PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 18:18:58

مەندىكى ئەھۋالدىن مەسلىھەت سۇرايمەن

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ! ئىزدىنىش ئەھلى نەچچە كۈن بولدى، مىنىڭ دۇمبە قىسىمىم داۋاملىق چىلىق چىلىق تەرلەپ تۇرىدۇ، بۇلۇپمۇ ھەركەت قىلساملام.
تەر دەردىدىن بەدىنىم بىر خىل پۇراپلام تۇرىدۇ.   مەندىكى بۇ خىل ئەھۋال كىسەللىكمۇ ياكى؟!      
بولسا مۇشۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقۇپ باققانلار مۇشۇ خىل كىسەللىكنىڭ نىمە سەۋەپتىن بولدىغىننى ۋەداۋاسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار .
رەھمەت !

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 20:48:17

ئەڭ ياخشىسى چوڭراق دوختۇرخانىلارغا بىرىپ تەكشۈرتۈپ بىقىڭ !

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 21:22:40

يېمەكلىكنى كۈچەيتىڭ. دۈمبىڭىزنى ئاپتاپقا قاقلاپ ئېغىر ئەمگەك قىلىپ تەر تۆكۈڭ، ياخشى بوپ كېتىسىز..

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 21:40:50

دۈمبىڭىزنى كۈن نۇرىغا قارىتىپ كۈندەك چىڭقى چۈشتە ئىتىكاپتا ئولتۇرۇپ بىرىڭ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 22:07:38

باشقا يىرىڭىز ئاغرىمىسا ئەمگەك قىلسىڭىز ياخشى بۇلۇپ كىتىسىز ....   بۇلۇپمۇ يىنىكرەك ئەمما سىجىلراق ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانسىڭىز بۇلىدۇ ، مەسىلەن ،كۆچەت تىكىش ، قىر قېلىش دىگەندەك ...

ئەمما تەرلەشتىن باشقا ئاغرىق ، ماغدۇرسىزلىق ، ئۇيقۇسىزلىق ياكى ئۇيقۇ قانماسلىق ئالامەتلىرى بولسا ، ئولتۇرۇپ قوپقاندا بەل ئاغرىسا ئاۋال تىۋىپقا كۈرۈنۈپ بېقىڭ ، تىۋىپ ئۇقمىسا ۋىلايەت دەرىجىلىك دوختۇرلار ئۇقۇشى مۇمكىن ...

taptix يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 22:25:26

مۇشۇ رۇسلان نول نول يەتتىنىڭ ئىنكاسىنى كۆرسەملا كۈلىمەن

pigan0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 12:59:44

ئوبدانراق تەكشۈرتۈپ قويماق لازىمدۇر!

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 13:03:36

دۈمبىدىن تەر چىقسا، ئۆپكىنىڭ خىزمىتى نومال ئەمەستەك قىلىدۇ، ئۆپكىڭىزنى تەكشۈرتۈڭ ، ياك بولمىسا، چامغۇر سېلىپ شورپا ئېچىپ بىرىڭ.   
مىنىڭچە مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىن، بومىسا قىزىق دەرۋازىسىغا كىرىپ تىۋىپقا كۆرۈنۈپ بىقىڭ.

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 14:25:03

بىر بۇرادىرىم بار ، قانداق ئادەم بىر يىرىم تەرلىدى دىگەن ھامان بۆرەكتە چاتاق بار دەپ دىئاگىنوز قويىدىغان ...:lol

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 20:23:49

كام ماغدۇر بولاپ قاپلا .
ئوبدان مۆرەيدىغان موزايلىق كالىنىڭ سۈتىگە شاش خورازنىڭ مىكيىنى قويغان تۇخۇمنى چېقىپقىزىلچا شىكىرىدىن بىر قوشۇق سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ كۈندە ئەتتىگەندە كونا ۋاززانىڭ تۈۋىدىكى شاپ بۇرۇت ناۋايدىن يېڭى قۇمۇرغان گىردە بىلەن ئۈج ئاي ناشتا قىلىپ بېرىڭ.
ھەپتە ئارىلاپشورپا،پىتىرمانتا ،تاۋا كاۋاپنى چۈشلۈككە ، كەچلىككە ھەسەل ،كاكىنە ئۇرۇقى ،خوتەن سوقمىقى قاتارلىقلار بىلەن چاي ئىچىڭ .

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 19:53:02

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى2014-3-24 20:23 static/image/common/back.gif
كام ماغدۇر بولاپ قاپلا .
ئوبدان مۆرەيدىغان موزايلىق كا ...

سەپەردە بولغاچ كىچىكىپ كۆرگەن بولساممۇ كۆپ رەھمەت

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 19:54:16

ماۋۇ تىمامغا ئىنكاس قايتۇرغان بارلىق ئەزالارغا رەھمەت
بەت: [1]
: مەندىكى ئەھۋالدىن مەسلىھەت سۇرايمەن