TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 12:22:17

تاشپولات: نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-21 12:23  

نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ھەممىڭلارنىڭ تېنىغا سالامەتلىك، خىزمەتلىرىڭلاردا چوڭ ئۇتۇقلار بۆلىشىنى، كەسپىڭلاردا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشۈڭلارنى چىڭ كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!


يۇقىرىدىكى رەسىم بۈگۈن ئەتىگەن بېغىمدا تارتىلغان بولۇپ، ئۇ رەسىمدىكى توغاچ شاپتۇل. بېغىمدا 35 خىل مېۋە دەرىخى بولۇپ شاپتۇل دەرىخىدىن 4 تى بار.  لوس ئانجېلېسقا باھار كېلىپ ئېتىراپىمىز چېچەك گۈللەر بىلەن ئورالدى. لوس ئانجېلېسقا كېلىدىغان پۇرسەت بولسىلا بېغىمىزغا كېلىپ مېۋىلەردىن ئېغىز تېگىپ كېتىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز!

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 13:41:34

بىرگە بولسۇن. ئامېرىكىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا نىيازدىخاندىن نورۇزلۇق سالام.
لوس ئانجېلىسقا باھار بالدۇر كېلىدىكەندە. بىزنىڭ غۇلجىدا قالدۇق قارلار تېخى ئېرىپ بولمىدى.

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 14:02:42

بىرگە بولسۇن ،سىزنىڭمۇ ئشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ، ئائىلىڭىزگە بەخىت ،ئەزىز  تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن تاشپولات ئاكا .................

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 14:11:45

ئاللاھ ھەممىمىزنى نورۇز بايرىمىدا خۇشال قىلسۇن رەھمەت تاشپولاتكا ! :)

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 14:13:32

بىرگە بولسۇن. رەخمەت سىزگە ئۇستاز.

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 14:18:59

تاشپولاتكا ئامرىكىدا سەن مۇسۇلمان مەن خىرىستىيان دەپ ئايرىمچىلىق قىلامدۇ ؟

Freedom يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 14:42:16

نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ، (  ئاللاھ  ) بىزگە ئىتىپاقلىق ئۆز ئارا كۆينىش ۋە قەيسەر ئىرادە ئاتاقىلسۇن !

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 15:01:23

بىر گە بولسۇن ، ھازىر قەشقەردە لەگلەك ئۇچۇرۇشقا تازا ماس كىلىدىغان مەيىن شامال چىقىۋاتىدۇ،
قىزىم بىلەن بىرگە لەگلەك ئۇچۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز...............

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 15:42:14

بىزنىڭ قورۇدا بۇگۇن نەغمە چىلىپ قازان ئىسىپ تاماق بەردى. قارىسام مەكتەپ باللىرى 17نىڭكى ئاساسەن دوپپا كىيىپتۇ، بەك يارىشىملىق

justone يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 15:42:23

تازا چېچەك ئېچىلغاندا چېچەك سەيلىسى قىلغاچ لەگلەك ئۇچۇرۇپ ، ئۆتمىشتىكىدەك مەشرەپ ئۆتكىزەلىگەن بولساق قانچە گۈزەل بولاردى {:87:}. ھەي ئەپسۇس .....
بىرگە بولسۇن تاشپولاتكا ! ئاللاھ توغرا يولدا قىلسۇن ! :)

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 15:50:26

تاشپولاتكا ئامرىكىنىڭ داۋالاش تۈزۈلمىسى ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.

Berdem يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 15:50:31

بۇ يىل شىمالىي شىنجاڭدا 2- ئاي كىرگەندىن تارتىپلا قاتتىق سوغ بولۇپ، قار بەك كۆپ يېغىپ كەتتى. ھازىرغىچە قارلار تەل- تۈكۈس ئېرىپ بولالمىدى ئىلى ۋادىسىدا . ئەمما ھارارەت تېز ئۆرلەۋاتىدۇ .
قورۇيىڭىزدىكى شاپتول كۆچىتى يۇرتنى ئەسلىتىدىكەن .

President يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 18:35:21

بىرگە بولسۇن.
خاتىرەمدىكى نورۇز 2008-يىلى مەكتىپىمىزدە قىلغان قېرىنداش مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى نورۇزلۇق مۇشائىرە يىغىلىشىدا قاپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، يا نورۇزنىڭ كەيپىياتىنى يا نورۇزنىڭ ھاياجىنىنى ھىس قىلالماي ئۆتۈپ كەتتىم...

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 18:43:58

نورۇز  بايرىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن !

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 18:59:17

بىرگە بولسۇن تاشپۇلات ئاكا.   ئەتىگەندىلا مەكتەپ ئىچىدە بېشىغا دوپپا كېيگەن قىزلارنى كۆرۈپ نۇرۇز بايرىمى ئىكەنلىكى يادىمغا كەچتى، بولمىسا نۇرۇزدىن ئەسەر يوققۇ.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 19:37:53

رەھمەت، بىرگە بولسۇن!

Abdurehman يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 20:38:18

ھەممەيلەننىڭ نورۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن! بۈگۈنكى كۈندە ئۆزگىچە ياكى باشقىچە تەبرىكلەش ئۇسۇللىرى بىلەن بايرىمىمىزنى تەبركلەشنى ئۇنتۇپ قالغىنىمدىن ناھايىتى ئەپسۇسلاندىم. بۈگۈن يەنە تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاشلا ئوتۈپ كەتكىنىگە ئىچىم قايناۋاتىدۇ...

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 20:49:38

رەھمەت تاشپولاتكا ، بىرگە بولسۇن ، بېغىڭىزغا بەكمۇ ئىچىم كۆيىدى .
35 خىل مىۋىلىك دەرەخ .  ماڭا بىرسى ئوتتۇز بەش خىل مىۋىنىڭ ئىسمىنى ساناپ بەر دېسىمۇ ساناپ بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن .  :$

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 21:21:41

رەھمەت تاشپولاتكا، ھەممىمىزنىڭ نورۇز بايرىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن..

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 21:27:18

رەھمەت تاشپولاتكا
ھەممىمىزنىڭ نورۇزىغا مۇبارەك بولسۇن
تەڭرى يېڭى يىلدا سىز ۋە بىلگەجان قاتارلىق يات يۇرتلاردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تېنىنى سالامەت ، ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن ، ئائىلەڭلەرگە بەرىكەت ئامان - ئېسەنلىك بەرسۇن !
بەت: [1] 2
: تاشپولات: نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!