President يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 15:25:08

بىر ۋاقىتتا يۇرتىمىزدىكى بىر يولداشمۇ تەكلىماكانغا چىقىپ بىرنى ياساپتىكەنمىشقۇ؟
لېكىن ما پەرەڭلەرنىڭكى ھەم چىرايلىق ھەم ھەشەمەتلىك ھەم تېخنىكىلىق بوپتۇ. مېنە بىزنىڭ يۇرتداش يولداشنىڭ ئەسىرى:

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 17:07:14

ماۋۇ ئۇيغۇربەگنىڭ يوللىغىنى كارامەتمۇ نېمە:lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 17:43:55

ئۇنچە بەك جىق پۇلى يوقلا مانى سېتىۋېلىڭلا.ئۇنچە قىممەت ئەمەسكەن.سۇدا لەيلەيدۇ.ئېغىرلىققا زەربىگە چىداملىق دەپتۇ.ئوتتا كۈيەمدۇ بىلمەيمەن:lol
باھاسى ئۈچ تۆت تۈمەن ئەتراپىدا ئوخشايدۇ:lol

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 18:09:29

ziyali يوللىغان ۋاقتى2014-3-23 17:43 static/image/common/back.gif
ئۇنچە بەك جىق پۇلى يوقلا مانى سېتىۋېلىڭلا.ئۇنچە قىممەت ...

زىيەككا سىلىنىڭ ئۇ ئوقەتلىرىگە ياپون پاكارلىرىدىن باشقا ئادەم پاتمايدىغان چىرايغۇ {:114:}

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 18:13:38

ھەر كاللىدا ھەر خىيال تاز كاللىدا مىڭ خىيال . . . :lol

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 18:41:45

پۇلى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بوپكەتكەن بايلارنىڭ بۇ دۇنيادىن كەتكۈسىى يوق ، {:92:} ئۇنىڭدىن باشقا قوللۇرى مىليونلاپ -نەچچە يۈزمىڭلاپ ئىنسانلارنىڭ قېنى بىلەن بويالغان سىياسىيونلارنىڭ تېخىمۇ ئۆلگۈسى يوق.{:87:}:lol:lol

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 18:45:09

ziyali يوللىغان ۋاقتى2014-3-23 17:43 static/image/common/back.gif
ئۇنچە بەك جىق پۇلى يوقلا مانى سېتىۋېلىڭلا.ئۇنچە قىممەت ...

يىمەي-ئىشمەي تۇرىدىكەندە بۇنىڭدا ، نە ئاشخانا نە ھاجەتخانىسى يوق ئۆزىنىڭ تەرىتىدە بۇسلۇنۇپ ئۆلەپكەتكۈدەك.;P :lol :lol :lol

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 19:34:05

ياپۇنلارنىڭ ئاۋۇ نەرسىسى ئەقىلگە مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ، دېڭىز تاشقىنى دېگەندەك ئاپەتلەردىن پاناھلىنىش ئۈچۈن ياسالغان نەرسىمۇ نېمە ئۇ، ئەپچىلكەن...

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 19:39:53

uyghurjan0997 يوللىغان ۋاقتى2014-3-23 18:45 static/image/common/back.gif
يىمەي-ئىشمەي تۇرىدىكەندە بۇنىڭدا ، نە ئاشخانا نە ھاج ...

سىچۈۋەندەيەر تەۋرىگەندەبىرخاڭسو سۈدۈكنى ئىچىپ 23 كۈن ھايات قاپتۇ دەۋاتىتى ...

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 20:05:10

500مىڭ سومغا ئۆي ئالغاندىن مۇشۇ ئوقەتنى ئالغان ياخشىمۇ نىمە ؟... ۋاختى كەلسە ماشىنىدا يۆتكەپلا ماڭسا بولىۋىرىدۇ ، يازدا غۇلجىنىڭ يايلاقلىرىدا قىش كەلسە بەكمۇ سوغاق بولمايدىغان يەردە كۈننى كەچ قىپ يۈرسە شۇنداق قاملاشقۇدەك ...:lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 21:04:21

ئۈستىدىكى پەنجىرنى كۆرمىدىڭلەما:lol
شۇنى ئاچقىلى بولىدۇ
سۇلياۋغا چىقىرىپ تېشىغا تاشلىۋەتسەڭلە بولىدۇ:lol
باشقا ئىقتىدارلىرىنى تۇنۇشتۇرماپتىمەن.
بۇ شار تەمپۇڭلۇق ساقلايدىغان قىلىپ ياسالغان.ئەستى تەرىپى ئاستىدىلا تۇرىدۇ.
170~180ئەتراپىدا بولسا ئىككى ئادەم كەڭتاشا 4ئادەم قىستىلىپ سىغىشىدۇ:lol
5يۇلتۇزلۇق مىھمانخانا ئەمەس،جاننى قۇتقۇزىدىغانغا ئىشلىتىدىغان بولغاندىن كىيىن ئەپلەپ سەپلەپ ئىشلىتىپ تۇرمايمىزمۇ:lol


چاقچاق تېمىسىغا چاقچاق قىپ قويدۇم ھە
2012نىڭ ئاخىرقى ئايلىرىدا يەرتەۋرەشكە دېڭىز شاۋقۇنىغا چىداملىق دەپ ئېلانىنى ئىشلەپ ئانچە مۇنچە ساتتىغۇ دەيمەن.ھازىر بېسىقىپ قالدى:lol
قىيامەتتىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن.
چاقچاق ھە شۇڭا:lol

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 06:33:05

ئۇنى سىتىۋالغانلار يەنە پوتىنغا شۇنچىلىكتىن پۇل تاپشۇرۇپ قويسا ، يادرو قۇرالى ئىشلەتكەندە ئۇلارغا ‹‹چاشقان ئۆڭكۈردىمۇ›› دىگەن ئۇچۇر ئارقىلىق ئەسكەرتىش بەرسە ئاندىن رولى بولغۇدەك...
بەت: [1]
: ‹‹قىيامەت›› تىن پاناھلىنىدىغان ھەشەمەتلىك يەر ئاستى كېمىسى