irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 11:34:00

يەر شارىدىكى سىرلىق ئون ئايال جەسەت

چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇكەممەل ساقلانغان گۈزەل جەسەتلەر ئارقىلىق، سىز برونزا دەۋرىدىكى ئايالنىڭ پۇتىدىكى چىرايلىق ئەگرى سىزىقتىن، جۇڭگو غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئايالنىڭ يۇمران تېرىسىدىن، شۇنداقلا مسىر فىرئەۋنى Tutankhamun نىڭ مومىسىنىڭ كۈلۈمسىرىگەن چېھرىدىن ھۇزۇرلىنالايدىكەنسىز. ھالبۇكى ئۇلار نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئايال مۇمىيالار، گەرچە دېڭىز تەسىرىنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ‹‹يېڭى ۋە تىرىك›› تېنى دۇنيا خەلقىگە ھېچكىم بىلمەيدىغان سىرنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. تۆۋەندىكىلەر پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان 10 چوڭ ئايال مۇمىيا:




مىسىر خانىشى tyra نىڭ چېچى

   tyra خانىشنىڭ جەسىتى ‹‹قېرى ئايال›› دەپ ئاتالغان، جەسەتنىڭ جىگەررەڭ چېچى 3000 نەچچە يىلدىن كېيىنمۇ يەنىلا مۇكەممەل ساقلىنىپ تۇرغان بولۇپ، مۈرىسىنى يېپىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ چېچى Tutankhamun فىرئەۋننىڭ لەھىتىدىكى بىر تۇتام چاچ بىلەن تامامەن ماس كېلىدۇ، بۇ بىر تۇتام چاچ بىر كىچىك جەسەت ساندۇقىغا سېلىپ قويۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە ‹‹مومام tyra خانىش›› دەپ ئويۇلغان. 2010-يىلى، ئارخېئولوگلار چاچ ۋە جەسەتكە قارىتا DNA باھالىشى ئېلىپ بېرىپ، بۇ مۇمىيانىڭ دەل tyra خانىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.



كىروران گۈزىلى

   بۇ ئايال جەسەت جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قېزىۋېلىنغان بولۇپ، 3800 يىللىق تارىخقا ئىگە. ئۇ ‹‹يىپەك يولىنىڭ سىرى›› كۆرگەزمىسىدىكى ئەڭ سىرلىق بىر قۇرۇق جەسەت، ئۇنىڭدا غەربلىكلەرنىڭ يۈز ئالاھىدىلىكلىرى ئەكس ئەتكەن. نۆۋەتتە ئۇنىڭ كېلىپ-چىقىشى يەنىلا بىر سىر بولۇپ كەلمەكتە، ئۇنىڭ بۇرۇن قۇرۇلمىسى مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى جۇڭگو ئاياللىرىنىڭكىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ.



سىبېرىيەدىكى مۇز قاپلاپ كەتكەن قىزچاقنىڭ نەقىش چېكىلگەن مۈرىسى

1993-يىلى بايقالغان بۇ قۇرۇق جەسەت ‹‹ئالتاي مەلىكىسى›› دەپ ئاتالغان بولۇپ، 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە. گەرچە مۈرىسىنى بويلاپ بىلىكىگىچە سوزۇلغان نەقىشلەرنىڭ مەنىسى تېخىچە ئېنىق بولمىسىمۇ، ئارىسىدىكى بۇغا رەسىمى نەقىشىنى دەرەخ غولى جەسەت ساندۇقىدىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. نەپىس باش بېزەكلىرى ۋە ھەمدەپنە بۇيۇملىرى ئۇنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى ئىجتىمائىي ئورنىدىن يوشۇرۇن بىشارەت بېرىدۇ، قاتتىق سوغۇق بولىدىغان رۇسىيە توڭ توپا ئېگىزلىكىدە 2500 يىلنى بېشىدىن كەچۈرگەن ئۇنىڭ تېرىسى ۋە سۆڭەكلىرى ھېلىمۇ مۇكەممەل ساقلانغان.



Hatshepsut نىڭ قولى

   2007-يىلى، مىسىر شاھ جىلغىسىدا 3500 يىل ئىلگىرىكى بىر مۇمىيا جەسەت بايقالدى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ مەشھۇر ئايال فىرئەۋن Hatshepsut ئىكەنلىكى بېكىتىلدى، غايىۋىلەشكەن ھەيكەل ئوبرازىدىن بۇ كۈچلۈك ئايال ھۆكۈمراننىڭ يالغان ساقال قويۇپ، كۆكرەك قىسمىنى يېپىۋالغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ھايات ۋاقتىدا دىيابېت كېسىلى ۋە بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئىكەن، سۆڭەك راكى سەۋەبىدىن ئۆلگەن بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. سىرتىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ بەدىنى سېمىز، چىشلىرىنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس. گەرچە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىكى بارلىق خاتىرىلەرنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ مۇمىيا جەسىتى يەنىلا ئىنتايىن ياخشى ساقلىنىپ، ئىزچىل قوغدالغان. Hatshepsut نىڭ جەسىتى ئىنچىكە ئورىلىپ، ياخشى ساقلانغانغاچقا، ھازىرمۇ ئۇنىڭ سول قول بارمىقىنىڭ تىرنىقىغا سۈرۈلگەن قىزىل بوياقنى ۋە بارمىقىنىڭ گىرۋىكىگە سۈرۈلگەن قارا رەڭنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.



لائېرنىڭ كۆكسى

   1909-يىلى مىسىرلىق قەدىمىي يادىكارلىقشۇناس G.E.Smith مۇكەممەل ساقلانغان بىر مۇمىيانى ئاچقاندا، ‹‹لائېر خانىم›› دېگەن بۇ ئايال مۇمىيانى يۈكسەك مەدھىيەلەپ، ئۇنى ھازىرغىچە بايقالغان ئايال مۇمىيالار ئىچىدىكى ‹‹ئەڭ ئوماق ئايال›› دېگەن. دەرۋەقە ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتى ئىنچىكە بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، چاچلىرى كۆڭۈل قويۇپ پەدازلانغان، ئۈستىگە بەزى ئۈنچە-مەرۋايىت بېزەكلەر قادالغان. نەچچە مىڭ يىل ۋاقىت ئىچىدە، ئۇنىڭ كۆكسى شامالدا قۇرۇپ يايپاڭ بولۇپ قالغان، بىراق ئۇنىڭ كۆكسىدە سۈت ئېرىقچىلىرى بارلىقىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىكەن، بۇ 3600 يىل ئىلگىرى ياشىغان لائېرنىڭ كۆكسىنىڭ تولغان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.



جۇڭگو خەن سۇلالىسىدە ياشىغان شىن جۈي خانىم

   بۇ جۇڭگو چاڭشادىكى ماۋاڭ كىچىك تېغىدىن قېزىۋېلىنغان شىن جۈي خانىمنىڭ جەسىتى، ئۇ 2000 نەچچە يىل بۇرۇنقى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان بولۇپ، ئېرى چاڭشا باش ۋەزىرى دەيخوۋ لىساڭ، شىن جۈي خانىم تەخمىنەن 50 يېشىدا ئۆلگەن. ئۇنىڭ جەسىتى 20 قەۋەت ئېسىل يىپەككە ئوراپ، ‹‹مەڭگۈ قېرىماس دورىسى›› غا چىلىنىپ، تۆت جەسەت ساندۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان، ئەتراپىنى بەش توننا ياغاچ كۆمۈرى ئوراپ تۇرىدۇ، پۈتۈن لەھەت يەر ئاستىدىكى 50 فۇتلۇق يەرگە جايلاشقان. بۇ خىل جەسەت ساقلاش ئەھۋالى ئادەمنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدۇ، شىن جۈي خانىمنىڭ جەسىتى بۈگۈنگىچە بايقالغان قۇرۇق جەسەتلەر ئىچىدە ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان دېيىلگەن، ھەتتا جەسەتتىكى قانلارمۇ تېخىچە سۇيۇق ھالەتتە، ئەزالىرى ھېلىمۇ تولۇق بولۇپ، زىيانغا ئۇچرىمىغان، پۇت-قولىنىڭ ھازىرمۇ ئېلاستىكىلىقى بار.



دۇيانىڭ كۈلۈمسىرىشى

   يۈيا بىلەن دۇيا مىسىردىكى 3800 يىل ئىلگىرىكى بىرجۈپ ئەر-ئايال، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى خاندانلىقنىڭ مۇھىم مەنسەپدارلىرىدۇر، نەچچە مىڭ يىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن دۇيانىڭ چېھرىدە يەنىلا سىرلىق بىر كۈلۈمسىرەش بار بولۇپ، ئادەمنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدۇ، بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ سىرىنى بايان قىلىپ بېرىشكە ئامالسىز. گەرچە بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ لەھىتى ئىلگىرى تالان-تاراج قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ مۇمىيا جەسىتى يەنىلا ئىنتايىن ياخشى ساقلانغان، ئىلگىرى بىر مەزگىل شاھ جىلغىسىدىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان لەھەتلەرنىڭ بىرى بولغان، ئۇلار فىرئەۋن Tutankhamun نىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى بىلەن ئۇلۇغ مومىسىدۇر.



مىسىر ئايال كاھىنى Nesitanebetashrua A نىڭ بوينى

   3000 يىل بۇرۇنقى مىسىردىكى بۇ ئايال جەسەت 21-ئەسىردىكى بىر تۈرلۈك زور بايقاش دەپ قارىلىدۇ، ئۇنىڭ جەسىتىگە ئاياللىققا سىمۋول قىلىنىدىغان گېل رەڭ سۈركەلگەن، شۇڭلاشقا ئۇ ئۆلۈپ نەچچە مىڭ يىلدىن كېيىنمۇ خۇددى تىرىكتەكلا كۆرۈنىدۇ، بۇ مۇمىيا جەسەتنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىدىن ھايات ۋاقتىدا بىر قەدەر يۇقىرى ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئېھتىمال بىر ئايال كاھىن بولۇشى مۇمكىن. بۇ مۇمىيانىڭ ئىچىگە خۇشپۇراق ماتېرىيال توشقۇزۇلۇپ ئىنتايىن ئىنچىكە بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، ئىچكى ئەزالىرى تېنىدىن ئايرىپ ئېلىنغاندىن كېيىن، قورسىقىنىڭ كېسىلگەن يېرىگە كاناپ رەخت يېپىلغان، دۈمبە، بىلەك، پۇتلىرىدىكى بەزى كېسىكلەر ئىنچىكە باستۇرۇلغان. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇنىڭ كۆزىنىڭ سىرتى، شۇنداقلا بوينىغا كاناپ رەخت ئورالغان بولغاچقا، بۈگۈنگىچە ساقلانغان ھەم خۇددى ھەيكەلدەكلا كۆرۈنىدۇ.



بوۋرېموسې سازلىقىدىكى ئايالنىڭ پۇتى

   1947-يىلى، ئىشچىلار دانىيەنىڭ بوۋرېموسې دېگەن يېرىدىن تورف (كۆمۈرگە ئايلىنىش دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن بولغان يېقىلغۇ. رەڭگى پاتقاققا ئوخشاش قارا، قوڭۇر ياكى قىزغۇچ كېلىدۇ؛ يېزا ئىگىلىكىدە ئوغۇت قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ، سانائەتتە كۆمۈر گازى، پاتقاق گازى، ياغاچ ئىسپىرتى ياساش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ ھەم يېقىلغۇ قىلىنىدۇ) كولاۋاتقاندا 2700 يىل بۇرۇنقى بىر ئايال جەسەتنى بايقايدۇ. گۈرجەك بىلەن قازغاندا ئېھتىيات قىلمىغاچقا ئايالنىڭ يۈزى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي چىرايىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ ئۆلۈشىدىكى ھەقىقىي سەۋەبنىمۇ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا ئامالسىز قالغان. باشقا سازلىق جەسەتلىرىگە ئوخشاش، بوۋرېموسې ئايال جەسىتى (بايقالغان ئورنىغا ئاساسەن قويۇلغان نام) مۇ قۇربانلىق قىلىنغان زىيانلانغۇچى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئىنچىكە بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئۇ چوڭراق بىر يۇڭ كىگىزگە يۆگەلگەن. ئالاھىدە سازلىق مۇھىتى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ تېرىسى ئىنتايىن مۇكەممەل ساقلانغان، ئۇنىڭ پۇتىدىكى ئەگرى سىزىقنى ئېنىق كۆرگىلى، ھەتتا ئۇنىڭ بارماق ئىزلىرىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.



ئانھاپ خانىشنىڭ ياڭاق سۆڭىكى

   ئانھاپ خانىشنىڭ جەسىتى مۇمىيالاپ بىر تەرەپ قىلىنغىلى 1000 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، 1881-يىلى ئارخېئولوگلار دېرباھال خارابىلىكىدىن ئۇنى بايقىغان. باشقا خان جەمەتى ئەزالىرىنىڭ جەسىتىگە ئوخشاش، ئۇنىڭ بوينىغىمۇ بىر گۈلچەمبىرەك ئېسىپ قويۇلغان، چېچى ئالاھىدە تۈزۈلمىدە ئۆرۈلگەن، ھازىرمۇ ئۇنىڭ ئاپئاق چىشلىرىنى، تۆۋەنرەك ماڭلىيىنى، چوڭ-چوڭ كۆزلىرىنى، بۆرتۈپ چىققان ياڭاق سۆڭىكىنى يەنىلا ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، قارىغاندا ئۇ ھايات ۋاقتىدا گۈزەل ۋە لاتاپەتلىك بىر ئايال بولسا كېرەك.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 13:52:44

بۇ ماقالە ياخشى تەرجىمە قىلىنماپتۇ. تەرجىمە تىلى دېگەن مانا مۇشۇنداق بولىدۇ.
جۇڭگو خەن سۇلالىسىدە ياشىغان شىن جۈي خانىم ______________ بۇ بىر رىۋايەت بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى 2000 يىللىق جەسەتنىڭ قېنى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئەقىلگە سىغمايدۇ. جۇڭگودا ئەزەلدىن مۇشۇنداق رىۋايەتكە، كۆپتۈرمىچىككە ئامراق كىشىلەر كۆپ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 14:14:33

بۇ شىنجۈ خانىمنىڭ قېنى قانداق قاندۇ ؟
جىن ئالۋاستى ئەجدادلىرىغىلا ئوخشايدىكەن
بۇلارنىڭ ئاتىسىمۇ يا ئانا تەرەپتىنمۇ ئىشقىلىپ بىر تەرىپى جىن ئىكەن ، بىر تائىپە بىزدىن بىرسىگە دەپ بېرىپتۇ

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 16:58:45

تىمىدىكى :
    سىز برونزا دەۋرىدىكى ئايالنىڭ پۇتىدىكى چىرايلىق ئەگرى سىزىقتىن، جۇڭگو غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئايالنىڭ يۇمران تېرىسىدىن، شۇنداقلا مسىر فىرئەۋنى Tutankhamun نىڭ مومىسىنىڭ كۈلۈمسىرىگەن چېھرىدىن ھۇزۇرلىنالايدىكەنسىز
____________________________________________________
ماۋۇ گەپلەرنى كۈرۈپ ، شۆلگۈيۈمنى ئېقىتىپ بىرنىچىسىگە شۇنداق قاراپ ، ... ئەيۇھانناس .... يۈگرەپ ئۈتۈپ كەتتىم ، ئىنكاسلارغا پۇتلۇشۇپ كەينىمگە يېنىپ يۇمران تىرە ۋە قىپقىزىل قانلارنى كۈرۈپ بۇ تىمىغا كىرگىنمگە پۇشايمان قىلغانلقىمنى جەزىملەشتۈردۈم ....:@

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 17:03:36

:(بۇ ئادەم قاقلىرىنى نەدىن تېپىپ كەلگەنسىز؟

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 18:03:53

ئەمىلىيەتتە كۆرسە قانچە قورقىسى كىلىدىغاندۇ :funk:

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 18:11:28

dadash يوللىغان ۋاقتى2014-3-23 17:03 static/image/common/back.gif
بۇ ئادەم قاقلىرىنى نەدىن تېپىپ كەلگەنسىز؟

:lol

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 18:40:46

ئون نەچچە يىل بۇرۇن كىروران گۈزىلىنى كورىيە بىلەن ياپۇنىيەگە ئېكىسكۇرسىيەگە ئېلىپ بارغاندا ياپۇن تەرەپتىن كىروران گۈزىلىنى سالىدىغانغا مەخسۇس ۋاكۇئۇملۇق ئەينەك ساندۇق سوۋغا قىلىپتىكەن. ۋاقىت بولسا ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىيخانىغا بېرىپ كۆرۈپ قويغۇلۇق. دىيارىمىزدىن قىزىۋىلىنغان مەدەنىيەت يادىركارلىقلېرى، ئاسار ئەتىقىلەر ئاز ئەمەسكەن..

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 18:51:50

كىروران گۈزىلى (توغرىسى كىروران ئانىمىز ، بىز گۈزەلگە شۇنچە ئامراقمۇ ياكى قايسى دەلتە تاپتى بۇ گەپنى ، بىلمىدىم )
كىروران ئانىمىز قانداقسىگە سىر بوپقالغاندۇ ، غەرپلىكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بار دىگىنى قىزىق ، ئۇيغۇرلار نەق ياۋروپا ئىرقىدا تۇرسا ، R1A1 گېن تىپى ئانالىزى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇۋاتسا…

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 20:29:46

يا،،پانا،،،،،:funk::funk::funk:

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 22:00:53

بۇلارنى قاچان تاۋۇتىڭىزغا سېلىپ ساقلىغان بولغىيدىڭىز .ئۇلارنىڭ سىرى ئېچىلغۇچە ،بىزمۇ سىرسىزلىنىپ كېتەرمىز .لىكىن كېرورەن گۈزىلىنى راس دېمەپتۇ .

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 22:00:54

ئالامەت گەپ قىلىدىغان باللار باردە مۇنبەردە،،،

ئايەدە بىر تورداش ئادەم قېقى دەپ ھەجەپ كۈلدۈرۋەتتى مىنى،،،

ئۈستىدىكى ئىككى جەسەت بەك قورققۇمنى كەلتۈردى مىنىڭ.

بەلكىم 3000يىللار ئىلگىركى جەسەتلەر قۇرۇپ قاقشال بۇلۇپ كىتىدىغاندۇ؟

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 22:48:01

ھەممىسىدىن كېرورەن گۇزىلى گۇزەلكەن
بەت: [1]
: يەر شارىدىكى سىرلىق ئون ئايال جەسەت