مىكروسوفت شىركىتى FBI غا ئابونتلارنىڭ ئۇچۇرىنى ساتقان دەپ ئەيىپلەن...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا newkiran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-22 12:51ئامېرىكا تور بېكىتى-DailyDot نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ شېرىنكانە ئارقىلىق تاپقان پايدىسى توغرىلىق بىر پارچە ھۆججەت ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇ ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) مىكروسوفت شىركىتىدىن ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى سېتىۋالغان بولۇپ، ھەر بىر ئابونت ئۇچۇرى ئۈچۈن مىكروسوفت شىركىتىگە تەخمىنەن 50 ئامېرىكا دوللىرىدىن 200 ئامېرىكا دوللىرىغىچە ھەق تۆلىگەنىكەن.
كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىن ئالغان شېرىنكانە كىرىمىنىڭ بۇ ھۈججىتىنى خاككېرلىق تەشكىلاتى-‹ سۈرىيە ئېلىكتىرون قوشۇنى› قولغا چۈشۈرۈپ DailyDot تور بېكىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر خاككېرلىق تەشكىلاتى بولسا سۈرىيە زۇڭتۇڭى بەشەرگە ئىنتايىن سادىق، لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا سۈرىيە ئۆكتىچى كۈچلىرىنى قوللايدۇ.
بۇ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ شېرىنكانە كىرىمىگە ئالاقىدار ھۈججەت بولسا تالون ۋە ئېلخەت قاتارلىق ئىسپاتلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇنىڭغا چېتىلىپ قالغانلاردىن بولسا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ‹ پۈتۈن يەر شارى جىنايى ئىشلار ئۆلچەملىك ئەترىتى› بىلەن ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ‹ سىفىرلىق توسۇۋېلىش تېخنىكا ئەترىتى› ئىكەن. بۇ ھۈججەت مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە ئابونتلارنىڭ ئۇچۇرىنى ساتقانلىقى شۇنداقلا ھەر قېتىمدا ئۇلارغا پۇل تاپشۇرۇۋالغانلىق تالونى بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ تالونىدىكى ھەر قېتىملىق سودىنىڭ سوممىسى نەچچە يۈز مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
بۇ ھۈججەتتە يەنە مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئۈچۈن ئابونتلار ئۇچۇرىنى ھەر قېتىمدا 50 ئامېرىكا دوللىرىدىن 200 ئامېرىكا دوللىرىغىچە باھادا ساتقانلىقى، ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ھەر ئايدا مىكروسوفت شىركىتىدىن ئاز دېگەندە نەچچە يۈز قېتىم ئابونتلارنىڭ ئۇچۇرىنى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىمۇ كۆرسىتىلگەن.
مەنبەسى: نۇر تورى ئىشەنچلىك شىركەتلەر قالمىغىلى تۇردى، ھەي پۇل....... نورمال ئەھۋال، دولەت مەنپەتى ھەر قانداق ئىشتىن ئۇستۇن.
ئىنسانلار ئۆزى ياسىغان نەرسىنى باشقۇردىغان كونتىرول قىلالايدىغان نازارەت قىلدىغان قىلىپ ياسايدۇ،ئۇ ھەر قاچان نازارەتسىز كونتىرولغۇسىز ئەھۋالغا كىلىپ قالمىغان. سۈرىيەدەك دۆلەتلەردە دۆلەت باشلىقىغا سادىق خاككېرلار تەشكىلاتى بولىدىكەندە. ئۆتكەندە، جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنىڭ غەربىي ئورمانلىق قاتتىق دېسكا شىركىتىنى سېتىۋىلىش مەقسىتىنى بىلدۈرگەندە، ئۇلار مۇنداق دېگەن: بىر قاتتىق دېسكىدا نەچچە مىڭ قۇر تەرتىپ بولىدۇ، جۇڭگولۇقلار سېتىۋالسا ئۇلارنىڭ قاتتىق دېسكىغا نىمىلەرنى يازىدىغانلىقىنى بىلەلمەيمىز. شەخسلەرنىڭ زادى قانچىلىك ئۇچۇرىنى ساتالايدۇ ، چۈشەنچە بەرسەڭلار ... مىنىڭ ئۇچۇرىمنى سېتىپ يۈرمىگەندۇ ھە دەيۈزلە :@ مىكروسوفت ساتقان بولسا سېتىپتۇ، ھۆكۈمەت سىياسەت بىلەن قورقۇتۇپ ئېلىۋالماپتۇ... پۇلغا ساتقان بولسا بوپتىغۇ... كۆرگەنلا يەردە كىملىك تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن قولايلىق... {:92:}{:92:}
بەت:
[1]