waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 20:44:02

شىنجاڭ گۇاڭخۇي0-2 بىيجىڭ كوماندىسىنىڭ ئارقىدا قالدى

نەۋرۇز كۈنى كەچ ، 2013- 2014-پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى مەيدان ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا بېيجىڭ جىنيۈ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ گۈاڭخۈي كوماندىسى  ۋاقىت قۇشۇپ بىرىلگەن مۇسابىقە باسقۇچىدىن كىيىن 86-90 نەتىجە بىلەن   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بېيجىڭ جىنيۈ كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئۇمۇمى نەتىجىدە 0-2 ئارقىدا قالدى.
شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  شىرئەلىجان 18 نۇمۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 3 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ خۇدىسون 15 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سېنگېلدون 14 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  تاڭ جىڭدۇڭ 10 نومۇر،1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ياڭ جىڭمىڭ 9 نۇمۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۇۋىي 5 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  لىيۇشۇنەن 8 نۇمۇر، 2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جاڭ چىڭپىڭ 5 نۇمۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ قىرانبەك 3 نۇمۇر، 1 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
  بېيجىڭ جىنيۈ كوماندىسىدىن ئۈچ ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى مابۇلى 16 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ مورسى 31 نومۇر، 17 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۈن يۈ 14 نۇمۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لى گېن 9 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جىجى 7 نۇمۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بويىچە، شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى  قارشى تەرەپ مەيدانىدا  ئۈچۈنچى  ئايلانما ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

taptix يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 22:28:00

ھەر يىلى ئىككىنچى بوپ قىلىش بۇلارغا ئۇدۇم بوپ قالدى.. ..

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 09:23:24

يېڭىلگەچ تۇرسۇن يېڭىمەن دەپ ماھىر تەكلىپ قىلىپ پۇلنى كۆپرەك خەجلىسۇن ! {:90:}

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 13:06:30

شىرئەلىجان يىغلىۋىتەيلا دەپ قالدى، ئۇنىڭغا ئېغىر كەلدى بولغاي.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 22:27:32

ئاز قالغاندا ئۈمچەرەپ كەتتى بىچارە، ئىچىم ئاغرىپ كەتتى...

joshua يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 20:47:18

بۈگۈن ئۇتتى، شىرئەلى ئوغاۋالا!!!
بەت: [1]
: شىنجاڭ گۇاڭخۇي0-2 بىيجىڭ كوماندىسىنىڭ ئارقىدا قالدى