enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 21:40:28

ئايدىڭ كېچە تاڭ

ئايدىڭ كېچە تاڭ
‏(نەسىر)
‏ئەنۋەر جۇلا

‏‏‏تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا ئەتىگىنى سائەت 6 دە ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۈگىرەيتتىم، ئويغىتىدىغان سائەت بولمىسىمۇ مەن دەل  سەھەر سائەت 6 نىڭ ئالدى- كەينىدىكى پەرقى 10 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدىغان ۋاقىتتا خۇددى بىر كىم ئويغىتىۋەتكەندەكلا ئويغىنىپ كېتەتتىم. بۇ ھال ماڭا بىر مۇستەھكەم ئىشەنچ تۇرغۇزغان ئىدى. ئويغىنىشىم بىلەنلا دەل ۋاقتىدا ئويغانغىنىمغا يۈزدە- يۈز ئىشىنەتتىم.
‏بىر كۈنى، ئادىتىمدىكىدەكلا ئويغاندىم، دەرىزىدىن تالانىڭ سۈتتەك يورۇپ كەتكەنلىگى كۆرۈندى، كىيىملىرىمنى ۋە سىپورت ئايىقىمنى كىيدىم-دە، ئىشىكتىن چىقىپ ئۆيىمىزنىڭ ئارقىدىكى قويۇق سۆگەتلىك ئۆستەڭگە يانداش چىغىريولغا كىرىپ باشتا ئاستا، ئاندىن پەيدىن- پەي سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ يۈگۈرۈشكە باشلىدىم. ئۇ چاغ ئەتىياز مەزگىلى ئىدى، سائەت 6 دىكى پەيت كۈن سۇس يورۇپ بولغان ھالەتكە توغرا كېلەتتى، مەن تەخمىنەن 3 كىلومېتىر يۈگۈرگەندىن كېيىن بىر شورلۇققا يېتىپ باراتتىم، مەن ئەشۇ پوستى قاتتىق، ئەمما ئىچى بوش شورلۇقنى دەسسەپ يۈگۈرۈپ پۇتۇمنىڭ پارتلاش كۈچىنى ئاشۇرۇش مەشىقى قىلاتتىم. مەن بىردەمدە ئۇ يەرگە يۈگۈرۈپ يېتىپ كەلدىم، يانتاقلار ئارىسىدىن سالمىلار تېز يۈگۈرگىنىچە ئۆتۈپ كېتەتتى، ئەتراپ گويا كۈلرەڭ نىئون چىراق يورۇتۇپ تۇرغاندەك بىر خىل يورۇق ئىدى، بۇ يورۇقلۇقنىڭ بىر يېرى سۈبھى دەمدىكى يورۇققا بىر- ئاز ئوخشىماي تۇراتتى. مېنى سەل سۈر باستى. بۇ يورۇق سەھەرنىڭ يورۇقىمۇ ياكى تولۇنئاينىڭ يورىقىمۇ؟...
‏شەرقتىكى ئۇپۇق سەتھىگە قارىدىم، قۇياش كۆرۈنمەيتتى، لېكىن بىر بۇلۇتنىڭ ئارقىسىدا بىر يورۇقلۇق يوشۇرۇنغاندەكمۇ قىلاتتى، غەرپ سەتھىگە قارىدىم، يۇپ- يۇمىلاق، ناھىيىتى يوغان تولۇنئاي ئاسماندا سۈرلۈك چاقناپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈمگە: «بۈگۈنكى ئايدىڭ كېچىدە بالدۇر ئويغىنىپ كەتكەندىمەنمۇ؟» دەپ بىر شەك چۈشتى، بىرئاز قورقتۇم. لېكىن ناھىيىتى تېزلا «ياق، مېنىڭ بالدۇر ياكى كېيىن ئويغىنىپ كېتىشىم زادىلا مۈمكىن ئەمەس، مەن ھەمىشە دەل ۋاقتىدا ئويغىنىمەن» دېگەن ئىشەنچ قايتىدىن ئويغاندى- دە، شورلۇقتىكى 50 مېتىر كۆز مۆلچىرىدىكى ئارىلىققا ئىككى رەت  يۈگۈردۈم. 3 چاقىرىم نېرىدىكى كۈجۈم مەھەللە تەرەپتىن خورازلارنىڭ چىللىشى بىلەن ئىتلارنىڭ ھاۋشىغىنى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، بۇمۇ سۈبھى دەمگە بىر بەلگە ئىدى...
‏   لېكىن بارا- بارا ماڭا يورۇقلۇقنىڭ رەڭگى يەنىلا باشقىچە تۇيۇلدى، گەرچە ئەتراپ ئادەتتىن تاشقىرى يورۇق بولسىمۇ، بۇ يورۇقلۇق قۇياشلىق سەھەرنىڭ يورۇقىدىن بەكلا پەرقلىنىپ كۆرىنەتتى. ئەتىگەنكى قۇياش نۇرى بىلەن ئايدىڭ نۇرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا كېسىشىپ، سىڭىشكەن ھالىتى بۇنداق بولمايتتى خاتىرەمدە. ئەتىگەنكى قۇياشنىڭ نۇرى قاندىن سۇغۇرۇلغان ئۆتكۈر پىچاقنىڭ بىسىدەك بىر يېرى قىزىل، بىر يېرى ئاپئاق چاقنايتتى، ئايدىڭ نۇرى بولسا سۇس كۈلرەڭ. بۇ قېتىم شەرق تامان ئۇپۇق سەتھىگە تازا سىنچىلاپ قارىدىم، قارا- قارا، ھېلىقى بۇلۇتنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان نۇرنىمۇ، قۇياشنىمۇ كۆرمىدىم...
‏مەن ئەمدى دەسلەپتىكى گۇمانىمغا ئىشەندىم،« تېخى تاڭ ئاتماپتۇ، مەن بۈگۈن راستلا  بالدۇر ئويغىنىپ كېتىپتىمەن، مەن ئايدىڭ كېچە سەۋەپلىك ئويغىنىپ كېتىپتىمەن، ئاجايىپ تولغان ئايدىڭ كېچە مېنى ئالداپتۇ...»
‏مەن بۇ ئويۇمنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن غال- غال تىترەشكە باشلىدىم، سايلىقتا بۆرىلەر ھۇۋلاشقا، يانتاقلار ئارىسىدىكى سالجىلار ۋە يانتاقلار كەينىمدىن قوغلاشقا باشلىدى، نەچچە قىرلىق سايەم، سۆگەتلەر گويا جىنلارنىڭ ئۆزى بولۇپ ماڭا ياماشتى، بەك ئۇزۇن يۈگۈردۈم، 3 چاقىرىم ئەمەس، 30 چاقىرىم.  چىلىق- چىلىق تەرگە چۆمۈلگىنىمچە ئۆيۈمنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا قايتىپ كەلدىم ۋە دەرۋازىنى مۈرەم بىلەن ئۇرغىنىمچە ئۆيگە كىرىپ چىراقنىڭ يىپىنى تارتىشقا ئاران ئۈلگۈردۈم، دادام كەينىمدىنلا بىر قولچىراقنى كۆتۈرگىنىچە ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەلدى.
‏-  بۇنچە كەچتە نەگە باردىڭ بالام،- دېدى گۇمان نەزىرىدە قاراپ.
‏- يۈگۈرۈپ كىردىم، - دېدىم قاتتىق ھاسىرىغىنىمچە.
‏- مەن تېخى ھاجەتكە چىققان ئوخشايدۇ دەپتىمەن، لېكىن پات يېنىپ كىرمىدىڭ، شۇڭا مەنمۇ ئەنسىرەپ قېلىپ ئارقاڭدىن ئىزدىگىلى چىقتىم، خېلى يەرنى چۆرگىلەپ كەلدىم، كاللامدا نى خىيال، مەن ئاۋۇ كوچىدا تۇرۇپ يىراقتىكى ئاياق ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ ئاندىن شۈكرى دېدىم بالام، چېنىقىشنىڭمۇ يولى بار، سائەت تېخى 3 بولمىدى...
‏مەن باشقا گەپ قىلمىدىم.
‏شۇندىن كېيىن مەن قاتتىق ئايدىڭ كېچە ياكى باشقا بىر خىل يورۇقلۇق سەۋەبىدىن «تاڭ ئېتىپتۇ» دەپ خاتا تۇيغۇدا بولمايدىغان بولدۇم.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 22:34:54



ئايدىڭ كېچە تۈن قاراڭغۇسى،
ماڭا ھەمرا بولدى سەن كىتىپ.
قۇيۇلماقتا شارقىراپ يامغۇر،
يۈرەك يىغلار سىنى ياد ئىتپ.


مەن دىۋانە قالدىم تەمتىرەپ،
سەن يۈرىسەن ياڭرىتىپ ناۋا.
ئازاپ بىلەن يىغلايدۇ سۆيگۈم،
دىل يارىمغا تاپالماي داۋا.











ئەسسالاممۇئەلەيكۇم ئەنۋەركا،؟مارالبېشى بازارلىق ھۆكۈمەتتىكى خىزمەتلىرىڭىز ياخشى كىتىۋاتقاندۇ؟

سىزنىڭ شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىغا بېسىلغان ئىككى پارچە ماقالىڭىزنى ئوقۇدۇم،خېلى تۈزۈك يېزىپسىز،،ئەمدى،شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىغا ئانا تىلنى قوغداش توغرىسىدا  ئەسەر ئىلان قىلىشنىڭ دەل ۋاختى كەلدى...بۇ ئىشنى سىز باشلاپ بىرەمسىز؟

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 22:39:56

ئۈستىدىكى ئىنكاسىمنى ئوقۇدىڭىزمۇ ئەنۋەركا؟

مەن ئۇ گەپنى مۇنداقلا دەپ قويمىدىم،،،سىزدىن زور ئىشەنچ-ئۈمۈتلەرنى كۈتۈپ سىزنى شۇنداق قىلالايدۇ دەپ سىزگە ئىشىنىم دىدىم.....

مىنىڭچە شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىغا مەزمۇنى ساغلام بولغان ھالدا ئانا تىلنى قوغداش توغرۇلۇق بىرەر ئەسەر يازسا چۇقۇم نەشىر قىلىدۇ..بىرىنچى قېتىم نەشىر قىلمىسا 2-32-ئۇدا سىناپ باققۇلۇق..

مۇشۇ سۆزۈمگە قارىتا ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغانلىرىڭىزنى دەپ باقامسىز؟

مىنىڭ پىكىرىمنى نەزىرىڭىزگە ئىلماي قېلىپ پىكىرىمنى جاۋاپسىز قالدۇرماسسىز ھە؟

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 23:54:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   enwerjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-23 01:15  

ئىنكاسىڭىزنى سۆيۈنۈپ ئوقىدىم. مەن شۇ مەزمۇندا ماقالە يازغان، مەتبۇئاتنىڭ «مەزمۇنى ساغلام بولۇش ئۆلچىمى» بىلەن ئانا تىلنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق ئويلىنىدىغان بىر ئاددىي پۇقرانىڭ ئۆلچىمى ئارىسىدا پەرق بولىدىكەن.

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 11:09:12

ياخشى يىزىپسىز ئەنۋەركا يۈگرەشتىنمۇ ناماز مۇھىم نامازنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنسىزھە ؟ :lol  
بەت: [1]
: ئايدىڭ كېچە تاڭ